يايلاقتىكى كىچىك مەسچىت ( 1-قىسىمدىن 4-قىسىمغىچە)

Post image of يايلاقتىكى كىچىك مەسچىت ( 1-قىسىمدىن 4-قىسىمغىچە)
سەھىپە: فىلىملەر، قىسىملىق فىلىملەر باھا: 78

يايلاقتىكى كىچىك مەسچىت (1-بۆلۈم. 1-قىسىمدىن 4-قىسىمغىچە)

كانادا CBC قانىلى يېڭىدىن ئىشلىگەن كومىدىيىلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يايلاقتىكى كىچىك مەسچىت» يۇمۇرىستىك مەزمۇنى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسلى تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن فىلىم بولۇپ، فىلىمدە شىمالى ئامېرىكىدىكى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن بارلىق كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە كۆز قارىشىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇمۇرىستىك قىلىپ ئېچىپ بەرگەن، ئۇنداقتا بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدا زادى قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ، قالغىنىنى فىلىمدىن كۆرگەيسىز…

تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى (فىلىمدە كونا ئىسمى جەمشىت بۇيىچە ئېلىنىپ قاپتۇ)

1-قىسىم : بىزنىڭمۇ مەسچىتىمىز بار بولدى

2-قىسىم : توسۇق ماجراسى

3-قىسىم :مەسچىتنىڭ ئېچىۋېتىلگەن كۈنى

4-قىسىم :سۇ ئۈزۈش سارىيى

قالغان قىسىملىرى داۋاملىق تەرجىمىدە ……

مەزكۈر فىلىم تەرجىمىسى پۈتكەن زامان شاھ ئۇيغۇر بلوگى ۋە سىراج بلوگىدا بىر ۋاقىتتا تەڭ ئېلان قىلىنىدۇ، مەزكۈر بېكەتتە ھەر بىر بەتتە تۆت قىسىمدىن ئېلان قىلىنىدۇ

ئالاھىدە ئەسكەرتىش : فىلىمنىڭ كېيىنكى تەرجىمىسىگە قىززىقسىڭىز شۇنداقلا مەنبەدىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتمىسۇن دېسىڭىز بېكەت باشلىقىنىڭ رۇخسىتىسىز قالايمىقان تور بېتىڭىزدە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىپ يۈرمەڭ

يازما ئاپتورى:

2011.05.9 يوللىغۇچى: ش.ئە.ئۇيغۇرى

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

78 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.05.9
10:38
1-قەۋەت: «بۇيۇك» دەيدۇلەركى :

ياخشى پىلىمكەن رەخمەت شاھىم،

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.9
11:43
2-قەۋەت: «بەھرام» دەيدۇلەركى :

ھارمىغايلا شاھىم !!! خۇدايىم قوللىرىغا دەرىت بەرمىسۇن !!!!!!!!! راسىت ئوبدان فىلىم كەن!!!!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


تورداش مۇنداق يازغان:

يا …..مۇشۇ(شاھىم ) دىگەن گەپنى ئىشلەتمىسەڭلا قانداق توۋۋا خۇدايىم……..ئويلاپ باقمىدىڭلارمۇ باشقىچە تۇرمامدىكەن. شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدا تورداشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلارمۇ بىزگە ئوخشاش بىر ئاددىي ئىنسان ….پەقەت ياقمايدۇ مۇشۇنداق گەپلەر

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئابدۇللا مۇنداق يازغان:

بەك ياخشى فىلىم ئىكەن. كۈرۈپ كۈرۈپ كوزلىرىمدىن ياش ئەگىدى، بۇنىگدىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشىگلار ،سىلەرنىڭ تەرجىمە فىلىمدىن ،تۇنجى كورگىنىم «(نىيۇيۇرىكتا بەش مۇنار)»بۇنىڭدىن كىيىن قالغان فىلىملەرنى كورمەكچى

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.9
13:22
3-قەۋەت: «ئۇدۇن» دەيدۇلەركى :

ئارتۇقچە بولسىمۇ ئىككى كەلىمە سۆز قىلغۇم كەلدى ، سىلەرنىڭ بىزلەرگە كۈندە دىگۈدەك يىڭى فىلىملەرنى تەغدىم ئىتىپ ( يەنى تەرجىمە قىلىپ) كەلگىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن ، بولسا فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈش ئادىرسىنىمۇ تەمىلىسەڭلار بوپتىكەن بىزدەك ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ھەۋەسكارلىرى ساقلاپ قويار ئىدۇق.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.9
14:36
4-قەۋەت: «تۇغلۇق» دەيدۇلەركى :

ياخشى فىلىمكەن،كىيىنكى قىسىملىرىغا تەشنامەن!~~

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.9
15:44
5-قەۋەت: «ئاللايار» دەيدۇلەركى :

ھەقىقەتەن ياخشى فىلىمكەن. كىچىككىنە تەۋسىيە «قۇملۇق گۈلى» فىلىمىنى بىر كۆرۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى .يار بەرسە شۇ فىلىمنى بىر تەرجىمە قىلىپ كۆرسەڭلەر،رەھمەت…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.9
16:07
6-قەۋەت: «نۇرتېكىن» دەيدۇلەركى :

ۋاھ!ۋاھ! مەن بەك ئامراق فىلىمتى بۇ~ ئاخىرى تەرجىمە قىپسىلەردە ؟ مانا ئەمدى بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ كۈرەيچۇ… رەھمەت جۇمۇ~ داۋامىنى كۈتىمەن جۇمۇ~

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.9
17:48
7-قەۋەت: «بىرزات» دەيدۇلەركى :

كىنو خىلى كۆپ قىسىملىقمۇ نېمە، يامان ئەمەس ئىشلىگەندەك قىلىدىغۇ!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


نۇرئەخمەت مۇنداق يازغان:

بىرىنچى بۆلۈمىلا 58 قىسىمغۇ دەيمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.9
17:53
8-قەۋەت: «دولقۇن731» دەيدۇلەركى :

داۋامىنى كۈتىمەن. رەھمەت سىلەرگە.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.10
00:14
9-قەۋەت: «كۇلمەس» دەيدۇلەركى :

رەخمەت كورۇشنى باشلىۋەتىم ئەمسە

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.10
00:50
10-قەۋەت: «كۇلمەس» دەيدۇلەركى :

ۋاي ئاران 21مىنوت ئىكەنغۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.10
00:52
11-قەۋەت: «كۇلمەس» دەيدۇلەركى :

ئاخىرى يوقما بۇنىڭ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.10
05:13
12-قەۋەت: «ئەركانى» دەيدۇلەركى :

ئاللايار ئەپەندى، بلوگىمىزغا كېلىپ زىيارەتتە بولغانلىقىڭىزدىن خۇرسەنمىز، بلوگدىكى مەزمۇنلار سىزگە يارىغان بولسا دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز! سىز تەۋسىيە قىلغان فىلىمنىڭ نامى خاتا بولۇپ قالدىمۇ-نېمە؟ ‹ قۇملۇق گۈلى› ئەمەس، ‹ قۇملۇق شىرى› دېگەن نامدىكى ئىسلامى تارىخىي فىلىم، شۇنداقمۇ-ئەمەس…..
سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپقاندەك بۇ فىلىمنى بلوگىمىز تەرجىمە قىلىپ بولدى، بۇ فىلىمنىڭ ھازىر ئاخىرقى باسقۇچلۇق تەھرىرلەش كىرىشتۈرۈش خىزمەتلىىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئاللاھ خالىسا فىلىمنى سۈپەتلىك ئىشلەپ، بالىلار بايرىمى ھارپىىسدا ئېلان قىلماقچى بولىۋاتىمىز! نەزىرىڭىز داۋاملىق بلوگدا بولغاي!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


كۇلمەس مۇنداق يازغان:

ئەركانى ئەپەندىم بىلگۇڭىزدا 3تال ماقالدىن باشقا ھىشنىمە يوققۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئەركانى مۇنداق يازغان:

كۈلكە ئەپەندى، ئەمدى قاراپ بېقىڭ، بلوگىمدا نېمىلەر باركىن!!! :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.10
06:45
13-قەۋەت: «kardu» دەيدۇلەركى :

تەرجىمە قىلىش سۈرئىتىڭلار بارغانچە تىزلىشىپ كېتىپ بېرىۋاتىدۇ جۇمۇ ،كۈندە دېگۈدەك يېڭى تەرجىمە فىلىملەر چىقىۋاتىدۇ. رەخمەت قولۇڭلارغا گۈل ئۈنسۇن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.10
06:54
14-قەۋەت: «داۋان» دەيدۇلەركى :

شاخ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق دوسلاغا پېقىردىن ئوتلۇق سالام ھەقىقەتەن ياخشى فىلىمكەن قولۇڭلاغا دەرت كەلمىسۇن بىزگە سۇنغان ئېسىل سوغاڭلارگە كۆپ تەشەككۇر

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.10
09:00
15-قەۋەت: «ئالىمجان» دەيدۇلەركى :

يامان قىزىق فىلىمكەن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.10
11:09
16-قەۋەت: «چەۋەندازلار بلوگى» دەيدۇلەركى :

