تۆۋەندە ئاڭلىماقچى بولغىنىڭىز مۇھەببەت كۈيلىرى، ئەمما گەرچە ئادەتتىكى مۇھەببەت كۈيلەنگەن ناخشىدەك قىلغىنى بىلەن بىرسىدە بايان قىلىنىدىغىنى بىر ۋاپادار، ھەقىقى مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئۆز ۋاپادارىغا ئېيتىلغان يۈرەك سۆزلىرى بولسا، يەنە بىرسىدە ئادەتتىكى مۇسۇلمان ئىنساننىڭ ئۆز ياراتقۇچىسىغا بولغان مۇھەببىتى، ھەر ئىككىلا كۈي ئاڭلىغانلىكى كىشىگە بىر خىل ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلىدۇ. ناخشىنى ئورۇنلىغۇچى يەنىلا شۇ ئىسلامى ناخشىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ماھىر زايىن بولۇپ، بۇ كۈيلىرى ھەممىمىزنىڭ بىر ئاڭلاپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
پولشا ۋە ئوكرائىنادا 2012 – يىلى 8- ئىيۇندىن 1- ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان «2012- يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى» پۈتكۈل دۇنيا ئەھلىنى ئۆزىگە يەنە بىر قېتىم قاراتماقتا. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى پۈتكۈل دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە. شۇنداق پەيتلەردە، بىزمۇ بۇ يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى كەڭ تورداشلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر !
تەرجىمە قىلغۇچى: م. ئە. تۈمەنى
بارىش مانجو 1943- يىلى 1-ئاينىڭ 2- كۈنى تۈركىيىدە تۇغۇلغان. 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىردا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن بارىش (تىنچلىق) دەپ ئىسىم قويۇلغان، ئۇ ئىشلىگەن 200 دىن كۆپ ناخشىسى بىلەن 12 ئالتۇن مېدال ئالغان، بۇ ناخشىلارنىڭ بىر قىسمى يۇنانچە، بۇلغارچە، ئەرەبچە، پارسچە، كۈرتچە، ياپونچە، ئىبرانىچە، فرانسۇزچە،ئېنگلىزچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنىڭ ناخشىلىرى نۇرغۇن يەرلىرىگىچە تارالدى،ھەتتا بەزى ناخشىلىرى بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تارقىلىپ ئېيتىلدى، مۇزىكا ۋە تېلېۋىزىيە ھاياتىدا ساناقسىز مۇكاپاتلارنى ئالغان بارىش مانجو 1991 – يىلى دۆلەت سەنئەتچىسى مۇكاپاتى، شۇ يىلى ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتى پەخرى دوكتۇر ئۇنۋانى، خەلقئارا تېخنىكا مۇكاپاتى، ياپونىيە خەلقئارا مەدەنىيەت ۋە تىنچلىق مۇكاپاتى قاتارلىق شان-شەرەپلەگە مۇيەسسەر بولغان، بارىش مانجو 1999- يىلى 1- ھۇت (2-ئاي) دا ۋاپات بولغان، ۋاپات بولغان كۈنى بۇ ئۇلۇغ سەنئەتكارغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت بايرىقىنى بىر كۈن يېرىم چۈشۈرگەن، ئۇنىڭ ناخشىلىرى نۇرغۇن يەرلىرىگىچە تارالدى،ھەتتا بەزى ناخشىلىرى بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تارقىلىپ ئېيتىلدى.
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى ھەم قۇرغۇچىلىرى. بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ، شۇنداقلا دۇنيا ئەھلىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتى ھەم ئېغىر مەسئۇلىيىتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا 1 مىلىيون 430 مىڭدىن 2 مىلىيون 100 مىڭغىچە يېتىم بالا بار بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 5760 بالا يېتىم بالىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن، ھەر 15 سېكونتتا ئافرىقىدا بىر بالا يېتىم بالىغا ئايلىنىدىكەن. ئىسلامىي ناخشىلارنى ئېيتىپ پۈتكۈل دۇنيا ئەھلىنى قايىل قىلغان ھەم قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ناخشىچى ماھىر زائىن (Maher Zain) بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، بالىلارنىڭ يېتىم بولۇپ قېلىشىغا قارشى تۇرۇش ھېسىياتىنى ئۆزىنىڭ «شۇنچە تېز » (So Soon) ناملىق بۇ ناخشىسىغا سىڭدۈرگەن. بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەم بالىلارنى ئاسراش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز ، بۈيۈك مەسئۇلىيىتىمىزدۇر! كېلىڭ، قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى!!!
تەرجىمە قىلغۇچى: م. ئە. تۈمەنى
تۈركىيە ھېكايە فىلىمى «ھۆر ئادەم»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەريانىدىكى قىسقىچە بىر تارىخ سۆزلەنگەن بولۇپ، فىلىمدە كۇرد ئائىلىسدىن كېلىپ چىققان «سەئىد نۇرسى» نىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ دەۋردىكى ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خاتا ئىسلاھاتلىرىغا قارشى كۆرەشلىرى بايان قىلىنغان
تەرجىمە قىلغۇچى : دىلارە (نۇر ئىسلام تورىدىن)
ئۆتكەندە تورداشلار ھوزۇرىغا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم سەنئەتكارلاردىن تۈزۈلگەن تۈرك خەلق ناخشىلىرىنى ئاساس قىلغان « تەبىئەت ئۈچۈن چال» (Doğa İçin Çal) پروگراممىسىنىڭ ناخشىدىن بىرى بولغان «ئەگرى توقاي بىر يولدىمەن» نى سۇنغانىدۇق، بۇ قېتىم شۇلارنىڭ ئىجراسىدا يەنە بىر مۇڭلۇق ناخشا بولغان «دىۋانە ئاشىق كەبى» نى تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
ياپونىيە كارتون فىلىمى «رازۋېتچىك كونان» ياپونىيە داڭلىق ھەجۋى رەسىمچىسى ئائوياما گوشونىڭ داڭلىق ئەسىرى بولۇپ، 1994-يىلى پۈتتۈرۈلگەن بولۇپ، 1996-يىلى تۇنجى تېلېۋىزىيە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى، 1997-يىلى راسمى تىياتىر نەشىرى ئېلان قىلىندى، فىلىم ئىشلىنىپ تاكى ھازىرغىچە ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە ياشلار ئارىسىدا كونان قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ باقمىدى، تۆۋەندە دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا رازۋېتچىك كوناننىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولغان «ۋەھىمە نۇتىسى» نى سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى www.islambeg.com
ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، ئۆزگىچە ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى بىلەن دۇنيا ئەھلىنى ئۆزىگە قاراتقان ياش ناخشىچى ۋىتاس (ئەسلى ئىسمى ۋىتالىي فىلادوسىۋېچ گىراجوف ) نىڭ ئەسلى كەسپى كىيىم – كېچەك لايىھەلىگۈچىسى بولۇپ، 1981- يىلى 19- فېۋرال ئۇكرائىنادا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ 2011 – يىلى 6- ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا، «ئويلىنىش»، «كۈلۈمسىرىگىن»، «ئانا»، «ئانامنى مەدھىيلەيمەن»، «مەڭگۈلۈك سۆيۈش»، «قايتىش» قاتارلىق 9 دانە CD پلاستىنكىسى ۋە «ئوپېرا -1»، «ئوپېرا -2»، «روسىيە دېڭىز قىرغاقلىرى»، «يۇلتۇز»، «كۈلۈمسىرىگىن»، «تۇرنا ئاۋازى»، «يامايكا»، «سۆيگىن مېنى»، «1، 2، 3» قاتارلىق 15 ناخشىنىڭ MV سىنى سۈرەتكە ئېلىپ كەڭ تاماشىبىنلارغا سۇنغان ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە روسىيە كرېملىن سارىيىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن بىردىنبىر ياش ناخشىچى بولۇپ قالغان.
تەرجىمە قىلغۇچى: م. ئە. تۈمەنى
ياۋروپا سەنئەت ساھەسىدە «ئاينۇرى ئايال ئىلاھى» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئايال ناخشىچى ساراھ برايتمان ئۆزىنىڭ گۈزەل ئاۋازى بىلەن «ئەيلىسىنىڭ ساياھىتى»، «ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى» ناملىق فىلىملەرنىڭ قىستۇرما ناخشىسى ۋە ئاساسلىق ناخشىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا نەچچە مەيدان كونسېرىت ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا سەنئەتخۇمار خەلقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ياقتۇرىشىغا نائىل بولدى. تۆۋەندە بىز «ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى» ناملىق فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى بولغان «سىكاربورىج شەھىرى» دېگەن ناخشىنىڭ تەرجىمىسىنى ھوزورۇڭلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى: م. ئە. تۈمەنى
قۇرىغار(غەربىي يۇرت) ئوغلانلىرى (Westlife) تورداشلارغا چوقۇم ناتونۇش ئەمەس. قۇرىغار (غەربىي يۇرت) ئوغلانلىرى 1998-يىلى ئېرلاندىيەدە قۇرۇلغان ئەرلەر ناخشا گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ ئېرلاندىيە ۋە ئەنگىلىيىدە نام قازانغان، شۇنىڭدەك ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرى ۋە ئاۋستىرالىيەدە قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ھەمدە چىقارغان ناخشا پىلاستىنكىلىرىنىڭ دۇنيادا سېتىلىشى 40 مىليون دانىدىن ئاشقان، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ ناخشا گۇرۇپپىسى 2011-يىلى 20-ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە رەسمىي ھالدا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلغان.
تەرجىمە قىلغۇچى: تۈمەنى
ھازىرقى زامان ياۋروپا مودا ناخشا – مۇزىكا شاھزادىسى جاستىن بىيبېر (Justin Bieber) پەقەت ناخشا – مۇزىكا ساھەسىدىلا داڭدار بولۇپ قالماستىن، يەنە ئىجادىيەت، دۇمباق چېلىش، ئۇسسۇل ئويناش، گىتار چېلىش ۋە پىئانىنو چېلىش جەھەتتىمۇ پىشىپ يېتىلگەن. ئۇ ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق تور بېكىتى Youtube دا قىزغىن ئالقىشلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىلىق داڭلىق ناخشىچى Usher ئۇنى بىر قوللۇق تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ، سەنئەت ساھەسىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئالقىشقا ئېرىشتۈرگەن. «جانانىم» (Baby) ناملىق بۇ ناخشىنىڭ توردا چېكىلىشى 700 مىلىيوندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن ناخشا بولۇپ قالغان. 2011- يىلى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «شەخىس» ژورنىلىدا جاستىن بىيبېرنىڭ ھوللىىۋودتىكى ئەڭ باي ياش مىلىيونېر ئىكەنلىكى بېسىلغان. ئۇ يەنە «2011- يىللىق فوبۇس دۇنيا يۈز مەشھۇر چولپان» قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن، بىرىنچى نومۇرلۇق ئەر ناخشىچى ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن، مىكروبلوگ ئەگەشكۈچىلىرى دۇنيا بويىچە2- ئورۇندا تۇرغان. ناخشا پلاستىنكىسىنىڭ دۇنيا مىقدارىدا سېتىلىشى 12 مىلىيون دانىغا يەتكەن.
