كرۇدس جەمەتى ناملىق كارتون فىلىم ئاساسلىق گرۇگ (ئاۋازدا : نىكۇلاس كەيجى) ئائىلىسىنىڭ ئىپتىدائىي تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۆڭكۈردە ياشاپ كۈنۈپ كەتكەن بىر ئائىلە كىشلىرى قاتتىق بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن يېڭى ماكان تېپىش جەريانىدا گاي ئىسىملىك كەلگۈسىگە ئۇمىد بىلەن قارايدىغان بىرسى بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تېخىمۇ قىزىقارلىق سەرگۈزەشتىسى باشلىنىدۇ، مەزكۈر فىلىمنىڭ 480p سۈزۈك نۇسخىسى دوستلارغا ھەقسىز تەمىنلەندى، ياقتۇرۇپ كۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
خوش، بۈگۈن ئۇماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەپ بىر كۈن باغچىلاردا يۈرۈپ ھاردۇقمۇ؟ ئەمدى بۈگۈن كەچمۇ يەنە شۇ ئۇماق پەرزەنتلەرگە تەۋە بولسۇن، ئۇنداقتا ھېكايىمىزنى باشلايلى، ناھايىتى ئۇزاق بىر قارلىق دالىدا پورورو ئىسىملىك ئۇماق پىنگىۋىنچاق بىلەن ئۇنىڭ بىر قانچە يېقىن دوستلىرى ياشايدىكەن، ئۇلار شۇنداق ئىناق ئىجىل ياشايدىكەن، بىر كۈنى…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بالىلارغا ئۆزىنى قوغداش توغرىسىدىكى تەربىيەلەرنى ۋاقتىدا بېرىش بۈگۈنكى بالىلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان دەرسلەرنىڭ بىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەر شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بالىلار تەربىيىسى توغرىسىدا ئۆزىگە خاس تەربىيە ئۇسۇللىرى بار، تۆۋەندە بىز قىسقىچە بىر كارتون ئارقىلىق ھىندىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەربىيىسىنى كۆرۈپ باقايلى
ئوردۇچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى : ئەركان خوتەنى
بەلكىم دوستلار نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان گروفاللو ناملىق كارتوننى ئېسىدە چىقارمىغان بولۇشى مۇمكىن، مانا ئەمدى بۇ گروفاللونىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ھەممىدىن قورقمايدىغان بالىسى بار بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇنداقتا ئۇ راستىنلا ھەممىدىن قورقماسمۇ ياكى دادىسىغا ئوخشاش كىچىك چاشقاندىن قورقۇپ ئالدى-ئارقىسىغا قارىماي قېچىپ كېتەرمۇ، جاۋابىنى يەنىلا تۆۋەندىكى كارتوندىن كۆرگەيسىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئالدىنقى يىللىرى يەر شارى مىقياسىدا داغدۇغا قوزغىغان قىزىقارلىق 3D كارتون فىلىم «ئۇزۇن چاچلىق مەلىكە» فىلىمىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى نۆۋەتتە جىددى ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا فىلىمدىكى مەلىكە بىلەن يىگىتنىڭ توي مۇراسىمىدا، ئات بىلەن خامىلىئوننىڭ توي ئۈزۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ تېپىپ كېلىش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ۋە جىددى بىر بۆلەك كۆرۈنۈش ئاشكارىلانغان. قىسغىنە نەچچە مىنۇتلۇق فىلىم بەلكىم سىزگە بىر مەيدان توختاۋسىز كۈلكە ئاتا قىلىشى مۇمكىن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
گەرچە زامان تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىشلەنگەن كىنو-فىلىملەر بولسۇن ۋە ياكى كارتونلار بولسۇن ئاجايىپ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ ئەمما بىزگە نىسبەتەن ئاددى ئىشلەنگەن بولسىمۇ يەنىلا شۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا كۆرگەن كارتون فىلىملەر ياكى كىنولار يەنىلا بىر خىل يېقىشلىق تۇيۇلاتتى، بەلكىم بۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بالىلىقنى سېغىنىشتىن سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سىزىممۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەبمۇ بارمۇ بۇنى بىلمىدىم، تۆۋەندە يەنە شۇ كىچىك ۋاقتىمىزدا كۆرگەن كارتون فىلىملەردىن بىرى بولغان «باتۇر سانشىرو» ناملىق كارتون فىلىمنىڭ مۇقەددىمە ناخشىسىنى ئېلىپ كەلدىم، ياقتۇرغايسىلەر
ياپونچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : FLASH BOY
ھەممىمىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ قوچاقلىرىدا ئۇلار ئېيتىپ بەرگەن ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئۆتكۈزگەن، دېمەك ھېكايە بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ، شۇنداقلا دەسلەپ قەدەمدە بىزگە ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىلىرى ۋە ئەدەپ قائىدە توغرىسىدا بىلىم بېرىدۇ، خوش ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تۆۋەندىكى كارتون فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى بۇ تىيىنچاق بالىلىرىغا قانداق ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدىكىن، مەزكۈر كارتون تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ھەم ئېنگىلىزچە قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى