پەرىشتە

Post image of پەرىشتە
سەھىپە: فىلىملەر، كىنو باھا: 36

پەرىشتە

بۇ ئەنە شۇنداق ھېكايىلەردىن بىرى، بۇ ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە تاشلىۋىتىلگەن، ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىۋاتقان بىر توپ قەدىرداننىڭ ئازاب سىمفونىيىسى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قەدرىنى قىلمايۋاتقانلارغا چېلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى، فىلىمدە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىدە تۇرىۋاتقان بىر بۆلەك كىشىنىڭ كەچۈرمىشلىرى سۆزلىنىدۇ، قۇياشنى كۆردۈم، نيۇ-يوركتىكى بەش مۇنار قاتارلىق فىلىملىرى بىلەن دۇنيا كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن مەھزۇن قىرمىزىگۈلنىڭ ئۈشبۇ فىلىمى-2007 يىلى قويۇلغان بولۇپ خەلقئارا كىنو فىستىۋالىدا شۇ يىللىق ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم مەھزۇن قىرمىزىگۈلنى شۇ يىللىق ئەڭ ياخشى سىنارىست شەرىپىگە ئېگە قىلغان، ئۇشبۇ فىلىم ئارقىلىق شەرقى ئاناتولىيە قىرغاقلىرىدا ياشاۋاتقان ۋە ياۋرۇپادا كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان زازالارنىڭ زازا تىلى تۇنجى قېتىم ئېكرانغا چىققان

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، مەنبەدىن يۇيۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

يازما ئاپتورى:

كىرپىكىدە باھار يوشۇرغان قېرى بالىمەن، چۈشلەرنىڭ يامغۇردا ھۆل بولغان گۈللىرىمەن؛ ئاھۇلار ئېتىلغان بىر تاغ چوققىسىمەن، مامكاپلار قۇرىغان كەچكى شەپەقمەن؛ گۈزەل نەرسىلەرگە ئاشىق بولۇپ سىلەرگە يەتكۈزمەك ئۈچۈن يۈگىرەۋاتقان يالاڭئاياغ پوچتىكەشمەن...

2013.01.31 يوللىغۇچى: مەلەك
خەتكۈچ: ، ،

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

36 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2013.02.1
00:23
1-قەۋەت: «بەھرام» دەيدۇلەركى :

ئەمسە كۆگەچ تۇراي :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.1
19:01
2-قەۋەت: «بەھرام» دەيدۇلەركى :

ناھايىتى ياخشى فىلىمكەن ! ئاللاھ قۇلۇڭلارغا دەت بەمىسۇن !!!!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.2
01:21
3-قەۋەت: «خاقان» دەيدۇلەركى :

ئەسسالاموئەلەيكۇم.جوڭگودا يۇتيۇپ ئېچىلمىغاندەك چەتئەلدە يۇكۇ ئېچىلمايدىغان ئوخشايدۇ.باشقا تور بەتلەردەك ئەزا بول.تەڭگە تۆلە دېمەي شۈنداق ياخشى فىلىملەرنى سۇنىۋاتسىلەر رەھمەت.مەلەك قىزدىن سورىسام فىلىم مەندىمۇ تېخى يوق دېدى.بەيدۇ دېسكىسىغا يوللاپ چۈشۈرۈشكە تەمىنلەپ بەرگەن بولساڭلار بەكمۇ خۇش بولغان بولاتتۇق

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

مەن ئىككى كۈن ئەتراپىدا تور ئالدىغا كېلەلمەيمەن، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تور دېسكىسىغا يوللاپ قوياي

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.2
12:40
4-قەۋەت: «مەلەك» دەيدۇلەركى :

شاھ ئۇيغۇر ئاكا ،راست بەيدۇ دېسكىسىغا يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن ،خاپا بولماي ، بىراۋلارغا ئەۋەتىش توغرا كەلسىمۇ خەت ساندۇقىغا بىر بىرلەپ ئەۋەتىپ ئولتۇرمايدىكەنمىز.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئىسيانكار مۇنداق يازغان:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەلەك ھەدە سىزنىڭ تەرجىمىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ كۆرۋاتىمەن .بۇلۇپمۇ ‹سول تەرپىم ئاغرىۋاتىدۇ ئانا› مۇشۇنى نەچچە قىتىم ئاڭلاپ چىققىنىمنىمۇ ئۆزۈممۈ بىلمەيمەن . سىز مىنىڭ تۈرك تىلىغا قىززىقىشىمغا سەۋەب بولغان دىسەممۇ بۇلىدۇ (ئاللاھ خالىسا ئوقۇشۇم تۈگىشىلا تۈرك تىلى ئۆگۈنىشنى باشلايمەن .ياردەم قىلارسىز ھە ؟)
مىنىڭ ‹سول تەرپىم ئاغرىۋاتىدۇ ئانا › شۇ تەرجىمىنىڭ تەگدىكى مۇزىكىسىنى تېپىشىپ بىرەلەر سىزمۇ ؟ مەكتەپتىكى پائالىيەتتە دىكلىماتسىيە قىلىپ باقاي دىگەن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەلەك مۇنداق يازغان:

