كورىيە دەۋر قىزلىرى گۇرۇپپىسى يېقىنقى يىللاردا كورىيەدىكى سەنئەت ساھەسىدە تېزلكتە داڭق چىقارغان گۇرۇپپىلاردىن بولۇپ، SM ENTERTAINMENT شىركىتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تاللاش ۋە تەربىيەلەش نەتىجىسىدە مەيدانغا چىققان كورىيەدىكى قىزلار گۇرۇپپىلىرى ئىچىدىكى ھەر تەرەپلىمە يېتىشكەن ھەم ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغىنىدۇر، گۇرۇپپا قۇرۇلغاندىن بۇيان تاكى ھازىرغىچە ئېيتقان ناخشىلارنىڭ ھەممىسى كورىيەدىن ھالقىپ شەرقى ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە شۇنداقلا چوڭ قۇرۇقلۇقتىمۇ نۇرغۇن ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۇنداقتا بىزمۇ بۇ گۇرۇپپىنىڭ تۆۋەندىكى شاكىلات سۆيگۈ ناملىق ناخشىسىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىنى كۆرۈپ باقايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ھەي مۇشۇنداق ناخشىنىمۇ تەرجىمە قىلامدۇ ئادەمنىڭ ئىمانىنى ئۇچۇرۇپ.
ھەر قانداق مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئوخشىمايدۇ، شۇنداقلا ھەر كىشىنىڭ قىززىقىشىمۇ ئوخشىمايدۇ،ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەستىن شاكىلىنى چىقىرىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇلدۇر، بېكىتىمىز نوقۇل مەلۇم تىپتىكى فىلىملەرنىلا تەرجىمە قىلمايدۇ. بۇندىن كېيىنمۇ بېكىتىمىزدە ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئۆزگىچە ساغلام، نادىر ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى داۋاملىق ھەممىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ
دىگىنىڭىزغۇ ئۇرۇنلۇق لىكىن بۇ مەدەنىيەت بىزگە ماس كەلمەيدۇ بىزنىڭمۇ ئىسىل مەدەنىيىتمىز بارغۇ
بىزگە ماس كىلىدىغان مەدەنىيەت ئەتراپىمىزدىلا . لىكىن ئۆزىنى چۈشىنىش باشقىلارنى چۈشىنىش بىلەن تىخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ .
سەنئەتنىڭ بىر تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، مۇزىكىمۇ مەدەنىيەت چىگراسىدىن ھالقىغان ھالدا تارقىلىدۇ . مىغىزىدىن زوقلىنىش قانداقتۇر يامان ئىشمۇ ئەمەس .
LG تېلىفۇننىڭ ئېلانىمۇ نېمە بۇ ؟!
مۇمكىن بولسا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىسلامى ناخشىلىرى بولسا ئاڭلىغان بولساق بوپتىكەن شاھىم ،
ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر .
ھېلىقى GE GE GE دېگەن زادى نىمە ناخشىدۇ؟ شۇنى بىر قىپ باقساڭلا
سىز دىگەن بۇ GE GE GEدىگەن ناخسشىنى بۆرەيار تەرجىمە قىلىپ بوپتۇ.شۇ يەرگە بېرىپ ئاڭلاڭ!مەنزىل:http://boretegin.com
ۋاي ئۇيغۇرچە فىلىم يوللاش بوشلۇقىغا يوللىغىنىڭلار ھەقىقەتەن ياخشى بولاپتۇ … بۇمۇ ئۇيغۇر تورچىلىقىغا قوشقان بىر تۆھپەڭلار دوستۇم …
مەسلەن قاۋۇ ئويغۇرچە فىلىم يولاش بوشلۇقى تىخى يوقتۇ؟
راست گەپنى قىلسام بۇ فىلىمدىكى ھەركەتلەر شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا پەقەتلا ماس كەلمەپتۇ،يەنىلا ئىلگىركى مەزمۇننى ساقلاپ قالغان بولساڭلار
ئەسسالام شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدىكى تۆھپىكار دوسلار مەن سىلەر تەرجىمە قىلغان فىلىملەرنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۆرۇپ كىلىۋاتىمەن، قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن.
