Post Thumbnail of ئامان قالغۇچى
فىلىملەر،كىنو 2012 1-دېكابىر | زىيارەت:5,934

يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە داۋالغۇش ۋە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە يۈرىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى بولۇپمۇ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى پۈتكۈل دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىدۇر، بەلكىم تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدىن ھەممىمىز بۇ رايوننىڭ تۇراقسىز ۋەزىيىتىدىن ئاز تولا خەۋەردار بولۇپ تۇرىۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلەپ ئولتۇرۇش بىزگە بىجاجەت، نەزىرىمىز يەنىلا تۆۋەندىكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشلەنگەن ئۇشبۇ رايوننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى ناھايىتى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىران ھېكايە فىلىمى «ئامان قالغۇچى» دا بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : سىياۋۇش ئۇدۇنى

Post Thumbnail of چۈش
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 5-نويابىر | زىيارەت:4,712

ئىراننىڭ داڭلىق سەنئاتكارلىرىدىن Shadmehr Aghili ۋە EbiHasrate Parvaz قاتارلىق ئىككەيلەننىڭ ئورۇنلىشىدىكى تىنچلىق باش تېما قىلىنغان «چۈش»ناملىق بۇ ناخشىغا ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى سىڭگەن، رىئاللىقتا يېتەلمىگەن نۇرغۇن ئارمانلىرىمىزغا چۈشىمىزدە بولسىمۇ يېتىشنى ئارزۇ قىلىمىز، ئويغانغىنىمىزدا بولسا شۇ چۈشلەر قوينىدىن ئايرىلماي ياشاشنى ئۈمىد قىلىپ قالىمىز، قېنى ئەمسە ھەممەيلەن بىرلىكتە بۇ چۈشكە تەبىر بېرىپ باقايلى

تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇر ئاي

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.