Post Thumbnail of ئوبامانىڭ 2010-يىللىق رامىزانلىق نۇتۇقى
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2013 5-ئاۋغۇست | زىيارەت:3,236

ئۆتكەندە توردا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئوبانىڭ دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزانىنى تەبرىكلىگەن تەبرىكنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىق توغرىسىدا خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن بېرى ئوبامانىڭ شۇ قېتىملىق نۇتۇقىنىڭ سىن ھۈججىتىنى ئىزدەپ يۈرگەنىدىم، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئوبامانىڭ 2010-يىللىق رامىزانلىق نۇتۇقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم شۇنداقلا توردىشىمىز جەمشىتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنىڭ سىن ھۈججىتىنى تېپىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ كىرىشتۈرۈپ قويدۇم، تۆۋەندە نەزىرىڭلار ئۇشبۇ رامىزانلىق نۇتۇقتا بولغاي

تەرجىمە قىلغۇچى : ئامېرىكا پارلامېنتى خەلقئارا ئۇچۇر ئىدارىسى

Post Thumbnail of ئۆتۈكلۈك مۈشۈك
ئاتلان فىلىملىرى،تەرجىمە كارتون،فىلىملەر 2013 28-ئاپرېل | زىيارەت:3,706

ئۆتۈك كىيگەن مۈشۈك دېگەن بۇ ئىسىم بەلكىم دوستلارغا ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك، يېقىندا ھەتتا ئۇنىڭ كارتون فىلىمىمۇ ئېلان قىلىنىپ بولدى، تۆۋەندە كۆرىدىغىنىڭىز ئۇنىڭ قىسقا 13 مىنۇتلۇق فىلىمى بولۇپ بۇ كىچىك قەھرىمان بۇ قىسقا سەپىرىدە يەنە قانداق مۈشكۈلاتلارغا يۇلۇقىدۇ؟ نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى كارتون فىلىمدە بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : Lucky boy

Post Thumbnail of ئوبامانىڭ ئىككىنچى قېتىملىق غەلىبە نۇتۇقى
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2012 16-نويابىر | زىيارەت:4,977

تۆت يىرىم يىل بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت، دۇنيادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت ئامېرىكىغا بىر قارا تەنلىكنىڭ ئوغلى پرېزىدېنت بولۇشقا بەل باغلىغان ۋە غەلىبە قازانغاندا، ئامېرىكا قانۇنى ۋە ئامېرىكا قىممەت قارىشى مەۋجۇت رىئاللىقتىن چارچىغان ياشلىرىمىزغا دۇنيانىڭ بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان بوشلۇقلىرىنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى، مانا بۈگۈن يەنە شۇ دېموكراتىيەنى قۇۋۋەتلىگۈچى ئاساسى قانۇننىڭ كۈچى بىلەن تۇنجى قارا تەنلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى كۈچلۈك رەقىبى ھېسابلانغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى نامزاتى رومنىينى يېڭىپ يەنە بىر قېتىملىق غەلىبە نۇتۇقى سۆزلىدى، ئۇنداقتا ئەمدى ھەممەيلەن ئۇنىڭ نۇتىقىنى بىرلىكتە ئاڭلاپ ئۆتەيلى

تەرجىمە قىلغۇچى : تاھىر ئىمىن

Post Thumbnail of رومنىينىڭ تەن بېرىش نۇتۇقى
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2012 11-نويابىر | زىيارەت:3,031

بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق پرېزىدېنت سايلام رىقابىتى ئاخىرى دېموكراتىك پارتىيە نامزاتى شۇنداقلا ئۆتكەن توت يىلدا پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان باراك ئوباما يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئامېرىكىنى كېيىنكى قېتىملىق پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى رومنىي گەرچە بۇ قېتىملىق سايلامدا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ئەمما ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدىرەتلىك بىر ئەلدىكى، ئەڭ نوپوزلۇق پارتىيەنىڭ نامزاتى بولمىش رومنىينىمۇ ئېتراپ قىلماي بولمايدۇ، ئۇنداقتا ھەممىمىز بىرلىكتە تاھىر ئىمىن تەرجىمىسىدىكى رومنىينىڭ تەن بېرىش نۇتىقىنىمۇ بىرلىكتە ئاڭلاپ ئۆتەيلى

ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمىسى : تاھىر ئىمىن

Post Thumbnail of لەگلەك قوغلىغۇچى بالا
فىلىملەر،كىنو 2012 15-سېنتەبىر | زىيارەت:7,518

ئامىر قورقۇنچاق بولغاچ دادىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، شۇ سەۋەپ بىر قېتىملىق لەگلەك ئۇچۇرۇش مۇسابىقىسىدە يېڭىپ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا چۈشكەن لەگلەكنى قوغلاپ تۇتۇپ دادىسىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەسەننىڭ بەچچىۋازلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىشىغا قاراپ تۇرىدۇ، ھەسەننى كۈندە كۆرۈپ تۇرۇپ ۋىجدان ئازابى كۈچىيىپ كەتكەچ ئۇنى ئوغرى تۇتۇپ ئۆيدىن كېتىشكە مەجبۇرلايدۇ، كېيىن رۇسلار ئافغانىستاننى بېسىۋالغاندا دادىسى بىلەن ئامېرىكىغا قېچىپ كېتىدۇ ۋە بىر قېتىملىق تېلېفون بىلەن ئۆزى تاشلاپ كەتكىلى نەچچە ئون يىل بولغان شۇ يۇرتىغا كېلىپ ئۆزى بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ ئافغانىستانغا نېمە ئۈچۈن قايتىدۇ؟ ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يەنە قانداق سىرلار بار، بۇنىڭغا قىززىقساڭلار دىققىتىڭلار بلوگىمىز تەرجىمىسىدىكى تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

Post Thumbnail of ئاپاچ ناملىق ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2011 24-دېكابىر | زىيارەت:9,185

بەلكىم تورداشلارغا «ئاپاچ» دېگەن بۇ ئىسىىم قىلچە ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك، توغرا، بۇ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئىلغار، سۈرئىتى ئەڭ تېز، ھەركىتى ئەڭ مەخپىي ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ بىرى شۇنداقلا تاقابىل تۇرۇش ئەڭ تەس بولغان كۆپ ئىقتىدارلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان، بەلكىم ھەممىمىز بۇنداق ئىلغار ئۇرۇش قۇرالىنى چوقۇم ئەڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا كەلتۈرگەن دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن، راستىنلا شۇنداقمىدۇ؟ مېنىڭچە ھەممىمىز تۆۋەندىكى مەخسۇس فىلىم ئارقىلىق بۇ «بوشلۇق شاھزادىسى» نىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى بىرگە كۆرۈپ ئۆتەيلى

تەرجىمە قىلغۇچى : نەپرەت (ئوكيان تورىدىن)

Post Thumbnail of شىمالى ئامېرىكا «ئىسلام روھىنى گۈللەندۈرۈش» يىغىنى
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2011 7-نويابىر | زىيارەت:13,787

2003-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق شىمالى ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا بارلىق مۇسۇلمان ئىلىم ئەھلىلىرىنى يىغىپ «ئىسلام روھىنى گۈللەندۈرۈش» نامىدا خەلقئارالىق يىغىن ئېچىپ كەلدى، نىشانى شۇكى غەرپ دۇنياسىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ شۇ ياشاۋاتقان مۇھىتىغا ماسلىشىش، شۇ مۇھىتقا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇش ۋە ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نۆۋەتتە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدىغىنىمىز مەزكۈر يىغىننىڭ 2010-يىلى كانادانىڭ تورۇنتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جىددى مۇراجىئەت : ئىنسانىيەت كېمىسىنى قۇتقۇزۇش» تېمىسىدىكى يىغىندىن ئۈزۈندە

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of Steve Jobs نىڭ ستەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2011 11-سېنتەبىر | زىيارەت:6,253

Steve Jobs كومپيۇتېر پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ باشچىلىرىدىن بىرى،Apple شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھاياتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەقىقەتەنمۇ بىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولالايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇ قۇرۇق قولغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ ئۈلگىسى، تۆۋەندە تەدبىركارنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ سىتەنفورد(Stanford) ئۇنىۋېرسىتېتى 2005-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتۇقىنى كەڭ تورداشلارنىڭ بەھىرلىنىشى ھەم پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇق

تەرجىمە قىلغۇچى : تەدبىركارWWW.TORHUMAR.COM

Post Thumbnail of ئوبامانىڭ ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن نۇتۇقى
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2011 27-فېۋرال | زىيارەت:8,163

قىسقا بولغان قىشلىق تەتىلمۇ ئاخىرلىشىپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار يېڭى بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە، ھەم قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلاپمۇ بولدى، بۇ مەۋسۈم نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار ئالاھىدە مەۋسۈم بولۇپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش ۋە شۇنداقلا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش دېگەندەك نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈپ ياتماقتا، ئەسلىدىغۇ ئۆزۈم بىر نۇتۇق سۆزلەپ كەڭ ئوقۇغۇچى بالىلارغا بىر قېتىملىق مەدەت بېرىپ قوياي دېگەنىدىم، ئەمما ماۋۇ باراك ئوباما دېگەن ئاداش مەندىنمۇ ياخشى سۆزلىگەچكە قۇرۇق پاراڭ سالماي دەپ شۇنىڭ نۇتۇقىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، ئاخىرىدا شاھ ئۇيغۇر بلوگى نامىدىن بارلىق ئوقۇغۇچى دوستلارنىڭ يېڭى مەۋسۈمدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

تەرجىمە قىلغۇچى : كارو www.dozah.com

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.