داۋامىنى كۈتىمەن. قىزىقىپ قالدىم. رەھمەت سىلەرگە.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.11
07:30
17-قەۋەت: «ئەلىشر» دەيدۇلەركى :

ناھايىتى ياخشى فىلىمكەن . قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن !
بولسا فىلىمنىڭ قانچە قىسىلىق، ھەر قىسمى قانچىلىك ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىسىلە خاپا بولماي دەپ بەرسەڭلار تەقەززالىق بىلەن كۆرۇشنى كۈتىۋاتىمىز .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ھازىرغىچە ئېرىشكىنىمىز بۇ فىلىم جەمئىي 5 بۆلۈم بولۇپ، ھەربىر بۆلۈم جەمئىي سەككىز قىسىمدىن تەركىب تاپقان، ھازىرچە بۇ فىلىمنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەيدىغان ئادەملەر ئىنتايىن ئاز، پەقەت شەمسىلا قىلىۋاتىدۇ، فىلىمنىڭ چۈشۈشىمۇ بەكلا ئاستا، ئۇنىڭ ئۈسىتگە ھەم قالغان تەرجىمان دوستلارنڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا ئۆزىنىڭ فىلىملىرى بار، شۇڭلاشقا بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلغاچ پۈتكەنلا قىسمىنى بىر تەرەپتىن يوللاپ تۇرىۋاتىمىز، ئامال بار تېز يوللاشقا تىرىشىمىز، رەھمەت…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.11
10:16
18-قەۋەت: «ئەركانى» دەيدۇلەركى :

نۇر ئىسلام مۇنبىرىدىن ئىگەللىشىمچە، بۇ فىلىم بەش بۆلۈم جەمئىي 60 قىسىمكەن، نۇر ئىسلام مۇنبىرىدىكىلەرمۇ بۇ فىلىمنىڭ خەنزۇچىسىنى تېخى تولۇق تەرجىمە قىلىپ تۈگەتكىنى يوق،بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئېلان قىلىۋاتىدۇ، شاھ ئۇيغۇر بلوگىمۇ ئاللاھ خالىسا شۇلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ماس قەدەمدە تەرجىمە قىلىپ ھەر قايسى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.11
17:22
19-قەۋەت: «قاپلان» دەيدۇلەركى :

رەھمەت، داۋامىنى كۈتىمىز. جاپا چەكتىڭلار.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.12
04:38
20-قەۋەت: «dawut» دەيدۇلەركى :

بۇ فىلىملەرنى چۈشۈرۈپ كۆرگىلى بولغان بولسا دەيمەن، چۈنكى مېنىڭ ئۆيگە ئاپىرىپ كۆرگۈم بار ئىدى

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.12
04:51
21-قەۋەت: «دىلمۇرات» دەيدۇلەركى :

چەتئەلدە ئاياللارمۇ مەسچىتكە كىرەمدۇ قانداق؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


نۇرئەخمەت مۇنداق يازغان:

ئەسلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئاياللارمۇ مەسجىدكە باراتتى،ئەرلەر ئالدىنقى سەپلەردە ئاياللار ئاخىرقى سەپلەردە بۇلاتتى،دىيارىمىزدا بولسا چەكلىنىۋاتىدۇ،

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.12
17:14
22-قەۋەت: «رۇسلان0998» دەيدۇلەركى :

يۇمۇر سىتىك ھەم ئېتىقاد مەسىلىسىنىمۇ نەدىلا بولمىسۇن قانداقلا قىيىن چىلىق بولمىسۇن ئۇنۇڭدىن باشتارتىپ بۇلالمايدىغان بىر مەجبۇريەت ئىكەنلىكىنى ئىنىق نامايەن قىلنىپ ئىشلىنىپتۇ ھەقىقەتەن ياخشىكەن،داۋامىنى كۇرۇشكە تەشنا جۇمۇ..

يەنە ماۋۇ تۇرۇكلەنىڭ كورتلاۋادىسى پەلەستېن دىگەن فىلىمىنىڭمۇ داڭقىنى ئاڭلىغان لىكىن كۇرۇپ باقماپتىكەنمەن.ئاشۇ فىلىمنىمۇ بىر كۇرۇشكە مۇيەسسەر بولساق بۇلاتتى :grin:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.13
07:30
23-قەۋەت: «تورباجىن» دەيدۇلەركى :

مەن بىر كۆرۈپ باقاي .ئاندىن ئىنكاس يازاي.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.14
17:32
24-قەۋەت: «ئەززام» دەيدۇلەركى :

ئەمما ما كىنو ماڭا بەك يارىدى ، بىر قىسىملا كۆرۈپ قالغان قىسىملىرىمۇ مىنى شۇنچە تەقەززار قىلدى….

