كـۈل ۋە قـار

Post image of كـۈل ۋە قـار
سەھىپە: فىلىملەر، ھۈججەتلىك فىلىم باھا: 14

كـۈل ۋە قـار

بەلكىم سىز نۇرغۇنلىغان سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ۋە بەلكىم نۇرغۇنلىغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز كۆرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا  Gregor Colbert قا ئوخشاش جاھاننى كېزىپ ئىنسان، ھايۋانات ۋە كەڭرى تەبىئەتنىڭ ئىنچىكە مۇناسىۋېتىنى تارتالىغان، شېئىرى ھېسسىياتقا باي كىشىلەر ئىنتايىن ئاز بولىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ فىلىمدە تارتقان ھەر بىر كۆرۈنۈشلىرى ئىنتايىن تەبىئىي بولۇپ ھېچقانداق يالغان ئارىلاشتۇرمىغان، ئۇ بۇ كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ئىنسانلار ۋە ھايۋاناتلار ئارىسىدىكى كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان مۇھەببەت ۋە ئىشەنچنى تېپىپ چىققان، ئۇنداقتا سىزمۇ تەبىئەتنىڭ نادىر كۆرۈنۈشلىرى ئېلىنغان بۇ ھۈججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ چىقمامسىز

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

يازما ئاپتورى:

ش.ئە.ئۇيغۇرى، مەزكۈر تور بەتنىڭ قۇرغۇچىسى، گەرچە قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىمىز بەكمۇ ئۇلۇغۋار ئىش بولمىسىمۇ ئەمما مۇشۇ ئىشلىرىمىز ئارقىلىق تورداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئازراق بولسىمۇ بېيىتالىساقلا بۇ ساھەدە جاپا چېكىۋاتقان ھەر بىر مىننەتسىز ئەمگەك ئىگىلىرىنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ ئەلۋەتتە

2011.02.22 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

14 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.02.22
15:49
1-قەۋەت: «قازانچى» مۇنداق دېدى:

بۇ سەنئەتكارنىڭ بەزى رەسىملىرىنى بۇرۇن كۆرۈپتىكەنمەن، ئەمما بۇ فىلىمىنى ئەمدى كۆرۈشۈم، بۇ سەنئەتكار قارىغاندا ھايۋانلارنى بەكمۇ ياخشى كۆردىغان چېغى، بولمىسا بۇنداق ئېسىل كۆرنۈشلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايتى.
مۇۋاپپىقىيەتنى قوغلاشساڭ، مۇۋاپپىقىيەت ئۆزى يېتىشىۋالىدۇ.(«ئۈچ ئەخمەق» كىنوسىدىن ئېلىندى)

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.23
13:10
2-قەۋەت: «نۇربۇلاق» مۇنداق دېدى:

ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ كۈرۈپ كەتتىم ئەمىسە~ شاھىم! بولسا خەتلىك فىلىم ئىشلەش دەرىسلىكىنىڭ داۋامىنى ئىشلىسىلە بولاتتى~ كۇندە قاراپ كۈزۈم تىشىلەي دىدى جۇمۇ! بولسا 838808502 – چ چ نى بىر قىتىۋالسىلا بۇپتىكەن~ قايسى كۈنى قېتىۋالدىم دىگەنتىلە ~ لېكىن بىز تەرەپكە ئۇچۇر كەلمەي قويدى! بۇدا قايتا بىر قېتىۋالسىلا بۇپتىكەن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

كومپىيۇتېرىمغا يېڭى سىستىما قاچىلىغاندىن بېرى كومپىيۇتېرنىڭ مىك ئورنى نورمال ئىشلىمەيۋاتىدۇ، شۇڭا مىكنى ئارقىغا چاتسام ئاۋاز ئالىدىغان يېرى ئىشلىمەي پەقەتلا تىڭشىغىلى بولىدىغان بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئىزچىل ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ بۇنى ئوڭشاشقا… ئۆتكەندە سىزنى قاتتىم دەپ باشقا بىرسىنى قاتقان ئوخشىمامدىمەن ئۇنداقتا…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.23
13:55
3-قەۋەت: «نۇربۇلاق» مۇنداق دېدى:

بارغانسىرى بۇ بىكەتكە خۇمار بۇپ قېلىۋاتىمەن دىسە~~~~ قۇلۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.25
02:46
4-قەۋەت: «كۇلمەس» مۇنداق دېدى:

رەخمەت ئويگە بىرىپ ئالدىرماي ئولتۇرپ كورەي

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.25
15:35
5-قەۋەت: «ئاتەش» مۇنداق دېدى:

چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم ئەمسە،چۈشۈرۈپ بولۇپ ئارامخۇدا كۆرەي.
بولسىغۇ مۇشۇ «ئەسەرلىرىڭىز» نىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنىمۇ بىرگە يوللاش ئىمكانىيتى بولغان بولسا تېخىمۇ ئېسىل ئىش بولاتتى-دە!
رەھمەت،قولۇڭىزغا دەر كەلمىسۇن،كۆپ جاپا تارتىۋاتىسىز.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.26
06:55
6-قەۋەت: «شاھنۇر» مۇنداق دېدى:

رەھمەت سىزگە، ياخشى چىقىپتۇ، ئەمما مەن بۇكىشىنىڭ تەسەۋۇرلىرىنى ئانچە ياقتۇرمۇدۇم،تەرجىمىدە ئازراق خاتالىق باركەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ئەلۋەتتە ھەر كىشىنىڭ قىززىقىشى ۋە ياقتۇرىدىغىنى ئوخشىمايدۇ، ئەمما تەرجىمىدىكى خاتالىقنى تېپىپ چىققانلىقىڭىزدىن خۇش بولدۇم، بولسا شۇ خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز كېيىن ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلانساق تېخىمۇ خۇرسەن بولار ئىدۇق

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شەبنەم مۇنداق يازغان:

سز بەكمۇ كەمتەركەنسز جۇمۇ!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.3
18:17
7-قەۋەت: «ئەركانى» مۇنداق دېدى:

دەماللىققا بۇ ھۆججەتلىك فىلىم نۇرغۇنلىغان تورداشلارنى ئۆزىگە تارتالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مۇزىكىسى ناھايىتىمۇ ياخشىكەن، ھېچ بولمىسا سۈرەتلىرىنى دېمەي، مۇزىكىسىنى بولسىمۇ بىر قېتىم كۆرۈپ چىقسىڭىز، چارچىغان زېھنىڭىز ئارام تېىپ قالىدۇ….
ھەمدە ئوي قاينىمىغا چۆكتۈرۈپ، ئۆتمۈشنى ئەسلىشىڭىزگە ۋە كەلگۈسىڭىزنىڭ قانداق بولىشىڭىز توغرىسىدا ئويلىنىشىڭىزغا تۈرتكە بولغۇسى!
فىلىم خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغاچقا، بەزى خاتالىقلارنىڭ بولىشى تەبىئىي. ئەسلى ئاپتورنىڭ دېمەكچى بولغانلىرى ياكى يورۇتماقچى بولغان ئىدىيسىگە يېقىنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، تەرجىمە قىلىشنى باشلىساقمۇ ئەمما خەنزۇلارمۇ تەرجىمە جەريانىدا بەزى يەرلەرنى خاتا تەرجىمە قىلىدۇ، بۇنى بەلكىم بەزى تورداشلار ھېس قىلىپ بولدى ھەقاچان….
ئەمما خاتالىقنى تۈزەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ خاتالىق بايقىغان ھامان ۋاقتىدا ئىنكاس قالدۇرۇپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، كېيىنكى ئىشلىرىمىزنىڭ توغرا ۋە ئۇقۇملۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز…..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.5
21:56
8-قەۋەت: «كۇلمەس» مۇنداق دېدى:

مەن مۇشۇ ھوججەتلىك فىلمىگە قارغاندا كىنولارنى ياخشى كورۇمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.25
10:22
9-قەۋەت: «تەدبىركار» مۇنداق دېدى:

بىر كۆرۈپ چىقاي

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شەبنەم مۇنداق يازغان:

سز نىڭ ئسمڭىز ھەجەپ تۇنۇشلاغۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.10.18
19:14
10-قەۋەت: «شەبنەم» مۇنداق دېدى:

تەبىيەت ئانا مەن سېنى سۆيىمەن!!!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量