ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ

Post image of ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ
سەھىپە: بلوگ بىلدۈرگۈسى باھا: 17

ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ

ھەممىمىزگە مەلۇم يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس مىكروبلوگ توغرىسىدا ئىككى قېتىملىق سۆھبەت خاتىرىسى ئۇيۇشتۇردى، ھەم كەڭ تېلېۋىزۇر كۆرگۈچىلەرگە مىكروبلوگنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا ، ئۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ئەھمىيىتى ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئوينايدىغان رولى توغرىسىدا بىر قەدەر تەپسىلى چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولدى، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم بلوگگېرلار ئارا مىكروبلوگ قۇرۇش قىزغىنلىقى بىر مەھەل پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ھەم مىكروبلوگ توغرىسىدا بىر قاتار مۇلاھىزىلەرمۇ قىلىشقان بولدى، ئەمما بۇ جەرياندا مىكروبلوگ توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل سۇئاللار شەكىللىنىشكە باشلىدى

ئۇيغۇرلارغا مىكروبلوگ قۇرۇش زۆرۈرمۇ؟ بىز مىكروبلوگنى نېمىگە ئىشلىتىمىز؟ مىكروبلوگ ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قانچىلىك رول ئوينايدۇ؟ ئۇيغۇرچە مىكروبلوگلارنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا تەرەققىياتى بارمۇ يوق؟

بەلكىم تېلېۋىزۇردا قويۇلغان بۇ ئىككى قېتىملىق پروگراممىنى كۆرگەن تور ھەققىدە ئاز تولا چۈشەنچىسى بار تورداشلار ياكى كۆرۈرمەنلەر كۆرۈپ يېتەلەيدۇكى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق مىكروبلوگ توغرىسىدا يولداش ئالىم ئەھەت بىلەن بولغان سۆھبىتىدە گەرچە سۆھبەتنىڭ باش تېمىسى مىكروبلوگ توغرىسىدا بولغىنى بىلەن ئەمما تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا پەيدا بولغىنى خەنلەرنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇيغۇرلاردىكىسى مىكروبلوگ ئەمەس بەلكىم كۆپىنچە بلوگ بولغان بولدى، يەنى يۈكسەل ۋە تەدبىركار قاتارلىق بلوگلارنى چىقىرىپ قويۇپ تۇرۇپ مىكروبلوگ پارىڭىنى قىلماقچى بولدى دېيىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا سۆھبەت مەزمۇنىغا دىققەت قىلساقمۇ پاراڭدا مىكروبلوگ بىلەن بىرگە بلوگ، مۇنبەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلار بار، سۆھبەت مەزمۇنىمۇ ئاساسلىق يەنىلا بلوگ ئەتراپىدا چۆرگىلىدى دېيىشكە بولىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىق مىكروبلوگ توغرىسىدىكى پروگراممىسىدا ئاندىن سۆھبەت مەزمۇنىنى مىكروبلوگقا بىر ئاز يېقىنلاشتۇرۇپ قىسمەت ۋە تەدبىركارنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان مىكروبلوگى ئارقىلىق (گەرچە بۇلارنى ھەقىقى مىكروبلوگ دەپ ئېيتىشقا بولمىسىمۇ) مىكروبلوگ توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى، بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى گەرچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تۇيۇقسىزلا تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك مىكروبلوگىنىڭ پارىڭىنى سالغىنى بىلەن ئەمما ئۇيغۇر تورچىلىقىغا نەزەر سالساق مىكروبلوگ ئۇقۇمى ئۇيغۇر تورداشلارغا نىسپەتەن ھېچقانچە تۇنۇش ئەمەس يېڭىچە بىر ئۇقۇم، ھەتتا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى بىر قىسىم تورداشلار ئارىسىدا كۆتۈرۈلگەن بلوگ قىزغىنلىقى ۋە ئارقىمۇ ئارقا قۇرۇلغان ئۇيغۇرچە بلوگلارمۇ تېخى ئۇيغۇرلاردا بلوگ دېگەن ئۇقۇمنى تۇلۇق تۇنۇتۇپ بولالمىغان يەردە مىكروبلوگ توغرىسىدا ھازىر ئېغىز ئېچىش خېلىلا بالدۇر، دېمەك ھازىر ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئايرىم تۇنۇشتۇرۇپ كەتكۈدەك بىرەر ئۇيغۇرچە مىكروبلوگ سۇپىسى ياكى شەخسى مىكروبلوگ قۇرۇلغىنىمۇ يوق، بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈن چىقىدۇكى تېلېۋىزۇردا كۈچەپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان مىكروبلوگنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئوينىغان رولى، ئەھمىيىتى ھەققىدە قىلغان بايانلارنىڭ ھېچقايسىسى بىز ئۇيغۇرچە مىكروبلوگنىڭ ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن رولى بولماستىن ئەمەلىيەتتە ئۇچۇقىنى ئېيتساق سىنا (خەنزۇچە ئاتىلىشى شىنلاڭ بولۇپ تۆۋەندە ئۆزىنىڭ ئېنگىلىزچە ئىسمى بىلەن ئېلىنىۋېرىدۇ) مىكروبلوگىنىڭ تورداشلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا، جەمئىيەتكە كۆرسىتىۋاتقان ئاكىتىپ تەسىرلىرىدىن ئىبارەت، سىنا بلوگىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تورداشلارمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە، خوش، ئۇنداقتا خەنلەردە مىكروبلوگ نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك تېز تەرەققى قىلىپ كەتتى؟ ئەمىسە بىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى مىكروبلوگ كەلگۈسىگە  جاۋاب تېپىشتىن بۇرۇن خەنلەردە مىكروبلوگنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك تېز تەرەققى قىلغانلىقىغا نەزەر سېلىپ باقىلى… تۆۋەندىكىسى ئۆزۈمنىڭ بۇ بىر قانچە كۈنلۈك بۇ قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تور دۇنياسىنى كۈزىتىش جەريانىمدا خەنلەرنىڭ مىكروبلوگىنىڭ شىددەت بىلەن ئۇمۇملىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا بولغان شەخسى كۆز قارىشىم:

