ئۆزىنىڭ خۇشناۋا ئاۋازى، ياڭراق كۈيلىرى، مۇھەببەتلىك مىلودىيىسى بىلەن روسىيەدە داڭق قازانغان، روسىيە خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن مودا ئېقىم ناخشىچىسى PHILIPP KIRKOROV (فىلىپ كېركوروۋ) 1967- يىلى 30-ئاپرىل بۇلغارىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1991- يىلى تۇنجى قېتىم چەتئەللەرگە چىقىپ ئويۇن قويغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى باشلانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىملىق ھەم جەلىپكار ئاۋازى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ناھايىتى تېزلا نام قازانغان. بىز ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك كۈيلىرىدىن «ئەپسۇس» ناملىق بۇ ناخشىنى ھوزورىڭلارغا سۇندۇق، بەھرلەنگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى: نۇربىيە، تۈمەنى
ئۆزىنىڭ يېقىملىق كۈيلىرى بىلەن روسىيە خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ياش ناخشىچى زارا (Zara) ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن 2009- يىللىق روسىيە «ساما نۇرى كېچىسى» يېڭى يىللىق ناخشا – مۇزىكا كۆرىكىدە «مۇھەببەت چېگراسىدا» ناملىق ناخشىسى بىلەن يېڭى يىللىق كەيپىياتنى يۇقىرىغا دولقۇنغا كۆتۈرگەنىدى. قېنى ئەمىسە، بىزمۇ بۇ ناخشىدىن بىرلىكتە بەھىرلىنىپ باقايلى
تەرجىمە قىلغۇچى: م. ئە. تۈمەنى
بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى ھەم قۇرغۇچىلىرى. بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ، شۇنداقلا دۇنيا ئەھلىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتى ھەم ئېغىر مەسئۇلىيىتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا 1 مىلىيون 430 مىڭدىن 2 مىلىيون 100 مىڭغىچە يېتىم بالا بار بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 5760 بالا يېتىم بالىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن، ھەر 15 سېكونتتا ئافرىقىدا بىر بالا يېتىم بالىغا ئايلىنىدىكەن. ئىسلامىي ناخشىلارنى ئېيتىپ پۈتكۈل دۇنيا ئەھلىنى قايىل قىلغان ھەم قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ناخشىچى ماھىر زائىن (Maher Zain) بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، بالىلارنىڭ يېتىم بولۇپ قېلىشىغا قارشى تۇرۇش ھېسىياتىنى ئۆزىنىڭ «شۇنچە تېز » (So Soon) ناملىق بۇ ناخشىسىغا سىڭدۈرگەن. بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەم بالىلارنى ئاسراش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز ، بۈيۈك مەسئۇلىيىتىمىزدۇر! كېلىڭ، قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى!!!
تەرجىمە قىلغۇچى: م. ئە. تۈمەنى
«پەرۋاز قىلىپ كىرەي قەلبىڭگە » ناملىق بۇ ناخشا دېسنىي (Disney) شىركىتىنىڭ 2008 – يىلى ئىشلەپچىقارغان «خىسلەتلىك پەرى» ناملىق كارتون فىلىمنىڭ باش ناخشىسى بولۇپ، بۇ ناخشىنى ئامېرىكىلىق داڭلىق ناخشىچى سېلېنا گومېز (Selena Gomez) ئورۇنلاپ چىققان. ناخشىنىڭ ئۆزگىرىشچان رېتىمى، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان مەزمۇنى، ئىشىنىمىزكى سىزنىمۇ ئۆزىگە رام قىلىۋالالايدۇ. قېنى ئەمىسە، ناخشىغا مەرھەممەت قىلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى
داڭلىق ئىسلام ناخشىچىسى سەمى يۈسۈف ئىجراسىدىكى ئۇنتۇلغان ۋەدە ناملىق بۇ ناخشا ئاساسلىق ئافرىقىدىكى شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيادىكى ئاچارچىلىقتا ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش، ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە سۈرەتكە ئېلىنغان MV بولۇپ، فىلىمگە نۇرغۇنلىغان تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر قىستۇرۇلغان، بۇ ئارقىلىق ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەكلىكى، ھەم شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىزنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى