ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، ئۆزگىچە ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى بىلەن دۇنيا ئەھلىنى ئۆزىگە قاراتقان ياش ناخشىچى ۋىتاس (ئەسلى ئىسمى ۋىتالىي فىلادوسىۋېچ گىراجوف ) نىڭ ئەسلى كەسپى كىيىم – كېچەك لايىھەلىگۈچىسى بولۇپ، 1981- يىلى 19- فېۋرال ئۇكرائىنادا تۇغۇلغان.ئۇ ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ 2011 – يىلى 6- ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا، «ئويلىنىش»، «كۈلۈمسىرىگىن»، «ئانا»، «ئانامنى مەدھىيلەيمەن»، «مەڭگۈلۈك سۆيۈش»، «قايتىش» قاتارلىق 9 دانە CD پلاستىنكىسى ۋە «ئوپېرا -1»، «ئوپېرا -2»، «روسىيە دېڭىز قىرغاقلىرى»، «يۇلتۇز»، «كۈلۈمسىرىگىن»، «تۇرنا ئاۋازى»، «يامايكا»، «سۆيگىن مېنى»، «1، 2، 3» قاتارلىق 15 ناخشىنىڭ MV سىنى سۈرەتكە ئېلىپ كەڭ تاماشىبىنلارغا سۇنغان ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە روسىيە كرېملىن سارىيىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن بىردىنبىر ياش ناخشىچى بولۇپ قالغان.
تەرجىمە قىلغۇچى : م.ئە.تۈمەنى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىلەر جاپا چەكتىڭلار قىرىنداشلار ……بەك ياخشى چىقىپتۇ
ياخشىكەن بولسا بىرەر كىنو تەرجىمە قىلىپ قويساڭلا ناخشىنى كۇندە ئاڭلاپ يىتىشىپ بۇلالمىدىم كۇندە ئاڭلايدىغان ناخشىلىرىم با مۇش بىلوگدا ، ئەمدى شۇ كىنولاردىن بىرەرنى
بەك ياقتۇردۇم ، كۆپ رەھمەت سىلىگە ،
115دا يۇشۇرۇپ قويۇپتۇ دىسە ، پىرىسلاپ ئاندىن يوللىساڭلار بولغۇدەك ،بۇندىن كىيىن .
ماۋۇ بېكەتنى كېچىكىپ بايقاپتىمەن دېسە، ئۇيغۇرلاردا مۇشۇنداق تور بەتلەر كامتى… ھەقىقەتەن ئېسىل نەرسىلەر باركەن، قوللايمەن، ئۈستىدىكى تورداشلار ھازىر سۈزۈك فىلىملەرنى چۈشۈرۈش بەكلا تەسلىشىپ كەتتى، بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈن كىنولار ئازراق بولىشى مۇمكىن، ئىشقىلىپ توختاپ قالماي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقىنىڭلارغا تەشەككۈر، تەرجىمانلار ناھايىتى ئېسىل كىشىلەر ئىكەن
مۇشۇ ئاداشنىڭ ئاۋازىغا ھەيران قالىمەن .
«ئۇ يەنە روسىيە كرېملىن سارىيىدا ناخشا كېچىلىكى»
«كىرېمىل سارىيى بولۇشى» كېرەكقۇ دەيمەن.
بەك ياشى كۆرەتتىم بۇ ناخشىنى رەىمەت سىلەرگە…
سۈزۈك نۇسخۇسىنى چۈشۈرەي دەپ تۈنۈگۈن بىر يازسام ئىنكاس چۈشمەي قويدى . بۈگۈن يەنە يازىدىغان بولدۇم .
خېلى مۇڭى بار بۇ ناخشىنىڭ!
ھەربىر ھەركىتىدىن سەنئەت پۇرىقىنى ھېىس قىلمەن بۇ ئاداشنىڭ
مېنىڭ ناخشامكەنغۇ بۇ
ئان-مۇندا كىرىپ يوقلاپ قويدۇمغۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۈمەنى !
سىزنىڭ بۇ تەرجىمە ناخشىڭىزنى تولىمۇ كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن دىسە .
