مىنيەلىك ئابدۇللاھ ناملىق بۇ فىلىمدىكى ۋەقەلەر ئەنگلىيە ئىشغالىيىتى دەۋرىدىكى مىسىردا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاددى بىر مىسىر پۇقراسىنىڭ شۇ دەۋردىكى ئۆزگىرىشچان سىياسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىش خەۋپى ئاستىدىمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكى، نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى ئەستىن چىقارماي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ساۋاب ئىش قىلىپ ئاخىرى ئۆزىنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتەك تەسىرلىك ۋەقە بايان قىلىنىدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى : باشباقان
كرۇدس جەمەتى ناملىق كارتون فىلىم ئاساسلىق گرۇگ (ئاۋازدا : نىكۇلاس كەيجى) ئائىلىسىنىڭ ئىپتىدائىي تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۆڭكۈردە ياشاپ كۈنۈپ كەتكەن بىر ئائىلە كىشلىرى قاتتىق بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن يېڭى ماكان تېپىش جەريانىدا گاي ئىسىملىك كەلگۈسىگە ئۇمىد بىلەن قارايدىغان بىرسى بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تېخىمۇ قىزىقارلىق سەرگۈزەشتىسى باشلىنىدۇ، مەزكۈر فىلىمنىڭ 480p سۈزۈك نۇسخىسى دوستلارغا ھەقسىز تەمىنلەندى، ياقتۇرۇپ كۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بۇ يىل 4-ئاي ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى ئاشىق2 كىنوخانىلاردا قويۇلۇشى بىلەنلا ھىندىستان كىنو ساھەسىدە ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن بولۇپ فىلىم مەزمۇنىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە كىرىشتۈرۈلگەن ناخشىلىرىنىڭ مۇڭلۇقلىقى بىلەن ھەتتا باشقا دۆلەتتىكى كىنو ھەۋەسكارلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلدى، تۆۋەندە بلوگىمىز مەزكۈر فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كەڭ كىنو ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى، دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ياپونىيە كارتون فىلىمى «رازۋېتچىك كونان» ياپونىيە داڭلىق ھەجۋى رەسىمچىسى ئائوياما گوشونىڭ داڭلىق ئەسىرى بولۇپ، 1994-يىلى پۈتتۈرۈلگەن بولۇپ، 1996-يىلى تۇنجى تېلېۋىزىيە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى، 1997-يىلى راسمى تىياتىر نەشىرى ئېلان قىلىندى، فىلىم ئىشلىنىپ تاكى ھازىرغىچە ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە ياشلار ئارىسىدا كونان قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ باقمىدى، تۆۋەندە دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا رازۋېتچىك كوناننىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولغان «ۋەھىمە نۇتىسى» نى سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى www.islambeg.com
مەزكۈر فىلىم 2012-يىللىق ئوسكار كىنو فىستۇۋالىدا ھىندىستانغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم بولۇپ باھالانغان، فىلىمدە 1970-يىللاردىكى ھىندىستان تەسۋىرلەنگەن بولۇپ تىل ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىز بارفىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى سىزنى بىردەم كۈلدۈرسە بىردەم كىشىلىك ھايات توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلارغا سالىدۇ، ئۇنداقتا ھەممىمىز بۇ نادىر فىلىمدىن تەڭ ھوزۇرلىنايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز
ھىندىستان داڭلىق كىنو چولپىنى ئامىرخاننىڭ مەزكۈر فىلىمى 2012-يىلدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كىنولارنىڭ بىرى بولۇپ فىلىم داڭلىق كىنو چولپىنى ئارمان كاپور ئولتۇرغان ئېسىل ماشىنىنىڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىشى بىلەن باشلىنىدۇ، ساقچى باشلىقى يىپ ئۇچى بولمىغان بۇ دىلونى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماقچى بولىدۇ ھەمدە بۇ جەرياندە ئۆزى ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن ئىشلارغا يۇلۇقىدۇ، ئۇنداقتا بۇ دىلو ئاخىرى پاش قىلىنالامدۇ يوق؟ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
فىلىم ئىسرائىلىيە پەلەستىننى ئىشغال قىلىۋالغان ۋاقىتىكى پەلەستىن ۋەزىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، فىلىمدە ئىسرائىلىيە قوماندانى ئۆزىنىڭ تۇغما ئاجىز، ھەم قارىغۇ ئوغلى ئۈچۈن، پەلەستىندىكى بالىلاردىن ماس كېلىدىغان كۆز ئىزدەيدۇ، ۋە ئاقكۆڭۈل پەلەستىن خەلقىنى ئالداپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن، يېشىل كۆزلۈك ئوماق قىز زاھرانىڭ كۆزىنى تاللاپ ئۇنى كۆزۈڭنى داۋالايمىز دەپ ئېلىپ كېتىدۇ، بۇ جەرياندا زاھرانىڭ بوۋىسى ۋە تاغىلىرى زاھرانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ، فىلىمدە قىز قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتەلەمدۇ، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ، بۇنىڭغا قىززىقسىڭىز ”باشباقان“ قېرىندىشىمىز تەرجىمە قىلغان ئىران ھېكايە فىلىمى «پەلەستىنلىك زەھرانىڭ كۆزلىرى » ناملىق فىلىمدە بولسۇن.
