ئۇنتالمىدىم

Post image of ئۇنتالمىدىم
سەھىپە: تەرجىمە ناخشىلار، فىلىملەر باھا: 16

ئۇنتالمىدىم

بارىش مانجو 1943- يىلى 1-ئاينىڭ 2- كۈنى  تۈركىيىدە تۇغۇلغان. 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىردا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن  بارىش (تىنچلىق) دەپ ئىسىم قويۇلغان، ئۇ ئىشلىگەن 200 دىن كۆپ ناخشىسى بىلەن 12 ئالتۇن مېدال ئالغان، بۇ ناخشىلارنىڭ بىر قىسمى يۇنانچە، بۇلغارچە، ئەرەبچە، پارسچە، كۈرتچە، ياپونچە، ئىبرانىچە، فرانسۇزچە،ئېنگلىزچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنىڭ ناخشىلىرى نۇرغۇن يەرلىرىگىچە تارالدى،ھەتتا بەزى ناخشىلىرى بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تارقىلىپ ئېيتىلدى، مۇزىكا ۋە تېلېۋىزىيە ھاياتىدا ساناقسىز مۇكاپاتلارنى ئالغان بارىش مانجو 1991 – يىلى دۆلەت سەنئەتچىسى مۇكاپاتى، شۇ يىلى ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتى پەخرى دوكتۇر ئۇنۋانى، خەلقئارا تېخنىكا مۇكاپاتى، ياپونىيە خەلقئارا مەدەنىيەت ۋە تىنچلىق  مۇكاپاتى قاتارلىق شان-شەرەپلەگە مۇيەسسەر بولغان، بارىش مانجو 1999- يىلى 1- ھۇت (2-ئاي) دا ۋاپات بولغان، ۋاپات بولغان كۈنى بۇ ئۇلۇغ سەنئەتكارغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت بايرىقىنى بىر كۈن يېرىم چۈشۈرگەن، ئۇنىڭ ناخشىلىرى نۇرغۇن يەرلىرىگىچە تارالدى،ھەتتا بەزى ناخشىلىرى بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تارقىلىپ ئېيتىلدى.

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، مەنبەدىن يۇيۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

يازما ئاپتورى:

ش.ئە.ئۇيغۇرى، مەزكۈر تور بەتنىڭ قۇرغۇچىسى، گەرچە قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىمىز بەكمۇ ئۇلۇغۋار ئىش بولمىسىمۇ ئەمما مۇشۇ ئىشلىرىمىز ئارقىلىق تورداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئازراق بولسىمۇ بېيىتالىساقلا بۇ ساھەدە جاپا چېكىۋاتقان ھەر بىر مىننەتسىز ئەمگەك ئىگىلىرىنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ ئەلۋەتتە

2012.06.16 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ: ،

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

16 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2012.06.16
03:00
1-قەۋەت: «ئەل ئۇمۇت» مۇنداق دېدى:

دىۋاندا ئولتۇرۇپ بىر ئاڭلاي
لىكىن تۇرۇكچە ناخشىغا بىر كىشلىك ھەۋىسىم باجۇما

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.06.16
19:25
2-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» مۇنداق دېدى:

مانچونىڭ «دوماتەس، … پاتلىجان» دېگەن ناخشىسىنى سۆيىمەنكەن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.06.16
21:31
3-قەۋەت: «مەرۋايىت ئەپەندى» مۇنداق دېدى:

بۇ ناخشىچى بىلەن بىزنىڭ سەنئەتكارىمىز زاھىر بورھاننىڭ ئۇسلۇبىدا ئوخشاشلىق ھىس قىلدىم، بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، بۈگۈن ئاڭلاپ باقتىم، ئەمما ماۋۇ ناخشىسىنى بەك ياقتۇردۇم، بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۆڭۈل يېرىملىقتا……….

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.06.17
00:22
4-قەۋەت: «سەھرالىق» مۇنداق دېدى:

قەشقەر شىنخۇا كىتابخانىسى قارشى تەرىپىدىكى سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا بىر ئىچىملىك دۇككىنى بار ئىكەن، بىر كۈنى ئىچىملىك ئالاي دەپ كىرسەم مۇشۇ كىشىنىڭ ناخشىسىنى قويۇۋاپتۇ، دۇكاندار كۆزىنى يېرىم يۇمۇپ مۇڭلانغىلى تۇرۇپتىكەن، مەنمۇ بىردەم ئاڭلىۋىلىپ،ئاندىن دۇككاندارغا 50سوم بەرسەم مۇشۇ سىندېسكىنى سېتىپ بەرسىلە دېسەم ئۇكىشى:
«بۇ ئادەم ئاللىبۇرۇن قارا تۇپراق قوينىغا كىرىپ كەتتى ئۇكام، بۇ دېسكىنى سېتىپ بېرەلمەيمەن، خاپا بولمىسىلا…» دەپ ئۆزرە ئېيىتتى، شۇ باھانىدە پاراڭ سالغاچ يەنە بىر قانچە ناخشىسىنى بېكارغا ئاڭلىۋالغان ئىدىم :lol:
بىزنىڭ ئۆيدە ھېلىھەم ئۈنئالغۇ لېنتىسى بار بۇ كىشىنىڭ…

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەلەك مۇنداق يازغان:

سەھرالىق ئەپەندى سىزگە بىر مەخپى بازىنى دەپ بىرەي ، بىرسى قەشقەر پىداگوكىكا ئۇنىۋىرستىتىغا ماڭىدىغان يولدىكى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ساتىدىغان يەردىن ئازراق ماڭسا بىر پىلاستىنكا ساتىدىغان يەر بارغۇ ئاپتوبۇس توختايدىغان يەر، ئۇ بىكەتنىڭ ئىسمىنى نېمە دەيدىغان بولغىيتى ئۇنتۇپتىمەن ،دۇككىنىىڭ ئەينىكىگە يوغان قىلىپ بۆرىلەر ۋادىسىدىكى پولاتنىڭ رەسىمىنى چاپىلىۋالغان دۇككاندا بار بۇ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن رەتلەپ چىقىرىلغان بىر پىلاستىنكىسى ، بىر ناخشىسىدا ئۆلۈم كۈنىدىكى نامىزىنى قىلىۋاتقان يەرلەرمۇ چىقىدۇ . شۇ يەردىن ئېلىڭ 5 كويچەنگە كۆچۈرۈپ بېرىدۇ ، ھې ھې ھې
يەنە بىرسى 80 خالتا ئۇستامنىڭ دۇككىنىدىن ئۆتۈپ مىڭىۋەرسە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بارغۇ شۇ يەردىنمۇ ئۆتسە يولنىڭ سول تەرىپىدە بىر كاۋاپخانىنىڭ يېنىدا ۋىۋىسكىسىمۇ يوق بىر پىلاستىنكا دۇككىنى بار ، قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى تۈركچە پىلاستىنكىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تارقىتىلىش ئۇۋىسى شۇ ، تەرجىمە قىلىنمىغان تۈركچە كىنولارمۇ جىق ، تىل ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بەك پايدىلىق . ئاشۇ يەردىمۇ بار.
ئالمايمەن دېسىڭىز مەن ئۆزۈمدە بار ناخشىلىرىنى يوۋكۇغا يوللاپ قوياي چۈشۈرۋىلىڭ

بۇ باھاغا پىكرىم بار


سەھرالىق مۇنداق يازغان:

گۈزە دەيدۇ…شەرقى دەرۋازىغا ئاز قالغان يەردىكى شۇ …مەن بىر ئىزدەپ باقاي ،رەھمەت مەلەكخان

بۇ باھاغا پىكرىم بار


سەھرالىق مۇنداق يازغان:

80 تاغار ئەجەپ بۇنداق يەرنىڭ گېپىنى قىلمىغانيا؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەلەك مۇنداق يازغان:

ھە راست سىز گېپىنى قىلغان ئىچىملىك دۇككىنىنىڭ ساراڭ دوغلىرى ئالامەت ئوخشايدۇ دوستلىرىم بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچىپ كەتكىنىمىز يادىمدا

بۇ باھاغا پىكرىم بار


سەھرالىق مۇنداق يازغان:

ھازىر ئۇ يەردە دوغ ئەتمەيدۇ… قېتىقنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كېتىپتىمىش :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئاۋام مۇنداق يازغان:

ما سەھرالىقنى.. ما يەدە ناخشا ئاڭلىماي دوغاپنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرۈپتا… :razz:

بولىدىغان ناخشىكەن, ئىنكاس يېزىپ بولغۇچە تۈگەپ قالدى مانا…

2012.06.17
00:50
5-قەۋەت: «مۇرات» مۇنداق دېدى:

بىر دۆلەتنىڭ بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ تەزىيە بىلدۈرۈش دېگەن ئادەتتىكى ئىش ئەمەس جۇمۇ…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.06.18
22:58
6-قەۋەت: «چاتاقچى» مۇنداق دېدى:

ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئۇيغۇرچە ئوقۇغانغۇ دەيمەن، بۇ ناخشىنى…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.06.19
22:22
7-قەۋەت: «بەھرام» مۇنداق دېدى:

ئوبدان ناخشىكەن مۇڭلىنىپ ئاڭلىۋاغۇدەك ……..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.06.20
22:10
8-قەۋەت: «ئۆرلە» مۇنداق دېدى:

مەن بۇ كىشىنىڭ ئاركاداشىم ئېشەك دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلاپ باققانتىم. بىر خىل يېقىشلىق ناخشا ئېيتىدىكەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەلەك مۇنداق يازغان:

سىز دېگەن ناخشىنىڭ خەتلىك نۇسخىسى مانا :
http://v.youku.com/v_show/id_XNDA4NjEyOTgw.html

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.06.23
02:31
9-قەۋەت: «شۇڭقار» مۇنداق دېدى:

مەلەكقىز، بۇ توربەتتە ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم، ياخشى ئەسەرلەرىڭىز ھەم تەرجىمىلىرىڭزنى بۇ يەردە داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量