ھەممىمىزگە مەلۇم گوگۇلنىڭ Chrome تور كۆرگۈسى سۈرئىتىنىڭ تىزلىگى، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ نەپىس، ئاددىي ئىكەنلىكى بىلەن قارشى ئېلىشىمىزغا ئىرىشتى، يېقىندا تورداش قۇتبىلىك گوگۇلنىڭ بۇ تور كۆرگۈسىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا يېڭىچە بىر دېتالنى تورداشلارغا يۈز كۆرۈشتۈردى، دىتالنىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكى شۇكى بەلگىلەنگەن تور بەتكە كىرمەي تۇرۇپ تور بەتكە يوللانغان ماقالىلارنى ۋە يازمىلارنى بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ. يوللانغان بولسا قانچىلىك ۋاقىت ئىلگىرى يوللانغان ئىكەنلىكىنى، ۋە تۇلۇق مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسز، قوزغىتىش رەسىمى تور كۆرگۈنىڭ ئۈستىنكى تەرەپتە چىقىپ تۇرىدۇ. قوزغىتىش ناھايىتى ئەپلىك، چۈشەندۈرۈشنى كۆپ قىلماي، تورداشلار تۈۋەندىكى رەسىمنى كۆرگەچ خالىساڭلار چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇ دىتال ئارقىلىق شاھ ئۇيغۇر بلوگىدىكى زىيارىتىڭلارنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ۋە مەنىلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دىتالنىڭ يەنە بىردانە ئونۋېرسال نەشىرى ۋە بىرقانچە تور بەتكە ئاتالغان مەخسۇس نەشىرى بار. مەخسۇس نەشىرى ياسالغان بىكەتلەر ئۇيغۇرچە بىلوگلار ئارسىدا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتقان، RSS مەنبەسى ئۈچۈن تۇراقلىق ئادرس ئىشلەتكەن بىلوگلار بولدى ئونۋېرسال نۇسخىسىدا چىقىدىغان تېمىلار ئۇيغۇرچە بىلوگلار ئارسىدىكى WordPress سىستېمىسى ئىشلەتكەن، RSS مەنبەسى تۇراقلىق شەكىدە بولغان، تۇلۇق مەزمۇنلۇق RSS گە ئىگە بولغان بىكەتلەردۇر. سىز بۇ دىتال ئارقىلىق بۇ بىكەتلەرگە كىرمەي تۇرۇپلا يېڭى مەزمۇن يوللانغان يوللانمىغانلىقىنى، يوللانغان بولسا قانچىلىك ۋاقىت ئىلگىرى يوللانغان ئىكەنلىكىنى، ۋە تۇلۇق مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسز. بۇ دىتال سىزنىڭ توردۇنياسىدىكى قىسقا ۋاقتىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىزغا كۆپ ياردەملەرنى قىلغۇسى.
مەخسۇس نەشىرى ئىشلەنگەن بىلوگلار تىزىملىكى:
يۈكسەل بىلوگى
80خالتا بىلوگى
تورخۇمار بىلوگى
تەدبىركار بىلوگى
ئۇيغۇربەگ بىلوگى
شاھ ئۇيغۇر بىلوگى
نۇرقۇت تورى
تەشۋىقات باشلىنىپتۇدە
شۇنداق بوپ قالدى، بىرلىكتە كەلمەمدۇق، ھەھۇ دىيىشمەيلىمۇ؟
يېڭى يىلدا يېڭىچە نەتىنجە قولغا كەلتۇرەسىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بلوگىڭىزنىڭ «2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن
شاھ ئالىيلىرى، ياشىغايلا، ياشىغايلا، تۈمەن مىڭ يىل ياشىغايلا! بلوگىڭىزنىڭ «2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ» شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز! خانىش ئىككىڭلارغا مەڭگۈلۈك بەخت، ساغلاملىق، شادلىق تىلەيمىز!
10 چوڭ بلوگ شەرىپلىرىگە مۇبارەك بولسۇن!…
يېڭى يىل مۇبارەك بولسۇن!
شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ ‹‹2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ›› بولۇپ باھالانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ھەمدە شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ يېڭى سەھنىسىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! يېڭى يىلدا يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەيسىز.
چۈشۈرۈش ئادىرسىدا خاتالىق بارمۇ چۈشۈرەلمىدىم
شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ ‹‹2010-يىللىق 10 نادىربلوگ››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
ئاللا، ئاللا، مەن بۇ توغۇرلۇق بىرەر نەرسە يازاي دەپ بولغۇچە تورداشلارنىڭ تەبرىكنامىسى كېلىپ بوپتۇ ئەمەسمۇ، ھەممىڭلارغا كەمىنە شاھ ئۇيغۇر بلوگىدىن ئوتلۇق سالام، كۆپتىن كۆپ رەھمەت، ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا ھەم بىردەك مۇبارەك بولسۇن، پەقەت سىلەرنىڭ قوللاپ قوۋۋەتلىشىڭلار ئارقىسىدا بلوگوم بۇ يىللىق نادىر بلوگ قاتارىغا كىرەلىدى، ئاللا خالىسا بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۈچۈن ۋە تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمىز
مۇنداق ياخشى ئىشلارمۇ باردەڭ … خېلى قولايلىقتەك قىلىدىغۇ …
شاھ ئۇيغۇر بىلوگىنىڭ 10 چوڭ بىلوگ بولۇپ باھالانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.
ئابرال دوستۇمنىڭ تەبرىكنامىسىغا كۆپ رەھمەت، بولسا سىزنىڭمۇ داۋاملىق كېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن
ھېچنىمە يوققۇ؟ 无法显示网页
جاقسى بولىپتى …
چۇشۇرۇش ئادىرىسىنى چەكسە无法显示网页چىقتى، Googleدائىزدەپ چۇشۇرۇپ ئىشلىتىپ كۆردۇم、ئۇيغۇرچە يېزىق كۆرۇمسىز چىقىپ قالدى، ..؟
مەن شۈنلېي قاتارلىق 3 خىل چۇشۇرۇش دىتاللىرىم بىلەنمۇ چۇشرەلمىدىم.ھۆججەت ئادرىسى ،توغرا ئەمەسكەن.ئادرىسنىڭ بىر ئككى تال چىكىتى كاممۇ نىمە؟
08:29
بۇ بەك ياخشى بوپتۇ !!!
بۇ باھاغا پىكرىم بار