1
دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ۋە كومپىيۇتېر، تور تېخنىكىسىنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئازلىقتىن كۆپلۈككە، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، كۆركەملىككە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. مانا مۇشۇنداق تەرەققىياتلار ئارىسىدا، ئۇيغۇرچە خەت كىرىشتۈرۈلگەن فىلىملەر (يەنى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر)مۇ كۈنسايىن راۋاجلىنىپ، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئارىسىدا كەڭ تورداشلارنىڭ ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى ھەۋەسكار، كەسىپداشلارنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا. بىراق يەنە كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇر بولماسلىقى، يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئالقىش ئاز بولماقتا. تۆۋەندە مەن بۇ خىل فىلىملەرگە نىسبەتەن كۆز – قاراشلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنىڭ قاچان، قەيەردە مەيدانغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا تېخى ھېچقانداق مەلۇماتلارغا ئىگە بولمىدىم، لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم 2000-يىللاردىن كېيىن، تور ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزىقىشى بويىچە كىرىشتۈرۈلۈپ مەيدانغا كەلگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى 2000-يىللاردىن كېيىن، ئۇيغۇر تور تېخنىكىسىدا يۈكسىلىش، تەرەققىي قىلىش ھالىتى شەكىللەنگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭىيىشىگە، شۇنداقلا «تور»دىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنياغا بولغان چۈشىنىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تورلىرىدا ئەدەبىيات-سەنئەتنى ئاساس قىلغان بىر رامكا شەكىللەنگەن، بۇ ئۇيغۇر تور تېخنىكىسىدا ھالقىما خاراكتېرلىق ئۆزگىرىشنى ئېلىپ كەلگەن، شۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنىڭ بارلىققا كېلىشى كەڭ كىنو ھەۋەسكارلىرى ۋە تور تېخنىكا ھەۋەسكارلىرى، ئۇستازلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مىۋىسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
2000-يىلدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ، تا ھازىرغا قەدەر تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم نەچچە ئوندىن ئاشىدۇ، بۇ ئۇيغۇر تورلىرىدا بارا-بارا ئالقىشقا ۋە تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە ۋە ئېرىشتى. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك تەرەپلىرى تۆۋەندە ئاددىي قىلىپ بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ كۆرسىتىلىدۇ :
1. فىلىمنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى تەسىرگە ئۇچراتمايدۇ. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تېخنىكىدا چاتاق كۆرۈلمىگەن ئاساستا، پەقەت ئۇيغۇرچە يېزىقنى كىرگۈزۈشنى ئاساس قىلىپ، فىلىمدىكى پېرسوناژلارنىڭ تىل ئادىتىگە رىئايە قىلغان ئاساستا تەرجىمە قىلىندىغان بولغاچقا، فىلىمنىڭ ئەسلى ئاۋاز ئۈنۈمىنى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچراتمايدۇ، سۈرەت ئۈنۈمى ۋە كۆرۈش ئۈنۈمىنىمۇ تەسىرگە ئۇچراتمايدۇ.
2. چۈشىنىشچانلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ھازىر توردا بىزنىڭ كۆرۈۋاتقان فىلىملىرىمىز ئاساسەن خەنزۇچە يېزىق كىرگۈزۈلگەن فىلىملەر بولۇپ، بىز بۇ فىلىملەرنى كۆرگىنىمىزدە سەۋىيىرىمىزنىڭ چەكلىك، بىلىمىمىزنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن، فىلىم تەرجىمىسىدە ئۇچرايدىغان بەزىبىر خام خەتلەرنى ئوقۇيالماي، فىلىم مەزمۇنى تولۇق، كەم-كۈتىسىز چۈشىنىپ كېتىشىمىزدە خاملىق كۆرۈنىدۇ، بۇ دېگەنلىك خەنزۇچە خەتلىك فىلىمنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە، خەنزۇچە خەتلىك فىلىم بىزنىڭ خەنزۇتىلىنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر بالداق ئۆگىنىشىمىزگە پايدىلىق. بۇ يەردىكى سېلىشتۇرۇش پەقەت فىلىمنى تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە كەم-كۈتىسىز چۈشىنىشكىلا قارىتىلغان. ئۇيغۇر تىلىدىن خەۋىرى، ساۋادى بار ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى كۆرگەندە، ئېنىقكى فىلىمنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ مەنىلىك چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ.
2
ئەلۋەتتە، بىر نەرسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ يېتەرسىز، كەمتۈك جايلىرىنىمۇ ئېتىراپ قىلىشىمز، كۆرسىتىپ ئۆتىشىمىز، مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىز كېرەك. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنىڭ تەرجىمە-تەرەققىيات ئىشلىرىدا كۆرۈلىۋاتقان بەزىبىر مەسىلىلەرنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
1. كەسىپلىشىشتىكى چېچىلاڭغۇلۇق. بۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تەرجىمە تېخنىكىسىدىكى كەسپىي خادىملارنىڭ سېستىمىلىق ئەمەسلىكىگە قارىتىلغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىشى بىردەك ئەمەس بولۇپ، بۇ ساھە تېخى رەسمىي ھالدا كەسىپلىشىشكە، سېستىمىلىشىشقا دېگەندەك تولۇق يۈرىشىپ كېتەلمىدى، بۇ تېخنىكىنىڭ سېستىمىشلىشىش، كەسىپلىشىش قەدىمى ئاستا بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا چېچىلاڭغۇلۇق ياكى يەككە-يىگانىلىك كۆرۈلمەكتە.
2. كەسپىي خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى. بىر پارچە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا تەرجىمان، تەھرىر، كوررېكتور، كىرىشتۈرۈگۈچى ۋە تېخنىك قاتارلىق خادىملارنىڭ لازىم بولىدىغانلىقىنى كۆپىنچە كىشىلەر تېخى تولۇق بىلىپ يەتمەسلىكى مۇمكىن. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تېخنىكىسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى بىر نەچچە يىلدا، گەرچە بۇ تېخنىكىغا قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلار ۋە كەسپىي كومپىيوتېر ماھىرلىرى كۆپلەپ كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ تېخنىكىنىڭ ئارقا سەپ «جەڭچى»لىرى يەنىلا كەمچىل بولۇپ كەلمەكتە. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تېخنىكىسى ئۈچۈن، تەرجىمە قىلىش قابىلىيىتى يۇقىرى بولغان تەرجىمان؛ تەرجىمىدىكى كەم-كۈتىلەرنى ئوڭشاپ، تۈزەيدىغان مۇھەررىر؛ يېزىقتىكى ئىملا خاتالىقىنى بىر كۆرۈپلا بىلەلەيدىغان ۋە تۈزىتەلەيدىغان كوررېكتور؛ تەرجىمان، تەھرىر ۋە كوررېكتورنىڭ قولىدىن چىققان تەرجىمىنى جاي-جايىدا قويالايدىغان كىرىشتۈرۈگۈچى؛ كىرىشتۈرۈلگەن فىلىمنى تېخنىكا جەھەتتىن ئوڭشايدىغان تېخنىك ھېلىھەم بۇ ساھەدە بوشلۇق بولۇپ تۇرماقتا .
3. فىلىمدىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ بىردەك ئېلىنماسلىقى. كىنو – فىلىم بولغانىكەن، ئۇنىڭدا ئىسىملار ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنىڭ تەرجىمىسىدە كۆرۈلىۋاتقان يەنە بىر چوڭ يېتەرسىزلىكمۇ دەل ئىسىملارنىڭ بىردەك ئېلىنماي تەرجىمە قىلىنىشىدۇر. بىزدە تەرجىمە گورۇپپىلىرى كۆپلەپ قۇرۇلماقتا ۋە تور يۈزىدە نامايەن بولماقتا، شۇنىڭدەك، ئىسىملارمۇ ھەرخىل ئېلىنماقتا. بەزىلىرىدە ئىسىملار فىلىمدىكى يېزىق بىلەن ئوخشاش ھالدا، كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا، لاتىن يېزىقى بويىچە ئېلىنماقتا ۋە يېزىلماقتا، يەنە بەزىلىرىدە ئۇيغۇرچە يېزىق بويىچە، فىلىمدىكى تەلەپپۇزنى ئاساس قىلىپ ئېلىنماقتا. مېنىڭچە بولغاندا، ئىسىملار تەرجىمىدە لاتىن يېزىقى بويىچە ئېلىنىش ۋە شۇ بويىچە يېزىلىشى كېرەك، بۇ بىر تەرەپتىن شۇ فىلىمگە بولغان ھۈرمەت بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرچە يېزىقتا ئېلىنغاندا، بەزىبىر ئەھۋاللاردا مەنىلەردە چېچىلاڭغۇلۇقنى پەيدا قىلىپ قويۇشى ياكى مەنانى توغرا ئىپادە قىلىشقا تەسىر قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئىمكانقەدەر لاتىن يېزىقى بويىچە ئېلىش ۋە يېزىلىشى مۇھىم، دەپ قارايمەن.
خۇلاسەم شۇنداق بولدىكى، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گەرچە ئەمدىلا بىخلىنىۋاتقان كەسىپ ۋە ساھە بولسىمۇ، بىز ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ، تۈزىتىپ – تولۇقلاشقا دادىل كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان بولۇشىمىز كېرەك.
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشى ھەربىر تور ئەھلىنىڭ تىرىشچانلىقىغا، قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىگە مۇھتاج! ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىممۇ ھەربىر كەسىپ ئەھلىنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ۋە قوشۇلىشىغا مۇھتاج!!!
___________________
ئەسكەرتىش : مەزكۈر ماقالە ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۆتكەپ كېلىندى، ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز بۇ تېمىنى خالىغانچە باشقا تور بېكەت ۋە مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
مەنمۇ بىر نەچچە كەلىمە قېتىپ قوياي:
ئۇيغۇرچە خەت كىرىشتۈرۈلگەن فىلىملەرنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى سىزنى يىڭى فىلىملەربىلەن تىز ئۇچۇراشتۇرۇدۇ، ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقۇرى، يەنە كىلىپ بۇ فىلىملەرنىڭ %99تى ھەقسىز. ھې…ھې..
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساقلانغان مەسىلەردىن بىر نەچچىنى دەي، 1-تەرجىمە قىلىپ خەت كىرىشتۇرگىچىلەر ھەر دائىم ئۆزىنىڭ نوقتىنەزىرىدە تۇرۇپ كىنو تاللاپ خەت كىرىشتۇرۇدۇ، ئۆزى ياقتۇرغان كىنولانىلا قېلىدۇ.
2-كىرىم مەنبەسى يوق دىيەرلىك، توربەتنىڭ ئىلان پۇلىدىن باشقا كىرىم يوق دىسەكمۇ بۇلىدۇ، تەرەققىياتنىڭ ئاساسى ئىقتىساد ، شۇنىڭ ئۇچۇن ھەقلىق ئەزالىق سەھىپىسى يولغا قويۇپ بىر يىللىق ھەقنى100يۇەن قىلىپ بىكىتىپ شۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمنى ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىملەش كىرەك.
مەن ئادەتتە ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىمەرنى شۇنداق ھۇزۇرلىنىپ كۆرىمەن.
خەنچە خەتلىك تەرجىمە فىلىملەردە چىققان خەنچە خەتلەرنى ئاساسەن ئۇقۇپ چۈشىنەلسەممۇ ،كىنو-فىلىملەر ئادەمدىن ئىنكاسىنىڭ تېزلىكىنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا دەماللىققا ئادەمنىڭ كاللسىدا تولۇق بىر چۈشەنچە ھاسىل بولمايدىكەن،شۇڭا مەن ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىملەرنى كۆرۈشكە بەك ئامراق.
شاھ ئۇيغۇر تورىنىڭ باشقۇرغۇچىللىرىغا بىر تەكلىۋىم بار ئىدى،مەن بۈگۈن مەلۇم بىر توربەتتىن maddi jane ئىسىملىك بىر كىچىك قىزچاقنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم(ئاتىسى ئۇيغۇركەن)،ناخشىنى شۇنداق ياخشى ئېيتىپتۇ،ئاۋازىمۇ كارامەت ياخشىكەن ،شۇڭا ۋاقتىڭلار چىقسا ئاستىدىكى ئادرىستىن ناخشىلىرىنى كۆرۈپ بىقىڭلار،مېنىڭچە ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن.
توربەت ئادرىسى:
http://www.yinyuetai.com/search?searchType=playlist&keyword=Maddi+Jane
ناھايىتى ياخشى بىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، بۇ قىز توغۇرلۇق ئانچە-مۇنچە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم، ئەگەر بۇ قىزنىڭ ناخشىلىرىنىڭ خەنچە تەرجىمىسى ياكى فىلىم سۈزۈك نۇسخىسىنى تاپقان زامانلا مۇشۇ قىزنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن ناخشىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىشىمىز مۇمكىن
راس گەپ بولدى .
بۇ توربەتتە نۇرغۇن ناخشىلارنىڭ تېكىستى باركەن بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قالارسىز
http://www.xiami.com
ماۋۇ گىرمانىيە ئۈرۇش ماشىنىسى مۇزىكا ئەتىرتىنىڭ ئانا دىگەن ناخشىسىكەن .خەنزىچە تىكىس ھۆججىتىمۇ باركەن .ئامال بار تەرجىمە قىلىپ ققويغان بولسىڭز
http://www.yinyuetai.com/video/6331
تىكىس ئادىرسى
http://www.xiami.com/song/1659292?ref=ac-song
مېنىڭ قوشۇمچە قىلىدىغىنىم ئىقتىسادى كىرىم يارىتىش توغرىسىدا
ئويغۇرچە خەتلىك فىلىمنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە 5-، 13-فىلىم قاناللىرىدا قويۇشقا يۇزلەندۇرۇش . خەنزۇچە فىلىم قاناللىرىدا تىلى ئىنگىلىسچە خېتى خەنزۇچە فىلىملەرنىمۇ قويىدىغۇ ؟ شۇ كىنولارنىمۇ شەخسىلەر تەرجىمە قىلغاندۇ ؟
بۇ ئىشنى مەدەنىيەت-سەنئەت ئىدارىسى ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىلەن مەسىلىھەتلىشىپ قىلسا ۋۇجۇتقا چىقىش ئىھتىماللىقى يوقۇرى. يەنىلا يوقۇرى قاتلامدىكى باشچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئەڭ مۇھىم .ئەگەر راسلا قوللاشقا ئېرىشىپ تېلېۋىزوردا قويۇلسا ،بىرىنچىدىن ، كىرىم مەنبەسىگە ئېرىشىدۇ .ئىككىنچىدىن، كەسىپ ئەھلىنىڭ ئەمگىكى قەدىرلىنىدۇ .
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە 13-فىلىم قانىلىدا ھازىر بۇ ئىش ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولدى. ئاساسەن كۈندە كەچتە دېگۈدەك ئۇيغۇرچە خەتلىك ئېسىل فىلىملەر بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.
ئاندىن خەتلىك فىلىمنىڭ تارىخى توغرىسىدا ئاپتور ھېچنېمە بىلمەيدىكەن. ماقالىمۇ بەكلا چولتا ئىكەن. ھازىرغىچە توردىلا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلغان فىلىم نەچچە ئون ئەمەس، 200 دىن ئاشىدۇ. تۇنجى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم 2006-يىلى تورداش روكنىڭ «ماشىنا ئادەمنىڭ سەرگۈزۈەشتىلىرى» ناملىق خەتلىك تەرجىمە فىلىمى بىلەن باشلانغان.
توغرا، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسسىنىڭ 13-قانىلىدا خەتلىك فىلىم قويۇلىۋاتقانلىقىغا ھەقىقەتەن خېلى ۋاقىت بولدى، ھەتتا پېقىرمۇ «مېنىڭ ئىسمىم خان»دېگەندەك بىر قىسىم فىلىملەرنىمۇ تەمىنلىدى (ئەپسۇس، بۇ فىلىمنى قايتا كىرىشتۈرگەندىكى نۇسخىسى مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغانىدى)، ھازىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئستانسىسى ئاساسلىق ئۆز ئالدىغان تەرجىمە خەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەپ كۆرۈرمەنلەرگە سۇنىۋاتىدۇ.سۈپىتىمۇ دەسلەپ ئىشلىگەن فىلىملىرىگە قارىغاندا خېلىلا ياخشى چىقىۋاتىدۇ
13-قانالنى توردا كۆرگىلى بولمامدا
تىلىۋىزىيە ئىستانسىدىن چۇشمەي، ئاۋال مۇشۇ توربەتتى بىري ھەققلىق قېلىپ بېقىڭلا، قانچىلىك ئادەم ياقتۇردىكەن، كىيىن مەخسۇس پىلاستىكا چىقىراسىلەيا
ماڭىمۇ خېلى بولدى خەنچە خەتلىك فىلىم كۆرمىگىلى ، تولىرەق مۇشۇ ئۇيغۇرچە . بەزىدە ئارىلاپ خەنچە كۈرۈپ قالسام يىتىشەلمەي قالىمەن ، لېكىن ھۇزۇرىنى سېلىشتۇرساق ئەلۋەتتە شۇ «كۇچانىڭ سۇپۇنى ياخشى» دە .
كۆپتىن-كۆپ رەخمەت سىلەرنىڭ ئەجرىڭلەرگە ….. قۇلۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن ~!
ئاللا،ئاللا شاھىم، تولىمۇ خىجىل بولدۇم. ئالدى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ بۇلۇپ باھالانغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن! مۇبارەك بولسۇن! بۈگۈن راستىنلا تەسىرلەندىم. رەخمەت سىزگە.
ئالدى بىلەن تەبرىكنامىڭىزگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن، ئاندىن كېيىن خىجىل بولۇشنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق دەپ ئويلايمەن، چۈنكى ھەممىمىز بىر سەپتىكى سەبداشلار دەپ ئويلايمەن
11:18
http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=711
بىر يەرلىرىنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلغان، ئەسلى ئاق بۈركۈتتە باركەنتۇق
بۇ باھاغا پىكرىم بار