Post Thumbnail of دېكابىرغا قايتىش
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 2-نويابىر | زىيارەت:2,716

دېكابىرغا قايتىش دېگەن بۇ مۇڭلۇق ناخشىنى بەزىلەر Taylor Swift نىڭ مەخسۇس داڭلىق ئەر چولپان Taylor Lautner قا ئاتاپ ئېيتقان ناخشىسى دېيىشىدۇ، 2009-يىل ئاخىرىدا بۇ ئىككىسى فىلىم Valentine’s Day دا بىرگە رول ئېلىپ چىققاندىن كېين ئارقىدىنلا ئىككىسىنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىق خەۋىرى تارقىلىدۇ، ئەمما 12-ئايدا ئۇلار ئايرىلىپ كېتىدۇ، Taylor Swift ئۆزىمۇ مەزكۈر ناخشا توغرىسىدا توختالغاندا «بۇ ناخشىنى مەن بىر ئەر كىشىگە سوۋغا قىلىمەن، بىزنىڭ بۇرۇن ناھايىتى گۈزەل كۈنلىرىمىز بولغان، ئەمما مەن ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلالمىدىم» دەيدۇ

تەرجىمە قىلغۇچى : ئاق ئېقىن

Post Thumbnail of مەنسۈپسەن ماڭا
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2011 15-ئاۋغۇست | زىيارەت:4,219

تايلور سىۋېت (Taylor Swift) ئامېرىكا سەھرا كۈيلىرى (Country music) ئۇسلۇبىدىكى ناخشىلار بىلەن داڭق چىقارغان ناخشا چولپىنى، ئۆزى ھەم گىتتار ھەم پىئانىنو قاتارلىق سازلارنىمۇ چالالايدۇ، ئۇ 2006-يىلى مۇستەقىل پىلاستىنكا شىركىتى Big Machine بىلەن توختام تۈزۈپ شۇ يىلدىن باشلاپ ھەقىقى تۈردە ئۆزىنىڭ پىلاستىنكىسىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ ھەم ناخشا پىلاستىنكىسىمۇ ئامېرىكا سەھرا كۈيلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى يىللىق ئەڭ نادىر پىلاستىنكا قاتارلىق ئالىي مۇكاپالارغا ئېرىشىدۇ، تۆۋەندە ئۇنىڭ نادىر كۈيلىرىدىن بىرى بولغان مەنسۈپسەن ماڭا ناملىق ناخىشىسىدىن ھەممىمىز بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى

تەرجىمە قىلغۇچى : سابا

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.