مەزكۈر فىلىم تۈركىيەلىك تالانتلىق ناخشىچى، كومپوزىتور، ئاكتيور، فىلىم ئىشلىگۈچى مەخسۇن قىرمىزگۈل (Mahsun Kırmızıgül) نىڭ يەنە بىر داڭلىق ئەسىرى بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىمۇ مەخسۇس فىلىمدە رول ئېلىپ چىققان (فىلىمدىكى فەراتنىڭ رولىدا)، فىلىم ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «مېنىڭ ئىسمىم خان» دىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئىسلام مىللەتلىرى بىلەن غەرپ دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ناھايىتى روشەن ئېچىپ بېرىپ، جاھان ئەھلىنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلغان ئاساستا، ئىسلام دىنىنىڭمۇ ئەزەلدىن تىنچلىقنى سۆيىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى تەسىرلىك ۋەقەلەر ھەم پاساھەتلىك سۆز ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن نادىر فىلىم ھېسابلىنىدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى : مىرئەخمەت، ش.ئە.ئۇيغۇرى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ماڭا سۇزۇك نۇسقسى
بولسا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز.
بۇفىلىمنى قۇتيار تورىدىكىلەرمۇ تەرجىمە قىلىپتىكەن .قانچە قىلىپمۇكۆرۈشكە نائىل بولمىغان .
يەنىلا مۇشۇيەردە تاپتىم.
تەشەككۈر.
كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن رەھمىتىمنى بىلدۈرەي …
يەنىلا كىچىكىپ قالماپتىمەن ئەمدى .ئالدىرماي ئولتۇرۇپ كۆرەي ئەمدى بۇ كىنونى ،شاھ ئۇيغۇر باشچىلىقىدىكى تەرجىمە گوروپپىسىغا كۆپتىن -كۆپ تەشەككۇر.
كۆرۈپ چىقتىم. ھەقىيقەتەنمۇ ئېسىل كىنو ئىكەن. تۈركىيەنىڭ كىنو ئىشلەش سەۋىيىسى ھەقىيقەتەنمۇ يۇقىرى ئۆسۈپتۇ. ئەجرىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر.
ۋاھ . ھەجەپ تەستە چىقتى .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
بۇنى قەيەردىن چۈشۈرگىلى بولار؟
چۈشۈرۈپ كەچتە ئويگە قايتقاندا كۆرمىسەم خىزمەت ۋاقتىدا بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشقا پۇرسەت بولمىغۇدەك!
ئاللاھ ئەجىرىڭىزلەرنى بەرسۇن! يېقىدىن بۇيان نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ، مەنىۋىي ئۇسسۇزلۇقۇمىزنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتىسزلەر! بۇ فىلىممۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن فىلىمكەن.
ئىشلىرىڭىزلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن@
بۇنى قۇتياردىكىلەرمۇ تەرجخمە قىلىپتىكەن ئەمگەك تەكرار بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟
لىكىن مەن ئۇيەردىن تاپالمىغانتىم . ئىلتىپاتنىڭ چوڭ_كىچىكى يوق.
ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ، مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى كۆپ خىل ئۇسلۇبدا تەرجىمە قىلسا، ئەمگەك تەكرارلىقى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن…
قۇتيار تورىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىنى تەكرار ئەمگەك دېسەك بولىدۇ، چۈنكى فىلىم تەرجىمىسىنى ئىشلەۋاتقان توغۇرلۇق ئاتايىتەن شۇ تورغا ئۇچۇر بېرىپ قويغان
مەنمۇ بۇ كىنونى قۇتيار تورىدىن كۆرەلمىگەن ئىدىم. بۇ قىتىم كۆرەلەيدىغان بولدۇم.ھىلىقى «قۇملۇق شىرى» دىگەن كىنو باللار بايرىمى ھارپىسىدا چىقماقچى ئىدى،لېكىن جىمىپ كەتتىغۇ…
سىلەرگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن. بۇ فىلىم ھەقىقەتەن ياخشىكەن….
بۇ كىنو بەكىمۇ ياخىشى تەرجمىە كېپسلە رەخمەت سىلەرگە
قۇتيار توردىن چۇشۇرۇشكە تىخى ئۇلگۇرمىگەن ئىدىم
مېنىڭچە تەرجىمە فىلىم ئاتامانلىرى كۆپراق ئۇچىرىشىپ تۇرسا بولغۇدەك، كۈچنى نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىشقا قارىتىپ تەكرار ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئالساق، بۇ ھەقتە ئاتامانلارغا بىر مۇراجىئەت يازمىسام بولمىدى
تورداشلار دىققىتىگە: مۇستافا ئاققاد رېژىسورلوق قىلغان ‹قۇملۇق ئارىسلانى› ناملىق فىلىم جىددىي تەھرىرلىنىۋاتقاچقا ۋاقتىدا ئۈلگۈرمەي قالدى. ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمىز،
نىمە دىگەن تەسىرلىك ! يىغلاپ كورۇپتىمەن
بۇ كىنونىڭ ئۆز يىزىقىمىزدىكى نۇسخىسىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر . ھەقىقەتەن ھوزۇرلۇنۇپ كۆرىۋالدىم.
كىنونىڭ قاتىلى كەنغۇ بۇ ! ياخشى كىنو سوغا قىلغىنىڭلاغا كۆپ رەھخىمەت ئاغىنىلە!!!!!
كىنونىڭ قاتىلى كەنغۇ بۇ ! ياخشى كىنو سوغا قىلغىنىڭلاغا كۆپ رەھخىمەت ئاغىنىلە!!!!!
ئۇزۇن بوپتۇ كىنو كۆرمىگىلى ، بىر كۆرەي. رەھمەت، كۆپ جاپا چىكىۋاتىسىلەر.
خەت ساندۇققا يوللاپ بېرەمسىز 434448044@qq.com
تەشەككۇر ،مىڭلارچە تەشەككۇر!!!رەھمەت سىلەرگە جان قېرىنداشلىرىم،بۇ فىلىم مەن تۇغۇلۇپ ھازىرغا قەدەر كۆرگەن يەنە بىر مۇنەۋۋەر فىلىم بولدى! ئۇلۇغ رەببىمدىن سىلەرگە ئاسايىشلىق،بەرىكەت،سالامەتلىك تىلەيمەن،ئامىن!كىنو باشلانغاندىن تارتىپ تاكى تۇگىگچە شۇنداق ھاياجان ئىلكىدە كۆردۇم.ھەقىقەتەن ئېسىل فىلىم ئىكەن!
بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن تېزدىن يېقىن تۇغقانلىرىم ۋە دوستلىرىمغا تەۋسىيە قىلىدىم.چۇنكى ھەقىقەتەن كۆرۇشكە ئەرزىيدىكەن!
بىر ئېغىز گەپ ھەقققەتەن ئېسلكەن كىنۇنى تەرجىمە قىلش ئۈچۇن باسقان ھەر بىر ھەرپلەرىڭىز ئۈچۇن قۇلڭىزغا گۈل ئۈنسۇن
نىمىدىگەن تەسىرلىك ئېسىل كىنۇ بۇ ، رەھمەت شاھ بېلوگىنىڭ جاپاكەش ئەزالىرىغا جاپا چەكتىڭلار… ھەممىڭلارنىڭ فىلىمدىكى ھاجىغا ئوخشاش ساپ كۆڭۇل بۇلىشىڭلارنى ئۇلۇغ ئاللاھ دىن تىلەيمىز.
راس تۇركىيەدە جەمەتلەر قىساسى ئىنتايىن ئەۋىج ئالغان ئىكەن . ئەگەردە بىر ئائىلە بىلەن يەنە بىر ئائىلىنىڭ جان قەرىز ئاداۋىتى بۇلسا چۇقۇم بۇنىڭغا جانغا جان ئىلىش شەرىت ئىكەن ، مەيلى بۇ ئاداۋەت 10يىل ياكى 100يىل داۋاملاشسۇن،باللىرى ياكى نەۋرە ،ئەۋرە چەۋرىلىرى ھامىنى بىر كۇنىبۇ قىساسنى ئالدىكەن .
بۇ كىنۇمۇ شۇ ئىشلارغا قامچا خارەكتىردە ئىشلىنپتۇ … رەخمەت
ناھايىتى ياخشى كىنو ئىكەن. شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىغا تەشەككۇر!!!!!!!!
ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل كىنو ئىكەن ، تەرجىمىنىمۇ راۋۇرۇس قىپتۇ ، بەكمۇ مەمنۇن بولدۇم.
مەن بىر كىسقا فىلىم كورگەن ، ئۇنىڭدىمۇ تېرورچىغا مۇناسۋەتلىك مەزمۇنلار باركەن ، بولسا شۇنىمۇ تەرجىمە كىلىپ باققان بولساڭلار، ئىسمى 过世的恐怖分子 ،
مەزمۇنى خېلى قىزقارلىق ، شۇنىڭخىمۇ بىر كنچىۋەتسەڭلا بوپتىكەن!؟
چۈشۈرگەن 4بۆلەكنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا بىرقىسىم ئكەنغۇ؟
بۇ كىنو بىرقسىممۇ ياكى ئاخىرى بارمۇ؟
مەن راستىنى دىسەم تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرۈپ بۇنداق تەسىرلىنىپ ،ھاياجانلىنىپ باقمىغان.بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىگى مىنى بەكلا تەسىرلەندۈردى. كۆز ياشلىرىم مارجان بۇلۇپ ئاقتى. بۇنداق نادىر فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ ،ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرگە سۇنغانلىغىڭىلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
ئاللاھ قۇلۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن.
ھەقىقەتەن ياخشى فىلىمكەن~~
ئاجايىپ ياقتى ماۋۇ كېنو. چۈشۈرۈپ قويۇپ كۆرۈشكە ۋاقىت يەتمىگەن ئىدى. بەكلا ئىسراپ قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم! ئەجىرگە ئەجىر ئالغايسىلەر!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز .سىز خەتلىگەن بۇ كىنونى كۆرۇپ ناھايتى خوش بولدۇ،ئاللا قولىڭىزغا دەت بەرمۇسۇن،راس گەپنى قىلسام مەنمۇ بىر خېلى يامان ئەمەس كىنو بېتىنى ئېچىپ باشقۇرۇپ كېلىۋاتىمەن،لېكېن ئۇزاق بوپتىكەن بىر كىنونى قىزىقىپ كۆرۇپ باقمىغىلى(كىچىك تەرەتنى قىسىپ تۇرۇپ ) مۇشۇنداق ياخشى كىنولارنى داۋاملىق خەتلىشىڭىنى ئۇمۇت قىلىمەن ،رەھمەت
سىلەرگە كۆپ رەھمەت مەن بۇ بىلوگنى تېخى ئىككى ھەپتە ئالدىدىلا ئاندىن بىلدىم نېمىشقا بۇرۇنراق بىلىمگەندىمەن دەپ پۇشايمان قىلۋاتىمەن . ياخشى كىنولارنى تەرجىمە قىلىشىنى توختىىپ قويمىساڭلار . چۈنكى كىنومۇ تەريىلەش قىممتىگە ئىگە … ؟
مەن شاھ ئۇيغۇر بىلوگى نى ياقتۇ رۇپ قالدىم
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ھەم ئىسىل كىنو
مۇشۇنداق ئىسىل كىنونى تەرجىمە قىلىپ باسقان ھەربىر دەقىق ئەجرىڭىزگە ئاللا مىڭ ئەجىر بەرسۇن…….بەرىكەتلىك تەرجىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن…….ھارمىغايسىز …..خۇش بولدۇق ………………سالامەت بۇلۇڭ~!
كۆرۈپ نىمە دىيشىمنى بىلەلمدىم . قانلىق ياش ، قانلىق قىسمەتلەرگە تولغان بۇ كۆرنىشلەرنى كۆرۈپ يۈركۈم لەختە – لەختە قانغا تولۇپ كەتتى دىسەم خاتا بولمايدۇ .
ئۇشبۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ چىققان تەرجىمانغا ھەم كۆپ رەھمەت .
ئاۋۇ ھاجى نېمىشقا ئايالى ۋە قىزنى دىنغا دەۋەت قىلمىغاندۇ ؟ مېنىڭ شۇنىڭغا ئەقلىم يەتمىدى دىسە ؟ تۈركىيەدىكى ھىلقى بىر قارىسا مەسچىت يەنە بىر قارىسا چىركاۋغا ئوخشاپ كىتىدىغان يەرگە كىرگەندە بولسا ھىلقى مۇسۇلمان قارا تەنلىك بىلەن ھاجى دۇئاغا قولىنى كۆتۈردى ، ئايالى بولسا خىرستىيانلارچە … ئۇنىڭ قىزى تىخى چىركاۋدا تويغا قاتناشتى . بۇ ئشىلار تولىمۇ غەلىتە بىلىنىدى ماڭا .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!بۇ فىلىمنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تەرجىمە قىلغىنىڭىزلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.مەن چۈشۈرۈش ئادرىسىدىن چۈشۈرگەن،ئەمما يەشكىچە خاتالىق بار دەپ يېشىلمىدى .بۇ نىمە سەۋەپتۇ.ئاۋارە قىلدىم.
قۇتيار تورىدىكىلەرنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرگەن ئىدىم.
لېكن سىلەرنىڭ تەرجىمەڭلار ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، رەھمەت سىلەرگە
بەك ياخشى ئكەن
كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان
بەك ياخشى كىنوكەن رەھمەت سىلەرگە . تىنىڭلارغە سىلامەتلىك تىلەيمەن.
مەن بۇ فلىمنى كۆرەۇم بار ئىدى بىراق ئىچىلمىدى ئەپسۇسلاندىم
نورمال چىقىۋاتىدىغۇ دوستۇم، تور كۆرگۈنى يېڭىلاپ سىناپ بېقىڭ
خېلڭ ياىشى ئىشلەپتۇ
07:52
ئاخىرى ئېلان قىلىنىپتۇدە، باشقا يەرلەردە كۆپ كۆرگەنتىم بىراق سۈزۈك نۇسقىسىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان. بۈگۈن ئاخىرى پۇخادىن چىققۇدەكمەن.
بۇ باھاغا پىكرىم بار