تەرجىمە قىلغۇچى :باشباقان
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ئالدىنقى قېتىم سىلەرگە مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان 1001 كەشپىيات ھۈججەتلىك فىلىمىنى سۇنغانىدۇق، بۇ قېتىم يۈز كۆرۈشىدىغىنىڭلار دۇنيانىڭ بىر قانچە يېرىدە ئېچىلغان 1001 كەشپىيات كۆچمە كۆرگەزمىخانىسىنىڭ تۈركىيەدىكى كۆرگەزمە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە بۇ فىلىمدىن خۇلاسە چىقارغان بۆلۈم بولۇپ، بۇ فىلىمگە يەنە «1001 كەشپىيات ۋە سىرلار كۈتۈپخانىسى» ناملىق خەلقئارادا 15 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مەشھۇر فىلىممۇ قىستۇرۇلغان، ئالدى بىلەن مەزكۇر يۈرۈشلۈك فىلىم تەرجىمىسىنىڭ روياپقا چىقىشىغا كۈچ چىقارغان كۆكلەم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى قېرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئىليار، ئالتۇن تارىم
2012-يىلى ھىندىستان كىنو ساھەسىدىكى داڭلىق رېژىسسور ياش چوپرانىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نەمۇنىلىك ئەسىرى «جېنىم تىنىمدا بولسىلا» ناملىق كىنوسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كىنو ساھەسى بىلەن خوشلاشتى، بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن ھىندىستان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاز بولمىغان ياخشى باھالارغا ئېرىشتى، ئۇنداقتا ھەممەيلەن داڭلىق رېژىسسور ياش چوپرانىڭ بۇ ئاخىرقى فىلىمىدىن ئورتاق ھوزۇرلىنايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بۇ ئەنە شۇنداق ھېكايىلەردىن بىرى، بۇ ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە تاشلىۋىتىلگەن، ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىۋاتقان بىر توپ قەدىرداننىڭ ئازاب سىمفونىيىسى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قەدرىنى قىلمايۋاتقانلارغا چېلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى، فىلىمدە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىدە تۇرىۋاتقان بىر بۆلەك كىشىنىڭ كەچۈرمىشلىرى سۆزلىنىدۇ، قۇياشنى كۆردۈم، نيۇ-يوركتىكى بەش مۇنار قاتارلىق فىلىملىرى بىلەن دۇنيا كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن مەھزۇن قىرمىزىگۈلنىڭ ئۈشبۇ فىلىمى-2007 يىلى قويۇلغان بولۇپ خەلقئارا كىنو فىستىۋالىدا شۇ يىللىق ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم مەھزۇن قىرمىزىگۈلنى شۇ يىللىق ئەڭ ياخشى سىنارىست شەرىپىگە ئېگە قىلغان، ئۇشبۇ فىلىم ئارقىلىق شەرقى ئاناتولىيە قىرغاقلىرىدا ياشاۋاتقان ۋە ياۋرۇپادا كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان زازالارنىڭ زازا تىلى تۇنجى قېتىم ئىكرانغا چىققان
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەر ئۇرۇش قاينىمىغا چۆككەنىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 200 يىلدىن بېرى ئىزچىل ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ كونتروللىقىدا تۇرغان ئوتتۇرا شەرقمۇ ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلانغانىدى، رەھىمسىز ئۇرۇش ئوتى قازاق يايلاقلىرىغىمۇ تۇتاشقانىدى، ئىلگىرىكى قۇدرەتلىك قازاق خانلىقىنىڭ پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىدىن پايدىلانغان جۇڭغارلار قازاق يايلاقلىرىغا بېسىپ كىردى، جۇڭغارلارنىڭ ئايىقى تەگكەنلىكى جايلاردا دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقلار ئۈزۈلمىدى
تەرجىمىسىگە ئىشلىگۈچىلەر : ش.ئە.ئۇيغۇرى، نەمەتجان، تاڭجارىخ (قازاق)، ئەسقەت(قازاق)
يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە داۋالغۇش ۋە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە يۈرىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى بولۇپمۇ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى پۈتكۈل دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىدۇر، بەلكىم تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدىن ھەممىمىز بۇ رايوننىڭ تۇراقسىز ۋەزىيىتىدىن ئاز تولا خەۋەردار بولۇپ تۇرىۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلەپ ئولتۇرۇش بىزگە بىجاجەت، نەزىرىمىز يەنىلا تۆۋەندىكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشلەنگەن ئۇشبۇ رايوننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى ناھايىتى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىران ھېكايە فىلىمى «ئامان قالغۇچى» دا بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : سىياۋۇش ئۇدۇنى
فىلىمدە باش پىرسۇناژ سەردار بىر روس قىزىنى دوستلىرى بىلەن دو تىكىشىپ ئۆزىگە قاراتماقچى بولىدۇ شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولىدۇ، بۇنى بىلگەن سەردارنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا قەتئىيلا قارشى تۇرىدۇ، سەردار ئاپىسىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي بۇ روس قىزى بىلەن ئۆيلىنىدۇ، ئەمما بۇ روس قىزىنىڭ ئىشچانلىقى ئۆزبېك ئەدەپ ئاخلاقىنى ئۆگىنىپ ئۆزبېك كېلىنلىرىدەك ئۆي ئىشلىرىنى جان جەھلى بىلەن قىلىشى سەردارنىڭ بۇ يالغاندىن باشلانغان مۇھەببەت ئۇيۇنىنىڭ راستقا ئايلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ قىز سەردارنىڭ ئاپىسىنى تەسىرلەندۈرەلەمدۇ يوق؟ دىققىتىڭىز فىلىمدە بولسۇن
ئۆزبېكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى : ش ئە ئۇيغۇرى
قار مەلىكە توغرىسىدىكى چۆچەكلەرنى بەلكىم ھەممىمىز كىچىك چاغلىرىمىزدا ئاڭلىغان بولىشىمىز مۇمكىن، ئەلۋەتتە ھازىرغىچە قار مەلىكە توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان كارتون فىلىملەر ۋە بالىلار فىلىملىرى مەيدانغا چىقىپمۇ ئۈلگۈردى، تۆۋەندە ئەمدى كۆرمەكچى بولغىنىمىز مۇشۇ يىلى يازدا ئىشلەنگەن ھېكايە فىلىم «قار مەلىكە ۋە ئوۋچى»، ھەممىمىزگە تۇنۇش بولغان بۇ ھېكايە توغرىسىدا ئارتۇقچە توختىلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم، ئەڭ ياخشىسى بىرگىلا بۇ يېڭى ئىشلەنگەن قار مەلىكە فىلىمىدا قار مەلىكىنىڭ قانداق سەرگۈزەشتىلەرنى بېشىدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىرگە كۆرۈپ ئۆتەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
سەككىز ياشقا كىرگەن رامېزانى ئەمالار مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ كۆزى يورۇق دۇنيانى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ قەلبى ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشقا تىرىشاتتى، ئەمما رەھىمسىز تەقدىر ئۇنىڭدىنمۇ ئۆز چاقچىقىنى ئايىمىدى، ئانىسى خېلى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن رامېزانىنىڭ دادىسى ئۆزىگە يەنە بىر رەپىقە تېپىش ئۈچۈن چوڭ ئانىسىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي رامېزانىنى ئۆز ئۆيىدىن ئايرىۋەتمەكچى بولدى، ئۇنداقتا رامېزانىنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بولىدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى يەنىلا تۆۋەندىكى فىلىمدىن بۇنىڭ جاۋابىنى تاپقايسىز
تەرجىمە قىلغۇچى : سىياۋۇش ئۇدۇنى