بلوگىمىز ۋە سىراج بلوگى ھەمكارلىقىدا كانادا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يايلاقتىكى كىچىك مەسچىت»نىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە قىسمى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلەنگەندىن بېرى كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ ناھايىتى ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ھەم تېزلا كۆرۈلۈش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى فىلىم قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، ئەلۋەتتە فىلىممۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ بىرخىل يېقىشلىق، مۇلايىم تۇيغۇسى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارغا ئىزچىل ئۆزگىچە ھوزۇر بەرگەچ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنى يۇمۇرلۇق ئەمما مەنىسى چوڭقۇر سۆزلىرى بىلەن چوڭقۇر ئويغا سېلىپ كەلدى، تۆۋەندە نەزىرىمىز داۋاملىق بۇ فىلىمنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا بولسۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
بۇ 5-قىسمى ئىكەن. بۇنىڭ بېشىدىكى قىسىملىرىچۇ؟ ئەجەپ مەن كۆرمەي قالدىممۇ يا؟
فىلىمنىڭ ئاستىدىكى ئالدىنقى قىسىملىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ دېگەن يەرنى كۆرمەپسىزدە
كىنودا مەسىلە بارمۇ قانداق 1مىنۇت 25سېكىنۇتلۇق يىرىدىن ئۇتالمىدى قارپ باقامسىلەر
بىر قانچە يەردىكى كومپىيۇتېر ئارقىلىق قايتا قايتا سىناپ كۆرۈلدى، نورمال ھالەتتە ئىكەن، قايتا سىناپ باقارسىز
بۇ كىنونىڭ مەزمۇنىدا مەسىلە بارمۇ قانداق .
بۇ كىنو مۇسۇلمانلارنى، ئىسلامنى غەرب ئاممىسىغا تونۇشتۇرۇش، خاتا چۈشەنچىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مۇسۇلمانلار بىلەن ناسارالار ئوتتۇرسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلار ھەققىدە ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ كىنونىڭ باشقىچىرەك ئارقا كۆرنۈشى بارمۇ قانداق؟!
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى ئۆزى دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەردە خىرىستىئانلارنىڭ پوپىدىن تەلىم ئالسا، قانداقلىكى باش قىتىنچىلىقى بولسا ئۇنىڭغا بىرىپ ھال ئېيتسا….
5 ۋاقىت نامازنى ئىنتايىن جاپا، ھەتتە جەمئىيەت تەرەققىياتى، كۈندۈلۈك خىزمەت ئۈچۈن چوڭ بىر توسالغۇ قىلىپ كۆرسىتىلىپ ناسارالاردەك ھەپتىدە بىر ئىبادەت قىلىشقا رىغبەت بىرىلسە….
ئالدىنقى قىسىملىرىدا قىلىقسىز كۆرنۈشلىرىنى كۆزۈمنى يۇمۇۋىلىپ ئولتۇرۇپ كۆرۈپ باشقا مەزمۇنلىرىدىن ئوبدان زوق ئالغان بولساممۇ ماۋۇ 5-قىسىمىدا بۇ كىنونى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىگەنلىكىدىن گۇمان قىلىپ قالدىم، ھېچبولمىغاندا ياخشى نىيەتلىك مۇسۇلمانلار ئىشلىمىگەندەك تۇرىدۇ. بۇلار مېنىڭ كىنونى كۆرىۋىتىپ كاللامدىن شۇنداقلا كەچكەن ئويلار…قالغىننى تورداشلارمۇ ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ باقسا …..
بەك بەلەن بولدى .بولسا كىيىنكى قىسىملىرىنى تىزراق يوللىساڭلار.
توغرا بەك گەپ بولدى . نامازنى چىشلەپ تارتقىنى نىمىسى ؟
مىنىڭچىمۇ بۇكىنونىڭ مەزمۇنى ساغلام ئەمەستەك قىلىدۇ…بۇرۇنقى قىسىملىرىدا ھېس قىلماپتىكەنمەن….ئىشقىلىپ دوستلار….ساۋاپقا ئىسلەيمىزدەپ گۇناھكار بوپ قالمايلى!!
قالغىنى قاچان چىقار؟
«بۇكىنونىڭ مەزمۇنى ساغلام ئەمەستەك قىلىدۇ» ئەمەس، مۇتلەق ساغلام ئەمەس، غەربلىكلەرنىڭ(دىنسىزلارنىڭ) كۈچلۈك مەسخىرىۋىي ئېڭى سىڭدۈرۈلگەن.فخلىم رىژىسورى ئىسلامنى پۈتۈن كۈچى بىلەن (بىلىندۈرمەستىن، ئۇستىلىق بىلەن) سەت كۆرسىتىشكە تىرىشقانلىقى پاكىت ۋە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت.
ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچى —
بىلگۈچى ئاللاھ دەپ گېپىمىزنى خۇلاسىلەپ قويىدىكەنمىزيۇ، ئەمما خۇددى فىلىمنى ئىشلەشكە بىزمۇ قاتناشقاندەك ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارتىپ تەھلىل قىلىپ، فىلىم رىژېسسورى بىلەن سىنارىستمۇ تەھلىل قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن نەرسىلەرنى بىلىپ يېتەلەيدىكەنمىز، فىلىمنى تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا فىلىمنىڭ بارلىق مەنبەسىنى كۆرۈش، قىسقىچە ۋە تەپسىلى تۇنۇشتۇرىشىنى ئوقۇش جەريانىدىكى ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى، بۇ دۇنيادا ئاز كام ئىككى مىڭ خىل مىللەت ياشايدۇ، دېمەك ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىمۇ ھېچقايسسىنىڭ بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى پەقەت ئۈچ خىللا دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساممۇ بولار، ئەلۋەتتە ئەمدى باشقا ئەل مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ ئادىتى پەقەت بىزگە ئوخشىمىغانلىقى تۈپەيلىلا، ئۇلارنىڭ (يەنى فىلىمدىكىلەرنىڭ ئىدىيىسى بىر قەدەر غەربلەشكەن تۈپەيلى) ئۇلارنىڭ ھەر قانداق قىلىقى مۇسۇلماندارچىلىققا يات دەپ ئېيتىش ئاقىلانىلىقمۇ؟ ئەجىبا پەقەت تالىبانلاردەك ئاغزىمىزدا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ توۋلاپ، يۈز كۆزىمىزنى چۈمپەردە بىلەن يىپىپ، بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنياغا مۇسۇلمان تېرورچى دېگەن نامنى تۇنۇتسا ئاندىن ھەقىقى مۇسۇلمانغا خاس ئىش قىلغان بولامدۇ؟ ئاللاھ بۇ دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل بولىشى ئۈچۈن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنى ياراتتى، بۇ ئاللاھنىڭ خالىشىدىكى ئىش، ئەمما بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئاجىزلىقى شۇكى ھەر قانداق بىر دۈشمەن مۇسۇلمان نامى ئارىمىزغا كىرسىلا بىز ئۇنى يات دىندا تۇرۇپ بىزگە ياردەم بېرىۋاتقان ھەر قانداق كىشىدىنمۇ ئەتىۋار بىلىمىز، ئەمما ئاخىرىدا ئەشۇ دىنداش دۈشمەننىڭ قولىدا ھالاك بولىمىز، ئاندىن كېيىن بارلىق سەۋەپلەرنى يەنىلا شۇ غەربلىكلەرگە ۋە ياكى يات دىندىكىلەرگە ئارتىپ قويۇپلا قۇتۇلىشىمىز، خۇددى فىلىمدىكى ھىدايەت تاپقۇچىغا ئوخشاش، بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىز ئۇنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى ۋە ئاخىرى ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپلا فىلىمگە بولغان كۆز قارىشىمىز بىراقلا ئۆزگەرگەن بولىشى مۇمكىن، ئەڭ ئاخىرىدا پوپنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بار «ئۇ ئىسلامنى ئىستاكاندىكى قەھۋە دەپ بىلىپ قاپتۇ»دەيدىغان، دېمەك ئۇ چىن دىلىدىن ئىسلامغا كىرگەن ئەمەس، ھەقىقى ھىدايەت تاپسا پەقەت باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشى بىلەنلا خىرىستىئان بولۇپ كېتەمتى، پۈتكۈل جەرياندا ئۇ پەقەت ئالىجۇقىدەك توۋلاپلا قويسا، باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلىپ، ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالسا، غەرپلىكلەرنى تىللاپ تۇرسا ھەقىقى مۇسۇلمانغا خاس ئىش قىلغان بولىدۇ دەپ ئويلاپ كەلگەن، دېمەك ھىسسىي كۆزىمىز بىلەن ئەمەس ئەقلى كۆزىمىز بىلەن كۆرسەكلا ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىمۇ دىنىمىزنى باشقىلارغا قارىلاپ بېرىۋاتقانلارمۇ ئەنە ئەشۇنداق يالغان ھىدايەت تاپقۇچىلار ئىكەنلىكىنى، فىلىمدە شۇنداقلانى ئەپچىللىك بىلەن قامچىلىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز، ئەلۋەتتە ھەر قانداق نەرسە كەمچىلىكتىن خالىي بولالمىغانغا ئوخشاش فىلىمدە ھېچقانداق خىزمەت ۋاقتىغا تاقاشمىغان ناماز ۋاقتىنى خىزمەت بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالغانلىقى مېنىڭمۇ كاللامدىن ئۆتمىدى (ئەلۋەتتە فىلىمدىكىدەك خىزمەت ۋاقتىنى دېمەكچى، ماڭا ئوخشاش سىمىنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا)، ئەمما بەلكىم ئۇنىڭمۇ سەۋەبى باردۇر، ئەگەردە سىنارست بىلەن بۇ توغۇرلۇق پاراڭلىشىش مۇمكىنچىلىكى بولسا ئىدى بۇمۇ ئايدىڭ بولاتتى، ئەمما مەيلى كەمچىلىك بولسۇن ياكى باشقا سەۋەب بولسۇن ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋىلىپلا ھەقىقى مۇسۇلماندا بولۇشقا تىگىشلىك پەرزلەرنى ئادا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن بەلكى باشقا كىشىلەرگە ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەللىكىنى بىلدۈرەلمەستىن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىۋاتقان ، پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمان دېگەن تېرورچى دەپ قاراۋاتقان ھازىرقىدەك جەمئىيەتتە مۇسۇلمانلارنى، ئىسلامنى غەرب ئاممىسىغا تونۇشتۇرۇش، خاتا چۈشەنچىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مۇسۇلمانلار بىلەن ناسارالار ئوتتۇرسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلار ھەققىدە ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتەك گۈزەل نىشانى ئاستىدا يەنىلا ئىجابى رول ئوينىيالايدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرادەر گەپنى ئويلۇنۇپ قىلىڭ ، ئىسلامنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ ئاندىن مەسلىلەرگە باھا بېرىڭ.
ياخشىمۇسىز دوستۇم، باشتىلا دەپ ئۆتتۈم، بۇ پەقەت شەخسى كۆز قاراش، ئىنكاسىمدىمۇ دىن توغۇرلۇق توختالمىدىم، چۈنكى بۇنىڭغا مەنمۇ ئاجىزلىق قىلىمەن، مەن پەقەتلا شۇ دىنغا ئىتىقاد قىلغۇچى بىلەن فىلىم مەزمۇنى ۋە مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتۈم خالاس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؛
مەنمۇ بۇ فىلىمنى باشتىن ئاياغ كۆرۈپ كەلگەن ،ئەمما ماۋۇ قىسىمى ھەقىقەتەن قاملاشماپتۇ
سىز مەدەنىيەت ھەرخىل مىللەت دەپ ئىسلام دىنىنى ئۇنداق ئاددىي ئويلىماڭ ، مەن ئۆزۇمنى ئېلىپ ئيتسام بۇ فىلىم نى باشتىن ئاياغ كۇلۇپ كۆرگەن بەكلا يۇمىرىستىك ئىدى ، بۇ فىلىمى تازا بولماي قاپتۇ ، ئۆزىڭىز ئويلاپ بۇئېنىق دىن دۈشمەنلىرى ئىشلىگەن فىلىم ، بەش بۇرجەكلىك مۇنا ردىگەن فىلىممۇ شۇنداق نەدىمۇ بىر تەقۋادار كىشىنىڭ ئايالى خىرىستىيان دىنىدا بولسۇن ئاياللار ۋە بالىلار ھەتتە ئاتا-ئانىمىز دىنمۇ مۇناسىۋەتنى ئايرىش توغرىسا ئېنىق دەلىل بار بۇلارنى سىزمۇ ياخشى بىلىسىزغۇ دەيمەن ، مەسچىتنىڭ ئىمامى بولغان يىگىتنى 4 قىسىمىغىچە ھەقىقەتەن بىلىملىككەن دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم خۇددى سىز دىگەندەك ئاستا -ئاستا شۇ يەردىكىلەرنى ئىسلامغا كىرگۈزۈش نى ئويلاپ ، بۇ قىسمىدا تامامەن باشقىچە كۆرگەنسىز كۆرمەكچى بولغان فىلىمىنىڭ ئىسمىنى ، ئاخىرىدا تېخى جوڭگۇچە شاھمەت ئويناشلىرى بىزنىڭ دىنىمىز 1432 يىل بۇرۇن تاماملىنىپ بولغان ئىنتايىن مۇكەممەل ئۇنىڭ بارلىق مەدەنىيەت بارلىق ئىلغار سەۋىيەلەرمۇجەسسەملەنگەن ، دىن ئۇلارنىيڭ مەدەنىيتىگە ماسلىشىشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق بەلكى ئۇلار بىزنىڭ دىنىمىزغا ماسلىشىش شەرت ، قىمار ئويناۋاتقىنىنى يالغان ئەمەستۇ ئىسلامدا قىمار ئارقىلىق مېڭىنى دەم ئالدۇرۇشچئەسلا مەۋجۇت ئەمەس پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىش ئارقىلىق ئاندىن كۆڭۈل ئەمىن تاپىدۇ ، فىلىمدىكى ئۇ تور بۆك ئادەم ماڭا بىر ئارلىقتا قەستەنكىرگۈزۈلۈپ قويغاندەك بىلىندى، خۇددى نۇرمالسىزدەك
بولسا كىيىنكى قىسىملىرىنى تىزراق تەرجىمىە قىلساڭلار
دوسلار بۇ فىلىمدە مەسىلە بار دەپسلەر مەسلە بولسا كۆرمىسەڭلا بولىدىغۇ.
بۇفىلىمىدىكى ئىدىينى سىلەرگە بىرئادەم شۇ يولدا ماڭا دەپ تەشۋىق قىلمىغاندىن كىين ئىسلامى بىلىم يېتەرلىك ئەمەسكەن ئاخ كەن كۆك كەن كاللامغا مۇنداق خىيال كەچىتى دەپ كىشلەر نىڭ ئەمگىكىگە باھا بەرمەڭلا (مىنىڭچىمۇ بۇكىنونىڭ مەزمۇنى ساغلام ئەمەستەك قىلىدۇ…بۇرۇنقى قىسىملىرىدا ھېس قىلماپتىكەنمەن….ئىشقىلىپ دوستلار….ساۋاپقا ئىسلەيمىزدەپ گۇناھكار بوپ قالمايلى) . بىرمىنۇتلۇق يىرىنى تەرجىمە قىىلشىپ بەرگەنمۇ يا؟
سىزنى كىم بۇ فىلىمنى كۈرۈڭ دىدى ، كۆرمەڭ قەتئى كۆرمەڭ ، مەنغۇ قەتئى كۈرۈپ باقمىدىم شوڭا ئاخ كەن -كۆك كەن دىمىدىم
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم؟ دوستۇم مەنمۇ بىر مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن ئىسلامى فىلىملارغا قىززىقىش مىنىڭ قېنىمغا سىڭىپ كەتكەن. ئادەمگە ئۇنداق قاتتىق گەپقىلماڭ…مەن سىلەرنى ئۆز قېرىندىشىم كۆرۈپ شۇڭا دەۋاتىمەن بۇگەپلەرنى…..لوت قەۋمى نىمە ئۈچۈن ھالاك بولدى..ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تەقۋادار مۇسۇلمانلار باتتىغۇ..ئاللاھ ئاخىرىدا يەنە ئۇلارنى گۇمران قىلدى…سەۋەبى شۇ مۇسۇلمان كىشىلەر باشقىلارنى يامانلىقتىن توسمىغان ياخشىلىققا بۇيرىمىغانلىق سەبىدىنغۇ….توغرا مەن سىلەرگە ياردەم قىلمىغان [تەرجىمە ئىشلىرىدا] ئەمما بۇرۇندىن تارتىپ سىلەر تەرجىمە قىلغان فىلىملەرنى ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم…شۇڭىلاشقا فىلىمغا قارىتا ئۆزەمنىڭ بىر كىشلىك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم..ئەجىبا بۇقىلغىنىم خاتاما؟
دىيانەت دوستۇم، ئالدى بىلەن ئەسكەرتىپ قوياي ھەزرەت تورداش تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىدىن ئەمەس، ئۇ تورداشنىڭ ئىنكاسىمۇ ئۆزىنىڭ شەخسى ئىنكاسىدۇر، سۆزىڭىزدە «مەن سىلەرگە ياردەم قىلمىغان دەپسىز»، شۇڭلاشقا ئەسكەرتىش قىلىپ قويدۇم
كەچۈرۈڭ بىلمەپتىمەن.
