تۈركىيە ھېكايە فىلىمى : بىز ئايرىلغاندا

Post image of تۈركىيە ھېكايە فىلىمى : بىز ئايرىلغاندا
سەھىپە: فىلىملەر، كىنو باھا: 23

تۈركىيە ھېكايە فىلىمى : بىز ئايرىلغاندا

فىلىمدە بىر تۈركىيەلىك ئايال مۇھەببەتسىز توي ۋە ئائىلە زۇراۋانلىقى تۈپەيلى بالىسىنى ئېلىپ بىرلىكتە گېرمانىيەگە يەنى ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىۋالىدۇ، ئەمما ئۇ پەقەت توي قىلىپ بولغان ئايال بولغانلىقى تۈپەيلىلا مەيلى نەگىلا بارمىسۇن، ئۆزىنىڭ باشقىلار نەزىرىدە يات بىر كىشى ھىسابلىنىدىغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھەم ئۆزىگە تەۋە بولغان تۇرمۇشنى تاپماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، فىلىمدە يەنە بىر قېتىم بىر قىسىم مىللەتلەردە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار دېگەن ئىدىيە ناھايىتى روشەن ھالدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ مەزكۈر فىلىم بېرلىن خەلقئارالىق كىنو فىستوۋالىدا ئالتە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

پۈتۈن ئېكراندا كۆرمەكچى بولسىڭىز فىلىمنى قوش چېكىڭ

2010.12.30 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

23 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2010.12.30
06:37
1-قەۋەت: «شەخىس» مۇنداق دېدى:

بۇ كىنۇمۇ يامان ئەمەسكەن جۇمۇ، تېخى تولۇق كۆرۈپ بولالمىدىم ،
قارىغاندا شاھ بىلوگى يېڭى نۇسخىنى ئېلان قىلىپ 2011يىلدا بىزنى تازا
رازى قىلغۇدەك فىلىم يولللايدىغان ئوخشايسىلە جۇمۇ….
ما تۆرىنى ھېچكىمگە بەرگۈم كەلمەي ئېنكاس يېزىۋەتتىم مانا…..

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

جىق-جىق كېلىپ جىق-جىق ئىنكاس يېزىپ تۇرسىڭىز بىزمۇ جىق-جىق رازى قىلغۇدەك فىلىملەرنى يوللاپ تۇرىمىز، خۇدايىم بۇيرىسا :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.30
10:08
2-قەۋەت: «سەۋرىچان» مۇنداق دېدى:

نۇرغۇن گەپلىرىم بارتى …..بولدىلا…….ياخشى فىلىمكەن، رەخمەت سىلەرگە دوستلار !!!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.30
11:17
3-قەۋەت: «نۇر» مۇنداق دېدى:

بۇ كىنونىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشكە زادىلا ئامال يوقمۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.30
14:58
4-قەۋەت: «يۈكسەل» مۇنداق دېدى:

ۋاقىت چىقىرىپ كۆرسەك بولغۇدەك ئەمسە !

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.30
15:17
5-قەۋەت: «روھچىن» مۇنداق دېدى:

بىر كۆرەي دىسەم تۇلا قېتىۋېلىپ قۇيۇلمىدىغۇ بۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

تور سۈرئىتىڭىز ئاستا كېلىپ قالدىمۇ قارىم :lol: مەن كۆرۈپ باقسام قاتمىدىغۇ بولمىسا

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.31
05:02
6-قەۋەت: «al-ak» مۇنداق دېدى:

نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ بىزلەرگە سۇنىۋاتىسلەر. كۆپ رەخمەت…..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.31
07:39
7-قەۋەت: «تارىخ» مۇنداق دېدى:

يېڭى ئۆيىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن شاھ ئەپەندى .نىمىشقىكىن firefoxبىلەن نورمال كۆرەلمىدىم .مەندىلا شۇنداقمۇ ياكى سىز سىناپ باقمىدىڭىزمۇ ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

مەنمۇ شۇ ئوت تۈلكىسىدە چىقىۋاتىمەن،شۇنداق نورمال…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.31
20:02
8-قەۋەت: «نەسرى» مۇنداق دېدى:

مەن بۇ كىنونى چۈشۈرۈپ كۆرمەكچى بولدۇم ، ياخشى چۈشىدىكەن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.1
12:09
9-قەۋەت: «توخوتۇر» مۇنداق دېدى:

يوللايلى غوجام يوللايلى ئا پوچتا بىلەنچا tohotur@126.com
ما قارا قىشنى ئەركانى خوتەننىڭ تەرجىملىرى بىلەن يازغا ئۇلىماي بوممايدۇ دەيمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.1
12:17
10-قەۋەت: «توخوتۇر» مۇنداق دېدى:

ئالدىنىقى ئونغا كرىپسىز كوڭلۇمدىكدەك ئىش بوپتۇ .كىرەلمىسىڭزمۇ كوڭلۇمگە ئالماي داۋاملىق برىش كىلىش قىلىپ تۇرىمىز دەيمەن ،چۇنكى ما قىلۋاتقان ئش كاتتا بولغاندىكىيىن
ئەمما ئاۋارتارنى قالتىس مەردۇ مەردانە ئەۋەتكەن بولسىڭىز ، يېڭى يىلدا داۋاملىق مەرتلىكنى ئەلا بىلگەيسىز .سېخ جەننەتى دىگەن گەپ با ئەمەسمۇ .
ئابدالدەك يېنىڭزدىن كىتەلمىدۇق ئەينا

