كاتيۇشا

Post image of كاتيۇشا
سەھىپە: تەرجىمە ناخشىلار، فىلىملەر باھا: 15

كاتيۇشا

بەلكىم تېمىدىنلا بۇنىڭ قايسى ناخشا ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن، شۇنداق، بۇ دەل بىز بۇرۇندىن تارتىپ ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كەلگەن، شۇنداقلا ئېيتىپ كەلگەن جەڭگىۋار ناخشا كاتيۇشا، گەرچە بۇ ناخشىنىڭ ئىجادچىسى روسلار بولسىمۇ ئەمما ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بۇ ناخشا بىزگىمۇ ھەمراھ بولۇپ كەلدى، ھەتتا ھازىرقى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مىللى روتىلاردىمۇ مىللى ئەسكەرلىرىمىز بۇ ناخشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىپ كەلمەكتە، ئۇنداقتا بۇ ناخشىنىڭ ئەسلىسىنى ھەممەيلەن بىرگە ئاڭلاپ ئۆتەيلى…

تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇقەييۇم

ئېسىمدە قىلىشىچە ھەربىلىكتىكى ۋاقىتلىرىمدىمۇ قىسىمدىن ئورۇنلاشتۇرغان ھەرخىل پائالىيەتلەردە خەن ئەسكەرلەر مىللى ئەسكەرلەردىن دائىم بۇ ناخشىنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتى، ھەتتا ھەربى يۈرۈشلەردە مىللى ئەسكەرلەر بۇ ناخشىنى توۋلاپ ماڭغاندا بارلىق خەن ئەسكەرلەر جىم بولۇشۇپ بۇ ناخشىدىىن ھوزۇرلىناتتى، تۆۋەندە ئەينى ۋاقىتتىكى مىللى ئەسكەرلەرنىڭ بۇ ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۇپ ئېيتىلغان تېكىستىنى كەڭ دوستلارغا سۇندۇم، بۇ تېكىست بويىچە ئېيتسا ناخشىغا تېخىمۇ چۈشىدۇ

كاتيۇشا

گۈل-چىچەككە پۈركەنگەندە ھەر يان،

ئاقىدۇ تۇماندا دەريالار.

تۇرار ئېگىز قىرغاقتا كاتيۇشا،

مۇڭلۇق كۈيى دىلدا جاراڭلار.

~~~

زەپ يېقىملىق گۈزەل قىز ناخشىسى،

قۇياش بىلەن ئۇچار يىراققا.

يەتسە يىراق چىگراغا بۇ ناخشا،

سالام يوللار جەڭچى يارىغا.

~~~

چىگرادىكى جەڭچىمۇ سېغىندى،

يىراقتىكى ۋاپادىرىنى.

جەڭچى قوغدار ۋەتەن-دىيارىنى،

كاتيۇشا سۆيەر جەڭچى يارىنى.

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، مەنبەدىن يۇيۇلماسلىقى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

2011.11.25 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

15 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.11.25
18:05
1-قەۋەت: «1983» مۇنداق دېدى:
2011.11.25
21:40
2-قەۋەت: «قۇياش» مۇنداق دېدى:

سۈزۈكلىكى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراپتۇ. ھوزۇر ئالغىلى بولمىدى. :oops:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

كەچۈرۈڭ بۇ ناخشىنىڭ سۈزۈكى يوق، مۇشۇمۇ ئاران تېپىلدى

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.11.25
21:52
3-قەۋەت: «تەجەللى1» مۇنداق دېدى:

رەھمەت سىزگە دوستۇم،بۇ ناخشىنى يۇللاپ بەك ياخشى قىپسىز….گەرچە مەن ئۇلارنى ياقتۇرمىساممۇ،لىكىن بۇ ھەقىقى ياخشى ناخشا…..مەن ئالى مەكتەپكە يىڭى بارغاندا بىزنىڭ مۇزىكا ھۇزۇرلىنىش دەرس ئوقۇتقۇچىمىز بۇ ناخشىنى تاتارلارنىڭ مۇزىكىللىرىدىن ياسالغان دىگەن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.11.25
21:58
4-قەۋەت: «ھەۋەسكار» مۇنداق دېدى:

بۇ ناخشا 2003-2004 يىللىرى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇرچە مۇزىكا دەرسلىكىدە بار ئىدى. بىز مۇشۇنىڭ ئۇيغۇرچە تىكسىتىنى ئۇيغۇرچە ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتاتتۇق.ھازىر دەرسىلىكتە بار يوقلۇقىنى بىلمەيمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.11.26
19:25
5-قەۋەت: «سەمەت» مۇنداق دېدى:

يەنە بىر نۇسخىسى~ئايال ئۇقۇغان~~!
http://v.youku.com/v_show/id_XMjE4ODM1MDQ4.html

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.11.26
19:29
6-قەۋەت: «سەمەت» مۇنداق دېدى:
2011.11.26
19:30
7-قەۋەت: «سەمەت» مۇنداق دېدى:
2011.11.26
19:38
8-قەۋەت: «سەمەت» مۇنداق دېدى:

喀秋莎 辽宁卫视2011春晚彩排 花絮版– Vitas
http://www.yinyuetai.com/video/126357

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.11.30
15:08
9-قەۋەت: «لوپنۇرى» مۇنداق دېدى:

بۇ ناخشىنى مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن. بىزنىڭ مەكتەپتە پائالىيەت بولۇپ قالسا،بالىلار دائىم دېگۈدەك بۇ ناخشىنى ئېيتىدۇ. ئۇيغۇرچە تېكىستىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ئەمدى ساقلىۋالدىم. رەھمەت سىزگە!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.2
10:04
10-قەۋەت: «ئىزدەن» مۇنداق دېدى:

كونا ئەسلىمىلەرنى ئەسلىتىپ قويغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.3
22:34
11-قەۋەت: «ئابدۇقەييۇم» مۇنداق دېدى:

بۇ ناخشا بېزنىڭ مەكتەپتېكى مېھرى _مۇھەببەتكە تولغان ھاياتېمىزنى ئەسكە سالېدۇ…. :razz: :razz: :razz: :roll: :roll: :roll: :!:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.7
17:34
12-قەۋەت: «مۇئەللىم» مۇنداق دېدى:

بىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىمىزدا ئېيتاتتۇق ، ھازىرمۇ مەكتەپتە ئوكۇتكۇچىلار يىغىلىشى بولسىلا كۆپ قىسىمىمىز بىرلىكتە ئېيتىپ قۇيىمىز . رەھمەت سىزگە !

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.18
16:49
13-قەۋەت: «قۇتتېكىن» مۇنداق دېدى:

ئەپسۇس، مەن كۆرەلمىدىمدە…
مەنبەدىن يۇيۇلۇپتۇ…

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

ياخشىمۇسىز، تور كۆرگۈڭىزنى يېڭىلاپ كۆرۈپ بېقىڭ، بۇ ناخشا يۇيۇلۇپ كەتكىنى يوق

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量