شاھ ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ تەرجىمە فىلىم ئىشلەش دەسلەپكى قائىدىسى
فىلىم مەسئۇلى ش ئە ئۇيغۇرى ئەپەندى يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قىلىدۇ
تەرجىمان تەرجىمە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان فىلىمنىڭ SRT ھۆججىتىنى ئۆزى تەييارلىسىمۇ ياكى مەزكۈر گۇرۇپپا تەمىن ئەتسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر تاپالمىسا ۋاقتىدا ئېلخەت ئارقىلىق ياردەم سورىسا بولىدۇ. تەرجىمە ئۈچۈن پايدىلىنىغان فىلىمگە ھېچقانداق چەك قويۇلمايدۇ.
تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى
ئۈستىدىكى دەرسلىك فىلىمى بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ ، ئەگەر چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا مەزكۈر بەتنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويساڭلار بولىدۇ .
فىلىم تەرجىمە قىلىش جەريانىدىكى تىنىش بەلگىلىرى باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر تىلى تىنىش بەلگىلىرى قائىدىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك بىرلىك تۈزۈپ چىقىلدى. (بۇ مەزمۇن قۇتيار تورىدىن پايدىلاندى)
1. چېكىت «.»
قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق جۈملىنىڭ كەينىدە چېكىت «.» قەتئىي ئىشلەنمەيدۇ.
2. پەش «،»
قوشما جۈملىلەردە پەش «،» نىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. قويۇشقا تېگىشلىك يەرلەردە چوقۇم قويۇش كېرەك.
3. سوئال «؟»
خەۋەر جۈملىلەردە چېكىت قويۇلمىغىنى بىلەن سوئال جۈملىلەردە سوئال «؟» بەلگىسى چوقۇم قويۇلىدۇ.
4. يالاڭ تىرناق «()»
يالاڭ تىرناق پەقەت تېكىستتىكى ئەسكەرتىش كېرەك بولغان مەزمۇنلار ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ. نېمىنى ئەسكەرتىش كېرەك؟ بۇنى تەرجىمان ئۆزى بەلگىلەيدۇ.
مەسىلەن:
مەن قىزىل پايپاق (داڭلىق زەيتون توپ كوماندىسى) نى ياخشى كۆرىمەن
5. قوش تىرناق ««»»
قوش تىرناق ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇر يېزىقىغا ماس كەلگەن قوش تىرناق ئىشلىتىلىدۇ.
6. دىئالوگ بەلگىسى«—»
ئىككى ئادەمنىڭ سۆزى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلسە چوقۇم جۈملە بېشىدا ئىشلىتىلىدۇ.
7. كۆپ چېكىت «…»
تولۇق ئاياغلاشمىغان جۈملىدىن كېيىن ۋە، تولۇق باشلانمىغان جۈملىدىن بۇرۇن قويۇلىدۇ. بەزىدە دۇدۇقلىغانغا ئوخشاش شارائىت ئۈچۈنمۇ قويۇلىدۇ. پەقەت ئۈچلا چېكىت كۇپايە.
8. بوش ئورۇن
(1) ئىككى سۆز ئارىسىدا بوش ئورۇن قويۇلىدۇ.
(2) پەشتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، پەشتىن كېيىن چوقۇم قويۇلىدۇ.
(3) ئېچىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلىدۇ، كېيىن قويۇلمايدۇ. يېپىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.
(4) سوئال بەلگىسىدىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.
(5) دىئالوگدىن كېيىن قويۇلىدۇ.
(6) ساندىن كېيىنكى ـىنچى، ـنىنچى بەلگىسىنىڭ ئالدىدا قويۇلمايدۇ، كەينىدە قويۇلىدۇ.
(7) كۆپ چېكىتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قويۇلىدۇ.
تەۋسىيە:
فىلىمدە ئۇچرىغان ئىسىملارنى بىر باشتىن خاتىرىلەپ ماڭساق، كۆپ ئىشلاردا ئاسان بولىدۇ ھەم بىردەكلىك ساقلىنىدۇ
بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دىئالوگ بىرگە گەلگەندە پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئامال بار ئىككىنچى دىئالوگنى قۇر تاشلاپ يېزىش كېرەك
خاتىرە دەپتەرنىڭ ئوڭدىن سولغا تەڭشىكىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ھەم تىنىش بەلگىلىرى، سانلار ۋە سولدىن ئوڭغا قاراپ يېزىلىدىغان ھەرپ – بەلگىلەر ئارىلاش كەلگەن جۈملىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.
ماڭا ئاشۇ دەرىسلىكنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بىرە لەسىز مۇ…؟
دەرسلىكنىڭ داۋامىنى قاچان يوللايمىز،شاھىم؟
بولسا تولۇق ھەممنى بىرچۇشەندۇرۇپ قويغان بولىسڭىز
ئالاقىلاشساق بۇلامدۇ؟
دەرسلىكنىڭ ئەسلى تۇلۇق ھۆججىتىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز …
چۇشۇرگەن فىلىمنىڭ تىكىىست ھۆججتى بولماي ،ئەمما ئاستىدا يەنىلا تىكىستى كۆرۈنسە بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ
مەندىكى نۇرغۇن فىلىمنىڭ تىكىست ھۆججىتى يوق،ئەمما يەنىلا ئاستىدا تىكىستى كۆرىنىدۇ،بۇ قانداق ئىش ،مەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويدۇممۇ قانداق ؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز
بۇ فىلىم بىلەن شۇ خەت ھۈججىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن بىرىكتۈرىۋەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل تىپتىكى فىلىملەرنى قايتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ
ئۇنداق بولسا ماڭا بىر يول كۆرسەتسىڭىز،مەندىكى ھەممە فىلىمنىڭ تىكىست ھۆججىتى يوق ،بولسا تىكىست ھۆججىتى بار فىلىمنى قەيەردىن چۈشۈرىمەن،ياكى بولمىسا سىز ماڭا ئەۋەتىپ بىرەمسىز
رەھمەت.
رەھمەت
تۈركچە mtv ۋە كىنولارنىڭ يېزىقىنى چۈشۈرگىلى بولمامدۇ؟
ئادەتتە تۈركچە ناخشىلارنىڭ يېزىقى يوق، ئۇنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، تۈركچە فىلىملەرنىڭ يېزىقىنى ئىزدەپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن http://www.shooter.cn/ تورىغا كىرىپ چۈشۈرسەم پەقەتsrt ھۆججىتىلا (خەتلىك ھۆججىتىلا) چۈشتى،لېكىن فىلىم ھۆججىتى يوقكەن. srt ھۆججىتى بىلەن سىن ھۆججىتنى بىللە چۈشۈرگىلى بۇلامۇ؟ قەيەردىن قانداق چۈشۈرىمىز؟ مەن بۇ ساھەگە يىڭىلا قەدەم باسقان،شۇڭا كىچىكرەك ،قىسقا فىلىم تەرجىمە قىلىپ سىناق قىلاي دىگەنتىم،شۇڭا بۇ ھەقتا ياردەم قىلسىڭىز! srt ھۆججىتى بىلەن سىن ھۆججىتنى بىللە چۈشۈرگىلى بۇلىدىغان بىكەتلەر بولسا تەۋىسسىيە قىلسىڭىز! ياكى سىزقىسقا فىلىمدىن بىرەرنى ئىلخەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بەرسىڭىز تۇلىمۇ خۇرسەن بولغان بۇلاتتىم! ئىلخەت: 838808502@qq.com
بۇ بەت مەخسۇس فىلىمنىڭ خەت ھۈججىتىنى تەمىنلەيدىغان بەت، فىلىمنى بەيدۇ ياكى گۇگۇلدىن سۈزۈك نۇسخىسى دەپ ئايرىم ئىزدەيمىز، مەن سىزنى مۇڭداشقۇغا قېتىپ قويدۇم، ئايرىم ئالاقىلىشايلى
سىلەرنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. مەن تۈركچىگە بەك قىزىقاتتىم. ئۆزلۈكۈمدىن خېلى ئۆگەنگەن، بولسا ماڭا تۈركچە يېزىق ھۆججىتى بار فىلىملەر بولسا ئېيتىپ بەرسەڭلار.
