بۇ ئەنە شۇنداق ھېكايىلەردىن بىرى، بۇ ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە تاشلىۋىتىلگەن، ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىۋاتقان بىر توپ قەدىرداننىڭ ئازاب سىمفونىيىسى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قەدرىنى قىلمايۋاتقانلارغا چېلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى، فىلىمدە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىدە تۇرىۋاتقان بىر بۆلەك كىشىنىڭ كەچۈرمىشلىرى سۆزلىنىدۇ، قۇياشنى كۆردۈم، نيۇ-يوركتىكى بەش مۇنار قاتارلىق فىلىملىرى بىلەن دۇنيا كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن مەھزۇن قىرمىزىگۈلنىڭ ئۈشبۇ فىلىمى-2007 يىلى قويۇلغان بولۇپ خەلقئارا كىنو فىستىۋالىدا شۇ يىللىق ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم مەھزۇن قىرمىزىگۈلنى شۇ يىللىق ئەڭ ياخشى سىنارىست شەرىپىگە ئېگە قىلغان، ئۇشبۇ فىلىم ئارقىلىق شەرقى ئاناتولىيە قىرغاقلىرىدا ياشاۋاتقان ۋە ياۋرۇپادا كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان زازالارنىڭ زازا تىلى تۇنجى قېتىم ئىكرانغا چىققان
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
فاتىھ ئەركوچ 1953-يىلى 7-ئاپرىل تۈركىيەدە تۇغۇلغان، ئۇ ئۇستىسى بولغان دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلىغان ۋە ئۈچ يېشىدا دادىسى سوۋغا قىلغان بىر ئىسكۇرۇپكا بىلەن مۇزىكا ھاياتىنى باشلىغان، 1986-1989-يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەن «ئالتۇن كەپتەر» ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىلىرىدە «يول بېرىڭلار دوستلار»، «سەن ۋە مەن» ناملىق ناخشىسى بىلەن چىمپىيون بولغان ۋە 1988-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى چىقارغان، ھازىرغا قەدەر كۆپ قېتىم ياۋرۇپا ئەللىرى بويىچە ئۆتكۈزىدىغان ياۋرۇپا رادىئو-تېلېۋىزىيە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىلىرىگە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، قېنى ئەمسە ئۆزى قېرىسىمۇ ئاۋازى قېرىمىغان بۇ ناخشىچىنىڭ «تاڭ شامىلى» ناملىق ناخشىسىغا قۇلاق سالايلى.
تەرجىمە قىلغۇچى :مەلەك
تۈركىيەلىك بىر نەۋرە قېرىنداشلاردىن تەركىب تاپقان «نەۋرىلەر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان قىسقىغىنە 3 يىل ئىچىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نۇرغۇن كونسىرتلاردا ئىلاھى ئىسلامى ناخشا ئېيتىپ كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن ،تۆۋەندە ئۇلارنىڭ «سەنسىز يالغۇزمەن» ناملىق ناخشىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
«2010-يىللىق ياۋرۇپا ناخشا مۇسابىقىسى»دە تۈركىيەگە ۋەكالىتەن قاتنىشىپ چىمپىيونلۇققا ئېرىشكەن تۈركىيە روك مۇزىكا ئەترىتى Manga ئېسىڭلاردىمۇ؟ بۈگۈن تورداشلار ھۇزۇرىغا سۇنغىنىمىز مەزكۇر ئەترەتنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى – «يەنى بىز» (Hani Biz)، ناخشا خۇمارلارغا مەزكۇر ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدۇق، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ WWW.UYGHURBEG.COM
ئانا بىر ئۇلۇغ ئىنسان، شۇنىڭغا ئوخشاش كەلگۈسى ئانىلار بولغان شۇ ئاياللارمۇ ئۇلۇغ ئىنسان، چۈنكى ھەر بىر ئانا بىر ئايالدۇر، ھەر بىر ئايال كەلگۈسىدىكى بىر ئانىدۇر، مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە كەلگۈسى ئەشۇ ئاياللارنىڭ قولىدىدۇر، شۇڭلاشقا ئايالغا قوپاللىق قىلماق، ئايالغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماق، كەمسىتمەك شۈبھىسىزكى بىر ئەيىبتۇر، قېنى ئۇنداقتا ھەممىمىز تۆۋەندىكى سىندىن ئورتاق بەھىرلىنەيلى
تۈركچىدىن تەرجىمىسى : مەلەك
رايونىمىزدا تۈركچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەندىن بېرى كەڭ تورداشلارنىڭ تۈرك تىلىدىكى ھەرخىل فىلىم ۋە ناخشىلارنى ئاڭلاش ھوزۇرلانغاندىن سىرت تىل ئۆگىنىش كەيپىياتىمۇ بارغانسىرى ئەۋج ئالماقتا، تۆۋەندە دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا تۈرك ناخشىچىسى گۆكمەن ئىجراسىدىكى مۇڭ كۈيدىن بىرنى سۇندۇق ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : دىلارا
ئۆتكەندە تورداشلار ھوزۇرىغا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم سەنئەتكارلاردىن تۈزۈلگەن تۈرك خەلق ناخشىلىرىنى ئاساس قىلغان « تەبىئەت ئۈچۈن چال» (Doğa İçin Çal) پروگراممىسىنىڭ ناخشىدىن بىرى بولغان «ئەگرى توقاي بىر يولدىمەن» نى سۇنغانىدۇق، بۇ قېتىم شۇلارنىڭ ئىجراسىدا يەنە بىر مۇڭلۇق ناخشا بولغان «دىۋانە ئاشىق كەبى» نى تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
تەبىئەت ئۈچۈن چال ناملىق ئومۇمى نام بىلەن ئاتالغان ئۈچ ناخشىنىڭ بىرى بولغان بۇ ناخشا «ئورمان» تور بىكىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كەلكۈن، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى، دېڭىز تاشقىنى سەۋەبىدىن قىيا تاشلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق ۋە بىرلىكتە تەبىئەتنى قوغداش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇرتلىرى، ھايات-كەچۈرمىشلىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بۇ قىرىق بەش مۇزىكانت ۋە ناخشىچى تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئەما شائىرى ئاشىق ۋەيسەلنىڭ شېئىرىغا ئىشلەنگەن يۇقىرقى ناخشىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ چىققان، تۆۋەندە ھەممىمىز بۇ ناخشىدىن ئورتاق ھوزۇرلىنايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك