ئۆلۈم تەجرىبىسى

Post image of ئۆلۈم تەجرىبىسى
سەھىپە: فىلىملەر، كىنو باھا: 17

ئۆلۈم تەجرىبىسى

بىر توپ ئادەتتكى ئادەملەر ئىنسان تەبىئىتى تەجرىبىسىگە قاتناشتۇرىلىدۇ، تەجرىبە ئېلىپ بارغۇچىلار ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم ئايرىم رول تەقسىم قىلىدۇ، مەقسىتى ھەرخىل ھوقۇق ۋە ئىمتىياز شۇنداقلا شارائىتنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى بىلىش بولۇپ، فىلىمدە بۇ كىشىلەرنىڭ شۇ شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىكى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنىڭ مۇھىتقا بولغان ئۆزگىرىشچانلىق خاراكتىرى ئۇچۇق تەسۋېرلەپ بېرىلگەن، فىلىمنىڭ تەرجىمىسى تورداش تېكەسنىڭ ياردىمىدە تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، قېنى نەزىرىڭلار فىلىمدە بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : تېكەس

تىلى : ئېنگىلىزچە

يېزىقى ئۇيغۇرچە

پۈتۈن ئېكراندا كۆرمەكچى بولسىڭىز فىلىمنى قوش چېكىڭ

يازما ئاپتورى:

ش.ئە.ئۇيغۇرى، مەزكۈر تور بەتنىڭ قۇرغۇچىسى، گەرچە قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىمىز بەكمۇ ئۇلۇغۋار ئىش بولمىسىمۇ ئەمما مۇشۇ ئىشلىرىمىز ئارقىلىق تورداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئازراق بولسىمۇ بېيىتالىساقلا بۇ ساھەدە جاپا چېكىۋاتقان ھەر بىر مىننەتسىز ئەمگەك ئىگىلىرىنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ ئەلۋەتتە

2010.12.18 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

17 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2010.12.19
15:14
1-قەۋەت: «سىرلىق بۇركۈت» مۇنداق دېدى:

تەجرىبە قىلغۇچىلار بەلكىم دەل ئاقىۋەتتىكى پاجئىەنى سىناق قىلماقچى ئوخشىمامدۇ؟ :?:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

مېنىڭچىمۇ شۇنداقتەك قىلىدۇ، ئىنساننىڭ ئوخشىمىغان مۇھىت ھەم شارائىتتىكى خاراكتىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەجرىبە قىلماقچى ئوخشايدۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.19
16:27
2-قەۋەت: «ئەرك» مۇنداق دېدى:

ئا قارىۋاينى لېكىن…كۆزى كىچىك ئادەمنى ئاشۇنداق دېگەن كىتاپتا، راسمۇ نېمە ھە

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.19
18:39
3-قەۋەت: «پادىشاھ» مۇنداق دېدى:

ھەي پۇل ھەي ھەسەتخورلۇق ھەي چوڭچىلىق

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.29
12:27
4-قەۋەت: «تارىم0097» مۇنداق دېدى:

فىلىمنى ئىۋەتىپ بىرەر سىز مۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.2
08:15
6-قەۋەت: «ئۇيغۇر» مۇنداق دېدى:

ياخشىمۇ سىز مۇمكېن بۇلسا ماڭغا يۇللاپ بەسىڭىز بۇپتېكەن 1505591949@qqcom.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.8
03:55
7-قەۋەت: «خەنجەر» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم قانداق ئەھۋالىڭىز …. بلوگ كۆچكەندىن كىيىن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىپتۇ بۇ بىلوگ . مەن بېتىڭىزنىڭ دائىملىق ئىشتىراكچىسى ، لېكىن ئىنكاس يېزىشىم تۇنجى قېتىم ، سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ،ئەمما بۇ بىلوگنى ياخشى كۆرىمەن تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئىچىدىمۇ سىلەرنىڭ فىلمىڭلارنى ياخشى كۆرىمەن ۋە جىق كۆرگەن بولىشىم مۇمكىن .بولدى قۇرۇق گەپنى قويۇپ سىزگە دوستانە تەكلىپىم بۇ كىنو مەنبەدە ئۆچۈرۈلگەن ئوخشايدۇ قايتا چىقرىپ قويسڭىز بولىدىكەن ، يەنە بىر كىنومۇ شۇنداق ئۆچۈرۈلگەن ئوخشايدۇ ئۇ يەرگىمۇ ئىنكاس يېزىپ قوياي قاراپ باقاسىز …. مەنچە سىلەر قەرەرلىك ھالدا تور ېتىڭلاردىكى كىنو ئۇلنىشى نورمالمۇ شۇنى تەكشۈرۈپ تۇرساڭلار بولىدىكەن . چۈنكى ھازىرقى سىن ئۇلاش بەتلىرى سەۋەبسىزلا سىنلارنى ئۆچرىۋىتىپ بارىدۇ … خەير ئامان بولۇڭ دوستۇم ….

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم، سىزنىڭ بلوگومغا كېلىپ يوقلاپ تۇرۇشىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، سىز دېگەندەك سىزدە قويۇلمىغان بۇ ئىككى فىلىمنى مەن ئۆزۈم قايتا قويۇپ باقتىم ھەم باشقا شەھەرلەردىكى تورداشلارغا كۆرۈپ بېقىشنى ھاۋالە قىلدىم، ھەممسى نورمال كۆرۈنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، فىلىممۇ يۇيۇۋېتىلمەپتۇ، بەلكىم تور سۈرئىتىڭىز سەل ئاستا كېلىپ قالغان ياكى سىز كۆرگەن پەيتنىڭ ئۆزىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن، قايتىدىن سىناپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، ھەر قاچان قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىڭىز بولسا ئايىماي قالدۇرۇپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.3
11:53
8-قەۋەت: «پادىشاھ» مۇنداق دېدى:

پېقىرنىڭ تەكلىپى بولسا فىلىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى بىر تەمىنلەپ بەرسەڭلەر تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، سىلەرنىڭ ئەمگىكىڭلار بىزنى تەسىرلاندۈردى.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.05.21
09:06
9-قەۋەت: «ئەسكەر» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شۇنداق ياخشى تەرجىمە بوپتۇ .سىلەر تەرجىمە قىلغان كىنولارنى كورۇشنى بەكمۇ ياختۇرىمەن .سىلەرگە كوپ راخمەت

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.09.12
05:07
10-قەۋەت: «شاتلىق» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شۇنداق ياخشى تەرجىمە بوپتۇ .سىلەر تەرجىمە قىلغان كىنولارنى كورۇشنى بەكمۇ ياختۇرىمەن :smile:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.01.8
16:03
11-قەۋەت: «بىلسەبىر» مۇنداق دېدى:

مەن كۆرەلمىدىمغۇ بۇ فىلىلمنى

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.01.24
19:53
12-قەۋەت: «سىرژانت» مۇنداق دېدى:

مەنمۇ دائىم بۇ تەرجىمە فىلىملەرنى كۆرىمەن ….. ھەقىقەتەن ئىسىل تەرجىمىلەر بۇ ! ئاللا قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن…… :cry:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.01.27
02:31
13-قەۋەت: «تۇمارس» مۇنداق دېدى:

كۆپ ئەجىر قىپسىلە.رەھمەت.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.02.13
14:21
14-قەۋەت: «چىمەنزار» مۇنداق دېدى:

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم شاھ ئۇيغۇر ياخشىمۇ سىز..؟؟ ئاللاھنىڭ سالىمى بىلوگدىكى بارچىگە بولسۇن . تەرجىمە فىلىملىرىڭلارنى شۇنچە ياقتۇرۇپ كۆرىمەن بەزىدە شۇ چۈشۈرۋالاي دىسەم چۈشەگىلى بولمايدىغان يانا كىلىپ بەزى بىرلىرىنى قۇيغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت بۇنىڭغا ئالاھىدە شۇ فىلىمنى قوللايدىغان فىلەش قويغۇچ لازىم بولامدۇ ياكى مىنىڭ كۇمۇمدىكى چاتاقمۇ ….؟؟ جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز ……

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

ياخشىمۇسىز چىمەنزار، ئالدى بىلەن بېتىمىزنى ياقتۇرۇپ كۆرگىنىڭىزگە ئالەمچە تەشەككۈرلەر بولسۇن، بېتىمىزدىكى فىلىملەرنىڭ كۆرۈش مەسلىسىگە كەلسەك بۇ پەقەتلا شەخسنىڭ قىزىقىشى بىلەنلا قۇرۇلغان ئادەتتىكى تور بەت بولغاچقا، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ مۇقىم فىلىم يوللاش بوشلۇقى بولمىغاچقا (ئادەتتە ياخشىراق فىلىم يوللاش بوشلۇقى بولۇش ئۈچۈن نەچچە ئونمىڭ ئەتراپىدا كېتىشى مۇمكىن) فىلىملەر ھەممىسى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قىسىم فىلىم تور بەتلىرىگە يوللىنىدۇ، شۇڭلاشقا فىلىم يوللاش بوشلۇقلىرىنىڭ ھەر قانداق سىستېما يېڭىلىشى ۋە ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك بەزى ۋاقىتلاردا قىسمەن فىلىملەردە نورمال كۆرۈلمەسلىك ئەھۋاللىرى ئاندا-ساندا كۆرۈلۈشى مۇمكىن، يەنە بىر ئىش ئادەتتە ئۆي كومپىيۇتېرىنى ئىشلەتكەن چاغدىمۇ تور كۆرگۈنىڭ ئىچىدىكى internet 选项 دېگەن يەرىدىن cookie نىمۇ تازىلىۋېتىشكە ئادەتلىنىڭ، بۇنداق بولغاندا ھەر قانداق توردىن كىنو كۆرگەندە ئوتتۇرىغا كەلگەندە قېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز،

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量