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ئېلخىتىڭىزگە خەت ئەۋەتىپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالغايسىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.15
04:51
11-قەۋەت: «فاتىمە» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاھىم .
مەن كۇندە ئۇلىنىش تۇرىنى ئىچىپلا مۇشۇ شاھ ئۇيغۇر بىلۇگىنى بىر كۇرىۋىتىپ يىڭى كىنۇ چىقتىمۇ يۇق دەپ ئاندىن باشقا تۇرلارنى كۇرىدىغان بۇپ قالدىم دىسە .مۇشۇ بىلۇگدا بار كىنۇلارنى ھەممىنى بىر قىتىمدىن كۇرۇپ چىقتىم ،بەزىلىىرىنى ھەتتا نەچچە قىتىملاپ كۇردۇم.مۇشۇ يەردىن بىر كىنۇ كۇرۇپ چىقسام، يىڭى چىققان بىر كىتاپنى ئۇقۇغاندەك تەسراتقا كىلىمەن.ھارمىغايلا ،ئاللا ئىشلىرىغا مەدەت بۇلغاي. :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.15
04:52
12-قەۋەت: «فاتىمە» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاھىم .
مەن كۇندە ئۇلىنىش تۇرىنى ئىچىپلا مۇشۇ شاھ ئۇيغۇر بىلۇگىنى بىر كۇرىۋىتىپ يىڭى كىنۇ چىقتىمۇ يۇق دەپ ئاندىن باشقا تۇرلارنى كۇرىدىغان بۇپ قالدىم دىسە .مۇشۇ بىلۇگدا بار كىنۇلارنى ھەممىنى بىر قىتىمدىن كۇرۇپ چىقتىم ،بەزىلىىرىنى ھەتتا نەچچە قىتىملاپ كۇردۇم.رەھمەت سىلىگە.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

بلوگومنى شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ كۆرگىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم، ئاللا ئىگەم تېنىمىزنى ساق سالامەت قىلسىلا يەنە نادىر فىلىملەرنى داۋاملىق تەمىن ئېتىپ تۇرىمىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.15
12:12
13-قەۋەت: «قۇربان .ئۇلباس» مۇنداق دېدى:

بەك ئېچىنىشلىق ھەم تەسىرلىك كىنۇكەن بۇ! ئشقىلىپ شاھ ئۇيغۇر گورۇپپىسىدىكىلەر تەرجىمە قىلغان مەن كۆرگەن كىنۇلار بىر -بىرىدىن ئېسىلكەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.18
03:02
14-قەۋەت: «چالىقۇش» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك شاھ ئۇيغۇر بلوگىدىكى جاپاكەشلەر ؟سىلەرنىڭ بلوگىڭلاردىكى بولۇپمۇ چالما-كېسەك قىلىنغان سۈرەييە بىلەن بىر ئاتىنىڭ ھەج سەپىرى دىگەن كىنونى قانچە قېتىم كۆرگەنلىگىمنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن.ھەقىقەتەن ياخشى كىنولاركەن سىلەرنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق تەسىرلىك كىنۇلارنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىپ بىزگە سۇنۇپ تۇرۇشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.ئاخىردا تىنىڭلارغا سالامەتلىك ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.26
18:34
15-قەۋەت: «قازانچى» مۇنداق دېدى:

بۇ تۈركىيىنىڭ كىنولىرىنىڭ تولىسى ئاخىرىقى نەتىجە تېراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشامدۇ؟
تۇرمۇش قانچە ئادالەتسىز بولسىمۇ لېكىن جېمغا ئۇنداق قىلمىسا بولاتتى، جېم ئۇ ئىشلارنىڭ سەۋەپچىسى ئەمەستە ئەلۋەتتە.
ئۇماينىڭ ئائىلىسىدىكى دادىسى ۋە ئاكا-ئىنىللىرىمۇ بىر توپ ۋەھشىي بۆرىلەردىن ئىكەن.ھەممىدىن جېمغا ئۇۋال بولدى.(سەل ھاياجاللىنىپ قالدىم كەچۈرسىزلەر) :idea:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.07.4
19:42
16-قەۋەت: «ئەنسارى» مۇنداق دېدى:

شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان كىنولارنى تېلۋىزىيە ئىستانىسىسى ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىپ تېلۋىزىيىدە قويۇلغان بولسا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈرمەنلەر كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالايتتى!!!!!!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.07.23
17:22
17-قەۋەت: «مۇراد» مۇنداق دېدى:

كۆزۇمدىن ياش ئالغان كىنو غۇ بۇ!!!كىچىككىنە بالا ئۆلۇپ كەتتىدە!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.09.23
19:38
18-قەۋەت: «كەچكۇز» مۇنداق دېدى:

مەنمۇ ئۇن تىنسىز كىرىپلا تۇرىۋاتىمەن بەزى توربەت ئچىىلمىغان چاغلار ھىساپ ئەمەس

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量