دەرۋىش ئانسانبىلى 1999-يىلى 7-ئايدا قازاقىستاندا بىر قىسىم ئۇيغۇر ناخشا ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇزىكا ئەترىتى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ جۇشقۇن ھەم شوخ ناخشىلىرى بىلەن كەڭ تۈركىي قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا شۇنداقلا رۇسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە شۆھرەت قازىنىپ كەلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر كۈيلىرىنى جاھانغا تۇنۇتۇشتا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، تۆۋەندە ھەممىمىز ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيلەنگەن قازاقچە «ئايلىناي» ناملىق ناخشىسىغا جۆر بولايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
دەرۋىش ئانسانبىلى 1999-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئانسانبىل ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قازاقىستان مۇزىكا ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرگەن، ئاساسلىق ئۇيغۇر قازاق ھەم رۇس تىللىرىدا ناخشا ئورۇندايدۇ، قازاقىستاندىكى داڭلىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ بىرى.
1999-يىلى دەرۋىش ئانسانبىلى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن بولمايلا مەزكۈر ئانسانبىلنىڭ يەتتە ناخشىسى بىراقلا قازاقىستان دۆلەتلىك «ئالتۇن دۇمبۇرا» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
2002-يىلى تۈركىيە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2002-يىللىق نادىر ناخشىلار بايرىمىغا تەكلىپلىك قاتناشقان
2000-يىلدىن 2004-يىلغىچە ئۇدا تۆت يىل قازاقىستان «ئالتۇن پىلاستىنكا» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
2005-يىلى رۇستەم ھاشىموف (گىتتارچى) مۇزىكا ئەترىتىگە كىرىپ كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن ئەزىز مەسىموفنىڭ ئورنىنى تۇلۇقلىغان
2007-يىلى 12-ئايدا ئادىل رانباكىيېۋ ئۇيغۇر تىياتىر ئۆمىكىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ مۇزىكا ئەترىتىدىن چېكىنىپ چىققان
2008-يىلى خانزات ۋىلياموف مۇزىكا ئەترىتىگە قوشۇلغان
ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان پىلاستىنكىلىرىدىن ياسىمىن (Ясмин)، شەرققە نەزەر، دۇنيا، 2003-يىللىق نادىر ناخشا توپلىمى، «دۇنيا» كونسىرت تاللانمىلىرى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاتارلىقلار بار
دەرۋىش ئانسانبىلى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ سۈرىيە، بولغارىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ھىندىستان، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردە كونسىرت ئۆتكۈزگەن
دىلمۇرات باھاروف، رەھىمجان ھەمرايىۋ، رۇستەم ھاشىموف، خانزات ۋىلياموف، رۇسلان نادىروف
دەرۋىش ئانسانبىلى ئورگان تور بېتى : http://www.dervishi.kz/
تۆۋەندىكىسى دەرۋىشنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق ناخشىسى «توينامە»
دەرۋىشنىڭ ناخشىلىرىنى ئامراقمەن، بۇ مەزكۇر ناخشىنى قازاقچىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقىشىمنىڭ تۇنجى تۈرتكە بولغان كۈچى!
كۆپ تەرجىمىلىرىڭىز خاتا بولۇپ قاپتۇ قېرىندىشىم!داۋاملىق تىرىشىڭ!
بولسا خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىڭىز، تۈزىتىپ قايتا ئېلان قىلىپ قويساقمۇ بولىدۇ
مەنمۇ دەرۋىش ئانسامبىلىنىڭ ناخشىلىرنى ئەجەپ ياختۇرىمەن. بىزنىڭ دىيارىمىزغا كىلىپ كونسرىت تەشكىللىسە مەن چوقۇم كىرەتتىم.
كەلگەنغۇ؟
2010-يىلى چىققان پىلاستىنكىلارنى ئاقتۇرۇپ بېقىڭ، ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ، ئەمما ئوكيان مۇزىكا قانىلىدا بار
2020-يىلدىن 2003-يىلغىچە ئۇدا تۆت يىل قازاقىستان «ئالتۇن پىلاستىنكا» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
زاماندىن ھالقىغان ئانسانبىل
ئۇيغۇربەگ يامان شاش جۇمۇ، بىلمەيدىغان تىلى يوق، ئاڭلىسام ھازىر 5000يىل بۇرۇنقى قەدىمقى بىر مىللەتنىڭ تاش پۈتۈكلىرىنى تەتقىق قىلغىلى تۇرۇپتۇ
مەن بۇ ناخشىنى بەك ياختۇردۇم.
جاقسى ان ەكەن غوي … بار بولسا داغىدا جولداپ تۇرىڭ …………….
ئەسلى قازاقچە بىلىدىغان تورداش مانا بۇ يەردە ئىكەن ئەمەسمۇ
مەنمۇ بەك ياقتۇرمەن دەرۋىش ئانسانبىلنىڭ ناخشىلىرىنى، بۇلارنىڭ ناخشىسىلا ياخشى بولۇپلا قالماي ، ئورۇنلاش ماھارىتىمۇ بەك يۇقىرى
10:06
تۆرىگە چىخمىساڭلار مەن چىختىم …. نىمى دىسەم راس گەپ كىلسام ئانچە…..
بۇ باھاغا پىكرىم بار