ھېكايە فىلىم<موڭغۇل> تەرجىمە قىلىنىپ بولدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار
شاھ ئۇيغۇر بىلوگى ۋە تارىخ بىلوگى بىرلىكتە تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم <موڭغۇل> تەرجىمە قىلىنىپ بولدى ،دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
فىلىم ئىسمى :موڭغۇل
تەرجىمە قىلغۇچى :ئۇيغۇر بالىغ،ش ئە ئۇيغۇرى
چۈشۈرگىلى بولىدىغان قىلساڭلار بولمامدۇ؟
بەك پىخسىقلىشىپ كەتتىڭلار ؟
ئېنىقلىق دەرىجىسى تۇۋەن بولسا كىشى تازا ھوزۇر ئالالمايدىكەن….
سەمىمىي تەكلىپ .
ھىچ بولمىغاندا bitئۇرۇقى قىلىپ تارقاتساڭلارمۇ بۇلاتتىىغۇ!؟؟؟؟؟!!!!!
شۇڭلاشقا چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەلەپ قىلىنغان ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرۇلمايدۇ، خەۋەردار بولغايسىزلەر…
بەك ئەپسۇس ….. ئەمدى كۆردۈم .
بىر مۇنچە جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلغان فىلىمنى ، كۆپرەك ئادەمگە كۆرسەتسە ، ياخشى ئىش بولاتتى …ئەسلى ..
ئالدى بىلەن سىزنىڭ قەدەم تەشىرىپ قىلغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن، ئادەتتە مەن ئۆزۈم ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا ئىشلەۋاتقان فىلىملەرنى بىۋاستە توردا كۆرسىتىش ئادىرىسىنىى كەڭ تورداشلارغا سۇنىۋاتىمەن، چۈشۈرۈش ئادىرىسىغا بوشلۇق ئالاي دېسەم نەچچە مىڭ كېتىدىكەن، بىكارغا قىلغاندىن سىرت يەنە پۇل خەجلەپ چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەمىنلەش سەل ئېغىر كېلىپ قالدى، ھەقسىز دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان بوشلۇقلارنى ئىشلىتىپ كۆردۈم، بىر فىلىمن ىوللاش ئۈچۈن نەچچە كۈن كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرمەي ساقلاشقا توغرا كېلىدىكەن، شۇڭلاشقا ھازىرچە پەقەت مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ تۇردۇم، بۇ پىخسىقلىققا كىرمەس
رەھمەت قىلىۋاتقان ئەجىرىڭىزگە،تورداشلار چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن سىزگە پىخسىق دەپ چاق چاق قىلىپ قويۇپتۇ.كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.
دىئالۇگ شەكلىدھ تەرجمە قىلىنغان بولسا ياخشى بولاتتى
سىلەرنىڭ جاپايىڭلارغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۇر. ئاساسى مەقسەت ئامرىكىنىڭ ‹ئازغۇن› 迷失 دەيدىغان بىر فىلىمى بار ئىدى، بىر تەرجىمە مەركىزى بۇ فىلىمنىڭ 72 قىسمىنى‹3-بولىمى ›تەرجىمە قىلىپ ئاخىرىنى تاشلاپ قويدى. بۇ بەكلا ياخشى فىلىم ئىدى. مۇمكىن بولسا شۇ فىلىمنىڭ ئاخىرنى تەرجىمە قىلىپ يوللساڭلار دىمەكچى. رەھمەت
مەن بەك ياختۇردۇم سىلەرنىڭ توختاپ قىلىشىڭلادىن قوقىمەن
مەنمۇ مۇشۇ فىلىم تەرجىمە قىلىشقا قىزىقىپ قالدىم ،شۇڭا مەنمۇ تەرجىمە قىلىپ باقاي دىگەن ،لىكىن قانداق قىلىشنى بىلمىدىم ،بولسا ماڭىمۇ ئۈگىتىپ قويسىڭىز ،سىز بىلەن بىر سەپتە ياخشى كىنولارنى تەرجىمە قىلىپ چىقسام دىگەن ئۈمۈتتىمەن!!!!!
ئەگەر راستتىنلا قىززىقسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بولسا تەرجىمە سىپىمىزگە قاتنىشىشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن
ياخشى بولۇپتۇ.،،،،،،،،،
ياخشى
مەن بەكلا ياقتۇردۇم ،داۋاملىق تىرشىڭ،سىز مۇڭغۇل تىلنى بىلەمسىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!