تەرجىمىسى ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ . مەن ئۇنىڭ ھەر بىر ناخشىللىرنى شۇنداق بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن ! يەنە بۈگۈن سىزنىڭ تەرجىمە ئەسىرىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىمدىن شۇنداق خۇشالمەن . خۇددى سىز بىلەن يەنە شۇنداق قىزغىن مۇڭداشقان كەبى ھېسىياتتا دېگەندەك . بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىپ ، ھوزۇرىمىزغا سۇنىشىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .~
ئىسىل كەنغۇ
ۋىتاسنىڭ ناخشىلىرى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە
i liked
ۋىتاسكامنىڭ ناخشىللىرىنى ئاڭلاپ قۇيىمەن جۇما بىر كىشلىك. بولۇپمۇ چىرقىرغان ۋاقىتىلىرى بىر خىل پەيزى، ئادەمنى ئېنتايىن ھاياجانغا سالىدۇ. بولسا ‹‹ ئوپىرا2›› نى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويساڭلار بولاتتى. شاھ ئۇيغۇرغا رەھمەت… كۆپ جاپا چەكتىڭلار. تور بېكتىڭلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېخمۇ يۇقىرى كۆتۈرلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلمەن.
ئوپىرا 2 باركەن ئەمەسمۇ مەن دىققەت قىلماپتىمەن.
مەن ئامراق ناخشىسى بۇ. ياخشى نائوشنىك بولسا قۇلاققا سىلىپ قويۇپ، ياكى ئىسىل ياڭراتقۇ بولسا تىپتىنچ ئولتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىدە.
چۈشۈرەي دىسەم 视听类文件暂时不支持分享,给您带来的不便深表歉意。دەپ گۆشىيىپ قاراپ تۇرىدىغۇ بۇ.
ناخشىنى ئېسىل توۋلاپ قويىدۇ بۇ بالا.
بۇ ناخشىسىغا مەن بەك ئامراق
بۇ تور بەتنى راستىنلا كىچىكىپ بۈلىپتىمەن.لىكىن يەنىلا بۈلمىگەندىن ياخشى دەپ ئويلايمەن.بەك ئېسىل تور بەتكەن.
ياخشىكە
مەن بۇنىڭ ناخشىسىنى خېلى ياخشى كۆرىمەن
ياخشى ناخشىكەن. مھنمۇ ۋىتاسنىڭ ناخشىلىرىغا بەك ئامراق، بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ ‹‹ مەڭگۈلۈك سۆيۈش ››دىگەن نەخشىسىنى بەك ياختۇرىمەن. رەخمەت سىزگە…
مەنمۇ چۈشۈرۈپ باقاي
ماۋۇ تىما ئەجەپ قىزىپ كىتىپتا
چۈشۈرگىلى بولمىدى ، ئىجازەت نۇمىرى سوراۋاتىدۇ ، باشقۇرغۇچىلا قاراپ باقامسىلە قانداق
ئويغۇرچە تىل قابىليىتىڭىزگە ھەۋەس قىلىمەن .
كەمىنە بۇنىڭ ناخشىللىرىغا ئامراق…!
مەن بەك ئامراك
توۋا ….. ما ناخشىنى …. ئەجەپ يارىدا….
ئوبدان تەرجىمە قىلىنىپتۇ… رەھمەت
دەششەت …
چۈشۈرۋالاي
راسىت گەپ قىلسام چۈشۈرۈش ئۈچۈن خەت قايتۇردۇم
تۇرنا ئاۋازى دىگەن ئىسىم توغرا تەرجىمە قىلىنماي قالدىمۇ قانداق ؟ خەن تىلىدا 海豚音 دەپ ئاتىلىدۇ ، ئىنگىلىز تىلىدا Dolphin sound دەپ ئاتىلىدىكەن ، شۇڭا ئۇيغۇرچىدا دىلفىن ئاۋازى دەپ تەرجىمە قىلساق سەل مۇۋاپىق بولامدىكى دەيمەن . ھەم دىمىسىمۇ ۋىتاسنىڭ چىقىرغان دىكى ئاۋازى دىلفىننىڭ چىقىرغاندىكى ئاۋازى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ، لىكىن تۇرنىنىڭ چىقىرغان ئاۋازى ئاڭلاپ باقمىدىم .
كەچۈرۈڭ !
يازمىنى تولۇق ئوقۇماي خاتا ئىنكاس يوللاپ قاپتىمە ، سەت تۇدى .
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، رەھمەت تۈمەنىم ، ئىلىمىڭىز زىيادە بولغاي ، بەك پەيزى ناخشىكەن ، ھەر تىلدىكى ناخشىلارنى شۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلىۋىتىسىز
چۈشۈرۈش ئادىرسىدا مەسىلە بار ئىكەن .
چۈشۈرۈۋالسام بولاتتى…
14:04
ئىىىلكەن
بۇ باھاغا پىكرىم بار