بلوگىمىزدا تۈركىيەلىك داڭلىق شائىر، دىكتور بەدىرخان گۆكچەنىڭ «دادا ،ئانامغا ياخشى قارا»، «ئېسىڭدىمۇ»، «سول تەرىپىم ئاغرىۋاتىدۇ ئانا» قاتارلىق شېئىرلىرىنىڭ تەرجىمىلىرىنى ئىلان قىلغانىدۇق. تۆۋەندە مەۋلۇت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىسلام تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان «بۇلاق تېلېۋىزىيەسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرغان زىيارەت فىلىمىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى داڭلىق شائىر بەدىرخان ۋە مۇخبىر شۇنداقلا بۇ يىللىق مەۋلۇتنىڭ تونۇشتۇرۇش فىلىمىنىڭ سىنارىستى ئەھمەت تاش گەتىرەن ئەپەندى بۇ ھەقتە نېمە دەيدىكىن …
تەرجىمە قىلغۇچى : جانپولات (ئوكيان تورىدىن)، نالەن
ئىنساننىڭ ئىززەت-ئابرويى ۋە غورۇرى بىلەن ئوينىشىشقا بولمايدۇ، جانابىي ھەق سۇبھانەۋەتەئالا ھەر بىر ئىنساننى ئىززەت-ئابرويلۇق قىلىپ ياراتتى، ئاللاھ ياراتقان، شەرەپلەندۈرگەن نەرسىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئۇنى دەپسەندە قىلىش قۇلغا قانداقمۇ ياراشسۇن؟ ئاللاھۇتەئەلا ئۆزىنىڭ مۇبارەك سۆزى بولغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ سۈرە ئىسرا 70-ئايىتىدە « شەك -شۈبھىسىزكى بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق» دېگەن، قېنى ئەمسە دىققىتىڭىز 2013-يىللىق مەۋلۇتنىڭ باش تېما فىلىمى «پەيغەمبىرىمىز ۋە ئىنسان ھۆرمىتى» دە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك، ئايتۈرك
مەزكۇر شېئىر تۈركىيەلىك داڭلىق شائىر ئەردەم بەيازىتنىڭ «ساڭا، ماڭا ۋە دۆلىتىمدىكى ئىنسانلاردا دائىر» ناملىق شېئىرى بولۇپ، قىسقارتىپ «بىزلەرگە دائىر» دەپ ئالدۇق، مەزكۇر شېئىرنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەپەندى، مەرھۇم ئانىسى تەنزىلە خانىمغا ئاتاپ ئوقۇپ بەرگەن بولۇپ، تەنزىلە خانىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، يەنى 2011-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن ئاخپارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن كىرىشتۈرۈلگەن .
تەرجىمە قىلغۇچىلار : مەلەك ، نالەن
بۇ ئەنە شۇنداق ھېكايىلەردىن بىرى، بۇ ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە تاشلىۋىتىلگەن، ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىۋاتقان بىر توپ قەدىرداننىڭ ئازاب سىمفونىيىسى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قەدرىنى قىلمايۋاتقانلارغا چېلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى، فىلىمدە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىدە تۇرىۋاتقان بىر بۆلەك كىشىنىڭ كەچۈرمىشلىرى سۆزلىنىدۇ، قۇياشنى كۆردۈم، نيۇ-يوركتىكى بەش مۇنار قاتارلىق فىلىملىرى بىلەن دۇنيا كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن مەھزۇن قىرمىزىگۈلنىڭ ئۈشبۇ فىلىمى-2007 يىلى قويۇلغان بولۇپ خەلقئارا كىنو فىستىۋالىدا شۇ يىللىق ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم مەھزۇن قىرمىزىگۈلنى شۇ يىللىق ئەڭ ياخشى سىنارىست شەرىپىگە ئېگە قىلغان، ئۇشبۇ فىلىم ئارقىلىق شەرقى ئاناتولىيە قىرغاقلىرىدا ياشاۋاتقان ۋە ياۋرۇپادا كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان زازالارنىڭ زازا تىلى تۇنجى قېتىم ئىكرانغا چىققان
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك