ھازىرقى زامان ياۋروپا مودا ناخشا – مۇزىكا شاھزادىسى جاستىن بىيبېر (Justin Bieber) پەقەت ناخشا – مۇزىكا ساھەسىدىلا داڭدار بولۇپ قالماستىن، يەنە ئىجادىيەت، دۇمباق چېلىش، ئۇسسۇل ئويناش، گىتار چېلىش ۋە پىئانىنو چېلىش جەھەتتىمۇ پىشىپ يېتىلگەن. ئۇ ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق تور بېكىتى Youtube دا قىزغىن ئالقىشلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىلىق داڭلىق ناخشىچى Usher ئۇنى بىر قوللۇق تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ، سەنئەت ساھەسىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئالقىشقا ئېرىشتۈرگەن. «جانانىم» (Baby) ناملىق بۇ ناخشىنىڭ توردا چېكىلىشى 700 مىليوندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن ناخشا بولۇپ قالغان. 2011- يىلى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «شەخىس» ژورنىلىدا جاستىن بىيبېرنىڭ ھوللىىۋودتىكى ئەڭ باي ياش مىلىيونېر ئىكەنلىكى بېسىلغان. ئۇ يەنە «2011- يىللىق فوبۇس دۇنيا يۈز مەشھۇر چولپان» قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن، بىرىنچى نومۇرلۇق ئەر ناخشىچى ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن، مىكروبلوگ ئەگەشكۈچىلىرى دۇنيا بويىچە2- ئورۇندا تۇرغان. ناخشا پلاستىنكىسىنىڭ دۇنيا مىقدارىدا سېتىلىشى 12 مىليون دانىغا يەتكەن.
تەرجىمە قىلغۇچى: م. ئە. تۈمەنى
مەن ئامراق ناخشا ئىدى بۇ
بۇ ناخشىنى بۆرە تىگىن خىلى بۇرۇن تەرجىمە قپتىكەن مىنىڭ ھىس قلشىمچە ئۇلار تىخى بۇ ساھەگە چولتىكەن تەرجىمە ئاسمان زىمىن پەرق ئىتىپتۇ
ھەركىشىنىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا تەرجىمىدە ئازدۇر-كۆپتۇر پەرقنىڭ بولۇشى مۇقەررەر، شۇڭا بۇنداق ئىتتىك باشقىلارنى ئىنكار قىلىۋەتمەڭ، قېرىندىشىم.
مەن تۈمەنىنىڭ بۇ سۆزىنى قوللايمەن !
ئىش قىلىپ بىر ناخشىنى بىر كىشىى تەرجىمە قىلىپ بولغان بولسا ، يەنە بىرسى تەرجىمە قىلىپ چىقسا ، بۇرۇن تەرجىمە قىلىنىپ بولغان دەپ چۈشىدىكەن .
ئۆتكەندە مىنىڭ بىر تەرجىمە ناخشاممۇ شۇنداق بولدىغۇ .شۇڭا مەن بەزىدە توۋا دەپ قالدىغان يەرگە كەپ قالدىم .
توۋا دىگەنلىرىمۇ ئۇبدان بۇپتۇ خېنىم، نىكەم سىلە توۋۋا دەپ باقمىغىلى
مەنچە ئەسلى ئىشلارمۇنداق: ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مۇكەممەللىكى ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ نەچچە خىل ئاتىلىش ،ئىپادىلىنىش ئۇسۇلى بار بۇنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن دەپ قارايمەن.
ھەربىر ئادەم ئوخشىمنىغاندىن كىيىن ئەلۋەتتە،تەرجىمە ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ،بۇمۇ ناھايتى ياخشى تەرجىمە قىلنىپتۇ
بۇ ناخشىنى ئاق بۈركۈتتىكى ئازغۇن ئەپەندىمۇ تەرجىمە قىلغان ئىدى . ئۇ بۇ ناخشىنى ئوماق دەپ تەرجىمە قىلىپتىكەن .
15:36
مەن ھازىر تېلېفوندا زىيارەت قىلىۋاتاتتىم‘ تۇيۇقسىز تور بېكەت يانفون نۇسخىسىغا ئۆزگىرىپ قالدى شۇنىڭغا قارىغاندا يانفون نۇسخىسىنىمۇ ئېلان قىلىپسىلەردە. بىزنىمۇ ئويلاپسىلەر ھە. بەك ياخشى بولدى
بۇ باھاغا پىكرىم بار
ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:
ماۋۇ بالىنىڭ چاققانلىقىنى
بۇ باھاغا پىكرىم بار