تۈركىيە ھېكايە فىلىمى : كۇردلار ۋادىسى-ئىراق

Post image of تۈركىيە ھېكايە فىلىمى : كۇردلار ۋادىسى-ئىراق
سەھىپە: فىلىملەر، كىنو باھا: 51

تۈركىيە ھېكايە فىلىمى كۇردلار ۋادىسى-ئىراق

كۇرلار ۋادىسى ئىراق، ئاساسلىق 2003-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىراقتىكى باش شىتابىغا ھۇجۇم قىلىپ 11 نەپەر تۈركىيە ئالاھىدە قىسىم ئەسكىرىنى بېشىغا خالتا كەيگۈزۈپ ئېلىپ ماڭغانلىقتەك ھەقىقى ئىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن تۈركىيە خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ، گەرچە كۇردلار ۋادىسى ئىراقتىن تارتىپ يېقىندا ئېلان قىلىنغان كۇردلار ۋادىسى پەلەستىن قاتارلىق فىلىملەرنىڭ بىرەسمى يول ئارقىلىق كىرگەن ئۆزبېكچە ھەم تۈركچە نەشىرلىرىنى كۆپلىگەن تورداشلار كۆرۈپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما گۇرۇپپىمىز رەسمى دۆلىتىمىزگە كىرگەن نۇسخىسى كۇردلار ۋادىسى ئىراقنى خەتلىك قىلىپ كەڭ تاماشىبىنلار ھوزۇرىغا سۇندى

تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى، شەمسى(سىراج بلوگى)


 مەزكۈر فىلىمنىڭ ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

يازما ئاپتورى:

2011.03.10 يوللىغۇچى: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

51 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.03.10
15:32
1-قەۋەت: «نۇرئەخمەت» دەيدۇلەركى :

بۇنداق ئېسىل فىلىملارنى تەرجىمە قىلىپ بىزلەرگە سۇنىۋاتقان قوللارغا ئاپىرىن!كېيىنكى قىسىملىرىنى يوللىشىڭلارغا تەقەززامەن قېرىنداشلار!ئاخىرى 1-بۇلۇپ ئىنكاس يېزىۋالدىم،ھاھاھاھا! ;-)

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.10
15:32
2-قەۋەت: «كارو» دەيدۇلەركى :

يامان نامىنى ئاڭلاپ كەتتىم بۇ كىنونىڭ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.10
15:53
3-قەۋەت: «قازانچى» دەيدۇلەركى :

يائاللا ھەجەپمۇ يوقاپ كەتتىڭىز، تازا ئاچچىقىم كەلگەندە تېما يوللاپسىز، ئەسلى ئىراقتا يۈرۈپتىكەنسىزدە، دەپ قويىدىغان مانداق يوللۇق تۇتاتتۇق ئەمەسما، ئىراقتىن قاق-پاق ئەكىلەمدىكىن دېسە پولات ئەلەمدار بىلەن پىقىراپ يۈرۈپلىدە.
ئەمىسە باشلىۋەتتىم كىنو دېگەننى. :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

تەرجىمە دېگەن ئەشۇنداق بولىدىكەن، تەستە پۈتىدىكەن، شۇڭلاشقا ساقلىتىپ قويدۇم، بۇندىن كېيىنمۇ جاھان كېزىپ يەنە يېڭى نەرسىلەر بولسا تەمىنلەپ تۇرۇشقا تىرىشىمەن، ئەمما ۋاقىت ئۇزاقراق بولۇپ قالسا رەنجىشمىگەيلا :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
00:20
4-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» دەيدۇلەركى :

ھىم،ما كاتتا كىنونى ھۇزۇرلۇنۇپ بىر كۆرۈۋېتەي ھە…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
01:00
5-قەۋەت: «جەۋلان» دەيدۇلەركى :

چۈشۈرۋالغان بولساق تېخىمۇ كاتتا ئىش بولاتتىكەنتۇق.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
01:33
6-قەۋەت: «ئوسمان ئۇيغۇر» دەيدۇلەركى :

ئەسسلامۇ-ئەلەيكۇم قىرنداشلار،ئامانمۇ سىلەر؟!
مەن بۇ تور بەتتىكى كىنولارنى قانداق چۈشۈرۈشنى دەپ ئۆتەي:1.يەنە بۇ بەتتىكى كىنو قويۇلۋاتقاندا،ئىكراننى قوش چەكسەك ،بۇ كىنو قايسى تور بەتنىڭ بولسا شۇنىڭغا ئۇلىنىدۇ،يەنە ئۇلاپ كۆرسىتىش.ياكى بۇ كىنونىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى بويىچە يىزىپ ئاشۇ توربەتكە،ياكى بەيدۇغا يىزىپ ئىستىسەك ،تاپالايمىز.2.ئەمدى ئالدىقى شەرت شۇكى سىزنىڭ كومپىيۇتېرڭىزغا مۇشۇ كىنولار ئۇلىنىدىغان تور بەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش دىتاللىرى ئورنىتىلغان بولىشى كىرەك.يەنىwww.56.comنىڭ56icanدەيىدىغان.www.tudou.comنىڭ itudouدەيدىغانچۈشۈرۈش دىتاللىرى قاچىلانغان بولىشى كىرەك.سىز مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز،مەن ھازىرچە مۇشۇ ئىككى تور بەتتىن ئىلىنپ تەرجىمە قىلىغان كىنولارنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشۈرۋالدىم.qqنۇمىرىم 1603330964ئەگەر يەنە چۈشەنمىگەنلەر بولسا مەن بىلەن ئالاقلەشسەڭلار،بىلگىنىمى ئايىمايمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


8كوچا مۇنداق يازغان:

ھېچبولمىسا روخسەتسىز چۈشۈرۈپ يۈرمىگەنسىلە ھە؟؟؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

بۇ ئۇسۇلدا چۈشۈرۈشكە تامامەن بولىدۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
07:39
7-قەۋەت: «كۇلمەس» دەيدۇلەركى :

رەخمەت شاھ ئەپەندىم كوپ رەخمەت

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
09:00
8-قەۋەت: «8كوچا» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، شاھ ئەپەندىم ، كۆپ جاپا چېكىۋاتىسىلەر جۇمۇ!
كىنۇنىڭ يېرىمى قالدى كەچتە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ كۆرەي…
ئاۋۇ بىنلادىننىڭ كىنۇسىنى يوللاپ بەرسىڭىز بولارمۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
09:49
9-قەۋەت: «پاسىبان» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئاللا سىلەرگە ئەجىر بەرگەي. سىلەرنىڭ بوشاشماي بۇ ئىشنى داۋام ئىتىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
مەن ‹‹كورتلار ۋادىسى-ئىراق›› فىلىمنى كۆرۈپ يېرىملاشقاندا چىقمىدى، باشقا ئامال قىلالمىدىم،قانداق قىلسام بولار، سىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قويدۇم،

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

يېڭىلاپ قويدۇم، قايتا سىناپ كۆرۈڭ

بۇ باھاغا پىكرىم بار


پاسىبان مۇنداق يازغان:

مەن بۈگۈن يەنە كۆرەلمىدىم ، بېشى نەچچە سىكونت يىرى چىقىپلا چىقمىدى، بەك كۆرگۈم بار ئىدى، ئەپسۇس….

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
11:23
10-قەۋەت: «ھۈسەنجان ھەسەن» دەيدۇلەركى :

يېقىندا چىقىنىنى بەك ئېسىلدەيدىغۇ ، ئىسرالىيەنىڭ تۇركىيە پاراخوتىغا خۇجۇم قىلغىنىنى تەسۋىرلەپ ئىشلىگىنىنى .
ماۋۇسىنى كۆرۇپ بوپتىكەن مەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.13
03:13
11-قەۋەت: «پاراسەت» دەيدۇلەركى :

كوردلار ۋادىسى ئىراق دىگەن فىلىمنىڭ ئاخىرى يوققۇ؟ ئاخىرى نەدە

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

بۇ پەقەتلا مۇشۇ بىر قىسىمغۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى پۇسۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى پەلەستىن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.13
04:51
12-قەۋەت: «چەۋەندازلار بلوگى» دەيدۇلەركى :

مۇشۇ فىلىم بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىدىكى ئىناۋىتى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى ۋە پولات ئالەمدارمۇ دۇنياۋى كىنو چولپىنى بولۇپ كەتتى. فەلەستىننى ئىشلىگىنىنىڭ سۈزۈك قىسمى چىققاندىمۇ، ئىلگىرى كېنو خانىدا تارتىۋالغان قىسمىنى چۈشىرىۋالغان ئىدىم، يۈتتۈرۈپ قويدۇم. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر قېرىندىشىم.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.13
12:36
13-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» دەيدۇلەركى :

فىلىمنى ئاخىرى كۆرۈپ چىقتىم،تولىمۇ ئەپسۇس،فىلىم نامى خاتا تەرجىمە قىلىپتۇ، بۇ كۇردلار ۋادىسى ئەمەس،بەلكى بۆرىلەر ۋادىسى دېگەن فىلىم ئىدى…

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

ياخشىمۇسىز، فىلىمنىڭ ئەسلى ئىسمى بۇيىچە كۇردلار ۋادىسى دەپ ئالدۇق، چۈنكى فىلىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە شۇنداقلا ئۆزىدىمۇ تۈركچە ئىسمى شۇنداق يېزىقلىق ئىكەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

تەرجىمە قىلغاندىكىن بىراقلا تەرجىمە قىلمامسىلەر؟ :roll:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.14
14:30
14-قەۋەت: «ئوسمان ئۇيغۇر» دەيدۇلەركى :

ئەپەندىملەر،ماۋۇ كىنونىيىڭلار زادى چىققىلى ئۇناي دىمەيدىيا ئەجەپ؟ئانام بەگەن تىلدا كۆيەي دىسەم چىقمىدى،خەنزۇچە-ئىنگىلىزچىسىنى كۆسەم ،كنو كۆگەندەك بوممىدىم،بى ئوبدانياق ئۇلىنىش قىساڭلا بومماسما؟ ساۋاب بولادى ماندا؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئوسمان ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

خۇداغا شۈكىرى بۇگۈن چىقىدىغان ئوخشايدۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

سىز چىقمىدى دەپ زارلىغان كۈنى تېلېگرافتىن تورنى تەڭشىگەن كۈنى، پۈتكۈل رايۇندا تور سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالغاچقا چىقمىغان گەپ، ھېلىمۇ ئۇلىنىشىنى ئۈچ قېتىم ئالماشتۇرۇپ قويدۇم، بىر قانچە كومپىيۇتېردا سىناق قىلىپ باقتىم ھەممىسىدە نورمال، يەنىلا چىقمىسا ئۇنداقتا ئامال يوق… :???:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئوسمان ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

بۈگۈن چۈشۈرۋاتىمەن،چۈشۈرۈپ بولۇپ ئاندىن كۆرمەكچى،چۈشۈرسەمغۇ چىقا؟ خاپا بولماڭلار ، :razz:

2011.03.15
16:35
15-قەۋەت: «چۈشتاق» دەيدۇلەركى :

خالىس ئەجرىڭلار تېخىمۇ كۆكلىگەي. تېخىمۇ نادىر فىلىملارنى تەرجىمە قىلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
ھە راست، «يىگانە ئارالدىكى ھايات»(荒岛余生) دەيدىغان بىر فىلىم بولىدىغان، تەرجىمە قىلمىغان بولساڭلار شۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.16
07:15
16-قەۋەت: «مەۋلان» دەيدۇلەركى :

رەسمى دۆلىتىمىزگە كىرگەن نۇسخىسى دېگىنىڭىز قايسى نۇسخىسىنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ ئەسلى نۇسخىسىدىن قانچىلىك پەرىقلىنىدۇ؟ :???:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

ئەڭ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا رەسمى دۆلىتىمىزگە كىرگىنى ئاساسى جەھەتتىن فىلىمنىڭ ئەڭ سۈزۈك نۇسخىسى بولۇپ ئاۋاز ۋە ياكى سۈرەت ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغىنىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق فىلىملەرنى ئالدى بىلەن خەنزۇچىغا تەرجمە قىلغاندىن كېيىن ئاندىن بىزلەر تەرجىمىگە ئىشلىتەلەيمىز، بىرەسمى يول ئارقىلىق كىرگىنى فىلىم كىنوخانىدىن تارتىلغان ياكى باشقا دۆلەت تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ (مەسىلەن كۇردلار ۋادىسىنىڭ ئۆزبېك تىلى نۇسخىسى) ئاندىن ئۇنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈلگەن فىلىملەردۇر.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.16
10:27
17-قەۋەت: «ئەركىيە» دەيدۇلەركى :

بۇ كىنونى كۆرۈپ ئىنكاس يازماي چىقىپ كەتكىم كەلمىدى،بىر بىگۇناھنىڭ ئۆلىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئۆلىشى بىلەن باراۋەر دىگەن سۆزنى سىز تەرجىمە قىلغان كىنودا ئىككنچى قېتىم ئاڭلىشىم ،كىنودىكى بەزى دىئالوگلاردكى سۆزلەرنىڭ ناھايىتى تەربىيىۋى ئەھمىيىتى باركەن، تېخىمۇ ناەىر تەرجىمە كىنولىرىڭىزغاتەقەززا.سىزگە كۆپ تەشەككۈر

