تورداشلارغا بولۇپمۇ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا مەلۇم بولغىنىدەك ھەر قېتىملىق دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ياكى قىتئەلەردە ئۆتكۈزىۋاتقان پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە شۇ يىلدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسى ناخشىسى بولىدۇ، بەلكىم نەچچە ئاي ئىلگىرى ئاخىرلاشقان ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە تورداشلار بۇ قېتىملىق پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسى ناخشىسىغا ئانچە بەك دىققەت قىلمىسا كېرەك، بۇ ناخشىنىمۇ مەن ئەركانىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمەن، بەلكىم بۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ دىققەت قىلمىغاندىمەن، ناخشىنىڭ ئىسمى «غەيرەت قىل ئاسىيا» بولۇپ، ناخشىدا پۈتكۈل ئاسىيا خەلقىنى ئۈمىدكە، ئىشەنچكە چاقىرىشتەك مەزمۇنلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، قېنى بۇرۇن ماڭا ئوخشاش بۇ ناخشىغا دىققەت قىلمىغان بولساق ئەمدى تەرجىمىسىنى بىر كۆرۈپ چىقمامدۇق…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ۋاقىت خاتىرلىگۈچى : ھورۇن يىگىت
ۋاھ ! بەك پىچەت ناخشىكەن بۇ . مۇشۇ تەرجىمىلىرىڭلار كۈندىن كۈنگە ياخشى بۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ جۇمۇ .بولسا سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشىرىۋالغان بولسام بەك ياخشى بۇلاتتى دە ….
چۈشۈرۋالدىم. رەھمەت.
رەخمەت چۇشۇرۋالدىم مەن بۇ ناخشىنى
تەرجىمە ياخشى چىقىپتۇ…!
19:42
ۋاھ بۈگۈن دىۋان ماڭا ئوڭچە قاپتىغۇ! ھارمىغايلا شاھىم !!!!!! بەلەن ناخشىكەن!!!!!!!!!!
بۇ باھاغا پىكرىم بار