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.15
01:54
25-قەۋەت: «ئەزىزەم» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاھ ئەپەندىم بىز تەقەززا بولۇپ كىتىۋاتىمىز، 1-قىسمى چىقىپلا قالغىنى چىقمايدىغۇ ؟؟؟؟ 1 قىسىم تەرجىمە قىلىپ بولسڭلار شۇنى يوللىمامسىلە؟؟؟
ھازىر نەچچە كۈن بوپ كەتتىغۇ يە بىر قىسمىمۇ چىقمايدۇ ؟ سىلەر بەك ئالدىراشمۇ يا ؟ :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شەمسى مۇنداق يازغان:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن بۇ فىلىمنىڭ تەرجىمانى. ھازىر بۇ فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمىلا ئۇيغۇرچىغا تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ بولدى. ئىككىنچى قىسىمنىڭ تەرجىمىسى تۈگەپ شاھ ئەپەندىگە يوللىنىپ بولدى. ئەمما فىلىمنىڭ خەتسىز نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش قىيىن بولماقتا، ئىككىنچى قىسمىنى مەن چۈشۈرىۋاتقىلىمۇ ئىككى ھەپتە بولاي دېدى، ئەمما تېخىچە چۈشمەيۋاتىدۇ. خەتسىز نۇسخىسى بولمىسا فىلىمنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىك تەھرىرلەش خىزمىتىنى ئىشلەشكە مۇمكىن بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دوسلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.15
04:31
26-قەۋەت: «ئاللايار» دەيدۇلەركى :

ئەسسالاممۇئەلەيكۇم ئەركانى ئەپەندى رەھمەت سىزلەرگە، مەن «قۇملۇق گۈلى»دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئاياللارنى سۈننەت قىلىشنى تېما قىلغان بىر ئېلان چۈشەندۇرۇشىنى ھەم شۇ كىنو توغرىسىدا بېرىلگەن بىر قانچە پارچە رەسىمنى (قايسى مۇنبەردە كۆرگەنلىكىم ئىسىمدە قالماپتۇ) مۇنبەردە كۆرگەن ئىدىم.كىنونىڭ تەپسىلى چۈشەندۇرۇشىگە قارىغاندا تۇلىمۇ ياخشى كىنو ئوخشايدۇ.شۇ سەۋەپ بۇ كىنونى بىر كۆرۇپ بېقىش ئىستىكى قوزغالغان ئىدى.بەلكىم سىز دىگەن «قۇملۇق شىرى» شۇ كىنو بولۇپ قالسا تولىمۇ خوشالىنارلىق ئىش بولاتتى. مەن سىزلەرنىڭ بىلوگىڭىزلارنى ياقتۇرىمەن ھەم دوستلېرىمغىمۇ تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن.رەھمەت سىزلەرگە.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.15
05:17
27-قەۋەت: «قۇتلۇق284» دەيدۇلەركى :

سىلەرنىڭ بىزلەرگە كۈندە دىگۈدەك يىڭى فىلىملەرنى تەغدىم ئىتىپ كەلگىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن ،

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.16
02:24
28-قەۋەت: «مەدرىس» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن سىلەرنىڭ تەرجىمە قىلغان كىنولىرىڭلارنى كۈرۈشكە بەكلا ئامراق بۇپ قالدىم. سىلەر بىر خىل تەربىيە ئەھمىيتى بولغان كىنولارنى تەرجىمە قىلىدىكەنسىلە. ئىشلىرىڭلار كۈڭۈلدىكىدەك بولسۇن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.16
04:37
29-قەۋەت: «نالە» دەيدۇلەركى :

بەك ياخشى فىلىمكەن ،داۋامىغا ئېنتىزارمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.16
12:50
30-قەۋەت: «جاراستان» دەيدۇلەركى :

ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم ئىكەن !! ھاردۇقۇم چىقىپ قالدى !!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.17
08:06
31-قەۋەت: «ئەنۋەر» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر شاھ تورىدىكى دوستلار .بۇ فىلىم بەك ياخشى فىلىمكەن .
لىكىن مەن بۇ كىنونى سىلە يېڭى يوللىغاندىلا كۆركەن ھازىر خىلى ۋاخلار بوپكەتتى قالغان قىسمىنى يوللىمايسىلە . كىنونىڭ خەۋىرىنى بىر بەرسەڭلار بوپتىكەن ھازىر قانچە قىسىم تەرجىمە قىلىپ بولدىڭلار .
سىلەرنىڭ چ چ نۇمۇرىڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن . ياكى بولمىسا چۇن بولمىسۇ …….

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

فىلىمنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ بولغان قىسمىنى يوللاپ تۇرىۋاتىمىز، بىر ئىككى كۈن ئىچىدە ئىككىنچى قىسمى يوللىنىدۇ، ھازىرقى پىلان بۇيىچە بىر ھەپتىدە بىر قىسىمدىن تەرجىمە قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. ئەگەر تەرجىمانلار كۆپەيسە ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىنمۇ تېزرەك قىلىشىمىز مۇمكىن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.18
11:05
32-قەۋەت: «كۇلمەس» دەيدۇلەركى :

شۇنداق قولغۇچىلار قانچە كوپ بولسا تەرجىمىمۇ شۇنداق تىز بولىدىدە ئەپسۇس

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.18
14:43
33-قەۋەت: «ئېلېكترون ھەۋەسكارلىرى توربېكىتى» دەيدۇلەركى :

داۋامىنى كۈتىمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.19
09:34
34-قەۋەت: «مۇسلىم» دەيدۇلەركى :

مەن ئاخېرىدا قالغان بولساممۇ ،ئىككى ئىغىز گەپقىلاي. ناھايىتى ياخشى چېقىپتۇ .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.19
11:01
35-قەۋەت: «مۇسلىم» دەيدۇلەركى :

نيۇيوركتا بەش مۇنار قاچانراك تەييار بولا،؟

370708908 چچ

بۇ باھاغا پىكرىم بار


نۇرئەخمەت مۇنداق يازغان:

تەرجىمىسىنى ئىشلەۋاتىمىز،ئىككى ھەپتە ئىچىدە پۈتىدۇ ئىنشائاللا!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.21
13:43
36-قەۋەت: «بىرزات» دەيدۇلەركى :

1-قىسىمى ياخشى تەسىر قالدۇرغان ما كىنونىڭ، 2-قېسمى بەكلا بەزەپمۇ يا؟ كۆرۈرمەنلەرگە سەلبىي تەسىر بىرىپ قويمىسىلا بولاتتىغۇ :???:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.27
03:19
37-قەۋەت: «پادىچى يىگىت» دەيدۇلەركى :

راستلا بەك ياخشىكەن بۇ كىنو`

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.30
14:08
38-قەۋەت: «ئالما» دەيدۇلەركى :

نىمىشقا باشقا تور بەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ تەرجىمە قىلمايسىلەر مەسلەن. قۇتيار،ئاق بۇركۈت،تۇرانىم يەنۇ بۇ شاھ ئۇيغۇر

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ياۋۇزئەپەندى مۇنداق يازغان:

ھەممىسىنىڭ ئىشى بار ئەپەندى.
يەنە كىلىپ ھاكچى بىلەن ئۇنچى كىلىشالماپتۇ دىگەن گەپ بار :grin:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.06.11
09:42
39-قەۋەت: «تورباجىن» دەيدۇلەركى :

شۇنداق كۆرگۈم بار ئىدى .مىنىڭكىدە بەك قېتىۋالدىغۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.06.25
14:43
40-قەۋەت: «ئاللايار» دەيدۇلەركى :

رەھمەت،ئاخىرقى قىسىملېرىغا تەشنامەن…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.06.25
15:26
41-قەۋەت: «Forever» دەيدۇلەركى :

تەرجىمىدىن چىقىپ ئېلان قىلىنغان قىسىملىرىنى داۋاملىق مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىغا تەھرىرلەيدىغان ئوخشىمامسىلەر ؟!
ئىنكاسلارغا قارىسام بۇرۇن ئوقۇغاندەك قىلىمەن ، شۇڭا دەيمىنا :grin:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

ھەر بەتتە تۆت قىسىمدىن ئېلان قىلىنىدۇ، كېلەر قىسىمدىن باشلاپ ئايرىم بەتتە ئېلان قىلىنىدۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.06.27
15:27
42-قەۋەت: «تەكلىماكان» دەيدۇلەركى :

بولسا چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىز بەك خوش بولاتتىم، ھە راسىت ئەسكەر رايىننى قۇتقۇزۇش فىلىمىنىمۇ كۆرگۈم بار ئىدى، بولسا بۇلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز، سىزنى ئاۋارە قىلدىم.
سىلەرنىڭ تور بېتىڭلارنى بەك ياقتۇرىمەن، رەخمەت سىلەرگە……. :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.07.2
17:39
43-قەۋەت: «توغراق» دەيدۇلەركى :

ئاخىرى قاچان يوللىنا ئەمدى ساخلاپ كوزۇم 4 بولاي دىدى

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.07.14
05:54
44-قەۋەت: «ئويغاق» دەيدۇلەركى :

تۆت قىسىمنى كۆردۈم، قالغىنىنى قاچان كۆرۈمىز.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.07.16
03:13
45-قەۋەت: «مۇسلىم» دەيدۇلەركى :

ئاخىرى يوقمىكەن . چىقمايدا ھەجەپ .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.07.24
04:09
46-قەۋەت: «بوستان» دەيدۇلەركى :

اللا رەھمەت قلسۇن. داۋامنى كۇرۇشكە بەك ئالدئراپ كتۋاتمەن……………….