ياخشىمۇسىز، ئادەتتە دۆلىتىمىزدە تۈركچە فىلىملەر بولسۇن ياكى باشقا دۆلەتلەر فىلىملىرى بولسۇن تېپىلىدىغىنى پەقەتلا خەنزۇچە ۋە ياكى ئېنگىلىزچە خەت ھۈججىتى، تۈركچە فىلىملەرنىمۇ ئادەتتە خەنزۇچە تېكىستى ۋە فىلىمدىكى سۆزلىرىگە قاراپ تەرجىمە قىلىمىز
سالام ياخشىمۇ سىز؟
سىز بىلەن قانداق ئالاقلىشىمەن . مەن خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىشىنى ئۈگۈنەي دىگەن ئىدىم ، ئۆزۇممۇ تىرىشىتىم ئەمما يىتەكلەيدىغان ئۇستاز يوق ، مەن بىر فىلىم ئشىلىگۈچى.
فىلىم تەرجىمە قىلىشقا بەك تىرىشىمەن . ئەمما ئۈگۈنەلمىدىم . ئاق بۈركۈت مۇنبىرىگە كىرىپمۇ ئۈگۈنەلمىدىم . ئۆزۇم فىلىم تەجىمە قىلىشقا قىزىقمەن بىراق قىلالىمىدىم . شۇنۇڭ بىلەن مەن تور بەتلەردىن AVI شەكىلدىكى كىنونى چۈشۈرۇپ ، بۇ شەكىلدىكى كىنونى
Adobe Premiere Pro 1.5 غا ئەكىردىم . ئاندىن Photoshop CS تا ئاستى – ئۈسىتىنى قارا قىلىپ PNG شەكىلدە ساقلدىم . بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەپ ، مەن چۈشۈرگەن فىلىمىدە خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىسىچە خەت بار ئىدكەنتۇق ، مىنىڭ مەقىسىتىم خەتىنى يوق قىلىش ، شۇنۇڭ بىلەن PNG ساقىلغان رەسىمىنى AVI شەكىلىك فىلىمنىڭ ئۈىسىتگە قويسام خەت يوقىدى ، ئاندىن خىيالدا خەت يىزىپ ئەكىردىم ، 15 مىنىۇتلىق يىرىگە كەلگەندە ، پىرسلاپ باقاي دەپ ProCoder 3 دا پىرىسلىدىم . ئەپسۇس ، فىلىم سۈزۇك چىقماي قالدى . ئەلۋەتتە خەتلىك فىلىمىنى بۇنداق تەرجىمە قىلمايدۇ . مەن قىزققانىڭ دەرىدە مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىپ ئۆزۇمىنى خوش قىلدىم . ئەمما خەتلىك فىلىم ئشىلەشىنى تولۇق ھەم سىتىملىق ئۈگەنگۈم بار . ئەگەر خالساڭلار ماڭا ياردەم قىلىڭلار ،ھازىر شارايىتىم بار توردا ئاز دىگەندە 12 سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرمەن . شۇڭا ۋاقىتىمىنى بىكار كەتكۇزمەي دەپ خەتلىك فىلىم ئشىلەشىنى كۆڭلۈمىگە پۇككەن ئىدىم . بىراق بىلدىغىنىم چەكلىك بولغاچ ، سىلەردەك جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلغان فىلىمىنى كۆرۇپ ئولتۇۇمەن ، مىنىڭمۇ تورداشلارغا يىڭى يىڭى كىنولارنى تەرجىمە قىلىپ ئۇلارغا كۆرسەتكۇم بار. ئۆزۇم شۇنداق تىرىشتىم ئەمما يەنىلا ھىچنمىنى بىلەلمىدىم . ئۇستازلارغا قويدىغان سۇئالىم بار ،
1 – فىلىم تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئىنگىلىسچە ، خەنزۇچە سەۋىيەسى يۇقىرى بولىشى كىرەكمۇ ؟
2 – فىلىمىنى سىز ئىشلىگەن دەرسىلكتە تەرجىمە قىلغاندەك تەرجىمە ئشىلىرى تۈگىسە قانداق دىتالدىن پايدىلىنىپ پىرىسلاپ چىقىرىمىز ؟
3-توردىن چۈشۈرىگەن خەت ھۆجىتى بار فىلىمىنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ پىرىسلساق فىلىمنىڭ ئىنىقلىق دەرجىسىگە تەسىر يىتەمدۇ؟
ماڭا خالس ياردەم قىلساڭلارمۇ ۋە ياكى مەندىن قانداق نەرسە تەلەپ قىلساڭلارمۇ مەيلى ماڭا فىلىم تەرجىمە قىلىشىنى ئۈگۈتۈپ قويغان بولساڭلار . مىنىڭ بەكمۇ ئۈگەنگۈم بار . سىز بىلەن ئالاقلىشىش ئىمكانىيتى بولىمدى ، بۇ مىنىڭ چ چ رىم 56364402 سۇئال سورىسا atax دەپ جاۋاپ بىرىسىز ،
ئىككىنچى قىسىم دەرسلىكنىمۇ تىزراق ئىشلەپ تارقاتقان بولساڭلار،رەھمەت!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن كىنو نى ھەم ھېلىقى سىز دەپ بەرگەن ئادىرىستىن ئۇنىڭ خەت ھۆججەتىنىمۇ چۈشۇردۇم، خەت ھۆججەتنى 记事本 گە تاشلىسام ئېچىلدى . مەن ئۇنىڭغا خەت يېزىپ بولغاندىن كىيىن كىنو بىلەن ئىككىسىنى قانداق بىرلەشتۇرىمەن، خەت ھۆججەتكە خەتنى يېزىپ بولغان بىلەن ئەسلى كىنوغا قانداق چىقىرىمەن مۇشۇنى چۈشىنەلمىدىم، خاپا بولماي مۇشۇنى بىر چۈشەندۇرۇپ قويسىڭىز بوپ تىكەن . چ چ : 282327269
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن !
ياردەم قىلغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت !
سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ ؟
بۇ دەرىسلىكنىڭ ئاخخرىنى يوللاماسىز شاھ ئەپەندىم بىشىنى يوللاپ ئاخىرى يوق.
كىنونى تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، خەت بىلەن كىنونى قانداق بىرىكتۇرىمىز ؟
SRT ھوججىتى بولمىسىمۇ خەت چىقىدىغان قىلىپ ؟
خەت بىلەن كىنونى قانداق بىرىكتۈرىمىز؟ ئاۋارە كۆرمەي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز،رەھمەت.
دەرسلىكنىڭ ئاخىرىنى يەنى،فىلىم بىلەن خەت ھۆججىتىنى بىرلەشتۈرۈپ پىرىسلاشنى ئۆگىتىش دەرسىنى تېزرەك يوللىغان بولسىڭىز بولاتتى.
ئويلىغىنىمدىن مۇ ئاسان كەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بىلوگ ئىشلەشكە قىززىقىپ قېلىپ يېقىندا بىر بىلوگ ئىلتىماس قىلغان ئىدىم لىكىن بۇ ھەقتە خەۋىرىم بومىغاچ سەل قىيىنچىلىق ھېس قىلىپ قېلىپ تور ئارلاپ يۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ ۋوردپىرېس ھەققىدىكى يازمىلىرىغا كۈزۈم چۈشۈپ قالدى مۇمكىن بولسا ماڭىمۇ ياردەملىرىنى ئايىمىغان بولسىلا اللە رەھمەت قىلسۇن چ چ 1575848519 abdulaziz9@163.COM [ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلسا اللە قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ]
مىنىڭ بۇ دەرسىلىكتە چۈشەنمىگەن ئازىراق يىرىم بار ئىدى . بىراق قانداق سورىشىمنى بىلەلمىدىم .