مىنىڭ كىچىككىنە تەلىپىم بار ئىدى ئويلۇشۇپ باققان بولساڭلار، مومكىن بولسا 美国摔跤 نىمۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ باققان بولساڭلار(ئمكانىيەت يار بەرسە) . رەھمەت سىلەرگە………….
بۇساراڭلارنىڭ ناخشىسىنى كىم ئاڭلايدىغاندۇ…ئۇنداق دىسەم كۆڭلۈڭلارغا كەلمىسۇن…ئەمگەكىڭلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماقچى ئەمەسمەن .. مەن كۈندە 2-3قېتىم شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا كىرىمەن، نېمىشقا (سەمى يۈسۈف،ماھىر زەيىن ۋەباشقا تۈركىيە) نىڭ نادىرفىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كەلدىڭلار. مەن دېمەكچى بىر خىل نەرسىگىلا ئېسىلىۋېلىش ئەمەس .نادېر ناخشىلار شۇنداق كۆپ .مەيلى تۈركىيەنىڭ مەيلى ئەرەپنىڭ مەيلى ئېنگىلىزچە بولمىسۇن مەنىسىنى بىلمەي غىڭشىپ كەتكەن ناخشىلىرىمىز ساماندەك ….گېپىمگە كېلەي سىلەرگە تەۋىسسىيەيىم سەمى يۈسۈفنىڭ( muther يەنى ئانا )دىگەن ناخشىسىنى ماھىر زەيىننىڭ ( Ya Nabi ,Thank You Allah ,Hold My Hand,Baraka Allah,Awaken. Allah Kiya Karo )ناملىق ناخشىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ يوللىساڭلارسىلەرگە تەشەككۈر خېتى يېغىپ كېتەتتى رەخمەت سىلەرگە!!!!!!!!!!!
سىلەرگە قانداق رەھمەت ئىيتىشنى بىلەلمىدىم .
ئەگەر كورىيەچىنىمۇ تەرجىمە قىلالىسىڭىز ،(ياكى خەنزۇچە ئارقىلىق تەرجىمە قىلسىڭىزمۇ )
مىنىڭمۇ بەزى تەۋسىيە MTV لىرىم بار دىسە . بىلمىدىم شۇ دىسەم قانداق بولار .
سىلەر پەقەت توردىلا تارقىتامسىلەر ؟ i土豆 ئارقىلىق ئىنىق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ پىلاستىكا قىلىپ تارقىتىشنى ئويلىشىپ باقمىدىڭلارمۇ ؟
ئىنىق نۇسخىسىنى چۈشۈرمىسەكمۇ ئۆزىمىز يوللىغان فىلىملەر بۇ، ئەسلى نۇسخىلىرى ئۆزىمىزدە بار، ئەمما پىلاستىنكا قىلىشنى تېخى ئويلاشمىدۇق، ئەگەر مەزمۇنى ساغلام ناخشىلار بولسا كۆرۈپ بېقىپ تەرجىمە قىلىپ قويساقمۇ بولىدۇ
پىلاستىنكا قىلسا بىزگە ماس كەلمەيدۇ خەتلىك فىلىمنى كۆپ ساندىكى ئادەملەر چۈشىنەلمەيدۇ بىز دە ھازېر ساۋاتسىزلار جىق[خەت بىلىش ساۋاتلىق ھېساپلانمايدۇ].
ئويغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنىمۇ كۆرسە چۈشىنەلمەيدىغانلار جىق تۇرسا.
بۇ بىر يېڭىلىق بوپتۇ.دادىللىق بىلەن چىقىرىلغان خەتلىك ئىم تى ۋى بوپتۇ.
07:10
ھەققەتەن باشقا ناخشىلىرىغا ئوخشىمايدىكەن، ئۆزگىچە ئاكەن.
بۇ باھاغا پىكرىم بار