مەزكۈر تېلېۋىزىيە تىياتىرى 1977-يىلى ئەنگلىيەدە ئىشلەنگەن بولۇپ بىر سىنىپ ئانا تىلى ئېنگلىز تىلى بولمىغانلارنىڭ ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا يۇلۇققان قىزىقارلىق ئىشلىرى سۆزلەنگەن، فىلىمدىكى پېرسوناژلار كۆپىنچە ھالدا بىلىپ-بىلمەي تەلەپپۇز ۋە سۆز ئىشلىتىش خاتالىقى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، فىلىم مەزمۇنىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بىراۋنىڭ تىلىنى بۇزۇپ سۆزلىسە قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خاتالىقلار ئۇيغۇرچە ماس كېلىدىغان تەلەپپۇز ۋە سۆز خاتالىقلىرى بىلەن ئىپادىلەندى. تورداشلارنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزى

بلوگىمىز ۋە سىراج بلوگى ھەمكارلىقىدا كانادا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يايلاقتىكى كىچىك مەسچىت»نىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە قىسمى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلەنگەندىن بېرى كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ ناھايىتى ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ھەم تېزلا كۆرۈلۈش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى فىلىم قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، ئەلۋەتتە فىلىممۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ بىرخىل يېقىشلىق، مۇلايىم تۇيغۇسى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارغا ئىزچىل ئۆزگىچە ھوزۇر بەرگەچ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنى يۇمۇرلۇق ئەمما مەنىسى چوڭقۇر سۆزلىرى بىلەن چوڭقۇر ئويغا سېلىپ كەلدى، تۆۋەندە نەزىرىمىز داۋاملىق بۇ فىلىمنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى
كانادا CBC قانىلى يېڭىدىن ئىشلىگەن كومىدىيىلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يايلاقتىكى كىچىك مەسچىت» يۇمۇرىستىك مەزمۇنى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسلى تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن فىلىم بولۇپ، فىلىمدە شىمالى ئامېرىكىدىكى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن بارلىق كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە كۆز قارىشىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇمۇرىستىك قىلىپ ئېچىپ بەرگەن، ئۇنداقتا بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدا زادى قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ، قالغىنىنى فىلىمدىن كۆرگەيسىز…
تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى
كەلگۈسىدىكى ياپونىيەدە ماشىنا ئادەملەر ئاللىقاچان ئىنسانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەنىدى، گەرچە ئۇلار تۆۋەن تەبىقىگە تەۋە بولۇپ ئائىلىدە ھەر خىل ئەمگەكلەرگە ئىشلىتىدىغان ماشىنا ئادەم بولسىمۇ ئەمما تاشقى قىياپىتىدە پۈتۈنلەي ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئىدى، فىلىمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ دەسلەپتە ئۆيىدىكى ماشىنا ئادەمنى پەقەتلا ئادەتتىكى ئائىلە بۇيۇمى ئورنىدا كۆرەتتى، كېيىن تۇيۇقسىز ماشىنا ئادەمدە ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئەھۋاللار شەكىللەنگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ماشىنا ئادەمگە بولغان پۇزىتسىيەسى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، فىلىم تەرجىمىسىنى Spx_Faruk ئىشلىگەن بولۇپ ياپون كارتۇنلىرىغا قىززىققۇچى دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن فىلىم جەمئىي 10 قىسىم بولۇپ تەرجىمە قىلىنىپ بولغان قىسمى ئالدىن يوللىنىپ تۇرىدۇ
فىلىم ئىسمى : EVA نىڭ ۋاقتى
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk