ئۈچ مايمۇن

Post image of ئۈچ مايمۇن
سەھىپە: فىلىملەر، كىنو باھا: 23

ئۈچ مايمۇن

ئۈچ مايمۇن ناملىق بۇ فىلىم تۈركىيە داڭلىق كىنو رېژىسسورى نۇرى بىلگە چەيلاننىڭ ئەڭ يېڭى فىلىمى بولۇپ، فىلىم 61-قېتىملىق گانا خەلقئارالىق كىنو فىستۇۋالىدا ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، نۇرى بىلگە چەيلان 1959-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ 2003-يىلى ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان «ئۇزاق»(Uzak)ناملىق فىلىمى شۇ قېتىملىق گانا كىنو فىستۇۋالىدا بىراقلا ئەڭ ياخشى باھا مۇكاپاتى ۋە ئەڭ ياخشى ئەر باش ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئارقىدىنلا «كىلىمات»ناملىق فىلىمى گانا كىنو فىستۇۋالىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، كىشىلەر شۇنىڭدىن باشلاپ نۇرىنى گانا پەرزەنتى دەپ ئاتىغان، قېنى ئۇنداقتا بۇ داڭلىق رېژىسسورنىڭ تۆۋەندىكى فىلىمىنىمۇ بىرگە كۆرۈپ باقايلى

تەرجىمان : ئۇيغۇربەگ http://www.uyghurbeg.net

ئەسكەرتىش : فىلىم رۇخسەتسىز توردىن ئۆچۈرۈلگەچكە 3-ئاينىڭ 16-كۈنى قايتىدىن يوللاپ ئېلان قىلىپ قويدۇم

1-قىسىم

 

2-قىسىم

يازما ئاپتورى:

2011.03.14 يوللىغۇچى: ش.ئە.ئۇيغۇرى

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

23 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.03.15
05:11
1-قەۋەت: «باي دادام» دەيدۇلەركى :

ئەپسۇس چىقمىدى ، فىلىم يوللىغان يەرنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولغىدەك .
باشقىلارنى كۆرگەچ تۇراي .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.15
05:12
2-قەۋەت: «ئىدىقۇت» دەيدۇلەركى :

2-سى چىقمىدى. تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.15
10:52
3-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» دەيدۇلەركى :

دېۋانغا كىچىكىپ قاپتىمەندە~~~~

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

ئەمما فىلىم راست چىقمىدى…
بۇ فىلىم ماڭا فىلىم تەرجىمە قىلىشنى ئۆگەتكەن ئۇستاز سۈپەت كىشى شاھىمىزغا شۇنداقلا تۈركچە ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەۋاتقان ھەرقايسى دوستلارغا قايتۇرغان رەھمىتىم بولغۇسىدۇر…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.15
10:53
4-قەۋەت: «8كوچا» دەيدۇلەركى :

ئۇيغۇرباي تەرجىمە قىلغان بۇ كىنۇنى بىر كۆرىۋېتەي دېسەم ،
ھېچ چىقمايدا شاھ ئالىلىرى؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

ئۇيغۇربەگ،سادىغاڭ كېتەي!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


8كوچــا مۇنداق يازغان:

ۋاي رەنجىمىسىلە ، ئۇيغۇربەگ…ئەمدى توغرا ئاتاي. ;-)

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.15
12:18
5-قەۋەت: «پاسىبان» دەيدۇلەركى :

مەندە ئىككىلى قىسمى كۆرۈنمىدىغۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.15
18:25
6-قەۋەت: «يۈكسەل» دەيدۇلەركى :

بۇ كىنونى مەن كۆرگەن ، ئەمما ماڭا تازا ياقىمىغان تۈرك كىنولىرىنىڭ بىرى بۇ.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.16
03:04
7-قەۋەت: «ئاقلاچىن» دەيدۇلەركى :

ئىككىلىسى چىقتىغۇ !!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.16
06:54
8-قەۋەت: «مەۋلان» دەيدۇلەركى :

كۆرەي دىسەم ۋاقىت يوق. بىرنەچچە كىنو قالغان كۆرمىگەن، يەنە يېڭى كىنولارنى تەرجىمە قىلىپ تېخىمۇ كۆپەيتىۋىتىپسىز، ئىشلىرىڭىز بەرىكەتلى بولسۇن شاھ ئالىيلىرى.. :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.18
16:42
9-قەۋەت: «قازانچى» دەيدۇلەركى :

پاھ پاھ بىرنەچچە كۈن ۋەتەنقارىم بىلەن ئالدىراشچىلىقتا ماۋۇياقلارغا ئۆتەلمەي قېلىۋىدۇق، ھەش-پەش دېگۈچە مايمۇندىن ئۈچنى تۇتۇپ كەپسىزدە، نەدىكى ئادەم ئايىقى باسمىغان يەرلەردىن تېپىپ كېلدىكەنسىز كىنو دېگەننى.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.20
12:41
10-قەۋەت: «بىرزات» دەيدۇلەركى :

فىرانسىيە كىنولىرىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىتىپ ئىشلەپتۇ. نېمە دېگەن جىمجىت، بۇرۇقتۇرمىچىلىق. ئاخىرى چىقمايلا تۈگەپ كېتىشىمۇ نەخ شۇ فىرانسوزلارنىڭ كىنو ئىشلەش ئۇسلۇبىدىن ئۆرنەك ئىلىنغاندەك. گانا كىنو فىستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شۇنداق ئىشلەش شەرتمىدۇ يا؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.21
05:02
11-قەۋەت: «يارغول» دەيدۇلەركى :

بەكلا زېرىكىشلىك تۇيۇلدى بۇ كىنو .لېكىن ئۇيغۇربەگنىڭ كىنو تەرجىمە قىلىشقىمۇ ئېپى بارلىقىنى ئويلىماپتىمەن-دىسە . ;-)
مەزمون زېرىكىشلىك بولغان بىلەن تەرجىمىسى خېلى ياخشى چىقىپتۇ ، ھارمىغايسىلەر ئەزىمەتلەر

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.21
22:07
12-قەۋەت: «نۇقۇت» دەيدۇلەركى :

ھارمىغايسىلەر ئەزىمەتلەر بولسا ما كىنونى تەرجىمە قىلۋەتكەن بولساڭلار 未来水世界

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.22
03:11
13-قەۋەت: «ئەركانى» دەيدۇلەركى :

نۇرقۇت ئەپەندى سىز تەۋسىيە قىلغان ئۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى چىقىپ بولغان، ئېغىر كۆرمەي، ئۇيغۇرچە كىنو توربەتلىرىنى ئارىلاپ كۆرسىڭىز…..
تەرجىمە قىلىنىپ بولغان فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىش ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق بولارمىكىن!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.22
08:45
14-قەۋەت: «ئوسمان ئۇيغۇر» دەيدۇلەركى :

ھەر ھالدا ياردىغۇ!بۇنى كۆرۈپ باشقىلار «ئاتىسىنىڭ بالىسىدە» دەپ بەزى ئوغۇللارنى سۈرەتلىگىنى ئىسىمگە كەلدى،لېكىن كىنودىكىلەر ئاتا-بالا بولمىسىمۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئوسمان ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ئاپلا،ئاخىرسىغا رەھمەتنى قوشۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟رەھمەت،ھارمىغايسىلەر!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.23
14:13
15-قەۋەت: «ئاللايار» دەيدۇلەركى :

ھارمىغايسىزلەر، بولسا مۇنۇ كارتون فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ باقسىڭىزلار:
«兰戈».

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.24
04:48
16-قەۋەت: «ئەركانى» دەيدۇلەركى :

ئاللايار ئەپەندىم ،تەۋسىيە قىلغان كارتونىڭىزغا رەھمەت، بۇ كارتون 2011-يىللىق ئامېرىكىدا قۇيۇلغان كارتونلار ئىچىدە بىلەت كىرىمى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان ئەڭ قىزىقارلىق كارتونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ خالىسا بۇ كارتوننىمۇ تەرجىمە قىلىپ، كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئارزۇيىمىز بار، ئەمما ھازىرچە بۇ كارتون فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ئېلان قىلىنماپتۇ، ماتېرىيال مەنبەسى كەم، شۇ ۋەجىدىن سىز ۋە باشقا كۆرۈرمەن دوستلارنى سەل ساقىلىتىپ قويىدىغان ئوخشايمىز…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.25
06:31
17-قەۋەت: «ئەركىيە» دەيدۇلەركى :

كۆرۈپ يېرىمىغا كەلگەندىلا بېشىغا يېنىپ كېتىپ ئاخىرى كۆرۈپ تۈگەتتىم،يېتەرلىك سەۋرچانلىق بولمىسا كۆرۈپ تۈگەتمەك تەسكەن بۇ كىنونى،توۋۋا،يەنە شۇ پۇل ،شۇ ھىسيات كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆڭۈلسىزلىك،شۇنداقلا «نەپەس»فىلىمىغا ئوخشاش ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈش ئىدىيىسى ئېغىركەن،رەھمەت سىزگە ،نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەرجىمە قىلغان كىنونى بىز بىر نەچچە سائەتنىڭ ئچىدىلا كۆرۈپ تۈگەتتۇق.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.04.1
11:30
18-قەۋەت: «كۇلمەس» دەيدۇلەركى :

كۆپ رەخمەت جاپا چىكىپسىلەر

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.09.23
23:04
19-قەۋەت: «ئاي» دەيدۇلەركى :

تەرجىمىسى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ،كۆپ رەھمەت، ھارمىغايسىز.
بىراق بۇكىنو بەكلا ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىۋىتىدىكەن، چۈشۈنۈكسىزلا.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量