مەن سىلەرنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتىڭلارغا قايىل،بىراق سىلەرگە سەمىمي تەكلىپىم شۇكى فىلىم يوللىغاندا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىدە ۋە ئەخلاقىغا يات ھاياسىز قىلىقلارنى كېسىۋېتىپ ئاندىن يوللىساڭلار.مىنىڭچە كىچىكلەر بىلەن بىللە كۆرمەڭ دەپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىش تازا ئاقىللىق ئەمەس ئاللاھ ئىشىڭلارغا بەركەت بەرسۇن…(ئامىن!)
ياخشىمۇسىز، بەرگەن سەمىمىي تەكلىپىڭىزدىن سۆيۈندۈم، بىز ئاساسەن فىلىمنى تەرجىمە قىلىشنىلا ئۈستىمىزگە ئالغاچقا ئادەتتە فىلىمنى كېسىپ يۈرمىگەن، ئەمما بۇنىمۇ ئويلىشىپ كۆرسەك بولغۇدەك، چۈنكى ھەقىقەتەن قولىمىزدا بىر مۇنچە تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغان ۋە ياكى چۈشۈرۈپ بولۇنغان فىلىملەر بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممسىدە ئازدۇر كۆپتۇر سىز دېگەندەك مەسىلىلەر ساقلانغاچقا ئېلانمۇ قىلمىدۇق. پەقەت چەكتىن ئىشىپ كەتمىگەن بولسىلا ئاندىن تەرجىمىسىنى ئېلان قىلىۋاتىمىز، ئەمما بۇندىن كېيىنمۇ چوقۇم داۋاملىق دىققەت قىلىمىز. قىممەتلىك پىكىر تەكلىپىڭىزنى ئايىمىغايسىز
بۈگۈن بۇ فىلىمنى قايتا كۆرۈپ چىقتىم ،ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق كۈچىگەن بولساممۇ نۇرغۇن يەرلەرنىڭ نامۇۋاپىق بولۇپ قالغىنىنى ھېس قىلدىم .
قاراپ ئولتۇرۇپ سىز بىلەن يەنە ھەمكارلاشقىم كىلىۋاتىدۇ .
ۋوي، سىز بارمۇ؟ قانداق ئەھۋالىڭىز؟ يېقىندىن بېرى ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟ خېلى بولۇپتۇ ئالاقىلاشمىغىلى
ھەقىقەتەن ئىككىمىز ھەمكارلاشقان بۇ فىلىمدە كەمىنىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان خاتالىقلار بار ئىكەن، كېيىنچە مەنمۇ ئۇيغۇر يېزىقى ئىملاسى توغرىسىدا مەخسۇس ماتىرىياللارنى كۆرگەندىن كېيىن بەزى فىلىملەر ئالدىدا خىجىل بولۇپ قالدىم، ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا ياخشى كېتىپ بارىدۇ بۇ ئىشلار، ئاللا خالىسا قايتا ھەمكارلىشىپ قالساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى…
ئوبدان كىنو ئىكەن،يايلاق مىللەتلىرىنىڭ خارەكتىرىنى ياخشى يورۇتۇپتۇ،ئەجرىڭلەرگە تەشەككۈر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مېنڭدە بىر فىلم بار ئىدى ئسمى ئەكبەر ھىندىستاندا ئشلەنگەن بۇ فىلمدە سەئىدىيە ئىلىنڭ قۇرغۇچىسى سەئىدىخان بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان ھەم بىر نەۋرە ئاكىسى ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستاننى سوراپ ھەم شۇ يەردە ياشىغان مىرزامۇھەممەت بابۇردىن شاھنىڭ كينكى ئەۋللاتلرىنڭ تارىخى تەسۋىرلەنگەن فىلم ئىكەن مېنڭ ئوردۇ تىلدىن خەۋرىم بولمىغاچقا بەك ئۇقالمدىم ،بۇ بەك ياخشى فىلم . سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ تەرجىمە قىلىپ قۇيۇشڭلارنى سورايمەن .چچ نومۇرۇم 704076041
مىسرانە قېرىندىشىمىزنىڭ كەلگەن قەدەملىرىگە مەرھابا! ياخشى فىلىملەرنى تەۋسىيە قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر، ئەمما مەزكۇر فىلىم ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، تورا ئېلان قىلىنغان، قارىغاندا سىز كۆرمەي قالغان ئوخشايسىز!
تۆۋەندىكى ئادرىستىن سىز دېگەن فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۆرەلەيسىز، قېنى مەرھەمەت قىلىڭ! قەدەملىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
http://www.56.com/u98/v_NDc0NjM3Njc.html
رەخمەت!!!
19:25
مۇشۇ كىنونى ئەۋەتكىلى بولامۇ ،ئاغا ئىنىلەر بىلەن كۆرەي دىگە ن
بۇ باھاغا پىكرىم بار