دوستلار، ئامال بار ھەر كىشىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلايلى، بىر پەلەكتە مىڭ خەمەك دېگەندەك، مەيلى توغرا بولسۇن ۋە ياكى خاتا بولسۇن ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئوي-پىكرى، ئۆز خىيالى، ئۆز تەپەككۈر ئۇسۇلى بولىدۇ، ئۆز ئوي-خىيالىمىزنى باشقىلارغا تىڭىشتىن ساقلىنايلى، تور بېتىمىزمۇ ھەر قايسىڭلارنىڭ ئىنكاسىڭلارنى ئىجادى يۇسۇندا قۇبۇل قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىمىزغا ئاساس سالىدۇ، شۇڭلاشقا ئامال بار ئۆزىمىزگە خۇشاللىق ۋە مەنىۋى ئۇزۇق ئىزدەپ كىرگەن توردىن كۆڭلىمىز غەش ھالەتتە قايتىشتىن ساقلىنايلى
ياخشىمۇسىز، ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ تېز تەرجىمە قىلغىمىز بار ئىدى، ئەمما ئۆگىنىش، تۇرمۇش… قاتارلىق ئىشلار سەۋەبىدىن تەرجىمىدە بىز پىلان قىلغاندىكىدەك سۈرەت بىلەن ماڭالماي قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىسمىنىڭ تەرجىمىسىگە مەسئۇل بالىدىن خەۋەر يوق، شۇڭا بىز ئاز تەخىر قىلسىڭىز
بۇلىدۇ، سىلەرمۇ جاپا چەكتىڭلار ، رەھمەت سىلەرگە.
مەن بۇ كىنو نى كۈرۈشنى توختاتتىم.
1…4 كىچە ياخشىتى 5قىسمى چىكىپلا ۋەزيەت ئۆزگەردى
مڭنىڭچە بولغاندا بەك بۇرۇن باھا بىرىۋېتىشنىڭ ئۇرنى يوق.چۈنكى ئىسلامدىن كوپ خەۋرى يوق بىر يەرگە بېرىپ بىراقلا ئۇنى قىل بۇنى قلما دىسە كۆپ كىشىلەر قۇبۇل قىلالمايدۇ..
پوپتتىن مەسلىھەت سوراش ئىشىغا كەلسەك مىنىڭچە بوپ نىمىلا بولمىسۇن شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى بەكرەك چۈشىنىدۇ.شۇڭلاشقا بەزەنبىر مەسىلىلەرنى سورىغان يامان ئەمەس.
قالغىنى كىنونىڭ تەپسىلاتىدىن كۆرەيلى،،
ئىنگىلىز تىلى چۈشىنىدىغانلار بولسا توردىن 大草原的清真寺 ئىزلەپ كورسەڭلار بولدۇ..
فىلىم سىزگە رولىنى جارى قىلىپ بولغان چېغى… قاراڭ پوپتىن مەسلەھەت سوراشنى ناھايىتى «ياخشى» چۈشۈنۈپ بولدىڭىز.
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم دۇسلار قارسام كىنۇنى كۈرگەندىن كىيىن تازىمۇ قىزىپ كىتپسىلەر ھەركىمنىڭ ئۈز پىكرىنى بايان قىلىش ئەركىنلىكى بۇلىدۇ. بىز مۇ ئۈز-ئارابىر بىرمىزگە ھۆرمەت قىلساق دەيمەن
سىلەردىن خوش بۇلۇپ كېتەي بۇرادەرلەر، رەنجىپ قالغان بولساڭلار كورمەي قۇيۇڭلار، كىنو كۆرگەندە ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتمەي سىرتىدا تۇرۇپ كۆرۈڭلار، ھىچ بولمىغاندا ئويلىنالايسىلەر، شاھ ئۇيغۇر ھەممىنى دەپ بولۇپتۇ. ئەمدى دەپ ئولتۇرۇش بىھاجەت،
بۇ كىنو قوش ئايلىق ژورنالعا وحشاش بەك ئۉزۇندا چىكىدىكەن. كەچۇرۇڭ جاپا چەكتىڭىز.
ھاھاھاھاھا، دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق، كەچۈرۈم سوراشنىڭ ئورنى يوق، ھەقىقەتەنمۇ ئىشلىرىمىزدا خۇددى بۈگۈنكى پىلان ئەتىگە توغرا كەلمەپتۇ دېگەندەك ئىش بولۇپ قالدى، ئامال بار تېزرەك چىقىرىشقا تىرىشىمىز، ئالدى بىلەن ئۆزرىخاھلىق سورايمىز
تەرجىمە سىپىدىكى دوسلارجاپاتارتىڭلار ،بىز ئۇچۇن سۇنغان ئەجىر مىۋەڭلەرئۇچۇن رھمەت تەشەككۇردىن ئارتۇق ياردەم بېرەل مەيدىكەنمىز.ھەر بىر كىشىنىڭ ئوز كوز قارشى بولدۇ ،بۇلار كوپچىلىككە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.دىن ۋە مىلەت ئەڭ نازۇك مەسلە بۇتوغۇرسىدا كوپ خىل پىكىرنىڭ بولشى تەبىلابۇياخشى ئەھۋل دىمەك ئۇلار بۇنۇڭغا كوڭۇل بولدۇ. مىنىڭ چىمۇ بۇفىلىمنى سۇرەتكە ئالغانلارتەقۋادار مۇسىلمان ئەمەس،بىراق بۇمىنىڭ بۇفىلىم نغا باھا بەر گەنلىكىم ئەمەس .مەن بۇافلىمنىڭ داۋامىنى كورۇشكە تەقەزا
مەيلى ئالدىرىماي ئېلان قىلىڭلار، مەن ئەمدى 3-سىنى كۆرۈپ بولدۇم
تورداشلا بۇ كىنو مۇسۇلمانلا يىغىلغان مەككىدە ئەمەس،بەلكى ئىسلام مەدىنيىتىدىن تۇلىمۇ يىراق باشقا بىر دۆلەتتىكى كىچىك سەھرادىكى تۇرمۇش كارتىنىسى،،،،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاھىم. ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، سىزگىمۇ بىرگە بولسۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىدىكى جاپاكەشلەرگە رەھمەت.جاپا چەكتىڭلار!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىدىكى جاپاكەشلەرگە رەھمەت.جاپا چەكتىڭلار!
بەزى مۇتەئەسسىپ موللىلارنىڭ نادانلارچە تەپەككۈرى سىزگە زەررە يەتكۈزمىسۇن،داۋاملىق تىرىشىڭ، كۆپىنچە ئۇيغۇر ياش مۇسۇلمانلىرى سىزلەرنى قوللايدۇ.ياخشى ئىسلامى فىلىملىرىڭىز داۋاملىق يوللانسۇن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىدىكى جاپاكەشلەر ، سىلەر كوپ ئەجىر قىلىپ بىزگە نۇرغۇن نادىر فىلىملەرنى تەقدىم ئەتتىڭلار ، سىلەرگە كوپ رەھمەت … ئەمما مەن مەركۇز فىلىمنى تەرجىمە قىلىشتىن توختىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن …تەلەپ قىلىمەن !!!!
دوستلار مۇمكىن بولسا رۇسىيەنىڭ ئىشخانىدىكى ئىشلار دىگەن فىلىمىنى تەرجىمە قىلساڭلار بەك خوشال بۇلاتتىم. http://www.dawrim.biz/ilghar.aspx?/kino/play/421.aspx
تورداش ئويغاق، بىز سىز تەۋسىيە قىلغان فىلىمنىڭ فىلىم قىستۇرما ناخشىسىنى تەرجىمە قىلىشنى تەرجىمە پىلانىغا كىرگۈزگەن، ئۇمۇ پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ!
ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىلگەن بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى بەزى خەتىلىرىنڭ يىرىمىنى ئوقۇپ بولغىچە خەت ئالمىشىپ كىتىپ يىرىمىنى ئوقۇغىلى بولمايدىكەن
مەن مەزكۇر فىلىمنىڭ داۋاملىق تەرجىمە قىلىنماسلىقىنى تەلەپ قىلىمەن !!!!!
كەچۈرۈڭ، ئىنكاس يېزىش چەكلەندى.
07:22
شاھ ئۇيغۇر بلوگى بىلىملەر تورى داڭلىق بلوگ ئۇلىنىشىغا قوشۇلدى. خالىسڭىز بىزنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالغان بولسىڭىز
تورداش مۇنداق يازغان:
توۋۋا. كىشىلەر نىمە كويىدا . ئادەمنى زىرىكتۈرمەي . چ چ ئارقىلىق بلوگ قۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقىلاشمامسىز؟!