Post Thumbnail of 1001 كەشپىيات ۋە سىرلار كۈتۈپخانىسى
فىلىملەر،كىنو،ھۈججەتلىك فىلىم 2013 15-مارت | زىيارەت:3,907

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ئالدىنقى قېتىم سىلەرگە مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان 1001 كەشپىيات ھۈججەتلىك فىلىمىنى سۇنغانىدۇق، بۇ قېتىم يۈز كۆرۈشىدىغىنىڭلار دۇنيانىڭ بىر قانچە يېرىدە ئېچىلغان 1001 كەشپىيات كۆچمە كۆرگەزمىخانىسىنىڭ تۈركىيەدىكى كۆرگەزمە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە بۇ فىلىمدىن خۇلاسە چىقارغان بۆلۈم بولۇپ، بۇ فىلىمگە يەنە «1001 كەشپىيات ۋە سىرلار كۈتۈپخانىسى» ناملىق خەلقئارادا 15 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مەشھۇر فىلىممۇ قىستۇرۇلغان، ئالدى بىلەن مەزكۇر يۈرۈشلۈك فىلىم تەرجىمىسىنىڭ روياپقا چىقىشىغا كۈچ چىقارغان كۆكلەم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى قېرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز

تەرجىمە قىلغۇچى : ئىليار، ئالتۇن تارىم

Post Thumbnail of 1001 كەشپىيات (تۇلۇق)
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2013 28-فېۋرال | زىيارەت:4,507

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەھلى جامائەت، يېقىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە كۆكلەم تور بېتى تەرجىمە فىلىم تور بېتىدىكى ئەلنۇر024 قاتارلىق دوستلارنىڭ بىر نەچچە ئايدىن بۇيانقى قاتتىق تىرىشچانلىقى ئاستىدا 1001 كەشپىيات ھۆججەتلىك فىلىمىنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىش خىزمىتى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى، رەھمىتى ۋە ياردىمى بىلەن ئاخىرى تۇلۇق تاماملاندى. بۇ يەردە ئۇشبۇ فىلىم تەرجىمىسىنىڭ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىشىگە ياردەمدە بولغان ھەر بىر دوستلىرىمىزغا ئالاھىدە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز، قىسمەن سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ فىلىمنى بلوگىمىزدا ئېلان قىلىش ۋاقتى سەل كېچكىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما تورداشلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بلوگىمىزدا فىلىمنىڭ بىۋاستە كۆرۈش ئادىرىسىنى تەمىن ئەتتۇق، تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز

تەمىنلىگۈچى : قۇيرۇق

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.