Viewing Category » بلوگ بىلدۈرگۈسى

پەرىشتەم

Post Thumbnail of پەرىشتەم

ئائىلىدە پەرزەنت ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسى ھەم بارلىقىدۇر، ئاتا-ئانا ئۈچۈن پەرزەنت خۇشاللىقى ھەم پەرزەنت بەختىنى كۆرۈشتىن ئارتوق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك، خوش، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ھىندىستاننىڭ بالىلارغا ئۆزىنى قوغداش توغرىسىدا ئىشلەنگەن قىسقا تەرجىمە كارتونىدىن كۆرۈپ ئۆتكەنىدۇق، ئەمدى ئۆزبېكىستاننىڭ تۆۋەندىكى پەرزەنت مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن «پەرىشتەم» ناملىق لىرىك مۇزىكىسىدىن ھوزۇرلىنايلى

مۇزىكىسى : دانىيار ئاغزاموف

Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى

Post Thumbnail of Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى

2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى (چارشەنبە) مىكروسوفت شىركىتى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئاخىرقى تەرجىمىسى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى (2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى) پۈتۈنلەي تاماملانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك بەزى قوشۇمچە ماتېرىياللارنىڭ ئاخىرقى تەرجىمىسىنى قايتا تەكشۈرۈش، رەسمىي ئېلان قىلىشقا ئىمزا قويۇش قاتارلىق ئىشلار ئېلىپ بېرىلغان، 11-ئاينىڭ 30-كۈنى (جۈمە) ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:00 دە ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقان

خۇاڭخې بويلىرىدا ھېيت

Post Thumbnail of خۇاڭخې بويلىرىدا ھېيت
 بلوگ بىلدۈرگۈسى 27 ئۆكتەبىر 2012

بۇندىن نەچچە يىل بۇرۇنقى كىچىك ۋاقىتلىرىمدىكى ھېيتلار كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى، ھېيت كۈنى سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ھېيتلىق كىيىمىمنى كېيىۋالاتتىم، ئانام : «مەينەت قىلىۋىتىسەن، سەل تۇرۇپ كەي» دېسىمۇ ئۇنىماي كېيىۋىلىپ، شۇ پەچەت كىيىملىرىم بىلەن كارىدورنى سۈپۈرەتتىم، يۇقىرى قەۋەتلەردىن چۈشۈۋاتقان، پەس قەۋەتلەردىن ئۈستىگە چىقىۋاتقان كىشلەر بىر-ئىككى ئېغىزدىن ماختاپ قوياتتى، تېخى ئارىلاپ ھېيتلىق پۇل تۇتقۇزۇپ قويىدىغانلارمۇ بولاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن ئەزەلدىن تازىلاشقا ئۇنىمايدىغان كارىدورنى ھېيت كۈنى ئانام بۇيرىمىسىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن تازىلايتتىم

ئۆزبېكىستان ئۇيغۈر نەۋرۇز سەنئەت كېچىلىكى

Post Thumbnail of ئۆزبېكىستان ئۇيغۈر نەۋرۇز سەنئەت كېچىلىكى

ئەلقىسسە كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ مانا 2012-يىللىق نەۋرۇزنى كۈتىۋالماقتىمىز، ئەسىرلەردىن بۇيان بىزگە ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان تارىختىن بېرى يىل بېشى – باھار بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ئىناقلىق بايرىمى قاتارلىق ناملاردا ئاتىلىپ كەلگەن بۇ قۇتلۇق مىللىي بايرىمىمىز بولغان نەۋرۇز كۈنى تاكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ قەدىرلىك بولۇپ كەلمەكتە، تور بېتىمىز تورداشلارغا گەرچە گەرچە مەخسۇس نەۋرۇز ئۈچۈن ئالاھىدە بىرەر نەرسە تەييارلاشقا ئاجىزلىق قىلسىمۇ ئەمما تۆۋەندىكى ئېسىل سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئالغاچ كەلدى، مەزكۈر كونسىرت بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال ئۆزبېكىستان دىيارىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ تاشكەنت شەھىرىدە نەۋرۇز ئۈچۈن تەييارلانغان سەنئەت كېچىلىكى بولۇپ كېچىلىكتە ئاۋۋال بىر سائەت ئەتراپىدا ئۆزبېكىستان دىيارىدا خىزمەت كۆرسەتكەن ھەر قايسى پىشقەدەم سەنئەتكارلار ئۇيۇن كۆرسەتكەندىن سىرت يەنە ھاجى ئەكبەر قاتارلىق ياش سەنئەتكارلارمۇ كېچىلىككە ئۆزگىچە رەڭ قوشقان، خوش، ئۇنداقتا ھەممىمىز بۇ كېچىلىكتىن ئورتاق ئۇنداقتا ھەممىمىز بۇ كېچىلىكتىن ئورتاق ھوزۇرلىنايلى

توردا تەمىنلىگۈچى : man2rk

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

Post Thumbnail of ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟
 بلوگ بىلدۈرگۈسى 27 ئۆكتەبىر 2011

دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ۋە كومپىيۇتېر، تور تېخنىكىسىنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئازلىقتىن كۆپلۈككە، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، كۆركەملىككە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. مانا مۇشۇنداق تەرەققىياتلار ئارىسىدا، ئۇيغۇرچە خەت كىرىشتۈرۈلگەن فىلىملەر (يەنى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر)مۇ كۈنسايىن راۋاجلىنىپ، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئارىسىدا كەڭ تورداشلارنىڭ ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى ھەۋەسكار، كەسىپداشلارنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا. بىراق يەنە كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇر بولماسلىقى، يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئالقىش ئاز بولماقتا. تۆۋەندە مەن بۇ خىل فىلىملەرگە نىسبەتەن كۆز – قاراشلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.

ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىسى

Post Thumbnail of ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىسى
 بلوگ بىلدۈرگۈسى 20 مارت 2011

11-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە نەۋرۇز ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى كۈندىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئېيىنى ئوغلاق ئېيى دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاي ئۇلۇغ ئوغلاق ئېيى دېيىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايدا ئوغلاقلار چوڭىيىدۇ. ئىنسانلار ۋە جانلىقلار نەۋرۇز بىلەن جانلىنىدۇ. نەۋرۇز- جاھان بەخت-سائادىتىنىڭ ئانىسى، بەرىكەت ۋە خۇشاللىقنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بىر-بىرىگە كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ سېخىلارچە خۇشاللىقلىرىنى نامايان قىلىىدۇ.(مەھمۇد قەشقىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»)

ئۇيغۇرچە خەتلىك دۇنيا خەرىتىسى

Post Thumbnail of ئۇيغۇرچە خەتلىك دۇنيا خەرىتىسى
 بلوگ بىلدۈرگۈسى 3 مارت 2011

ھازىر ھەر قانداق ئۇيغۇرچە خەتلىك خەرىتىلەرنى تېپىش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندىنمۇ تەس ئىش بولۇپ قالدى، مەلۇم ماقالە ياكى لازىملىق بىرەر نەرسە تەرجىمە قىلىۋېتىپ ئۆزىمىزگە تۇنۇشلۇق بولمىغان بىرەر دۆلەت ئىسمىنى ۋە ياكى رايۇنىمىزدىكى بىرەر جاينىڭ ئىسمىنى يازماقچى بولساقمۇ ئالدى ئۇ دۆلەتنىڭ ياكى رايۇننىڭ خەنزۇچە ئىسمىنى تېپىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى لوغەت ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ بۇنداق ئىشلارغا كۆپ يۇلۇققان، ھەتتا خەنزۇچە ئىسمىغا قارىغاندا ئېنگىلىزچە ئىسمى يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېنگىلىزچە ئىسمىنى تېپىۋېلىپ شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئۆزلەشتۈرەتتىم، يېقىندا تورداش 1024نىڭ ماڭا ئۇيغۇرچە دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇيغۇرچە شىنجاڭ خەرىتىسىنى يوللاپ بەرگەندىن كېيىن بۇ كىچىككىنە غەمدىنمۇ خالاس بولدىم، بۇ خىل خەرىتىنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى شۇكى خەرىتە يۈزىدىكى بارلىق جايلارنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە يېزىلغان بولۇپ، خەرىتىنى خالىغانچە ئوڭ سولغا ۋە ئۈستى ئاستىغا ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ

ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ

Post Thumbnail of ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ
 بلوگ بىلدۈرگۈسى 23 يانۋار 2011

ھەممىمىزگە مەلۇم يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس مىكروبلوگ توغرىسىدا ئىككى قېتىملىق سۆھبەت خاتىرىسى ئۇيۇشتۇردى، ھەم كەڭ تېلېۋىزۇر كۆرگۈچىلەرگە مىكروبلوگنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا ، ئۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ئەھمىيىتى ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئوينايدىغان رولى توغرىسىدا بىر قەدەر تەپسىلى چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولدى، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم بلوگگېرلار ئارا مىكروبلوگ قۇرۇش قىزغىنلىقى بىر مەھەل پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ھەم مىكروبلوگ توغرىسىدا بىر قاتار مۇلاھىزىلەرمۇ قىلىشقان بولدى، ئەمما بۇ جەرياندا مىكروبلوگ توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل سۇئاللار شەكىللىنىشكە باشلىدى

شاھ ئۇيغۇر بلوگىنى مۇنداقمۇ كۆرۈڭ

Post Thumbnail of شاھ ئۇيغۇر بلوگىنى مۇنداقمۇ كۆرۈڭ
 بلوگ بىلدۈرگۈسى 31 دېكابىر 2010

ھەممىمىزگە مەلۇم گوگۇلنىڭ Chrome تور كۆرگۈسى سۈرئىتىنىڭ تىزلىگى، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ نەپىس، ئاددىي ئىكەنلىكى بىلەن قارشى ئېلىشىمىزغا ئىرىشتى، يېقىندا تورداش قۇتبىلىك گوگۇلنىڭ بۇ تور كۆرگۈسىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا يېڭىچە بىر دېتالنى تورداشلارغا يۈز كۆرۈشتۈردى، دىتالنىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكى شۇكى بەلگىلەنگەن تور بەتكە كىرمەي تۇرۇپ تور بەتكە يوللانغان ماقالىلارنى ۋە يازمىلارنى بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ

شاھ ئۇيغۇر بلوگى ۋوردپرەسكە كۆچتى

Post Thumbnail of شاھ ئۇيغۇر بلوگى ۋوردپرەسكە كۆچتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرى ھەم بارلىق تورداشلار
بلوگوم (شاھ ئۇيغۇر بلوگى) بۈگۈندىن باشلاپ بلوگباس سۇپىسى بىلەن ھەقىقى خوشلىشىپ ۋوردپرەس مۇلازىمىتىگە تۇلۇق كۆچتى، خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئادىرىستا تېخىمۇ كۆپ نادىر فىلىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى داۋاملىق تەمىن ئېتىشكە تىرىشىمىز. نەزىرىڭىز داۋاملىق بلوگومدا بولسۇن
شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادىرىسى : WWW.SHAHBLOG.NET

تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلەش دەرسلىكى

Post Thumbnail of تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلەش دەرسلىكى

فىلىم مەسئۇلى ش ئە ئۇيغۇرى ئەپەندى يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قىلىدۇ
تەرجىمان تەرجىمە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان فىلىمنىڭ SRT ھۆججىتىنى ئۆزى تەييارلىسىمۇ ياكى مەزكۈر گۇرۇپپا تەمىن ئەتسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر تاپالمىسا ۋاقتىدا ئېلخەت ئارقىلىق ياردەم سورىسا بولىدۇ. تەرجىمە ئۈچۈن پايدىلىنىغان فىلىمگە ھېچقانداق چەك قويۇلمايدۇ.
تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى
ئۈستىدىكى دەرسلىك فىلىمى بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ ، ئەگەر چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا مەزكۈر بەتنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويساڭلار بولىدۇ

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.