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.5
13:19
47-قەۋەت: «كەچكۇز» دەيدۇلەركى :

رەھمەت سىلەرگە

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.5
13:22
48-قەۋەت: «كەچكۇز» دەيدۇلەركى :

كوپ جاپا چىكىپسىلەر ئاللا ئەجرىڭلەرنى بەرسۇن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.09.16
21:49
49-قەۋەت: «篮球美女» دەيدۇلەركى :

ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل فىلىم ئىكەن . بۇ فىلىمنى كۆرۈپ مەندە نۇرغۇنلىغان ئۆزگۈرۈشلەر بولدى ھەم كۆرگىنىمدىن شۇنداق خۇشال بولدۇم . بۇ تور بىكەتنى نىمىشقىمۇ بۇرۇنراق كۆرمىگەن بولار ئىدىم دەپ ئەپسۇسلىنىپ قالدىم . راستىمنى ئىيتسام قەلبىمدە لەرزىگە تولغان خۇشاللىق ، بۇ فىلمنى كۆرۋىتىپ خۇددى ئۆزۈممۇ شۇ فىلىمدىكى بىرەرسىدەك ، خۇددى مەنمۇ شۇلارنى ئارسىدا تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم . رەھمەت سىزگە ! ;-)

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.11.18
13:10
50-قەۋەت: «فاتىمە» دەيدۇلەركى :

:grin: رەخمەت دوستلىرىم قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن ئۇلۇغ رەببىم

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.11.18
23:21
51-قەۋەت: «umutwar03» دەيدۇلەركى :

ئەسسەلامۇ .ئەلەيكۇم .سىلەرگە رەھمەت .بولسا بۇ كىنونى تەرجىمە قىلىپ قويساڭلا.
ayat ayat cinta ISLAMIC MOVIE

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.11.18
23:23
52-قەۋەت: «umutwar03» دەيدۇلەركى :
2011.11.19
17:30
53-قەۋەت: «مۆجىزە» دەيدۇلەركى :

بەك ياخشى تەرجىمە بوپتۇ. :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.23
23:24
54-قەۋەت: «غايىپ» دەيدۇلەركى :

مەن بۇ فىلىمنى كۆرەي دېگەنتىم، بىراق كۆرەلمەيۋاتىمەن، ئەسلى كۆرۈش ئادېرىسى يۇيۇلۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ مەن تېخى ئەمدى ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرەي دېگەن. بولسا ئادېرىسىنى تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز…. مەن گۇگىلنىڭ تور كۆرگۈچىسىدە چىققان…..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.12.24
23:00
55-قەۋەت: «ئايقۇت» دەيدۇلەركى :

ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم
بۇ فىلىمنىڭ 7- قىسمى چىقماس بولۇپ قاپتۇ . ئېغىر كۆرمەي بىر ئوڭشاپ قويغان
بولساڭلار …شۈكران

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئايقۇت مۇنداق يازغان:

داۋاملىق تۈردە تەرجىمە قىلىشىڭىزلارغا تەشنامەن …

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.01.17
02:01
56-قەۋەت: «بىلدۈر» دەيدۇلەركى :