تەرجىمە قىلغۇچى: م. ئە. تۈمەنى
ياۋروپا چوڭ تىپتىكى ناخشا مۇسابىقىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى رادىئو-تېلېۋىزىيە بۆلۈمى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقى رادىئو-تېلېۋىزىيىسىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەر قاتنىشىدۇ بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان «سۆيگۈڭنى بەر » ناملىق بۇ ناخشىنى تۈركىيە TRT تېلىۋىزىيىسى ئەۋەتكەن نامزات بولۇپ، جان بونومو (can bonomo) مۇسابىقىدە بۇ ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتىنىڭ ئەلگە، ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولۇشنى ئىستەيدۇ، ئەلۋەتتە ھەر بىر ۋىجدانلىق پەرزەنت بولغان ئەقىل ئېگىسىمۇ ئاتا-ئانا ئەجرىگە لايىق، ئەلنىڭ، خەلقىنىڭ، ۋەتەننىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاشنى ئويلايدۇ ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ئۇشبۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۈركىيە داڭلىق ناخشىچىسى ۋە شائىرى ئۇغۇر ئارسلان ئىجراسىدا تۆۋەندىكى شېئىردىن بىرلىكتە ئاڭلاپ ئۆتەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
داڭلىق ئىسلام ناخشىچىسى سەمى يۈسۈفنىڭ ناخشىلىرىنى بەلكىم تورداشلار يەنە سېغىنىپمۇ قالغاندۇ، تۆۋەندە مەيلى ئىسلامى ناخشا ئېيتسۇن ياكى تەبىئەت، ئىنسانلارنى كۈيلىگەن ناخشىلار ئېيتسۇن ۋايىغا يەتكۈزۈپ كەڭ تورداشلارنىڭ شۇنداقلا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا سازاۋەر بولغان بۇ ناخشىچىنىڭ يەنە بىر قانچە ناخشىسىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى، ئالىم
«مەشرىق روھى» ناخشا گۇرۇپپىسى كورىيەدە 2003 – يىلى 26- دېكابىر بەش كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە ئاۋاز گۇرۇپپىسى بولۇپ، 2004 – يىلى 6- فېۋرال رەسمىي ھالدا سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، ناخشا پىلاستىنكىسى چىقىرىش، سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ، كىنو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە رول ئېلىش ھەمدە ئۇنۋېرسال پروگراممىلارغا قاتنىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولغان. تۆۋەندە بۇ گۇرۇپپىنىڭ «نىچۈن سېنى قالدىم ياقتۇرۇپ» ناملىق مۇھەببەت لىرىكىسىنى سۇندۇق، بەھىرلەنگەيسىلەر!
تەرجىمە قىلغۇچى: ۋاسكىتبول گۈزىلى
تەبىئەت ئۈچۈن چال ناملىق ئومۇمى نام بىلەن ئاتالغان ئۈچ ناخشىنىڭ بىرى بولغان بۇ ناخشا «ئورمان» تور بىكىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كەلكۈن، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى، دېڭىز تاشقىنى سەۋەبىدىن قىيا تاشلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق ۋە بىرلىكتە تەبىئەتنى قوغداش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇرتلىرى، ھايات-كەچۈرمىشلىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بۇ قىرىق بەش مۇزىكانت ۋە ناخشىچى تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئەما شائىرى ئاشىق ۋەيسەلنىڭ شېئىرىغا ئىشلەنگەن يۇقىرقى ناخشىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ چىققان، تۆۋەندە ھەممىمىز بۇ ناخشىدىن ئورتاق ھوزۇرلىنايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
دوستلار بەلكىم نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا تور بېتىمىزدە كۆرگەن داڭلىق ئامېرىكىلىق ئىسلام دەۋەتچىسى يۈسۈف ئېستېسنىڭ نۇتۇقلىرىنى تېخى ئېسىدىن چىقارمىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ قېتىم دوستلارغا نۇر ئىسلام تورىدىكى ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ تەرجىمىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن مەزكۈر كىشىنىڭ يەنە بىر نۇتۇقىنى ھوزۇرىغا سۇندۇق، قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق بۇ ئېسىل نۇتۇقىدىن بەھىرلىنەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
سەنئەت بىلەن تەنتەربىيە ئايرىم – ئايرىم كەسىپلەر بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يەنىلا مۇئەييەن دەرىجىدە باغلىنىشلىقى بولغان بولىدۇ ئەلۋەتتە. شىۋىتسارىيىلىك داڭلىق ياش ناخشىسى Remady بىلەن Manu L ئوخشىمىغان بۇ ئىككى كەسىپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تونۇپ يېتىپ، جاز مۇزىكىسى بىلەن پاركور تەنھەرىكىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ياۋروپا مۇزىكىچىلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتە بىز بلوگىمىز ئارقىلىق سىلەرگە بۇ ئىككى ياشنىڭ «قەلبىڭنى ساقلاپ قال» ناملىق مۇھەببەت ناخشىسىنى سۇندۇق، بەھىرلەنگەيسىلەر!!!
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى
كېچىدىكى ئەسلىمە ناملىق بۇ ناخشا ئىسپان تىلى ۋە ئىسپانىيەدىكى گالىتسىيا يەرلىك تىلىدا ئيتىلغان بولۇپ، گالىتسىيادىكى داڭلىق مۇزىكا ئەترىتى Luar na Lubre تەرىپىدىن ئورۇندىلىپ ئۇلارنىڭ 2004-يىلى چىقارغان 8-پىلاستىنكىسىغا كىرگۈزۈلگەن، ناخشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى : 2002-يىلى «ئابروي» ناملىق ماي پاراخوتىنى گالىتسيە دېڭىز رايونىغا چۆكتۈرۋىتىلىپ شۇ رايوننىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئىقتىسادى زىيان ئېلىپ كەلگەن. بۇ ناخشا ئەنە شۇ پاراخوتنى ئەسلەش، شۇنداقلا دېڭىزنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىش يۈزسىدىن روياپقا چىققان
تەرجىمە قىلغۇچى : لەيلا
قۇرىغار(غەربىي يۇرت) ئوغلانلىرى (Westlife) تورداشلارغا چوقۇم ناتونۇش ئەمەس. قۇرىغار (غەربىي يۇرت) ئوغلانلىرى 1998-يىلى ئېرلاندىيەدە قۇرۇلغان ئەرلەر ناخشا گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ ئېرلاندىيە ۋە ئەنگىلىيىدە نام قازانغان، شۇنىڭدەك ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرى ۋە ئاۋستىرالىيەدە قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ھەمدە چىقارغان ناخشا پىلاستىنكىلىرىنىڭ دۇنيادا سېتىلىشى 40 مىليون دانىدىن ئاشقان، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ ناخشا گۇرۇپپىسى 2011-يىلى 20-ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە رەسمىي ھالدا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلغان. تۆۋەندە بىز بۇ ئوغلانلارنىڭ «كەتكۈزۈپ قويسام سېنى ناۋادا» ناملىق ناخشىسىنى سۇندۇق، بەھرلەنگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى: تۈمەنى
بىر توپ ئادەتتكى ئادەملەر ئىنسان تەبىئىتى تەجرىبىسىگە قاتناشتۇرىلىدۇ، تەجرىبە ئېلىپ بارغۇچىلار ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم ئايرىم رول تەقسىم قىلىدۇ، مەقسىتى ھەرخىل ھوقۇق ۋە ئىمتىياز شۇنداقلا شارائىتنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى بىلىش بولۇپ، فىلىمدە بۇ كىشىلەرنىڭ شۇ شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىكى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنىڭ مۇھىتقا بولغان ئۆزگىرىشچانلىق خاراكتىرى ئۇچۇق تەسۋېرلەپ بېرىلگەن، فىلىمنىڭ تەرجىمىسى تورداش تېكەسنىڭ ياردىمىدە تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، قېنى نەزىرىڭلار فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : تېكەس
تور بېتىمىز ئاساسلىق تورداشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە يېڭىچە تىل ئۈگىنىش مۇھىتى ھازىرلاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بېكەت بولۇپ، ئاساسلىق مەزكۈر گۇرۇپپا تەرجىمە قىلغان فىلىملەرنى توردا كۆرۈش ئادىرىسى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلىدۇ، ۋاقتىنچە چۈشۈرۈش ئادىرىسى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭمۇ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، فىلىم مەنبەسىنىڭ يۇيۇلۇپ كەتمەسلىكى ۋە تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ نورمال بەھىرلىنىشى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماسلىقىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز
بلوگنى ئۇلىنىش قىلىشدا بۇ تۇغنى ئۇلاڭ