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ئەلۋەتتە بىزمۇ سىلەرنىڭ ئىنكاس يېزىپ تۇرۇشۇڭلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى سىلەرنىڭ ئىنكاسىڭىلار بىز ئۈچۈن بىر ئەينەك، گېپىڭىزدىنلا سىزنىڭ بلوگىمىزنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، دائىملىق كېلىپ تۇرارسىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.18
10:40
18-قەۋەت: «خالىد» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاھ ئۇيغۇر ئەپەندىم،خالىس ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت(ئەپسۇس بىز پەقەت قۇرۇق رەھمەتلا دېيەلەيدىكەنمىز)
مۇمكىن بولسا كوتلار ۈادىسى پەلەستىننى تەرجىمە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئويغاق مۇنداق يازغان:

مەندە بار ئىدى يوللاشنى بىلمىدىم.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.22
08:50
19-قەۋەت: «سايە» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاھ ئۇيغۇر ئەپەندم،سىزنىك خالىس ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت،،،،،،،تەرجمەقلىغان فلىم بەك مەزمۇنلۇق تەربيۋى ئەھمىيتى روشەن ئىپادىلەنگەن …ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم لار ئىكەن ،،،،،،قىلغان ئەجىرىڭىزگە يەنە بىر قېتم بارلىلق شاھ ئۇيغۇر تورنى زىيارەت قىلغۇچىلارغا ۋاكالەتەن رەخمەت……… :razz: :razz: :razz: :???: :???: ;-) ;-) :lol: :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.25
10:30
20-قەۋەت: «تەدبىركار» دەيدۇلەركى :

مەن كۆرگىنىم ئەمەسمۇ قانداق؟ ھېلىقى بىر ئامېرىكىلىققا سادامنىڭ پىئانىنوسىنى سوۋغا قىلىدىغىنى ئەمەسما بۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

دەل ئۆزى شۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.1
00:55
21-قەۋەت: «كۇلمەس» دەيدۇلەركى :

شاھىم ماڭا يوللاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن سۇزۇك نۇسىخۇسىنى

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.4
23:54
22-قەۋەت: «نادان» دەيدۇلەركى :

ۋا شەمسى شۇ تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانماقچى دەۋاتاتتى مانا چىقىپتۇدە”

ئاغىنىمىزنى قوللايمىز` :smile:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.19
15:12
23-قەۋەت: «كۇلمەس» دەيدۇلەركى :

ماڭا سۇزۇك نۇسخۇسى لازىم ئىدى شاھىم

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.22
05:29
24-قەۋەت: «mard» دەيدۇلەركى :

بۇ كېنونىڭ ئەسلى ئاۋازى بەك تۆۋەنكەن ، مۇشۇ تەرەپلەرگە ۋە سۈزۈكلۈك دەرىجىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن . سىلەرنى قوللايمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.07.28
02:45
25-قەۋەت: «گۇزەل» دەيدۇلەركى :

بۇ كىنونى چۇشىرلمدىم :?:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.07.28
02:47
26-قەۋەت: «گۇزەل» دەيدۇلەركى :

ياردەم بىرىڭ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.07.29
17:40
27-قەۋەت: «ئويغاق» دەيدۇلەركى :

مەندە كورتلار ۋادىسى پەلەستىن دىگەن فىلىمنىڭ تەرجىمىسى بار ئىدى قانداق يوللايمەن؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.07.29
18:11
28-قەۋەت: «ئويغاق» دەيدۇلەركى :

ھايۋانلارغۇ بۇ نەچچە قېتىم كۆرسەم ئىچىم ئاچچىق بۇلىدۇ . كورتلار ۋادىسى پەلەستىن دىگىنى ئاندىن ۋەھشى ئىكەن .ھايۋانلار ر ر ر ر ر……………………………………………………………………………………………………………………………………………………

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.09.12
18:09
29-قەۋەت: «مەنزىلىم» دەيدۇلەركى :

مەن ھەقىقەتەن سىلەر تەرجىمەقىلغان كىنولانى ياقتۇرمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.10.11
23:39
30-قەۋەت: «تۇران» دەيدۇلەركى :

قىلغان ئەمگىكىڭلار دىن مەمنۇن بولدۇم! ئىلخەت ئادرىسقا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز؟
پۇسۇ نىمۇ تەرجىمە قىلامسىلە؟
تەرجىمە قىلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.10.15
14:15
31-قەۋەت: «ئۇچقۇن» دەيدۇلەركى :

مۇشۇ كىنونىڭ ئۆزبىكچىسىنى تاپقىلى بولارمۇ بولسا خاپا بولماي تور ئادىرسىنى يوللاپ قويغان بولساڭلا..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.12.5
11:06
32-قەۋەت: «سۈزۈك» دەيدۇلەركى :

مەن بۇ كىنو نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى كۈرۈپ بولغاندەك قىلما

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.12.26
21:19
33-قەۋەت: «سادىق» دەيدۇلەركى :
ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量