دوكتۇر يۈسۈف قەرزاۋىنى زىيارەت

Post image of دوكتۇر يۈسۈف قەرزاۋىنى زىيارەت
سەھىپە: فىلىملەر، ھۈججەتلىك فىلىم باھا: 56

دوكتۇر يۈسۈف قەرزاۋىنى زىيارەت

دوكتۇر يۈسۈف قەرزاۋى-دۇنيا مۇسۇلمانلار ئۆلىمالىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ھازىرقى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىلىم-پەن، ئىدىيە، دەۋەت، كۈرەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەڭ كاتتا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرى، بەلكىم كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىز ئۇنى تېخى تۇنۇمىسا كېرەك، دوكتۇر يۈسۈف قەرزاۋى 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەرەبچە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ھەم ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزىنىڭ تۈرلۈك كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى، تۆۋەندە ھەممىمىز بۇ كاتتا ئالىم بىلەن تۇنۇشقاچ ئۇنىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى بايانلىرىنى تەڭ كۆرۈپ چىقايلى…

تەرجىمە قىلغۇچى : نۇرئەخمەت، ئەركان خوتەنى

يازما ئاپتورى:

2011.03.18 يوللىغۇچى: ش.ئە.ئۇيغۇرى

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

56 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.03.18
16:31
1-قەۋەت: «anana05» دەيدۇلەركى :

بەك ياخشى بوپتۇ! تۆردىن ئورۇن ئېلىۋالاي!،،،،…..›››››››

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئوسمان ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

تۆرىدىن ئورۇۇنىغىۇ ئاپسىز،لېكىن بىرەر ئىغىز رەھمىتىڭزمۇمۇ يوققۇ؟ :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


anana05 مۇنداق يازغان:

خۇشاللىقىمدا رەھمەت دىيىشنى ئۇنتۇپتىمەن دىسە! رەھمەت سىللىگە !!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.18
16:31
2-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» دەيدۇلەركى :

مەندە فىلىم كۆرۈنمىدى!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.18
17:09
3-قەۋەت: «پاسىبان» دەيدۇلەركى :

شاھىم 优酷 غا كۆچۈۋالسا بولاتتى. 56 تازا نورمال ئەمەس. ئېلانلىرى ئېنىڭدىن بەزەپ …

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.18
17:11
4-قەۋەت: «بىرزات» دەيدۇلەركى :

مەن پەچەت كۆرىۋەتتىمغۇ، نۇرمال ئىكەن. بۇ سۆھبەت سەل قىسقا بولۇپ قاپتۇ. بولمىسا يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ سۆزلىرى دەۋلىتىمىز بىلەن ئەرەبلەرنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە بوپتىكەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.18
23:52
5-قەۋەت: «ئوسمان ئۇيغۇر» دەيدۇلەركى :

راسىت بەك ياخشى چىقىپتۇ،رەھمەت سىلەرگە!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئوسمان ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

لېكىن بىر نەچچە مىنىۇت چىقىپلا چىقماي تۇرۋالدىغۇ؟تەكشۈرۈپ باقسىڭز؟ :roll:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.19
02:35
6-قەۋەت: «دانا دېل» دەيدۇلەركى :

بۇ بىلۇگ بەك ياخشى قۇرلۇپتۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.19
06:18
7-قەۋەت: «تورباجىن» دەيدۇلەركى :

ھەقىقەتەن ئېسىل نۇتۇقكەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.19
16:01
8-قەۋەت: «ئۆرلە» دەيدۇلەركى :

ھەقىقەتەن ئېسىل سىنلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەمىن ئېتىۋاتىسلەر ، رەھمەت سىلەرگە.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.20
15:30
9-قەۋەت: «بەھرام» دەيدۇلەركى :

رەھمەت!!! جاپا چىكىپلا شاھىم !! كىنونى چۈشۈرۋاتقان ، كۈرۈپ باقاي جۇما!!!! :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.20
17:22
10-قەۋەت: «سەھرالىق» دەيدۇلەركى :

شاھ ئالىيلىرىنىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.21
03:48
11-قەۋەت: «سەلمان ئۇيغۇر» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،شاھ ئەپەندىم،جاپا چىكىپسىز،قەرزاۋى ئەپەندىم ئۈرۈمچىگە كېلەلمەپتۇ دە،ھەي ….ۋەتەننىڭ بىرلىگى ئۈچۈن ياخشى نۇتۇقكەن….

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.21
06:43
12-قەۋەت: «دۇئەامەت» دەيدۇلەركى :

تەرجىمە قىلىپ كىرىشتۈرگەن باللارغا ئاللانىڭ بەخت ئاتاقىلىشىنى تىلەيمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.22
06:40
13-قەۋەت: «ئىزدەن» دەيدۇلەركى :

ھەممىڭلارنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن! مەزكۇر فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقانلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.23
13:27
14-قەۋەت: «ئاللايار» دەيدۇلەركى :

بەك ياخشى بولۇپتۇ.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.24
19:14
15-قەۋەت: «1024 - سەلتەنەت» دەيدۇلەركى :

ھەققەتەن ياخشىكەن … جاپا چىكىپسىز ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر..!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.25
14:03
16-قەۋەت: «تۇغلۇق» دەيدۇلەركى :

بۇ ئۆلىما ناھايىتى ياخشى سۆزلەپتۇ…رايۇنىمىز توغرىسىدىمۇ بەزى مەسسىللەرنى ئېيتىپتۇ…شۇنچىسى رايۇنىمىزغا كېلەلمەپتۇ………

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.26
10:33
17-قەۋەت: «قاراقاشلىق» دەيدۇلەركى :

بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئەرەپ ئۆلىمالېرىنىڭ ئىسىدە بار ئىكەنمىز. مەن بۇنىڭدىن بەك تەئەججۈپلەندىم.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.27
07:59
18-قەۋەت: «يۇسۇپجان» دەيدۇلەركى :

بەك ياخشى بوپتۇ،رەھمەت سىلەرگە!شاھ بىلوگىدىكى بارلىق خادىملار،جاپا چەكتىىڭلار! سىلەر بىزگە شۇنداق ياخشى بەرسىلەرنى ھەقسىز تەقدىم قىلىپ،تولىمۇ جاپا چەكتىڭلار! بىز ھازىرچە پەقەت رەھمەتتىن باشقىغا يارىمايمىز…..
ئۇستاز يۇسۈف قەرداۋىنىڭ جۇڭگوغا كەلگەنلىكىدىن راستىنلا خەۋەرسىز ئىكەنمىز،بۇنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چوقۇم ئەرەب تىلىدىكى قانالدا قويدى ھەقاچان،بولمىسا بۇنى بىز چوقۇم بىلەتتۇق.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.04.3
17:56
19-قەۋەت: «Romantic» دەيدۇلەركى :

فىلىمنىڭ ئىملا مەسىلىسىگە ئالاھىدە دېققەت قىلساڭلار، يەنە بەزى سۆزلەردە خاتالىق بار ئىكەن. بۇنداق مۇھىم بىر فىلىمدە ئىملا خاتالىقىنىڭ بولۇشى كىشىنى سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارغا بولغان ئەستايىدىللىقىڭلارغا نېسبەتەن ئويغا سالىدۇ…….. :evil: ھەتتا تەھرىرلىگۈچ ئىشلەتمىسىمۇ پەرق قىلالىغىدەك سۆزلەردە ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن. ھەسسىلەپ ئەستايىدىل بولغايسىلەر!
————————————–
دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

ئەسسالام دوستۇم، سىزنىڭ فىلىملىرىمىزدىكى ئىملا خاتالىقلىرىغا سەزگۈرلۈك بىلەن قارىغىنىڭىزغا خۇش بولدۇم، بىزمۇ ھەقىقەتەن تىرىشىۋاتىمىز، مۇمكىن بولسا شۇ خاتا سۆزلەرنىڭ ئۆزىنى مىسال بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولسىڭىز، چۈنكى ئىملايىمىزنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى
دوستانە ئەسكەرتىش : ئىملا خاتالىقلىرىمىزنى كۆرسەتكەنسىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ يازغان سۆزلىرىڭىزدە ئىملا خاتالىقىنىڭ ئالدىنى ئېلشىڭىز كېرەك، بولمىسا بىزدىمۇ گۇمانى كۆز قاراش پەيدا قىلىپ قويىسىز، ئىنكاسىڭىزدىكى «دىققەت»، «نىسبەتەن» ، «قىلالىغۇدەك» دېگەن سۆزلەرگە دىققەت قىلماپسىز، بولسا سىزنىڭمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلمىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.04.4
08:10
20-قەۋەت: «Romantic» دەيدۇلەركى :

