شاھ ئۇيغۇر بلوگى ۋوردپرەسكە كۆچتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرى ھەم بارلىق تورداشلار
بلوگوم (شاھ ئۇيغۇر بلوگى) بۈگۈندىن باشلاپ بلوگباس سۇپىسى بىلەن ھەقىقى خوشلىشىپ ۋوردپرەس مۇلازىمىتىگە تۇلۇق كۆچتى، گەرچە شاھ ئۇيغۇر بلوگى قۇرۇلغاندىن بۇيان بلوگباس مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەمدە مۇشۇ بلوگباس مۇلازىمىتىدە ئىككى يىل مابەينىدە تەرەققى قىلىپ مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ لېكىن رايونىمىزدا تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بلوگباس سۇپىسنىڭ ئۈزلۈكسىز بلوگگېرلارغا ئېلىپ بارغان ھەرخىل چەكلەشلىرى مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇرن بلوگگېرلاردا بلوگباستىن زېرىكىش كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ قويغانىدى، ئۆزۈمنىڭمۇ بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپلا مۇستەقىل نام ئېلىپ بلوگ قۇرۇش ئۇيۇممۇ بار ئىدى. ئەمما شۇ خىزمەت ھەم تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە، كومپىيۇتېر ئالدىغان كەلگەندە بولسا تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلىرى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ بۇ ئىشلارغا پەقەتلا ۋاقىت ئاجرىتالمىغانىدىم. لېكىن بۇ قېتىملىق، يەنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەن بلوگباستا تۇيۇقسىز ھۈججەتلەرنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك ئەھۋالى مېنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىشىمگە يېتەرلىك ۋاقىت ھەم باھانە ئاجرىتىپ بەرگەن بولدى. خۇددى كيۇكيۇ بىلەن 360 نىڭ جىدىلى نۇرغۇنلىغان تورداشلارنى MSN دىن ئىبارەت ئۇيغۇرچە يېزىق تۇنۇيالايدىغان ياخشى بىر پاراڭلىشىشى دىتالى بىلەن تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىنىغا ئوخشاش ( گەرچە ئىشلىتىۋاتقانلار يەنىلا ئاز ساندا بولسىمۇ )، بۇ قېتىملىق بلوگباسنىڭ كاشىلىسى ئۇيغۇر بلوگ ھەۋەسكارلىرىغا مۇستەقىل بلوگ سۇپىسى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرغانىدى، شۇنداقلا ۋوردپرەسنى قايتىدىن كەڭ بلوگگېرلارغا تۇنۇتقانىدى، كەمىنە ش ئە ئۇيغۇرىمۇ گەرچە تور بەت توغۇرلۇق ھېچقانداق تەجرىبەم بولمىغان بىر كود قارىغۇسى بولساممۇ ئەمما ئۇيغۇرچە، خەنچە تور بەتلەردىن ئاقتۇرۇپ، سىنلىق ئۆگىنىش دەرسلىكلىرى ھەم ھەرخىل ئۆگىنىش ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ يۈرۈپ ئاز-تولا بولسىمۇ بۇ توغۇرلۇق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم، ھەم ئۆگەنگەنلىرىم بۇيىچە ۋوردپرەسنى كومپىيۇتېرىمدا قوزغىتىپ سىناق قىلىپ يۈرۈپ ۋوردپرەستىن ئىبارەت بۇ ئاداشنىڭ ھەقىقى بلوگ قۇرۇشتا ئالدىنقى تاللاش بولالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ۋوردپرەسنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نەشىرى ھەم ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بلوگ ئۇسلۇبلىرى مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بايلىق بولدى، ھەم نۇرغۇنلىغان يوللارنى قىسقارتىشىمقا ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ۋوردپرەسكە ئەجىر سىڭدۈرگەن دوستلارغا ۋە ئۇيغۇربەگ بلوگىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، كۆڭلۈمدە