مۇشۇ يەردە سورىسىڭىزمۇ ياكى ئېلخەت قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ
مىنىڭمۇ دەل مۇشۇنداق خەتلىك فىلىم ئىشلەپ بىقىش ئارزۇيۇم بار يۇ لېكىن ماڭا ياردەمدە بولىدىغان ئادەم يوق
ئەمسە ئۇ خىلدىكى دىتالنى قانداق چۈشۈرىمەن ؟ قانداق ئىشلىتىمەن ؟ ئىش قىلىپ ماڭا تەپسلىي ياردەم قىلىدىغان بىرەسىڭلار بولغان بولساڭلار مەن خىلى جىق كۈچ چىقارغان بولار ئىدىم شۇ …………………
ئادەتتە تەرجىمە خەتلىك ئىشلىگۈچىلەرگە كۆپىنچە شۇ فىلىمنىڭ يېزىق ھۈججىتى بولسىلا بولىدۇ. ئۇنى http://www.shooter.cn/ ئارقىلىق چۈشۈرىسىز، قالدى ئىشلارنى تەرجىمە گۇرۇپپىلىرى قىلىپ بېرىدۇ، ئەگەر ئۆزۈم پىرىسلاپ كۆرىمەن دېسىڭىزwin avi ۋە ياكى Easy RealMedia ProducerV1.94 دىتالى ئارقىلىق پىرىسلاپ چىقىسىز، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە خەتنىڭ فىلىم يۈزىدىكى فونتىنى ئۆزگەرتىشكە Subresync دىتالىنى ئىشلىتىسىز، بۇ دىتاللارنى توردىن گوگۇل ياكى بەيدۇ ئارقىلىق ئىزدەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ
بۈگۈن بىر كۈن كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مانا سىز دېگەندەك قىلىپ باقاي دىدىم يۇ ھېچنىمىنى قاملاشتۇرالمىدىم . بولسا ئاۋۇ دەرىسلىكنىڭ ئەسلي قىسمنى ئىۋەتكەن بولسىڭىز بەلكىم پايدىسى تىگىپ قالار ئىدى . بۇ يەردە كۆردۇق ئەمما ئىنىق ئەمەس . سىزنىڭ قەيەرگە كىرىپ قەيەرنى چىكىپ شۇ خىل مەشغۇلاتىنى قىلغانلىقىڭىزنى مەن پەقەت چۈشىنەلمىدىم ھەم ئىنىق كۆرەلمىدىم . ئاۋارە قىلىدىم بولسا مىنىڭ چ چ نومۇرىمنى قوشۇۋالغان ھەمدە ماڭا بىر ئىنىق كۆرسەتكەن بولسىڭىز سىزدىن مەمنۇن بولغان ھەمدە مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يىتىشچە سىلەرگە ھەمدەم بولغان بولسان دەيمەن شۇ …979770938
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بولسا خەتلىك mtv ئىشلەش ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى ،اللا رەھمەت قىلسۇن !
مەن بۇ ھەقتە خىلى ئىزدەندىم يۇ لېكىن يەنىلا قاملاشتۇرالمىدىم . ئەمدى قانداق قىلسام بولار . كىم ماڭا بۇ ھەقتە تەپسىلي ياردەم قىلىدۇ .
328847750 بۇ نومۇرنى قاتقاندىن كېيىن چۈشەنمىگەن جايلىرىڭىز بولسا ئەركىن ھالدا سورىسىڭىز بولىدۇ
ۋاي مۇشۇ فىلىم غا خەت كىرگۈزۈشنى مىنىڭمۇ بەك ئۈگەنگۈم باتتى مانا ئىنكاسلاردا ئاخىرى بىلۋالدىم قايسى دىتال قانداق قلدغاننى رەھمەت ھە كۆپچىلىك بولۇپمۇ شاھ
خەت بىلەن كىنونى قانداق بىرىكتۈرىمىز؟چۈشىنەلمىدىم .
ئەپەندىم خاپا بولماي دەرىسلىك ئاخىرىنى ئەۋەتىڭا بىزمۇ بىر ئۆگىنىۋالايلى
ئۆزەڭ بىلگەن يولنى ئاتاڭغا بەرمە
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم .
شاھ بلوگ گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق جاپاكەشلەرنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
مەن بىر كومپىيۇتېر ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇشۇ تەرجىمە فىلىم ئىشلىرىغا بەكمۇ قىزىقاتتىم، مەن بىر قىلىپ باقاي دەپ يۈرگەن تور ئارىلاپ يۈرۈپ سىلىنىڭ بۇ دەرسلىكلىرىنى كۆرۈپ قالدىم . بۇنى كۆرۈپ مەن بۇنى ئۆگىنىۋالدىم، سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت‹
ئەمدىكى مەسىلە شۇكى: بۇ تەرجىمە قىلىدىغان فىلىمىمىز قايشى شەكىلدە بولىشى كېرەك؟؟Rm ياكىRmvb مۇ ياكى بۆلەك شە ؟ مۇشۇ توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەيلا.
