Post Thumbnail of تەشنا ساڭا بۇ كۆزلەر
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 13-ئىيۇل | زىيارەت:2,101

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، ئالدىنقى قېتىم ماھىر زەيىننىڭ «نەدىسەن» ناملىق ناخشىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغاندا، تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە ئاز-تولا مەلۇمات بەرگەنىدۇق، ئەنە شۇ مۇسابىقىنىڭ «نەشىد بۆلىكى» قىسمىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ماھىرلار بىرلىكتە تولىمۇ گۈزەل نەشىدلەرنى ئېيتىپتۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئانا تىلى تۈركچە بولمىسىمۇ يەنىلا ۋايىغا يەتكۈزۈپ چىرايلىق ئوقۇپتۇ، تۆۋەندە شۇ ناخشىلاردىن ئىككى شىڭگىل ئاڭلىغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

Post Thumbnail of چاناق قەلئە ئۈچۈن چال
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 23-ماي | زىيارەت:2,753

بۇرۇن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سەنئەتكارلار بىرلىشىپ ئېيتقان تەبىئەت ئۈچۈن چال يۈرۈشلۈك ناخشىلىرىنى ئۇيغۇربەگ بىلەن تەڭ پۈتتۈرۈپ تۈگەتكەنىدۇق، بۇ يۈرۈشلۈك ناخشىلار ئىچىدىكى «كۈندۈز كېچە» ناملىق ناخشا ھەممىدىن بەكرەك ئالقىشقا ئېرىشكەنىدى، بۇ قېتىم بۇ ئەترەتتىكىلەر تۈركىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشى زامانىسىدا غەلىبە نۇسرىتىنى چالغان ھالقىلىق جاي چاناققەلئە ئۈچۈنمۇ بىر ئەسەر ئىجاد قىلىپتۇ، قېنى ئەمىسە دىققىتىڭلار ئۇلارنىڭ بۇ ئىجادىيىتىدە بولسۇن….

تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ(www.uyghurbeg.cn) ، مەلەك

Post Thumbnail of قېنى سۆزلە
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 8-ماي | زىيارەت:2,060

تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يېقىندا ھەتتا كومپيۇتېرنى ئېچىشقىمۇ ۋاقىت چىقمايدىغان بولۇپ قالدى دېسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي كۆچكەندىن بېرى بۇ يېڭى ئۆيدىكى تور سۈرئىتىنىڭ قۇلۇلىدىنمۇ ئاستىلىقى مېنى تور دۇنياسىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرغىلى تۇردى، نەچچە كۈندىن بېرى تور بەتنى داۋاملىق ماڭدۇرۇش كېرەكمۇ ياكى ئەمدى ئارام ئېلىش كېرەكمۇ دېگەن خىياللارمۇ كاللامدا پېرقىراپلا يۈرمەكتە، خوش، قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي، ئاران بىر تورغا چىققاندا قۇرۇق كەلمەي تۆۋەندىكى ناخشىنى بولسىمۇ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغاچ تۇراي

تەرجىمە قىلغۇچى : نالەن

Post Thumbnail of گېسى باغلىرى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 26-نويابىر | زىيارەت:3,195

تەبىئەت ئۈچۈن چال ناملىق ئۇمۇمى نام بىلەن ئاتالغان تۈركىيەلىك بىر قىسىم سەنئەتكارلارنىڭ «ئەگرى توقاي بىر يولدىمەن»، «دىۋانە ئاشىق كەبى» قاتارلىق بىر قانچە ناخشىلىرىنىڭ تەرجىمىسى بلوگىمىز ئارقىلىق كەڭ تورداشلارغا سۇنۇلغاندىن بېرى تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەنىدى، بۇلارنىڭ ئۈچىنچى ناخشىسى «گېسى باغلىرىدا»مۇ خېلى يامان ئەمەس ئورۇنلىنىپتۇ، قېنى ئۇنداقتا بىرلىكتە بۇ كۈيدىن بەھىرلىنەيلى