بۇنداق ياخشى نەرسە بىلەن بالدۇرراق تۇنۇشالمىغىنىمغا ئازىراق پۇشايمانمۇ قىلغان بولدۇم، ئەلۋەتتە تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەچكە بۇ ئىشلارغا ۋاقىت چىقماسلىقىمۇ تەبىئىي ئىدى، ئەمدىكى گەپ مەخسۇس تور نامى ھەم بوشلۇق ئېلىپ توردا سىناق ئېلىپ بېرىش ئىدى، مەندەك بىر تەييار بلوگباسنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك نامىنى ئىشلىتىپ كۈنۈپ كەتكەنلەرگە نىسپەتەن بۇمۇ بىر يېڭى ئىش ھېسابلىناتتى، ئەمما ئۇيغۇربەگ تۇرايىدىكى پرېستان ئەپەندى ۋە شىنجاڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى قارمىقىدىكى www.uydata.com تورىنىڭ ياردىمىدە بۇ قىيىنچىلىقلىرىممۇ ھەل بولدى، بولۇپمۇ پرېستان ئەپەندىنىڭ زېرىكمەي – تېرىكمەي چۈشەندۈرىشى بىلەن مەزكۈر بلوگنى كۆرۈۋاتقىنىڭلاردەك تېخىمۇ كۆركەم، تېخىمۇ مۇكەممەل ھالدا ئوڭۇشلۇق ھالدا يۆتكەپ كەلدىم، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئىككى ئورۇن ۋە شەخىسكە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئەپسۇسلىنارلىقى بلوگنى يۆتكەش جەريانىدا بارلىق تېمىلارنى يۆتكىمەستىن مەزمۇنلارنى تاللاپ يۆتكىگەنلىك سەۋەبىدىن تورداشلارنىڭ بۇرۇنقى بلوگقا يوللانغان ئىنكاسلىرىنى يۆتكەپ كېلىشكە مۇمكىن بولماي قالدى، بۇنىسىنى تورداشلار توغرا چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.
خوش، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تور دۇنياسىغا يېڭىدىن كۆز ئاچقىنىغا ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان شاھ ئۇيغۇر بلوگى تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم بىلەن مۇستەقىل بلوگ بولۇش يولىغا قەدەم تاشلىدى. ئەمدىكى گەپ داۋاملىق راۋاجلىنىشتا، بۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلارنىڭ داۋاملىق قوللىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر ئەلۋەتتە، خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئادىرىستا تېخىمۇ كۆپ نادىر فىلىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى داۋاملىق تەمىن ئېتىشكە تىرىشىمىز. نەزىرىڭىز داۋاملىق بلوگومدا بولسۇن
شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادىرىسى : WWW.SHAHBLOG.NET
مۇبارەك بولسۇن!!بۇنۇڭدىن كىيىن تېخىمۇ يىڭى-يىڭى تەرجىمە فىلىملەرنى يوللاپ تۇرغايسىز !
بىرگە بولسۇن دوستۇم، ئاللا خالىسا بۇ تور بەتنىڭ ئىشلىرى تەلتۈكۈس ئاخىرلاشسىلا بىر نەچچە فىلىملەر قاچان سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىمىز دەپ ساقلاپ تۇرىدۇ، شۇلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن
ۋوردىپىرىس قوشونىغا قوشولغانلىقىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن بىلوگىڭىزنىڭ كۇندىن كۇنگە روناق تىپىشىنى تىلەيمەن
رەھمەت دوستۇم، بولسا ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى
يۈكسەل بلوگى ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى بولغان شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ يېڭىچە قىياپەت بىلەن نەشىر قىلىنغانلىقىنى قىزىن قۇتلۇقلايدۇ! يېڭى تورنام ، يېڭى ئۇسلۇپ، يېڭى پروگىرامما ، يېڭى باشلىنىش، قۇتلۇق قەدەم … شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر نىسىپ بولسۇن!
يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، ھەممىمىزگە مۇۋەپپەقىيەتلەر يار بولغاي
ئالدى بىلەن شاھ ئۇيغۇرنىڭ يېڭى قىياپىتىنى تەبرىكلەيمەن !شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ تېخمۇ كۆپ نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ ،تەشنالىقمىزنى قاندۇرىشنى ئۈمىد قىلىمەن!غەيرەت قىلىڭ بۇرادەر !
رەھمەت دوستۇم، ئاللا خالىسا تېخىمۇ نادىر فىلىملەرنى كەڭ دوستلارغا سۇنىمىز
مانا مانا مانا … تەرەقىيات دىگەن مانا مۇشۇ شۇ يىڭى تۇرايىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
كىنوخانىمىزدىكى ئۇلىنىش ئادىرسىڭلارنى ئۆزگەرتىپ قويدۇم ، بلوگباستىكى بلوگىڭلىغا بۇ يەرگە بىۋاستە كىرىدىغان كوددىن بىرنى تەييارلاپ قۇيۇڭلار ئەمدى
يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت دوستۇم، بۇ بلوگنىڭ چالا ئىشلىرى تۈگىگەندە ئاندىن كونا بلوگنى تاقاشنى ئويلىشىۋاتىمەن
قىرىندىشىم بولسا بىزلەرنىمۇ بىر ئۇلىنىشقا قىتىپ قويسىڭىز ياخشى بولاتتى بىرلىكتە تەرەققى قىلايلى
مەنمۇ كېلىپ بىر مۇبارەكلىۋېتەي~~
ئوخخو!!!!!!!!!!!! مەن ئەمدى راسلا يىغلايدىغان يەرگە يەتتىم ئەينى ۋاقىتتا پىرىستان ئەپەندى بلوگبۇس تىن چىكىنگەن چاغدا شۇنداق كۆڭلغم يىرىم بولغان ئىدى مانا ئەمدى سىزمۇ كۆچۈپ چىقىپ كەتتىڭىز ھەي!!!!!!!!!!!! بلوگبۇس تىكىلەرنىڭ ھەممىسى چىكىنىشكە باشلىدى ئەمدى بىر بولسا wordperss قا كۆچۈش بىر بولسا ئەمدى بلوگ ساھەسىدىن چىكىنىش تىن ئىبارەت بۇ ئىككى يول قالغان ئوخشايدۇ
پۇرسەت يېتىلگەندە سىزمۇ بەلكىم wordperss قا كۆچۈپ كېلىشىڭىزگە ئىشەنچىم كامىل، لېكىن بلوگ ساھەسىدىن چېكىنىپ كەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاھ ئەپەندى. يېڭى بىلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن.
رەھمەت دوستۇم، ئاللا خالىسا ئىشلىرىمىز تېخىمۇ ئىلگىرى باسقاي، ھەمكارلىقىمىز ئۈزۈلمىگەي
شاھ ئۇيغۇرنىڭ مۇستەققىل بلوگ سۇپىسىغا كۆچكەنلىگىگە مۇبارەك بولسۇن! داۋاملىق بلوگ يېزىشتىن ئىبارەت بۇ يولنى تاللىغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم!
