ھەممىمىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ قوچاقلىرىدا ئۇلار ئېيتىپ بەرگەن ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئۆتكۈزگەن، دېمەك ھېكايە بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ، شۇنداقلا دەسلەپ قەدەمدە بىزگە ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىلىرى ۋە ئەدەپ قائىدە توغرىسىدا بىلىم بېرىدۇ، خوش ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تۆۋەندىكى كارتون فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى بۇ تىيىنچاق بالىلىرىغا قانداق ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدىكىن، مەزكۈر كارتون تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ھەم ئېنگىلىزچە قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بوپتۇ، ئىككىلىرىنى قىستىماي ، تەڭ ئولتۇرۇشسىلا بەھۇزۇر دىۋاندا …
بەك سۇزۇككەن ئا رەزىل دىنمۇ سۇزۇكمۇ نىمە ؟ ماڭا قويۇپ بەرسىڭىز بۇنىمۇ ئەۋەتيىپ بىرىڭ ديمەن شۇ ،ئەمما تۇرۇپلا يېڭى ئوي كۆچكەنلەرنىڭ جاپاسى ئىسمگە كىلىپ سىزنى چۇشەنگەندەك بولدۇم ،
مەنمۇ ئورۇن ئېپ قوياي،بوپتۇلا…
مىنىڭ كومپىيۇتىرىن چاتاقمۇ بىلمىدىم ، بۇ كارتۇن چىقمايدىيا 正在加载دىگەن خەت چىقىپ تۇرىدۇ؟
مەرھابا بلوگى يېڭى ئۆيىڭىزنى قۇرۇقلا تەبىركلەيدۇ!!!(ئازىراق چىنە-قاچا ئالغان لىكىن ئۇنتۇپ قاپتىمەن)
مەرھابا بلوگىدىكى دوستانە ئۇلىنىشىڭىز يېڭىلاندى!
شاھ ئۇيغۇر ئەپەندىم ، ئىشلىگەن فىلىملەر بەكمۇ ئوبدان تەرجىمە قىلىنىپتۇ، بارىكاللا سىلەرنىڭ ئەمگىكىڭلەرگە!! بۇ فىلىمنى ماڭا يوللاپ بەرسەڭلار بولامدۇ؟ قېرىنداشلار ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!
بولسا خەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بەرگە ن بولىسڭىزچۇ
تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى تولۇق كۆرۈپ چىقىشىم،ھاياجىنىمدا تۇدوۋدىن چۈشۈرۈۋالغان فىلىمنى rmbگە ئايلاندۇرۇۋالدىم،بېرىپ ئۇكامغا كۆرسىتىمەن.تەرجىمىسىمۇ ناھايىتى ماسلىشىپتۇ!
داۋاملىق كېلىپ تۇرسىڭىز تېخىمۇ نادىر فىلىملەرنى كۆرىسىز
ئەمما مۇشۇ كارتون دىگەنگە شۇنداق ئامراق مەنكى، كۆرىۋىتىمەن ھە ھەرقانداق كارتون فىلىمنى.
شۇ سەۋەپتىن مۇھەببىتىم مىنى تاشلاپ كەتمەكچى بولغان، كىچىك بالىنىڭ كىنوسىنى كۆپ كۆردىكەنسەن دەپ
ئاۋۋال رەھمەت، نېمە ئۈچۈن بۇرۇن تەرجىمە فىلىم يوللىساڭلا چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلەيتىڭلار، ھازىر ئۇنداق ئەمەس؟
بۇرۇن فىلىملەر ئاز، يېتىشىپ كېتەلەيتتۇق، ئەمما فىلىملەر جىقايغانسىرى يۈكمۇ ئېغىرلاشتى، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە پەقەت يېتىشەلمىدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى فىلىملەرنى بىر تەرەپتىن چۈشۈرۈپ يەنە بىر تەرەپتىن توختىماستىن يوللاپ تۇرۇشقا كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتىمۇ ئاستا كېلىپ قىلىپ، يېڭى فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىشقا بەلگىلىك تەسىر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
بىزدە زادى نادىر بولغان بالىلار كارتۇنلىرى كەمچىل!
شۇڭلاشقا بىز بولساقمۇ مۇشۇ ساھەنى ئازدۇر-كۆپتۇر تۇلۇقلاپ تۇرساق، پەرزەنتلىرىمىزگە بولسىمۇ ئاز-تولا پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتىمەن
بۇ كونچاكلېق فېلېمنې قانداق چۈشۈرېدۇ؟
16:47
دىۋان…
بۇ باھاغا پىكرىم بار
ش ئە ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:
ما ئەپەندىمنىزە، دىۋان كەتمىسۇن دەپ «دىۋان»دەپلا يېزىپ قويغىنىنى قارىمامدىغان
بۇ باھاغا پىكرىم بار