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

Post Thumbnail of تاڭ شامىلى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 17-ئۆكتەبىر | زىيارەت:2,871

فاتىھ ئەركوچ 1953-يىلى 7-ئاپرىل تۈركىيەدە تۇغۇلغان، ئۇ ئۇستىسى بولغان دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلىغان ۋە ئۈچ يېشىدا دادىسى سوۋغا قىلغان بىر ئىسكۇرۇپكا بىلەن مۇزىكا ھاياتىنى باشلىغان، 1986-1989-يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەن «ئالتۇن كەپتەر» ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىلىرىدە «يول بېرىڭلار دوستلار»، «سەن ۋە مەن» ناملىق ناخشىسى بىلەن چىمپىيون بولغان ۋە 1988-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى چىقارغان، ھازىرغا قەدەر كۆپ قېتىم ياۋرۇپا ئەللىرى بويىچە ئۆتكۈزىدىغان ياۋرۇپا رادىئو-تېلېۋىزىيە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىلىرىگە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، قېنى ئەمسە ئۆزى قېرىسىمۇ ئاۋازى قېرىمىغان بۇ ناخشىچىنىڭ «تاڭ شامىلى» ناملىق ناخشىسىغا قۇلاق سالايلى.

تەرجىمە قىلغۇچى :مەلەك

Post Thumbnail of سەنسىز يالغۇزمەن
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 24-سېنتەبىر | زىيارەت:4,204

تۈركىيەلىك بىر نەۋرە قېرىنداشلاردىن تەركىب تاپقان «نەۋرىلەر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان قىسقىغىنە 3 يىل ئىچىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نۇرغۇن كونسىرتلاردا ئىلاھى ئىسلامى ناخشا ئېيتىپ كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن ،تۆۋەندە ئۇلارنىڭ «سەنسىز يالغۇزمەن» ناملىق ناخشىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

Post Thumbnail of بۇرۇن بىز
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 13-ئاۋغۇست | زىيارەت:3,386

«2010-يىللىق ياۋرۇپا ناخشا مۇسابىقىسى»دە تۈركىيەگە ۋەكالىتەن قاتنىشىپ چىمپىيونلۇققا ئېرىشكەن تۈركىيە روك مۇزىكا ئەترىتى Manga ئېسىڭلاردىمۇ؟ بۈگۈن تورداشلار ھۇزۇرىغا سۇنغىنىمىز مەزكۇر ئەترەتنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى – «يەنى بىز» (Hani Biz)، ناخشا خۇمارلارغا مەزكۇر ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدۇق، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ WWW.UYGHURBEG.COM

Post Thumbnail of دادا، ئانامغا ياخشى قارا
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 10-ئاۋغۇست | زىيارەت:4,476

ئانا بىر ئۇلۇغ ئىنسان، شۇنىڭغا ئوخشاش كەلگۈسى ئانىلار بولغان شۇ ئاياللارمۇ ئۇلۇغ ئىنسان، چۈنكى ھەر بىر ئانا بىر ئايالدۇر، ھەر بىر ئايال كەلگۈسىدىكى بىر ئانىدۇر، مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە كەلگۈسى ئەشۇ ئاياللارنىڭ قولىدىدۇر، شۇڭلاشقا ئايالغا قوپاللىق قىلماق، ئايالغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماق، كەمسىتمەك شۈبھىسىزكى بىر ئەيىبتۇر، قېنى ئۇنداقتا ھەممىمىز تۆۋەندىكى سىندىن ئورتاق بەھىرلىنەيلى

تۈركچىدىن تەرجىمىسى : مەلەك

Post Thumbnail of ھەسرەت ناخشىسى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 15-ئىيۇل | زىيارەت:3,969