ۋەئەلەيكم ئەسسالم مۇزىكىنىڭ ئىسمىنى بىلمىسە تاپقىلى بولماسمىكىن.بۇ نەسىرنى مەركىزى خەلق رادىيوسىنىڭ دىكتورى ماھىنۇر روزى دىكلاماتسىيە قىلىپتىكەن.شۇنى ۋە شلار قوللانغان مۇزىكىنى بېرەي.خەت ساندۇق قالدۇرۇڭ.
تىلفۇندا باھا يېزىش بەك تەسكەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئىسيانكار مۇنداق يازغان:

سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئىلخەت ئادىرسىم:isyankar@outlook.com

2013.02.3
12:25
5-قەۋەت: «رۇسلان» دەيدۇلەركى :

مەلەك دېگەن پەرىشتە دىگەن گەپكەن ،بىلىپ قالدىم :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.3
20:04
6-قەۋەت: «ئېلانىم» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ فىلىم بەك ياخشىكەن ، توربېتىمگە ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم، تەلىۋىم بولسا بۇ فىلىمنى كۆپلىگەن توربىكەتلەردە تارقىتىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كۆرسۇن دىگەن ئۈمۈدتە توربېتىمگە چىقاردىم، بولسا مۇشۇنىڭغا بىر رۇخسەت قىلسىڭىز ، ئەگەر رۇخسەت قىلىنمىسا ئۆچۈرۋەتسەممۇ بولىدۇ ، ئاخىرىدا مۇشۇنداق بىر ياخشى فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.4
01:48
7-قەۋەت: «باھارىم» دەيدۇلەركى :

قولڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن . كوپ رەھمەت.مەن بىر فىلىمنى كورۇپ قالدىم بۇ فىلىمنىمۇ تەرجىمە قىلغىلى بولسا كورۇپ باققان بولساق بەك ياخشى بولاتتى

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.4
01:58
8-قەۋەت: «باھارىم» دەيدۇلەركى :

قولڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن . كوپ رەھمەت.مەن بىر فىلىمنى كورۇپ قالدىم بۇ فىلىمنىمۇ تەرجىمە قىلغىلى بولسا كورۇپ باققان بولساق بەك ياخشى بولاتتى

فىلىم نامى«Dalam mihrab cinta» يوۇكۇ دا بار ئىكەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.4
04:01
9-قەۋەت: «باھارىم» دەيدۇلەركى :

بەكمۇ گۇزەل ئىشلەنگەن كىنو ئىكەن. ئولۇپ كەتكەن ئاپام كوز ئالدىمغا كىلىپ بەكلا يىغلاپ كەتتىم .بۇيەردە بەك ئىسىل كىنولارنى تەرجىمە قىلسىلەر. كوپ رەھمەت.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.5
11:23
10-قەۋەت: «گىستاپو» دەيدۇلەركى :

بۇ كىنو ياخشىكەن مەندە بۇ كىنونىڭ 720p لىقى بار.ئۇيغۇرچە خەت ھۆججىتىنى ماڭا تەمىنلەپ بەرسەڭلار ،تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئۈچۈرۋەتمەيمەن يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى نۇسقىسىنى پىرىسلاپ چىقىمەن.سۈزۈڭ ھالەتتە پىرىسلاپ چىقاي.شۇڭا تەكلىپىمنى ئويلىشىپ باقساڭلار.سۈزۈك ھالەتتە كۆرگەننىڭ ھۇزۇرى باشقا…
بۇنى كۈرۈپ مىنى چۈشۈنۈپ بېقىڭلار
http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=44403

مەن پەقەت يۇقىرى ئىنىقلىقتا پىرىسلاپ چىقماقچى.mkv ھالەتتە.
mutelip@163.com
qq:1444196393

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەلەك مۇنداق يازغان:

بەك ياخشى ئويلاپسىز ،شاھ ئۇيغۇر ئەپەندى چوقۇم سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.6
13:10
11-قەۋەت: «ئۆزخان» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، شاھ بىلوگ دىكى قېرىنداشلار، تىنىڭلار سالامەتتۇ؟
بىزمۇ ئىشتىن سىرتقى فىلىم تەرجىمە ھەۋەسكارى بىزمۇ بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ ھازىر تەھرىرلىك ھالىتىگە كەلگەن ئىدۇق، بۈگۈن قارىسام بۇيەردە ئېلان قىلىنىپ بولۇپتۇ، فىلىملەرنى ياخشى تاللايسىلەر جۇمۇ لېكىن.
بوپتۇ، 2 خىل تەرجىمە 2 خىل ئۈنۈم بولۇپ قالار؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەلەك مۇنداق يازغان:

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەزكۇر فىلىم قاتتىق دىسكامدا ساقلىنىپ يۈرگىلى4 يىلدەك بولغان ، ئەمدى تەرجىمە قىلىش نېسىپ بوپتۇ ، تەكرار ئەمگەك بولغان بولسا بۇ ھېچقايسى تەرەپتىكى سەۋەنلىك ئەمەس ، تەرجىمە گۇرۇپپىمىز ھەم بۇنداق ئىشلارغا كۆپ دۇچ كەلدى ،بۇندىن كېيىن ھەر قايسى گۇرۇپپىلار ئارا تەرجىمە قىلىنىۋاتقان فىلىملەرنى ئۆز ئارا ئۇقتۇرۇپ قويسا بولىدىغان ئوخشايدۇ.
جاپا تارتىپسىلەر!كېيىنكى قېتىم كىنو تەرجىمە قىلماقچى بولسام ،ئۆزخان ئىتوتلار قاموسى تورىغا كىرىپ چوقۇم بىر قارىۋىتىمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئۆزخان مۇنداق يازغان:

ھىچقىسى يوق، مەنغۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن تەخەللۇسىڭىزنى ئەسلىگەن ئىدىم.
( لېكىن ئۆزخان ئىتوت قامۇسى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ. )

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.6
21:01
12-قەۋەت: «ئابدۇللا» دەيدۇلەركى :

ھەقىقەتەن ياخشى فىلىمكەن…. :???:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.8
02:55
13-قەۋەت: «جاھانگىر» دەيدۇلەركى :

ئۇزۇن بوپتىكەن ۋاقىت ئاجرىتىپ ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈپ باقمىغىلى،بۈگۈن تۇيۇقسىز شىنلاڭ مىكروبلوگىدا ئۇچرىتىپ قىلىپ ھەممە ئىشلىرىمنى تاشلاپ كۆرۈپ ئىچىگە كېرىپلا كەتتىم.ھەقىقەتەن كۆرۈپ ، ۋەقەلىكلەردىن يۈرىكىمىزنىڭ قات-قاتلىرىغا سىڭدۈرۈشكە،ئىبرەت ئىلىشقا تىگىشلىك،ئۆگىنىشكە تىگىشلىك نۇرغۇنلىغان بىلىملەر بار ئىكەن..
تەرجىمىنى تەييارلىغان مەلەك خانقىزغا ھەمدە بىزلەر بىلەن ئىزچىل نادىر فىلىملەرنى يۈز كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر قىلىپ كىلىۋاتقان شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ھاياجىنىمدىن مەخسۇس ئېلان رەسىمى ئىشلەپ توربېكەتلىرىمگە قويۇپ قويدۇم.بۇ فىلىم اللە خالىسا تېخىمۇ كۆپ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە نىسىپ بولار.
يەنە بىر قېتىم رەھمەت سىلەرگە.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.8
22:12
14-قەۋەت: «ئىلتەبىر» دەيدۇلەركى :

نېمە دىگەن ئېچىنىشلىق،تەسىرلىك فىلىم -بۇ!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.9
20:24
15-قەۋەت: «كارۋان» دەيدۇلەركى :

نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم . مۇشۇ تاپتا كۆزلىرىم نەم ، كىنو دىگەننى زادى كۆرمەيتىم .مۇنداقمۇ ھوزۇر بولدىكەن ،(تەربىيۋى ئەھمىيىتى زور ئىكەن . بۇنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ تۆھپەڭلار ) كۆپ تەشەككۈر .. (تۈرۈكچە رەھمەت)

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.11
19:44
16-قەۋەت: «بىكارلىق» دەيدۇلەركى :

سۇزۇك نۇسخىسىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلاربۇلاتتى ..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.13
05:55
17-قەۋەت: «يولوچې» دەيدۇلەركى :

ئىستانبۇل نى ئۈرۈمچى گە `ئاناتولىيەنى خوتەن گە ئوخشاتتىم. ئاتا تىسى سۆزقىلسا ئوغۇللىرى قولقوشتۇرۇپ تۇرشى ماڭا بەكتەسىرقىلدى.

ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ھەدە!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.14
15:49
18-قەۋەت: «polat1971» دەيدۇلەركى :

باركاللا مەلەك خان قىز !!! ئاللاھ سىزگە كۆپ ئەجىرلەر بەرسۇن !

ئادەتتە كىنو كۆرۇپ بۇنداق تەسىرلىنىپ باقمىغان ئىدىم .قايتا- قايتا 3 قېتىم كۆرۇپتىمەن ،،، ئىچ – ئىچىدىم يىغا ئۆرلەپ كۆزلىرىمدىن ياش توختىمىدى ….

شۇ ھاياجان ئىلكىدە تور بېكىتىمدە ھەم باشقا تور بىكەتلىرىدە تەشۋىق قىلدىم . ئەگەر قىلغىنىم توغرا بولمىغان بولسا ئۆچۇرۋەتسەم بولىدۇ .

يەنە بىر ئىش: مەن فىلىم – سۈرەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللنىۋاتىمەن . مۇمكىن بولسا مۇشۇ فىلىمنىڭ DVD فورماتى بولسا بىر تەمىنلىگەن بولساڭلار …دۇكىنىمدا ماڭا ئىش بۇيرۇتقان خېرىدارلاردا DVD نۇسخىسىنى ھەقسىز بىر يۇرۇشتىن قوشۇپ بېرەيمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن ….

مەقسەت پەقەت بىرلا : بۇ فىلىمنى قانچە كۆپ ئادەم كۆرسە شۇنچە ياخشى !!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.17
20:48
19-قەۋەت: «ۋاپا !» دەيدۇلەركى :

مەزكۇر فىلىمنى چۈشۈرۋالغىم بار ئىدى ،چۈشۈرۈش ئادرىسىنى بەرسەڭلار

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.19
02:23
20-قەۋەت: «تۈرك» دەيدۇلەركى :

ياخشىمۇسىز مەلەك خانقىز، ئاۋال سىزنىڭ مۇشۇندا بىر ياخشى فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ ھوزورىمىزغا سۇنغانلىقىڭىزدىن.ئېنتايىن مەمنۇن بولدۇم . ئەگەر ۋاختىڭىز يەتسە مۇشۇ فىلىمىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز ، ئېلخەت ئادىرسىمنى قالدۇرۇپ قويسام يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بولدۇ، رەخمەت سىزگە.
ئىلخەت ئادىرسىم : 873394080@qq.com

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.19
17:05
21-قەۋەت: «گىستاپو» دەيدۇلەركى :

ئەسسالام يۇرىتداش مەن قارقاشلىق سىز شاھ بىلوگدىكى ئەركان خۇتەنى بۇلامسىز.مەن سىزنى ئىزدەۋاتقىلى خېلى بولدى گەپكە كەلسەم
پەرىشتە دىگەن تۈركىيەنىڭ كىنوسى ياخشىكەن.
مەندە بۇ كىنونىڭ 720p لىقى بار4g لىق نۇسقىسى.ئۇيغۇرچە خەت ھۆججىتىنى ماڭا تەمىنلەپ بىرەلەمسىز ،تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئۈچۈرۋەتمەيمەن يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى نۇسقىسىنى پىرىسلاپ چىقىمەن.سۈزۈڭ ھالەتتە پىرىسلاپ چىقاي.شۇڭا تەكلىپىمنى ئويلىشىپ باقساڭلار.سۈزۈك ھالەتتە كۆرگەننىڭ ھۇزۇرى باشقا…
بۇنى كۈرۈپ مىنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ
http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=44403

مەن پەقەت يۇقىرى ئىنىقلىقتا پىرىسلاپ چىقماقچى.mkv ھالەتتە.
mutelip@163.com
qq:1444196393
13279729499
مەقسەت پەقەت بىرلا : بۇ فىلىمنى قانچە كۆپ ئادەم كۆرسە شۇنچە ياخشى !!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەن بۇ تور بەت مەسئۇلى ش.ئە.ئۇيغۇرى بولىمەن، بۇ فىلىمنىڭ خەت نۇسخىسى ئەركان ئەپەندىمدە يوق، مەلەك قىز تەرجىمە قىلغان، كىرىشتۈرۈش قىسمىنى ئۆزۈم قىلغانىدىم، ئىنكاسىڭىزنى كۆردۈم، ئەمما يېرىم ئايدەك بولۇپ قالدى كومپيۇتېردا مەسىلە كۆرۈلگەچكە ئۆز كومپيۇتېرىمدا تورغا چىقالماي قالدىم، شۇنداقلا فىلىم خەت ھۈججىتىمۇ شۇ كومپيۇتېردا بولغاچ ئىنكاسىڭىزغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ بولالماي قالدىم، قالدى ئىشلارنى ئايرىم پاراڭلىشارمىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.02.26
21:03
22-قەۋەت: «گۈلچىقىز09» دەيدۇلەركى :

يغىلاپ كىتىپتمەن ئىچ ئىچمدىن پەقەتلا ئۈزەمنى تۇتۋالامىدىم .دەرت بەرمىسۇن قىرندىشىم . بەك ياخشى كىنۇلارنى ھەم ناخشىلارنى يۇلايسىلەر بۇ بىلۇگقا.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.03.5
01:42
23-قەۋەت: «trkino» دەيدۇلەركى :

مەخسۇم قىرمىزگۈل ھەقىقەتەن تالانىتلىق تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆككەن شەخىسكەن…مەن باشقا فىلىملىرىنى كۆرمىدىم..لىكىن ياقتۇرۇپ كۆرىۋاتقان قىسىملىق فىلىم ئىچىنىشلىق ھايات.. يەنى ھايات داۋام ئىتىدۇ ناملىق فىلىم…ۋەقەلىكى ھەقىقەتەن تۇرمۇشقا ماسلاشقان.. قول قويماي بولمايدۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.03.17
22:23
24-قەۋەت: «دوغاپ» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇرچە كىنو تەرجىمىسىنى ئىشلەۋاتقان بارلىق قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنى مول مەزمۇنلار بىلەن بىيىتىۋاتقانلىقىڭلارغا كۆپ رەھمەت، ئاللاھ ھەربىر ئىشىڭلارغا ئاسانلىق ۋە كۆپ ئەجىرلەرنى بەرسۇن…. سىلەرنىڭ تەرجىمە قىلغان كىنويىڭلارنى كۆرۈشۈم، ئۆزۈم ھەققىدە ئويلىنىش ۋە كەلگۈسىدىكى يۆنىلىشىمنى بىكىتىشىمگە كۆپ ياردەملەردە بولدى دەپ قارايمەن…. ئاللاھ ھەر بىر ئىشىڭلارغا ئاسانلىق ۋە تۈگىمەس نىھمەتلەرنى ئاتا قىلسۇن….

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.03.19
21:14
25-قەۋەت: «ھىجران» دەيدۇلەركى :

ئاچا نىمىشقا ماڭا بۇرۇن كورسەتمىدىڭ مەن ئەمدى كوردۇم بۇفىلىمنىمەن بەك بەك پ……………………………………….. چۇشەندىڭ ئاچا خەيىر اللاغا ئامانەت تېنىڭ سالامەت بولسۇن :cry:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەلەك مۇنداق يازغان:

شۇ گېپىڭ راست بولسا ئانام بىلەن دادامنى خاپا قىلما،قەلبىمىزدىكى يېڭىدىن تىكلەنگەن ئوبرازىڭغا بولۇمسىز سايىلەرنى تاشلاپ قويما بولامدۇ ئۇكام!
ئىنكاسىڭنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ياش كەلدى.
سېنى قېرىنداش مېھرىم بىلەن قۇچاقلايمەن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.03.20
11:54
26-قەۋەت: «بىرزات» دەيدۇلەركى :

قىرىنداشلارمۇ جەم بولدى مانا :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.03.20
18:34
27-قەۋەت: «ھىجران» دەيدۇلەركى :

بولىدۇ ئاچا دىگىنڭدەك قىلىمەن ئىشلىرىڭ ئۇتۇقلۇق بولسۇن مۇشۇنداق ياخشى كىنوفىلىملەر بولسا مەنمۇ خەۋەرسېز قالماي بۇندېن كىيىن اللاغا ئامانەت

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量