ھا…ھا! قالتىس!
سىزنىڭ سەمىمىيتىڭىزدىن گۇمانلىنىۋاتىمەن. ئاددىيسى مەن سىزگە فىلىمدىكى ئىملا خاتالىقى توغرۇلۇق ئىنكاس يازسام، سىز شۇ ئىنكاسىمدىكى سۆزلەرنى تېپىپ ماڭا رەھھىيە بېرىپسىز. لېكىن مەن ئۈستىدىكى ئىنكاسلارغىمۇ قاراپ باقتىم ئۇلاردىمۇ ئىملا خاتالىقلىرى بار ئىكەن، ئۇلارغا ئۇنداق دېمەپسىز. قىززىق… بۇنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟!!!!!
قارىغاندا ھېچنىمە يازماسلىقىم كېرەك ئىكەن. ئارتۇقچە سۆزلەپ قويۇپتىمەن….

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

قاراڭ دوستۇم، ھەممىمىز بۇ كەسىپنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر (ئارتۇقچە ئىزاھلىمىساممۇ بولار) مېنىڭ سەمىمىيىتىم بۇ ئىككىنچى مەسىلە، مۇھىم بولغىنى، مەن پەقەت ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە ئىش قىلىۋاتىمەن، گەرچە بۇرۇن قىززىقىش بىلەن بۇ ئىشنى باشلىغان بولسام ھازىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن داۋام قىلىۋاتىمەن، ھەممە ئىنسان خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ھامان مۇستەسنا بولالمايدۇ، ئەمما خاتالىقنى تۈزىتىشكە تامامەن بولىدۇ، ھازىرقى خەتلىك فىلىم ئىشلەيدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ تەرجىمە فىلىملىرىدىمۇ تېخى ھېچقايسىسى ماۋۇ فىلىمدە يۈزدە يۈز ئىملادا خاتالىق يوق دېيەلمەيدۇ، ھەممىسى باشقىلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشى بىلەن داۋاملىق تۈزىتىپ كېلىۋاتىدۇ بىزمۇ ھەم شۇنداق، يەنە كېلىپ مەيلى قانداقلا نەرسىدە بولمىسۇن بىرسى باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۆزىدە شۇنداق ئەيىبىنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلسا ئاندىن سىز ئەيىبىنى كۆرسەتكەن كىشىمۇ ئۇنىڭغا قايىل بولىدۇ، سىز يەنە ئىنكاسىڭىزدا ھەتتا تەھرىرلىگۈچ ئىشلەتمىسىمۇ پەرق قىلالىغۇدەك سۆزلەردە ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇپسىز، دېمەك بۇنچىلىك پەرق قىلالىغان ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىملاسىدا خاتالىق كۆرۈلۈشى كىمنى گۇمانى كۆز قاراشقا سالمايدۇ؟؟؟ دېمەكچى بولغىنىم سىزمۇ نارازىلىق ئىنكاس يازغۇچە ھەم ئۈستىدىكى ئىنكاسلارنى تارتىپ چىققۇچە خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرگەنلا بولسىڭىز مەن سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولاتتىم، گۇمانى كۆز قاراشلىرىم توغرىسىدا سىزدىن كەچۈرۈم سورىغان بولاتتىم. ئەپسۇس…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.04.4
16:20
21-قەۋەت: «ئادىلە» دەيدۇلەركى :

Romantic ئەپەندى، ئەگەر سىز شاھ بلوگىنىڭ بۇرۇن تەرجىمە قىلغان فىلىملىرىنى كۆرسەتكەن بولسىڭىز، مەن سىزگە قوشۇلاتتىم،مەنمۇ بۇرۇن تەھرىرلىكتە ئىشلىگەن ، ئەمما بۇ فىلىمىنى كۆرسەتكىنىڭىزدىن مەنمۇ گۇمانلىنىپ قالدى، شاھىمىزنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بېرى تەرجىمە قىلغان فىلىملىرىنى گەرچە ئىنكاس يازمىساممۇ تۇلۇق كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن، بۇرۇنمۇ كۆرگەن ئەمما يېقىندىن بويانقى فىلىملىرىدە ئىملا خاتالىقى نىسبىتى ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك تۆۋەنلىدى، ھەتتا بەزىبىر كونا تەرجىمە گۇرۇپپىلىرىدىنمۇ ياخشى كېتىپ بارىدۇ، بۇنىڭغا ھەممىمىز قايىل، بۇ فىلىمنى مەن ئۆزۈم يالغۇز ھەم ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرگە ئىككى قېتىم كۆردۈم، سىز دېگەندەك تەھرىرلىگۈچتە تەھرىرلىمىسىمۇ پەرق قىلالىغۇدەك خاتالىق يوق دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن، مېنىڭمۇ تەكلىپىم سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئىملاسىنى توغۇرلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن باشقىلارغا باھا بېرىڭ، شاھ گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ يەنىمۇ تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.04.4
16:32
22-قەۋەت: «Romantic» دەيدۇلەركى :

ھە……… مۇنداقڭ دەڭ. قارىغاندا مەن راسترىنلا گەپ قىلماسلىقىم كېرەك ئىكەنتۇق.
سىزدىن مەن ئۈتىدە يازغان ئىككى قېتىملىق ئىنكاسىمنى ئۆچۈرىۋىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن…..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.04.5
09:08
23-قەۋەت: «ئاللايار» دەيدۇلەركى :

بەك ياخشى نۇتۇق ئىكەن، مۇسۇلمان ئالىملېرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كىشىدەك تەقۋادار بولسا تۇلىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى…
دىن بىلەن پەننى ئوخشاش ئورۇنغا قويغان ھەم ئۆزى قاتتىق ئەمەل قىلغان ئالىم ئىكەن بۇ.بۇ كىشىگە ئاللاھ خەيىرىلىكنى ئاتا قىلسۇن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.04.9
10:16
24-قەۋەت: «شەمشەر» دەيدۇلەركى :

بىلىم جۇڭگۇ دەك يىراق جاي دا بول سىمۇ بېرىپ ئۈگنۈڭلا دىگەن ھەدىس ئدى خاتا تەرجىمە تەرجىمە قىلنىپ قال دىمۇ قانداق قېرىنداش لار :roll:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


بىلىم يار مۇنداق يازغان:

تۇغراخاتا تەرجىمە تەرجىمە قىلنىپ قاپتۇ ،

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

چىن ۋە ماچىن ئاتالغۇلىرىنىڭ بىزدە كۆرسىتىلىدىغىنى ئەسلى جۇڭگو بولماستىن بەلكى رايۇنىمىزنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلىرى ئىدى، بۇ ھەقتە ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «چىن ۋە ماچىن ئاتالغۇلىرى»ناملىق ماقالىسىدە ئىنتايىن ئەتراپلىق توختالغان، ئەمما ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئىلىم ساھەسىدىكى قىسمەن خاتا كۆز قاراشلار تۈپەيلى چىن ئاتالغۇسى جۇڭگونى كۆرسىتىدۇ دېگەن قاراش بارا-بارا كەڭرى قوللىنىشقا باشلىدى، بۇ بەلكىم چىن ئاتالغۇسىنىڭ خەنلەردىكى چىن سۇلالىسى ۋە چىڭ سۇلالىسى شۇنداقلا ئېنگىلىزچە china سۆزى بىلەن تەلەپپۇز جەھەتتىن يىقىنلىشىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، بۇ ئالىمنىڭ ھەقىقەتەن ئېيتقىنى جۇڭگو بولغىنى بىلەن ئەمما ئاتالغۇدا ئوخشاشلا چىن ئىبارىسىنى ئىشلەتكەن، بۇ بەلكىم ئەرەب تىلىدا جۇڭگو دېگەن سۆزنى چىن دەپ ئاتامدۇ ۋە ياكى يۇقىرىقى ئىلىم ساھەسىدىكى خاتالىق تۈپەيلىدىنمۇ بۇنى تەھلىل قىلىپ ئۈلگۈرمىدۇق.شۇڭلاشقا دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار


4تادۇ مۇنداق يازغان:

ئاشۇ سۆزنىڭ ھەدىس ئىكەنلىكىگە كۈچلۈك دەلىلىڭىز بارمۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئەركان مۇنداق يازغان:

تادۇ ئەپەندىم، ئۇ سۆز ھەدىس، ھەدىس بولغاندىمۇ سەھىھ ھەدىس ئىكەن، ئىشەنمىسڭىز، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹سەھىھ ھەدىسلەر› دېگەن كىتابنىڭ 89-ھەدىسىگە قارىسىڭىز كۆرىسىز….
بۇ كىتابقا ئەڭ ئىشەنچىلىك سەھىھ ھەدىسلەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن ئىكەن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.04.20
23:44
25-قەۋەت: «كامالتۈرك» دەيدۇلەركى :

يۈسۈپ قەرداۋى جوڭگۇنى تازا ياخشى چۈشەنمەمدۇ نىمە!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


خىيال مۇنداق يازغان:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم
يۈسۈف قەرزاۋى جوڭگۇنى شۇنداق ياخشى چۈشىنىدىكەن ،دىيارىمىزنىمۇ ھەم بۇ سەھنىدە سىزگە نېمە دېيىشىنى خالايسىز دوستۇم ؟
ئەڭ ياخشىسى دىيارىمىزدىكى مۇشۇ بىلوگنىڭ تىنىچ ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەرەققىياتىنى ساقلاش ئۈچۈن غەيرى گەپ سۆزلەرنى قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
مېنىڭ بۇنداق بىلوگدا تۇنجى رەت سۆز قالدۇرىشىم . كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . مەن ئۇيغۇرچە بىلوگلارنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشىنى خالايمەن. اللا رەھمەت قىلسۇن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.04.21
11:26
26-قەۋەت: «ئالىمجان» دەيدۇلەركى :

ياخشى چىقىپ تۇ يۇ لىكىن بۇ ئادەم نىڭ گىپىگە ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىدىم

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.1
14:45
27-قەۋەت: «4تادۇ» دەيدۇلەركى :

سىلەرگە كۆپ رەھمەت.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.16
19:46
28-قەۋەت: «پۇلات» دەيدۇلەركى :

دۇنيا مۇسۇلمانلار ئۆلىمالىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر يۈسۈپ فەرزاۋىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى بىلىدىكەن، بىراق شىنجاڭغا كەلمەپتۇ. بۇنىڭدىن ئەپسۇسلاندىم. بۇنداق دۇنياغا داڭلىق ئالىملىرىمىزنى ئالدىنئالا تەكلىپ قىلىپ قۇيۇش كىرەكمىدۇ- بىلمىدىم؟؟؟ :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.16
19:50
29-قەۋەت: «پۇلات» دەيدۇلەركى :

تەرجىمە قىلغان دوسلارغا كۆپ رەخمەت. ھېچ بولمىسا بىز خەۋەرلەردە كۇرۇپمۇ باقماپتىكەنمىز، مانا كۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۇ بىر ياخشى ئىش بوپتۇ. سىلەرگە كۆپ رەخمەت.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.10.26
16:00
30-قەۋەت: «ۋاسكىتبول گۈزىلى» دەيدۇلەركى :

نوتۇقى ناھايتى ياخشى چىقپتۇ .
ئاۋۇ رىسياسەتچىنىڭ ئەرەبچە سۆزلىشىگە قاراپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن دىسە .
بۇ دوكتۇر شىنجاڭنىمۇ بىلىدىكەن ھە ;-) بىراقلا شىنجاڭغىمۇ كەلمەي …ئاتايەن يىراق سەپەرنى بىسىپ كەلگەندىن كىيىن . :roll:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.11.7
22:08
31-قەۋەت: «مۇساپىر» دەيدۇلەركى :
2011.11.7
22:24
32-قەۋەت: «مۇساپىر» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،مەن يۇقارقى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشنى نىيەت قىلىپ كالدىم.سىلەر ئارتۇقچە تالاش-تارتىش قىلىشقۇچە ئىملا خاتالىقى بولسا كۆرسىتىپ قايىل قىلىڭلار بولمىسا خەقنىڭ ئشىدىن قۇسۇر تاپماڭلار.ئالىمنىڭ شىنجاڭغا كەلمەسلىكى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.چۈنكى نۇتۇقتىن قارىغاندا ئۇ زات دىيارىمىزنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.ئەگەر ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلسە…..دەپ بىر تەپەككۇر قىلىپ باقايلى!!!!! :?: :?: :roll:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.9
16:41
33-قەۋەت: «beliver» دەيدۇلەركى :

رەھمەت،ياخشى تەرجىمە قىپسىلەر.ئىسلام كالېندارى دېمەي ھىجرىيە دەپ ئالغان بولساڭلار ياخشى بولاتتى.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.27
13:10
34-قەۋەت: «جەك» دەيدۇلەركى :

ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ پىكىرى ئۆتكۈر شەخىس بولۇپ قالدى يۇسۇپ قەرزۋاى

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.01.21
16:18
35-قەۋەت: «مۇستافا» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاھ بلوگ تەرجىمە گورپىسىدىكى قىرىنداشلار جاپا چەكتىڭلار…….تىخىمۇ تىرشىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.02.10
15:06
36-قەۋەت: «شەبنەم» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم! قولۇڭلارغا دەت بەرمىسۇن! بۇ قاچان ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئىكەن؟ لەنجۇغا قاچان كېلىدىغاندۇ؟…ئاللا ئىشىڭلارغا كۆپلەپ ئەجىرلەرنى بەرسۇن!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.03.26
15:24
37-قەۋەت: «باھار» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، بەزىڭلار يۈسۈپ قاردەۋى شىنجاڭغا كەلمەپتۇ دەپ نارازى بوپسىلەر. شىنجاڭ دېگەن مەن كېلەي دەپلا ئاسان كەلگىلى بولىدىغان يەرمۇ؟ بېيجىڭدىكىلەر رۇخسەت بەرمىسە كېلەلەمدۇ؟ مەن چەتئەلدىكى بەزى مۇسۇلمان ئالىملارنى تونۇيمەن، ئاشۇلارنىڭمۇ قەشقەر، خوتەنگە بەكلا بارغۇسى بار، ئەمما، ئەلچىخانا رۇخسەت بەرمەيدىكەن، داۋاملىق دەيدىغىنى: «ئۇ يەردە تېرورچىلار كۆپ، بىخەتەرلىكىڭگە كاپالەتلىك قىلالمايمىز، بېيجىڭ، شاڭخەيگە بارغىن، شىنجاڭغا بارما» دەيدىكەن. سىلەرمۇ چەتئەلگە چىقىپ بېقىپ، پەلەستىندىكى خالىغان يەرگە ئىسرائىلىيەدىن رۇخسەت ئالماي بىر بېرىپ كېلىپ ئاندىن خالىغاننى دەڭلا.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.03.27
23:33
38-قەۋەت: «كۈلمەس قەلىب» دەيدۇلەركى :

ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ پىكىرى ئۆتكۈر شەخىس بولۇپ قالدى يۇسۇپ قەرزۋاى

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.07.8
03:26
39-قەۋەت: «❤ دوستۇم ❤» دەيدۇلەركى :
2012.07.8
03:49
40-قەۋەت: «❤ دوستۇم ❤» دەيدۇلەركى :

مەن نەچچە رەت كىرىپ كورەلمىدىم لىكىن باشقا فىلىملەرنى شۇنداق ياخشى تەرجىمە قىپسىلەر ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن…………………………..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.10.20
12:15
41-قەۋەت: «تۇرسۇن» دەيدۇلەركى :
2012.10.24
22:09
42-قەۋەت: «ئەركىيە» دەيدۇلەركى :

بۇ فىلىم نىمە ئۇچۈن ئۆچۇرۋېتىلدى،بۇ توربەت ئۇچۈن توختىماي جاپا چېكىۋاتقان جاپاكەشلەر چۈشەندۈرۈش بېرىپ قويساڭلار بوپتىكەن،ئەگەر ئوقۇشماسلىق سەۋەبىدىن ئۆچۈپ كەتكەن بولسا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويساڭلار بوپتىكەن،رەھمەت.مەن بۇرۇنقىدەك دائىم كىرىپ تۇرۇپ،ئانچە-مۇنچە ئىنكاس يېزىپ تۇرمىغان بولساممۇ،ھازىر ۋاقتىم بولسىلا كىرىپ تۇرۋاتىمەن :smile:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

فىلىم بۇرۇن ئاقلالە تور بېتىگە يۈكلەنگەچ ھەم ئاقلالە تور بېتىنىڭ مۇلازىمىتىرى مۇقىم بولمىغاچ ئامالسىز ۋاقىتلىق يۇيىۋېتىلدى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.07.17
12:51
43-قەۋەت: «KURT» دەيدۇلەركى :

فىلىم چىقمىدى …. بولسا چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىگەن بولساڭلار … رەھمەت .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.12.24
22:40
44-قەۋەت: «ھۆكۈمران» دەيدۇلەركى :

چىقمىدىغۇ.ئۆچۈرىلدىمۇ يا :cry:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量