  1. خەنچە مىكروبلوگ (微博) ئاتالغۇسىنىڭ ئۇلاردا بىر خىل مودا ئاتالغۇسى بولۇپ قالغانلىقىدا

خەنلەر بىلەن ئازىراق باردى كەلدى قىلىشىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيىتىنى ئازىراقلا بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خەنلەرنىڭ يېڭىچە ئاتالغۇغا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىككى خەنچە خەتنى بىرىكتۈرۈپلا يېڭىچە ئاتالغۇدىن بىرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا تىلىغا يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان بىرەر سۆزنى ئىجاد قىلسىلا بىردەمنىڭ ئىچىدە مودىغا ئايلاندۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ئوبدانلا بىلىدۇ، دېمەك مىكروبلوگ سۆزىنىڭ خەنچە ئاتىلىشى (微博) ئۇلاردا يېڭىچە مودا ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن، ھەم ناھايىتى تېزلا ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك سۆز ئىستىمالىغا ئايلاندۇرىۋېتىلگەن.

2.سىنا تورىنىڭ قولايلىقلىقى ۋە بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى

خەنلەرنىڭ مىكروبلوگىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا سىنا تورىنىڭ كۆز يۇمغۇسىز تۆھپىسى بار دېيىشكە بولىدۇ، ئالدى بىلەن سىز ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ خەنچە بىرەر مىكرو بلوگىدىن بىرەرىنى قۇرماقچى بولسىڭىز ئۇنىڭغا ئايرىم تور نامى ياكى بوشلۇق ئېلىپ كود يېزىپ يۈرمەي پەقەتلا سىنا تورىغا كىرىپ ئادەتتىكى مۇنبەرگە كىرگەندەك ئۇنىڭغا تىزىملىتىپلا ئۆزىڭىزنىڭ مىكروبلوگىنى قۇرالايسىز، ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەر قانداق ئىشلارنى، كۆرگەن بىلگەنلىرىڭىزنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشالايسىز، دېمەك سىنا تورى تورداشلارنىڭ ئۆز ئويلىرىنى ئەركىن بايان قىلىش جەھەتتە تورداشلارغا كۆپ قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن، گەرچە سىنا تورىدىن كېيىن خەنلەردە بىر قانچە مىكروبلوگ سۇپىلىرى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ ئەمما بۇنداق بولىشىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتكەن سىنا تورى ئاللىبۇرۇن پۇل خەجلەپ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا سىنا مىكروبلوگىنى تەشۋىق قىلدۇرۇپلا قالماستىن يەنە داڭلىق ناخشا، كىنو چولپانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ سۇپىسىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئاجرىتىپ ئۇلارغا قىززىققۇچىلارنى سىنا تورىدىن ئىزدەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىگە ھازىرقىدەك مۇستەھكەم ئاساس تىكلەشكە ئاللىبۇرۇنلا پۇختا تەييارلىق كۆرىۋالغان، دېمەك ئۇلارنىڭ دەسلەپتە ئېلىپ بارغان بۇنىڭغا ئوخشاش مەن بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان بىر قاتار ئالدىن كۆرۈش تەدبىرلىرى ۋە تەرەققىيات پىلانلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ھازىرقىدەك خەنلەر ئارىسىدا مىكروبلوگ پارىڭى چىقسىلا سىنانى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدىغان ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان، ھەم سىنا تورىدىكىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا يەتكەن

3.ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مىكروبلوگىنى قۇرۇشى

مىكروبلوگىنىڭ كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىشى ھەم ئۇنىڭ كەڭ ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىشى نەتىجىسىدە خەلق ئاممىسى بىلەن يېقىنلىشىش ئۈچۈن يول ئىزدەۋاتقان ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ مىكروبلوگنىڭ ئۆزلىرىگە ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، مەخسۇس ئۆزلىرىنىڭ مىكروبلوگىنى تەسىس قىلىپ ئاممىنىڭ رايىنى سىناش، خەلقىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مىكروبلوگ ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشى خەنلەردە مىكروبلوگ دولقۇنىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم كۆتۈرۈلىشىگە سەۋەب بولغان. (ئۆزىمىزنىڭ تىلى بۇيىچە ئېيتقاندا مىكروبلوگنىڭ خورىكىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئاساسلىق ئامىلمۇ مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت بولسا كېرەك)

دېمەك يۇقىرىدىكىلەر مېنىڭ خەنچە تور بەتلەرنى تەھلىل قىلىش جەريانىمدا ھېس قىلغان خەنلەرنىڭ ئارىسىدا مىكروبلوگ ئۇقۇمىنىڭ شۇنچە تېز ئۇمۇملىشىپ، تەرەققى قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردۇر، ئۇنداقتا بىز ئەمدى گەپنى ئۆزىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىپ بېشىدا ئېيتىلغان شۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدەپ كۆرەيلى

بىز ئۇيغۇرلارغا مىكروبلوگ قۇرۇش زۆرۈرمۇ؟ بىز مىكروبلوگنى نېمىگە ئىشلىتىمىز؟ مىكروبلوگ ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قانچىلىك رول ئوينايدۇ؟ ئۇيغۇرچە مىكروبلوگلارنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا تەرەققىياتى بارمۇ يوق؟

بۇ سۇئاللار زەنجىرسىمان سۇئاللار بولۇپ بىرسىگە جاۋاب بەرسىڭىز يەنە بىرسىگىمۇ جاۋاب بېرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ، دېمەك بىرىنچى سۇئالغا بىز ئالدى بىلەن بىزلەردىمۇ مىكروبلوگ قۇرۇش زۆرۈر دەپ جاۋاب بېرىشىمىز مۇمكىن، لېكىن بىز مىكروبلوگ قۇرغاندىن كېيىن نېمىگە ئىشلىتىمىز؟ ھازىرغىچە قۇرۇلغان ئۇيغۇرچە مىكروبلوگلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقساق ئاساسى جەھەتتىن يەنىلا شۇ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنى تۇنۇتۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بلوگگېرلارنىڭلا بىر قانچە مىكروبلوگى قۇرۇلغاندىن باشقا ھېچقانداق مىكروبلوگ يوقلىقىنى كۆرىۋالالايمىز، ھەمدە بۇ مىكروبلوگلارمۇ شۇ بلوگگېرنىڭ كۈندىلىك خاتىرە سەيناسى ياكى تاققا تۇققۇ پاراڭ خاتىرىسىدىن ئىبارەت بولۇپ راستتىنى ئېيتقاندا شۇ بلوگگېرنىڭ بلوگى بىلەن سىلىشتۇرسا ئۇيغۇر تورداشلارنى جەلپ قىلغۇدەك ھېچقانداق تۈزۈك نەرسىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، (ئەلۋەتتە مەنمۇ ئىچىدە بار) ئۇنداق بولسا بىز قانداق قىلىپ ئۇيغۇر تورداشلاردا مىكروبلوگ قىزغىنلىقىنى شەكىللەندۈرەلەيمىز؟ ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ قىزغىنلىقى شەكىللەندۈرىمەن دەيدىكەنمىز بىز ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز قۇرىۋالغان تاقا تۇققا پاراڭ سەينالىرىمىز بىلەنلا بۇ نىشانغا يېتەلمەيمىز، بۇنىسى ناھايىتى ئېنىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىلا تورداش تور نام ۋە بوشلۇق ئېلىپ مىكروبلوگ قۇرۇشى ناتايىن، ئەمما بىرەر پىلان بۇيىچە ئىش كۆرسەك بۇنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن، شۇڭلاشقا بىزدىمۇ چوقۇم ئەتراپلىق بىرەر پىلان بولىشى كېرەك، يەنى خەنلەردىن بۇ توغرىسىدا ئۈلگە ئېلىشىمىز كېرەك، بلوگنىڭ ھازىرغىچە تېخى كەڭرى ئۇمۇملىشالمىغانلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟  بۇنى ئوبدان ئويلىنىپ كۆرسەكلا بىز ھازىرقى قەدەمدە مېڭىۋەرسەك مىكروبلوگنىڭ بىزدىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز، ئۇنداقتا بىز قانداق شەكىلدىكى مىكروبلوگ قۇرىمىز؟ تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ خەنلەرنىڭ تورىنى كۈزىتىش جەريانىدا دەسلەپكى تۈزۈپ چىققان كىچىككىنە پىلانىمنى سۆزلەپ كۆرەي، ئەلۋەتتە بۇ پەقەتلا ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى خالاس، قۇبۇل قىلىش قىلماسلىق تور ئاتامانلىرىنىڭ قولىدا

بىرىنچىدىن، بىز ئالدى بىلەن مۇۋاپىق ئىسىمدىن بىرنى تاللاپ ئۆزىمىزگە خاس ھەم سىنا تورىغا ئوخشاش ھەقىقى مىكروبلوگ سۇپىسىدىن بىرنى قۇرىشىمىز كېرەك (ئىككىسىمۇ بىزگە ئارتۇقچىلىق قىلىدۇ، ئۇز بلوگ بۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ) چۈنكى سىنا مىكروبلوگىغا ئوخشاش ياخشى ھەم قىسقا بولغان ئىسىم شۇ تورنىڭ روناق تېپىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل

ئىككىنچىدىن، تورداشلارنى مۇشۇ مىكروبلوگ سۇپىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىكروبلوگىنى قۇرۇشىغا چاقىرتىشىمىز كېرەك، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ھازىرقىدەك مىكروبلوگ قۇرغۇچىلارنىڭ مىكروبلوگ ئىسمىنى قالايمىقان قويۇشتەك قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئىسىمنى بىردەكلىككە ئېلىپ كېلەلەيمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەلكىم ھېلىقى قالايمىقان 主页(ئانا بەت) ئويناپ يۈرگۈچىلەردىن نۇرغۇنلىغان مىكروبلوگ ئەزالىرى چىقىشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇمكىن بولسا بىر قىسىم ئىككىلەمچى تور نامىنى ئېلىپ قېلىپ ئۇلارنى نامى چىققان شەخسلىرىمىزگە، ئارتىسلىرىمىزغا بېرىش يوللىرى بىلەن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مىكروبلوگىنى قۇرۇپ ئۆزىنىڭ يېڭى بايقاشلىرى، كۆز قاراشلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا تەكلىپ قىلىشىمىز كېرەك، مېنىڭچە قالايمىقان غەيۋەتلەرگە تولغان، ئارتىس ۋە نامى چىققان شەخىسلىرىمىزنىڭ كەينىدىن تولا گەپ چىقىدىغان ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇلارمۇ بۇنىڭ ئەشۇنداق كوچا پاراڭلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئۈنۈملۈك يول ئىكەنلىكىنى بىلسىلا ھەرگىزمۇ ياق دېمەيدۇ، ئەمدى ھار قايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسىگە كەلسەك… ھەممە ئىشلار «قوش تىللىق» بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە بۇنى مەن بىر نېمە دېيەلمەيمەن،  ئۈچىنچىدىن، ئىقتىساد يار بەرسە ئاخبارات ۋاستىلىرى ياكى ئۇلىنىش بەتلىرىدە ھەقىقى ئۇيغۇر مىكروبلوگى سۈپىتىدە ۋاقىتلىق ئۇچۇر بېرىشىمىز ئەگەر يار بەرمىسە مۇشۇ ئۆزىمىزنىڭ بلوگىدا ھەقسىز بولسىمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئېلان قىلىش ئارقىلىق تورداشلارنى بۇنىڭغا قىززىقتۇرىشىمىز كېرەك، چۈنكى بلوگ بىلەن مىكروبلوگ قېرىنداش نەرسە، بۇرۇن چىققان قولاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئىشىپ كېتىپتۇ دېگەندەك ھازىر گەرچە بىز بلوگ ئارقىلىق مىكروبلوگنى تەشۋىق قىلغىنىمىز بىلەن مىكروبلوگ ئەگەر ھەقىقى تەرەققى قىلىپ قالسا كېيىنچە مىكروبلوگ بىزنىڭ بلوگىمىزنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەڭ ياخشى قۇرال بولۇپ قالىدۇ، (پەقەت شۇ مىكروبلوگنى قۇرغۇچى كۆزىنى ئېتىپلاۋالمىسا ھا، ھا) ئەگەر تەشۋىق يېتەرلىك بولسىلا مىكروبلوگ تەرەققىياتىنىڭ بلوگدىن تېز بولىشىغا ئىشەنچىم كامىل. تۆتىنچىدىن، مىكروبلوگ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن «دېموكراتىيە» ۋە «دىكتاتورىنى» تەڭ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، يەنى بىر قانچە باشقۇرغۇچىلارنى تەشكىللەپ كۈندىلىك يوللانمىلارنى تەكشۈرۈپ تۇرىشىمىز ھەم چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ تۇرىشىمىز، ئالاھىدە سۆزلەرگە نىسپەتەن «قارا تىزىملىك» ئىقتىدارىنى يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك. (بۇنى تور بەت ئاتامانلىرى مەندىن بەكرەك بىلىشى مۇمكىن)

دېمەك بۇ مېنىڭ بۇ نەچچە كۈنلۈك كۈزىتىش جەريانىمدا ھېس قىلىپ يەتكەنلىرىم، ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇردۇم، قالغانلىرىنى تورداشلار ئۆزلىرىمۇ پىكىر ئەيلەپ باقسا…

2011.01.23 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

17 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.01.23
18:58
1-قەۋەت: «ئالغا» مۇنداق دېدى:

ھەقىقەتەن ياخشى ، ۋاقتىدا يىزىلغان ماقالە بوپتۇ ، مەن ئىلگىرى سىنا نىڭكىنى ئىشلەتكەن ، ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، api سىنى ئۇلاپلا قويسا قانداق يىڭىلىق بولسا باشقا تور بىكەتلەرنى ئاچمايلا كۆرەلەيدىكەنمىز ، بۇنداق مىكروبلوگلارمۇ ئۇيغۇرلاردا تىز ئومۇملاشقۇسى …

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.24
14:24
2-قەۋەت: «يۈكسەل» مۇنداق دېدى:

ئۇيغۇرلاردا ، يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ سۇپىسى بارلىققا كەلسە،مۇنداق بىر قانچە خىل ئىھتىماللىق بار:
1. ناھايىتى زور مالىيىۋىي ،خادىمىي كۈچ كېتىشى مۇمكىن.
2. ئۇنى بىخەتەر باشقۇرۇپ ، ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش زور خىرسقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
3. ئەگەر ھەر پارچە مىكروبلوگ يازمىسىنى تەستىقلاپ چىقىرىش تەلەپ قىلىنسا، مىكروبلوگنىڭ تېز ئۇچۇر يەتكۈزۈش فۇنكسىيىسى ئۆلۈشى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۈكىنى مىسلىسىز ئاشۇرۋېتىشى مۇمكىن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


بۇغرا مۇنداق يازغان:

جان يەرلىرى قەيتلىنىپتۇ. راست دەيسىز.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.24
15:08
3-قەۋەت: «پادىشاھ» مۇنداق دېدى:

ئۇيغۇرلاردىكى بلوگلار بۇلتۇر 5.14 كۈنىدىن باشلاپ ئىككىنجى قېتىم قايتا تۇغۇلغاندىن تا ھازىرغىچە قۇرۇلغان بلوگلار كۆپ بۇنىڭدىن بلوگلارنىڭ تەرەقىياتىنىڭ تىزلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ ، لېكىن شىنجاڭدا مىللىيچە يېزىقتا ياسالغان مۇكەممەل بلوگ سۇپۇسى يوق شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار


پرېستان مۇنداق يازغان:

«ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ» دەپسىز، يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
wordpress,PJ blog لارنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى بار.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


پادىشاھ مۇنداق يازغان:

بۇ بلوگلار پەقەت ساناقلىقلا
شىنلاڭ، سوخۇ بلوگ سۇپۇللىرىغا قارىغاندا ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ ئابونىتچىللىرى بەك ئاز

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش ئە ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى مىكروبلوگ بولۇپ بلوگ ئەمەس، ئۇيغۇر بلوگچىلىقى خېلى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ، ھەتتا خەلقئارادىكى ئىلغار بلوگ سۇپىسى بولغان wordpress,PJ blog قاتارلىق بلوگ سۇپىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغانلىقى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى چوڭ تۆھپە دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر مىكروبلوگچىلىقى ھەقىقەتەن تېخى تۇغما ھالەتتە، ئۇنى قانداق تەرەققى قىلدۇرۇشمۇ تېخى بىر مەسىلە، ئاڭلىساق ئەركىن پىكىرلىشىدىغان مىكروبلوگ سۇپىسى قۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قاتتىق نازارەتچىلىكىگە ئۇچرامىش…..

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئىزدەن مۇنداق يازغان:

ھە دىسىلا باشقىلارنى ماختاپ، ئۆزىنى چۈشۈرۈش بولسا بىر بىچارىلىك….
ئۇنداقمۇ دىيىشىىپ كەتمەيلى«پادىشاھ» ئەپەندىم! ھازىر مەيلى بىلوگ ياكى مىكرو بىلوگ بولسۇن ، مۇرشىدى ، ئۇيغۇر بەگ، نۇرقۇت ئەپەندىم قاتارلىق مېھنەتكەش تۆھپىكارلىرىمىز تەرپىدىن ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىۋاتىدۇ. ئورۇنسىز گەپنى تالاشقاندىن كۆرە ھەممىمىز ئىزدىنىپ ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزنىڭ جۈمىلىدىن بىلوگچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشساق ياخشى بولامىكىن دەيمەن . بىر شەيئى تۇغۇلىشىدىنلا مۇكەممەل بولالىشى ناتايىن. ئۇ لارنى بىخ ھالىتىدە تۇنجۇقتۇرىۋەتسەك ئانچە ياخشى بولماس. شىنلاڭ، سوخۇ بىلوگ سۇپىلىرىمۇ شۇنداق مەيدانغا كەلگەن ئەمەسمۇ!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.25
15:17
4-قەۋەت: «ي.م.ئىلقۇت» مۇنداق دېدى:

خەنلەر بىلەن ئازىراق باردى كەلدى قىلىشىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيىتىنى ئازىراقلا بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خەنلەرنىڭ يېڭىچە ئاتالغۇغا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىككى خەنچە خەتنى بىرىكتۈرۈپلا يېڭىچە ئاتالغۇدىن بىرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا تىلىغا يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان بىرەر سۆزنى ئىجاد قىلسىلا ….

بۇ سۆزنى ياخشى ئاپسىز. بىز نېمە ئۈچۈن ئۇلاردەك سۆز ياسىيالمايمىز؟ ھەممەيلەن بىلىدۇ. مېنى ئىسمىمدىكى ئىلقۇت سۆزىنى لوغەتتىن تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ بىر ئىل+قۇت شەكلىدە بىرىكتۈرۈلگەن ئىسىم. ئەمما ئالدىنقى بىر كۈنى مۇنبەردە ئىسمىمنىڭ مەنىسىنى سوراپ ئىنكاس يېزىپتىكەن. مەن مۇشۇنداق بىرىكتۈرۈپ ياسىغان دەپ مېنىڭ بىرىكتۈرۈش ھەققىدىكى مەنىسىنى سۆزلەپ بەرسەم، ۋاي قېنى بىزنىڭ تىلشۇناسلار، ماۋۇ ئىسمغا بىر نېمە دەڭلار دەپ جارسېلىپ كېتىپتۇ.
بىزنىڭ تىلشۇناسلىرىمىز ھەقىقىي مەسئولىيەتچان بولسا نۇرغۇن يېڭى سۆزلۈكلەرنى دەرھال ئۆزلەشتۈرگەن، بىزمۇ ھېلى ئېنگلىزچە، ھېلى خەنزۇچە ئاتاپ تىلىمىزنى شالغۇتلاشتۇرۇپمۇ يۈرمەيتتۇق.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

بۇ سۆزلىرىڭىزمۇ ئورۇنلۇق، بىزدە جۇڭگو ئازاد بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ يېڭى شەيئىلەرگە ئىسىم قويۇش ئىشلىرى تولىمۇ جانلىق ئېلىپ بېرىلغان، نۇرغۇنلىغان زامانىۋى نەرسىلەر ۋاقتىدا ئۇيغۇرچە ئىسىملارغا ئېرىشىپ، بۇ ساھەدە بارلىق تۈركى خەلقلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانىدى، (مەسىلەن كىرئالغۇ، سىنئالغۇ، ئۈنئالغۇ…. قاتارلىقلار) ئەمما يېقىنقى دەۋرلەردە بۇ ئىشلارغا بەكلا سەل قاراۋاتىمىز، ھەتتا بىر نەرسە ئىجاد قىلىنىپ خەلقىمىز نەچچە يىل ئىشلەتسىمۇ بىرەر مۇۋاپىق ئىسىم ئويلاپ تاپمايدىغان، تاپقان تەقدىردىمۇ ياراتمايدىغان ئىشلار تىلىمىزنىڭ بارغانسىرى شالغۇتلىشىشىغا سەۋەب بولىۋاتىدۇ، ئالدىنقى قېتىممۇ يۇمشاق دىتال دېگەن سۆزنى يۇمتال دەپ قىسقارتىپ ئېلىش مەسلىسىدىمۇ نۇرغۇنلىغان تالاش تارتىش بولۇپ كەتكەن، بىرسى يۇم سۆزى بىلەن تال سۆزى يۇمشاق دىتال بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى بولمىغان سۆز ئىكەن دەۋاتقان، يەنە بىرسى نېمە ئىش قىلىمىز قىسقارتىپ دەۋاتقان… ئىشقىلىپ ئايىقى چىقمايلا توختاپ قالغان، ئەمما خەنزۇلار ئۇنداق ئەمەس، ئىككى ھېچقانداق مۇناسىۋېتى بولمىغان سۆزنى بىرىكتۈرۈپ بولسىمۇ بىر شەيئىنىڭ ئىسمىنى ياساپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىدۇ، دېمەك نېمىلا قىلمىسۇن باشقا تىللارنىڭ ئۆز تىلىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تىل شالغۇتلاشمايدۇ دېگەن گەپ، ئەسلى بۇرۇنقى يېزىقچىلى سەۋىيەرىم بولسا بۇ توغۇرلۇق بىرەر نەرسە يازساممۇ بولاتتى، ئەمما…..
تېمىدىن چەتنەپ كېتىپ قالدۇققۇ دەيمەن :roll: :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.27
12:43
5-قەۋەت: «ي.م.ئىلقۇت» مۇنداق دېدى:

ئۇيغۇرلاردا مىكرو بلوگ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ (تاقا-تۇقۇ پاراڭلار)
بۈگۈن دەم ئېلىش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ مۇشۇ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزغا شىددەت بىلەن كىرىۋاتقان ۋە ئەڭ مودا بولىۋاتقان مىكرو بلوگ ھەققىدە خېلى كۆپ ماتىرىيال كۆرۈپتىمەن. ھازىر دۆلىتىمىزدە مىكرو بلوگ ئاتامىنى سىنا مىكرو بلوگىدۇر. ئۇنىڭدىن قالسا ھازىر تېڭشۈن، سوخۇ قاتارلىقلارمۇ ئاستا-ئاستا باش كۆتۈرىۋاتىدۇ.
بۇنى ئاز دېگەندەك ھازىر بىزدە ئاۋۇ ئاللىبۇرۇن دەۋر سۈرۈپ ئۆزىنىڭ «ياشلىق باھارى»نى تور ساھەسىنىڭ ئۇلۇغ كەلگۈسى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان بلوگ ئۇقۇمى تۇلۇق ئومۇملاشماي تۇرۇپ ئەمدى ماۋۇ مىكرو بلوگ ئۇقۇمى ئۆز كۈچىنى كۆرستىشكە باشلىدى. مەنغۇ مىكرو بلوگقا سىنا تورى تېخى تۇلۇق ئېچىۋەتمىگەن، ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلۋاتقان ۋاقىتتىلا «دىققەتسىز»لىكتىن تەكلىپ نومۇرىغا ئېرىشىپ قېلىپ بۇ ھەقتە خېلى ئىزدىنىپ مىكرو بلوگ ھەققىدە خېلى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالغان ھەم بىر قانچە پروگراممىر تۇنۇشۇمغا مۇمكىن مۇشۇنداق سېستىما تۈزۈپ چىقىش ھەققىدە تەكلىپمۇ بەرگەن ئىدىم. لېكىن بىز خەقتە بىر قېتىم يىلان چېقىۋالسا ئۇنىڭدىن كىيىن ئارغامچىدىنمۇ بىر ئۆمۈر قورقىدىغان ئەھۋال ئېغىر بولغاچقا ئۇ تۇنۇشۇممۇ بۇنداق سېستىمىنى تۈزۈپ چىقىشقا پەقەت كىرىشمىدى. (ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ تېخنىكىسىدىن ئۇنىڭ تامامەن تۈزۈپ چىقالايدىغانلىقى ئىنىق.) ئۇ ھەمىشە بىزنىڭ رايۇنىمىزنىڭ سىياسىتىدە مىكرو بلوگ ئەمەس بلوگ ئېچىشمۇ تەس دەپ چۈشەنچە بەرگەن ئىدى.
مانا ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى مىكرو بلوگ ھەققىدە قايتا قايتا ئالىم ئەخەت ۋە باشقا كومپىيوتىر ساھەسىدىكىلەر بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى. مېنىڭچە بۇ سۆھبەتلەرنى رايۇنىمىزنىڭ تۈزۈم، سىياسەتلىرى قوللاپ بەرمىسە تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇنداق پائالىيەتلەرنى «باشباشتاقلىق» بىلەن ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەم بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدىن كىيىنمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەر مىكرو بلوگنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىش، بۇنى ياخشى ئۇمۇملاشتۇرۇش ھەققىدە سۆز قىلدى.
بىزدە مۇشۇنداق مىكرو بلوگ سۇپىسى ۋۇجۇتقا كېلىشى راستىنلا مۇمكىن ئەمەسمۇ؟ ئەگەر مۇمكىن بولسا قاچانراق ۋۇجۇتقا چىقار؟
مۇشۇ ھەقتە ئازراق تاقا-تۇقۇ پاراڭ سوقمايلىما؟؟؟؟؟؟؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.19
12:59
6-قەۋەت: «كۆرەش» مۇنداق دېدى:

مەن ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ يەنىلا ئوشۇقچە .ىش ھېسقىلدىم ئۇ مىكروبلوگ نى
مەنىلىك ئىشقىلىشتا يەنىلا مۇستەقىل بلوگ بولۇش ياخشى.
ھازىر مىكرو بلوگ قۇرۇش مودا ئەمما قۇرغانلار ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن قۇرغانلىقىنى بىلىشى ناتايىن .ھەۋەستىن باشقا نەرسە ئەمەس مىنىڭچە…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.07.10
14:48
7-قەۋەت: «تورباجىن» مۇنداق دېدى:

مانا بىزدىن گۈدۈك مىكرو بىلوگى چىقىتىغۇ!بۇمۇ بىر ئوبدان مىڭىۋاتمامدۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.08.19
00:48
8-قەۋەت: «ئەلتېرىش» مۇنداق دېدى:

بىز نىمىشقا تىز ئۇيۇشالمايمىز، مۇشۇنداق تالاش تارتىش قىلىۋىرىدىغان بولساق يەنە 5000 يىلدىمۇ بىر مىكرو بلوگ قۇرۇپ بولالمايمىز. شۇڭا مۇنازىرىنى ئاز ساز قىلىپ ئىشنى تېز باشلايلى.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量