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم! ئاللا ھەممىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ، ئىلىمىمىزنى زىيادە قىلغاي. بۇ فىلىمدىن ئۈچ قىسىم كۆردۈم. كومىدىيىلىك ئىشلىنىپتۇ. بىر قىسىم جايلىرنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. دەسلەپتە شۇ جاي مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى شۇنچىلىك بولغاچقا سىنارىست قېرىندىشىمىز شۇنداق يازغان ئوخشايدۇ ، دېمىسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك ئىمانلىق بولۇپ كېتەلمەيدۇ ، ھەممە ئىشنىڭ ئالدى – كەينى بار دەپ ئويلاپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ كۆرگەن ئىدىم. كېيىن بەزى تەپسىلاتلار مەندە بۇ كىنوغا بولغان گۇماننى تۇغدۇردى. ئەڭ قىسقىسى ئەڭ ئەقەللىي ، ئاددىي بولغان مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىنغان . فىلىمنىڭ مەقسىتى نېمە ؟ كۈلدۈرۈشمۇ ؟ ئاللا كىملەرگە پۈكۈنۈپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈشمۇ ؟ بەلكىم سىنارىيەنى يازغان كىشى ياكى رېژىسسورنىڭ ئىسلام چۈشەنچىسى چوڭقۇر ئەمەستۇ. ئاشۇنداق بىر تۈركۈم مۇسۇلمان بار دېمەكچى بولسا مەن شەكسىز ئىشىىنىمەن، ھەتتا دىيارىمىزدىمۇ بار. لېكىن كىنو ئىشلىگەن ئادەم ئۇنى مۇۋاپىق يوسۇندا ئىپادىلىسە تامامەن بولىتى. كىنودىكى بەزى قىلىقسىز يەرلەرنى چىقىرىۋەتسە كىنودا ھېچقاندان نۇقسان پەيدا قىلمايدۇ ،ئەكسچە بىزمۇ خاتىرجەم كۆرەتتۇق. دېمەك بۇ تەپسىلاتلار مەقسەتسىز ياكى مەقسەتلىك ھالدا قەستەن قالدۇرۇلغان. بۇ فىلىم ئىسلام تەشۋىقات فىلىمى بولالمايدۇ. ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن تۇرساقمۇ چىن ئىپادىلەش كېرەك ، لېكىن يەنىلا كۆرۈرمەنلەرنى ئويلىشىش لازىم. مەسىلەن بىراۋ تەرەت قىلدى دەپ يازماقچى بولغان يازغۇچى بىر جۈملە سۆز بىلەن ئىپادىلىسىمۇ ناھايىتى چىن ئىپادىلىگەن ھېساپلىنىدۇ. چوقۇم قالغىنىنى بىز تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ھەرگىزمۇ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى بىلەن ئالغان قەدىمى ، ھاسىلاتنىڭ شەكلى ، رەڭگىنى تەسۋىرلەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەسەر يەنىلا چىنلىققا ھۆرمەت قىلغان ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر قەستەنگە شۇ تەپسىلات قوللىنىلسا ئۇ ھالدا ئۇ ئەسەر باشقىچىرەك ئەدەبىياتقا ، يازغۇچىمۇ باشقىچىرەك كىشىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاخىردا خاتالىقلىرىمغا تۆۋبە قىلىمەن. دوسلارنىڭ باسقان قەدىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


مەلىكە مۇنداق يازغان:

ئەلۋەتتە.ئەلۋەتتە.سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قۇللايمەن.لىكىن ھۆرمەتلك كۇرمەن .ئۇيلاپ بېقڭ.ئامىرىكا ،كانادا دەك ياۋرۇ ئەلىرىدە مۇشۇداق كىنۇنىڭ ئىشلنشى ئۆزى بىر خۇشالىنارلىق بىر ئشى .بۇلسا پۈتكۈل ئىنسلار ئىسلام دىنغا كىرىپ مۇسۇلمان بۇلغان بۇلسا تۇلىمۇ ياخشى ئىش بۇلاتتى.ئەمما ھەممە ئىش كىشنىڭ ئۇيلىغىنىدەك بۇلمايدىكەن.مىڭىڭچە بۇلىسا ئىسلام دىنغا ئائىت ھەرقانداق كىنۇ ۋلۇۋد دىكى ھەممە كىنۇنى بىسېپ چۇشۇدۇ، ‹‹ بۇ فىلىم ئىسلام تەشۋىقات فىلىمى بولالمايدۇ››دەپسز، مەن بۇ پىكىرىڭىزگە قارىشى. مۇشۇنداق كىنۇلارنىڭ كۇپلەپ ئىشنىشى ئىسلام دىننى قەتىئى بىلمەيدىغان ھەم چۈشەنمەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئېتىقاندا بىر ياخىشى دەرىس بۇلالىدىفانىغا ئشىنمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.04.22
20:36
57-قەۋەت: «قارلىغاچ» دەيدۇلەركى :

قېرىندىشىمىز( بىلدۈر ) نىڭ ئېيتقانلىرى مەنچە بولغاندا ئىنتايىن توغرا ، چۈنكى ئۇنىڭ ئويلىغانلىرى بۇ كىنونىڭ كىيىنكى فىلىملىرىدە ئىسپاتلاندى . فىلىمنىڭ بەزى قىسىملىرىدا ھەقىقەتەن تېتىقسىز يەرلەر بار . ئىسلامچە بىر فىلىمنى سىنارىستىنى يازغان ئاپتۇر چۇقۇم سىنارىرىستىكى قىلىقسىز كۈرۈنۈشنىڭ ھەقىقەتەن ئىسلامغا يات ئىكەنلىكىنى چۇقۇم بىلىدۇ . مىنىڭ ئويلىشىمدا ئۇ چۇقۇم بۇ يەرنى قەستەن قالدۇرۇپ قويغان . بۇ كىنونىڭ كىيىنكى بۈلۈملىرىدە كۈرۈمىز تېخى . نۇرغۇنلىغان خاتا ئىدىيىلەر ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن . بىز بەزى كۈرۈنۈشلەرنى شۇ يەردىكى غەرب مەدەنيىتىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن شۇنداق ئىشلىنىپ قالغان دەپ چۈشەنسەكمۇ بۇ فىلىم ھەقىقى بىر ئىسلامىي تۈسنى ئالغان فىلىم ئەمەس . ھەقىقەت شۇنداق بولغان ئىكەن . بۇ فىلىم ھەرگىز ئىسلام تەشۋىقات ۋاستىسى بۇلالمايدۇ . ئىسلام ھەرگىز مىكى مىكى تۇتۇرۇقسىز قانۇن تۈزۈمگە ئىگە ئەمەس . بىر ئىش چەكلەنگەن ئىكەن ئۇ ئىشنى چۇقۇم قىلماسلىق كېرەك . بۇ كىنو بەلكىم يەر شارى مىقياسىدا تارقىلىشى مۇمكىن . شۇڭا بەزى ئەخلاقسىز كۈرۈنۈش قەتئىي چىقماسلىق كېرەك ئىدى ،كىيىنكى بۈلۈملىرىدا يەنە تېخى ئىدىيىنى بۇرمىلاپ (ئىسلامنى خاتا تەشۋىق قىلغان كۈرۈنۈشلەر بار ) قويغان يەرلەرمۇ بار مىنڭچە ،سەگەكرەك بولغىنىمىز تۈزۈك ، ھازىر ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن ئىشلەنگەن ئىسلامنىڭ شەرىئەت – ئەھكاملىرىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقان كىنو فىلىملەر بار . ئىتقادىمىزنىڭ سۇسلىقى ۋە ئىسلامنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۆز دىنىمىزنىمۇ يوقىتپ قويغىلى تاس تاماس قېلۋاتىمىز . قېرىنداشلار ھەقىقي مۇسۇلمان بۇلۇيلى ! قاچانغىچە مۇشۇنداق ئوتتۇرىدا لاغايلاپ يۈرۈيمىز ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


SYAWUSH مۇنداق يازغان:

دېگىنىڭىز توغرا. ئارتۇق گەپ ھاجەتسىز.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.07.3
00:47
58-قەۋەت: «ئىنسان» دەيدۇلەركى :

نۇرغۇن ئادەملەر تالىباننى مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۈلگىسى دەپ قەلبىدە ئوبراز تىكلەپ بولدى.كىمكى شۇلارغا ئوخشىمىسىلا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئىنكار قىلغۇسى كېلىدۇ.
مەنمۇ دەسلەپتە كۈرۈپ بۇلارنىڭ خرىستىيانلار بىلەن ھەمداسىتخانبولغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالغاندەك بولدۇم.ئويلاپ باقسام بۇلار كۈندە نەچچە ۋاخ سېكىرتاردىن تەلىم ئالىدىغان مۇسۇلمانلاردىن كۆپ ياخشىكەن.
دېمىسىمۇ بىر خەق ئارىسىدا بىر يامان ئادەت بار،ئۆزىلا كامىل مۇسۇلمان،كۆزىگە سىغمىغانلارنىڭ ھەممىسى كاپىر

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.08.14
00:26
59-قەۋەت: «ئابلىكىم» دەيدۇلەركى :

نىمدىسەم بولا لىكىن ھەمىڭلارغا دىسەم بۇ توربەت ھەقىقەتەن ياخشىكەن!!! مەن شۇنداخلا ھەمىمىز بۇتوربەتتىكى بارلىق خىزمەتتاشلىرغا رەخمەت ېيتىمەن!!! قېرىنداشلىرىمغا رەخمەت!!! :razz: :razz: :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.01.2
22:44
60-قەۋەت: «رۇمەيسە» دەيدۇلەركى :

بەك ياخشى كەن رەخمەت :!: :?:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.01.6
23:59
61-قەۋەت: «ئالىم جان» دەيدۇلەركى :
2013.02.16
00:04
62-قەۋەت: «شاكا» دەيدۇلەركى :

سىزدىن بەك سۈيۈندىم نۇرغۇن كىنو فىلىملەرنى ، تەرجىمە قىپ ھەقسىز تارقىتىپ كىلىۋاتىسىز…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2013.06.23
19:16
63-قەۋەت: «نالان» دەيدۇلەركى :

:sad: چۈشۈرىۋالغۇم بارئىدى .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量