نەچچە قېتىم توختاپ قالاي دېسەم بۇ كۆڭلۈم پەقەتلا ئۇنىمىدى، شۈڭلاشقا داۋاملىق ئىزىڭلاردىن بېسىپ مۇستەقىل بلوگ سۇپىسىغا كۆچتۈم، بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىق تىرىشىمەن خۇدايىم بۇيرىسا
مۇبارەك بولسۇن…ئشلىرڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت دوستۇم، بولسا ھەر قانداق پىكىر تەكلىپلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز، بلوگومنىڭ ئىشىكى سىلەر ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۇچۇق
ئاداش يىڭى بلوگنىڭ لوگوسى يوقما ئۇلىنىش قىلىۋالا دىسەم ھېچبىر لوگو تاپقىلى بولمايدۇ
مەن يېڭىچە لوگو ياساشقا تەمشىلىۋاتقان، ھازىرچە رەسىمسىز قىلىپ تۇرارسىز بولمىسا
مۇبارەك بولسۇن بۇرادەر بىلۇگنىڭ نوچى بولۇشى بىزنىڭمۇ تەلىيىمىز.تونۇگۇن بىر قانچە ئنكاس يازغانتىم .ياڭاق چاققاندا ئۇنتۇپ قالماڭ يەنە
1.خەت يەنە ئازىراق دان دان بولسا
2.بەتلەرنى يەنە ئازىراق سىرلايدىغان يېرى باردەك تۇرامدۇ نىمە
3. ماڭا يېڭى تۇيغۇ ئاتا قىلىدى .چەتئەلنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرگەندەكرەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم
ئىككى ئىنكاسىڭىزغا بىرلا سۆز قاالدۇراي، خاپا بولمىسىڭىزلا ھې ھې…
1.سىزنىڭ خەت دانە دانە بولسا دېگىنىڭىز فىلىمگە قارىتىپمۇ ياكى بۇ بەتكە قارىتامۇ بىلەلمىدىم
2.قەيەرىنى يەنە سىرلىساق بولاركىن كۆرسىتىپ بەرسىڭىز…
3.مەنمۇ بۇ بلوگنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى دەپ تەرجىمە قىلدۇرغانىدىم، سىزگە يارىغان بولسا مەنمۇ خۇش
Bu blog manga ham dostlirimgha bekla yaridi. uslubimu ozgiche iken. japa chekiwetipsiler mushunchilik ishlarni qilishmu asan emes. ishliringlar teximu yukselgusi. men uyghurche yazalmaymen. shunga uly ishlettim
بۇرادەر دىمەكچى بولغىنىم .بەتنىڭ خېتى ئۇيغۇرلاردىمۇ كۆزئەينەك تاقايدىغانلار ئاز ئەمەسچۇ ھازىر
تونۇگۇن كىرسەم رەڭ تۇزمىگەندەك كۆرۇنگەن بۇگۇن كىرىپ قارىسام سىدام بولسىمۇ بەك ئۆزگۇچە تۇرامدۇ نىمە ؟ ئادەمگە يېڭى توي قىلىغان ھوجىرا ئويلەرنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز ئەرنىڭ ،ھېلىقى قارىسا ھەممە نەرسە يېڭىچۇ
مۇبارەك بولسۇن! (سەل كېچىپ قالغان بولساممۇ)
مۇبارەك بولسۇن، ئۇزاق بوپتىكەن كەلمىگىنى ئۆزگۈرۈش زور بوپ كىتىپتۇ. بۇندىن كىيىن كۈندە ماراپ تۇرىمەن.
بولسا دەرھاللا مەن بىلەن بىر ئالاقە قىلسىڭىز، سىزگە دەيدىغان بىر ئىش بار ئىدى.
چ چ: 137936175
مۇبارەك بولسۇن! بلوگىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئاۋاتلىشىپ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.
رەھمەت، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق كېلىپ تەكلىپ پىكىر بېرىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
بىلوگىڭىزنىڭ تىخىمۇ تەرەققى قىلشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .راسىنى ئىيتقاندا بلوگىڭىز مەيلى مەزمۇن مەيلى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن ھەقىقەتەن ئۆزگىچە بوپتۇ ،
بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۇمۈد قىلىمەن
شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپىسىدىكى جاپاكەشلەرگە رەھمەت.ئاللا ئەجرىڭلارنى بەرگەي.
15:24
شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ يېڭى تۇرايىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن ھەمدە مەزكۇر تۇرانىڭ كۈنسىرى روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن!…
بۇ باھاغا پىكرىم بار
شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:
رەھمەت دوستۇم ، خۇدايىم بۇيرىسا دېگىنىڭىز كەلگەي
بۇ باھاغا پىكرىم بار
كۆرەش مۇنداق يازغان:
مەنمۇ قاچان مۇشۇنداق بىر بىلوگ قۇرۇپ چىقارمەن ھەي…
بۇ باھاغا پىكرىم بار