رايونىمىزدا تۈركچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەندىن بېرى كەڭ تورداشلارنىڭ تۈرك تىلىدىكى ھەرخىل فىلىم ۋە ناخشىلارنى ئاڭلاش ھوزۇرلانغاندىن سىرت تىل ئۆگىنىش كەيپىياتىمۇ بارغانسىرى ئەۋج ئالماقتا، تۆۋەندە دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا تۈرك ناخشىچىسى گۆكمەن ئىجراسىدىكى مۇڭ كۈيدىن بىرنى سۇندۇق ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : دىلارا

Post Thumbnail of دىۋانە ئاشىق كەبى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 2-ئىيۇن | زىيارەت:3,968

ئۆتكەندە تورداشلار ھوزۇرىغا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم سەنئەتكارلاردىن تۈزۈلگەن تۈرك خەلق ناخشىلىرىنى ئاساس قىلغان « تەبىئەت ئۈچۈن چال» (Doğa İçin Çal) پروگراممىسىنىڭ ناخشىدىن بىرى بولغان «ئەگرى توقاي بىر يولدىمەن» نى سۇنغانىدۇق، بۇ قېتىم شۇلارنىڭ ئىجراسىدا يەنە بىر مۇڭلۇق ناخشا بولغان «دىۋانە ئاشىق كەبى» نى تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net

Post Thumbnail of ئەگرى-توقاي بىر يولدىمەن
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 3-ماي | زىيارەت:8,859

تەبىئەت ئۈچۈن چال ناملىق ئومۇمى نام بىلەن ئاتالغان ئۈچ ناخشىنىڭ بىرى بولغان بۇ ناخشا «ئورمان» تور بىكىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كەلكۈن، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى، دېڭىز تاشقىنى سەۋەبىدىن قىيا تاشلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق ۋە بىرلىكتە تەبىئەتنى قوغداش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇرتلىرى، ھايات-كەچۈرمىشلىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بۇ قىرىق بەش مۇزىكانت ۋە ناخشىچى تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئەما شائىرى ئاشىق ۋەيسەلنىڭ شېئىرىغا ئىشلەنگەن يۇقىرقى ناخشىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ چىققان، تۆۋەندە ھەممىمىز بۇ ناخشىدىن ئورتاق ھوزۇرلىنايلى

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

Post Thumbnail of سەجدىدىن غەيرى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2011 18-دېكابىر | زىيارەت:8,735

يىل ئاخىرى بولغاچ تۇرمۇش ۋە خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە دوستلارغا بىرەر تەرجىمە فىلىم تەييارلاپ بەرمەكچى بولساممۇ ئەمما يەنىلا ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن بلوگقا قارايدىغان تۈزۈكرەك ۋاقىتمۇ ئاجرىتالمىدىم، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىگە مەنىۋى ئۇزۇق ئىزدەپ كىرگەن بلوگ كۆرۈرمەنلىرىنى قۇرۇق ياندۇرۇپ قويۇشنى پەقەتلا خالىمىدىم، شۇڭلاشقا ھازىرچە تۆۋەندىكى تۈرك ناخشىچىسىنىڭ تۆۋەندىكى مۇڭلۇق ناخشىسىنى كەڭ دوستلارغا سۇندۇم

تەرجىمە قىلغۇچى : دىلارا

Post Thumbnail of رامىزان خوجىسى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2011 31-ئىيۇل | زىيارەت:8,449

كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇتلۇق ئېيى بولغان رامىزان ئېيىمۇ يېتىپ كەلدى، رامىزان ئېيىنىڭ يىتىپ كېلىشى ئاللاھنىڭ مۇسۇلمان بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان كاتتا نېمەتلىرىنىڭ بىرى، چۈنكى رامىزان ئېيى جەننەتنىڭ ئېشىكى ئېچىلىدىغان، دوزاخنىڭ ئېشىكى تاقىلىدىغان ياخشىلىق كۆپ بولىدىغان پەسىلنىڭ بىرى، تۆۋەندە بلوگىمىز رامىزان ئېيىغا ئاتاپ ئېيتىلغان «رامىزان خوجىسى» ناملىق كۈينى كەڭ تورداشلارغا سۇنماقچى، ياقتۇرغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.