تەرجىمىگە ئىشلىتىدىغان فىلىمنىڭ سۈزۈك بولىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز ئەڭ ياخشىسى mkv فورماتىدىكى فىلىمنى تاللىغىنىڭىز ياخشى
ئۇنداقتا ئادەتتىكى Rm ياكىRmvb مۇ ياكى باشقا شەكىلدىكىMU بولىدىكەندە؟؟؟
مەن«كائىناتقا سەپەر»旅行到宇宙边缘 دېگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى ئۆز قىزىقىشىم بويىچە تەرجىمە قىلغان،لىكن فىلىمغا كىرىشتۈرەلمىگەن،ئەمدى ئۈگىنىۋالدىم!دوستلار مېنىمۇ سېپىڭلارغا قېتىۋالامسىلەر؟
سېپىمىزگە قېتىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، تۆۋەندىكى توپقا قوشۇلۇپ، توپ باشلىقىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىڭ!
توپ نومۇرى: 19324697
1\مەن چۇشۇرگەن فىلىملەرنىڭ ھەممىسى تىگىدە خىتى بار ئىكەن ،خەتسىز فىلىمنى زادىلا تاپالمىدىم.
2\مەن ئىشلەتكەن سىستىما ۋىندوۋىس 7 ئىدى،64لىك، خەت كىرگۇزگۇچلەرنى قانداق تەڭشەشنى بىلەلمىدىم.
3\بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىگە ئىرىشەلەمدىم؟1084253029چ چ
ھۆرمەتلىك شاھ ، ھالىڭىز چوڭ بولىشى نورمال ئىش ،ئەمما سوئاللارغا جاۋاپ بىرىپ بىزلەرگىمۇ ئازراق ھالقىلىق نەرسىلەردىن ئۇگەتكەن بولسىڭىز ،تەڭ كۇچ چىقارغان بولاتتۇق تەرجىمە ئىشلىرىغا …!، مەسىلەن مەن سۇزۇك بولمىسمۇ بىر فىلىمنى تەرجىمە قىلدىم ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا بىرلەشتۇرسەم ،فىلىم يۇزىدە خەتلەر سوراق بەلگىسى ھالەتتە كۆرۇندى ، ئەلۋەتتە خەت ھۆججىتىدىكى مەزمۇنلارنى دەرىسلىك مەزمۇنى بويىچە تەڭشىگەن ئىدىم ،خەت ھۆججىتى ئايرىم ئىچىلغاندا نورمال كۆرۇنگىنىگە قاراپ خاتالىقنىڭ بىرلەشتۇرگەن چاغدىكى دىتالنىڭ توغرا تەڭشەپ ئىشلىتىلمىگەنلىگىدىن بولغان بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدىم ،سىزنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى مەزمۇننى يوشۇرغانلىغىڭىزنى تازا قوبۇل قىلالماي ئەگەر مەن بولساممۇ شۇنداق قىلارمىدىم دەپ خىيالغا چۇشۇپ كىتىپتىمەن…بەك قىززىق…..
ئۇنىڭ ئۇستىگە سىز دىگەن تەرجىمە گورۇپىلىرىدىن سورىساممۇ ھىچكىم جاۋاپ بەرمەيدىكەن ،بەلكىم ئۇلارنىڭمۇ خىزمىتى ئالدىراش….خاتالىق پەقەت شاھ ئالىلىرىنىڭ مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە نىشان بەلگىلەپ سۇئالغا جاۋاپ بىرىشقا ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقىدىن بولىشى مۇمكىن ،…دەپ ئويلاۋاتىمەن ….
ئىھتىمال قەستەن ھالقىلىق يەرلەر يوشۇرۇلغانمىكىن …….
ياخشىمۇسىز، ئالدى بىلەن سۆزۈمنى ئاددى سالامدىن باشلاي. سۆزىڭىزنىڭ بېشىدىكى ھالى چوڭ بولۇش مەسلىسىگە كەلسەم مېنىڭ ئەزەلدىن ھالىم چوڭ ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتەن ھەممە ئىشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايمەن، بۇ ئىككىسى تامامەن ئىككى ئىش، ئەگەر سىزمۇ ئۈچ تۆت كۈندە بىرەر تەرجىمە فىلىم ئىشلەپ چىقىرىمەن دېسىڭىز ئاندىن ھالىمنى چۈشىنىپ قالىسىز، ئىككىنچىدىن سۇئالىڭىزغا گۇرۇپپىمىز ئەزاسى ئەركان ئەپەندى توپ نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ، (ئۈستىگە قاراڭ)، تور بەتنى ئاقتۇرسىڭىز مۇڭداشقۇ نۇمۇرۇممۇ بار، قاتقاندىن كېيىن بىۋاستە ماڭا سۆز قالدۇرسىڭىز يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويساممۇ بولار ئىدى، ئەمما مەن ھازىرغىچە بۇنداق ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالمىدىم، شۇڭلاشقا ھالى چوڭلۇق قىلدى دېگىنىڭىزنى قۇبۇل قىلالمايمەن، ئىككىنچىدىن دەرسلىكتە مەن پەقەت ئاخىرىدىكى پىرىسلاش باسقۇچىنى يەنە بىر قىسىمغا ئېلىپ قويۇپ كومپيۇتېرنىڭ مېكتىن چاتاق چىققانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە ئىشلىيەلمەي قالغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچقانداق بىرەر نەرسىنى يۇشۇرمىدىم، يۇشۇرىدىغان ئىشىم بولسا دەرسلىك ئىشلەپ يۈرمەس ئىدىم، ئاخىرىدا تەرجىمە ئىشلىرى ئۈچۈن مەندىن ياردەم سوراپ تۇرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، ئۇلارغىمۇ ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە مۇڭداشقۇدا سۆز قالدۇرۇپ تۇرىۋاتىمەن، سۆز ئارقىلىق جاۋاب بېرىشكە مۇمكىن بولمىسا يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىمەن، شۇڭلاشقا ئالدىراپ بىرسىگە باھا بېرىشتىن بۇرۇن شۇ كىشى بىلەن بولسا يۈزمۇ يۈز بىر ئالاقىلىشىپ ئاندىن باھا بەرسىڭىز…
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ، مەن بىر ناخشىنى توردىن چۈشۈرۈپلا ئىشلەتكەن ،flv شەكلىنى . لېكىن ئاخىرىدا پىرسلاپ چىقارغان چاغدا سۈرەت نورمال لېكىن ئاۋازى بېسىلىپ(تېزلىنىپ) چىقىپ قاپتۇ ، خەتمۇ ئاۋازغا ئەگىشىپ تېز مېڭىپ كەتتى . قانداق ھەل قىلسام بولىدۇ ؟
شاھ دىن كەچۇرۇم سورايمەن………….
سىزنىڭ كىلەركى قىتىملىق دەرىسلىگىڭىزنى كۇتتۇم………………
ھارمىغايسىز………………….
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم شاھ ئەپەندىم! كەمىنە ئاددىي بىر ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، سىزنىڭ بۇ بىلوگىڭىزنى تۈنۈگۈن تاسادىبي ئۇچرىتىپ قىلىپ، ئارلاپ كۆرسەم كۆڭلۈمگە شۇنداق ياقتى، ھەقيقەتەن ياخشى نەرسىلەر بەك كۆپكەن.
بۈگۈن سورىماقچى بولغىنىم مەن بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئاددىيلا بىر قىزىققۇچى، ھېچقانداق ساۋاتىم يوق. بىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان فىلىمنىڭ SRT سىنى قەيەردىن تاپىمىز؟ باشقا يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ تاپامدۇق ياكى ….؟
بىر دەپبەرگەن بولسىڭىز سىزدىن بەك خۇش بولغان بولار ئىدىم، ئاۋارە قىلدىم، كۆپ رەھمەت!
ئادەتتە بىرەر فىلىمنىڭ خەت ھۈججىتىنى تاپماقچى بولسىڭىز http://www.shooter.cn ئادىرىستىن ئىزدەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ
بۇ بىكەتكە قانداق ئەزا بولىمەن؟
مەن ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان ناخشىلار بار ئىدى ، بۇ تور بەتتە ئېلان قىلاي دىگەن
سىز قۇشۇلسىڭىز ئەۋەتسەم كۈرۈپ بېقىڭ . سەمى يۈسۈف ۋە ماھىر زەيىننىڭ يېڭى ناخشىللىرى . قاندق ئەۋاتىمەن ؟ يول كۆرسەتسىڭىز . شاخبىلوگنىڭ چ چ نۇمىرىنى قۇشۇۋالدىم . تەخەللۇسىم قارلىغاچ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم شاھ ئۇيغۇر ئەپەندى !
مەن ئىككى كۈندىن بېرى دەرسلىك كۆرۈپ ئۆگىنىپ ئازىراق بىرنېمىلەرنى ئۆگەندىم .ھەل قىلالمىغان مەسىلەن : چاتاق زادى قەيەردىكىن بىلەلمىدىم ، پىرىسىتلاپ بولۇپ ، فىلىم نىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىپ srt ھۈججىتىن ئايرىپ ،باشقا يەرگە ساقلىغانىدىم ، ئەپسۇس فىلىم خېتىنىڭ يېرىمى چىقماپتۇ ، ئىككىسىنى بىر ھۈججەت قىسقۇچ ئىچىگە قاچىلىسام ئاندىن نورمال ھەممىسى چىقىۋاتىدۇ ، سىزچە قايسى مەشغۇلاتتا كەتكۈزۈپ قويغاندىمەن .
ئاندىن فىلىم بېشىدىكى فىلىم ئىسمى ، تەرجىمە قىلغۇچى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئالاھىدىرەك يازماقچى ھەم ئورنىنى ئۆزگەرتمەكچى بولساق srt edit دىتالىنىڭ قەيەرىدىن تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز، پەقەت ئۇقالمىدىم ،خەت ئورنىنى ئۆزگەرتەي دېسەم ئىكىس ئىگىرىك ئوقلىرى بارئىكەن ، ئۇلارنىڭ قانچە قىلىپ تەڭشىسەم مۇۋاپىق بولىدۇ ، بىر ئۆزگەرتسەم فىلىم ئىسمى قاق چوقىسىغا يەنە بىر ئۆزگەرتسەم سول تەرەپ بىر بۇرجەككە يېزىلىپ قالدى پەقەت بىلەلمىدىم.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام. سىزنىڭ يۇلۇققان بۇ مەسلىڭىزگە مەن يۇلۇقۇپ باقماپتمەن، ئەمما ئىككىسىنى بىر ھۆججەت ئىچىگە ئېلىپ كىرسىڭىز يەنىلا srt ھۆججىتىنى تۇنۇۋالىدۇ-دە ئوخشاش تۇلۇق چىقىۋېرىدۇ، بولسا بۇ مەسلىڭىزنى مەن qq دا كۆرۈپ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ كۆرەي، ئىككىنچى مەسلىڭىزگە كەلسەم مەن خەت ئورنىنى ئۆزگەرتىشتە srt ھۈججىتىنى ssa ھالەتكە ئۆزگەرتىۋېلىپ ئاندىن تەڭشەيمەن، srt edit نى ئىشلەتمەيمەن، لېكىن سىز دېگەن ئەشۇ ئېكىس ئىگىرىك ئوقىدىكى سان سفىرلار دەل شۇ خەتنىڭ ئورنىنى تەڭشەيدۇ، بۇنى بۇ يەردە دېسەم بەلكىم چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەڭ ياخشىسى بۇ مەسلىڭىزنى مەن سىزگە بىر تېكىست ھۆججەتنى ئەۋەتىپ چۈشەندۈرۈپ قوياي
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،مەنمۇ مۇشۇ جەھەتتە بىر ئاز ئىزدىنىپ باققان،بىراق خەتنى سىننىڭ ئىچىگە كىرگۈزگەندىن كىيىن ئۇيغۇرچە خەتنىڭ شەكلى تۈزۈك ياخشى چىقمىدى،مۈمكىن بولسا ئازراق يول كۆرسەتسىڭىز(مەن سىناق قىلىپ قىلغان خەتلىك سىنhttp://v.youku.com/v_show/id_XNDAyNTM0MjI0.html)
مىنىڭ مۇڭداشقۇمنىڭ نۇمۇرى QQ1597614793
05:17
شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ
بۇ باھاغا پىكرىم بار