يېقىندا ئامېرىكىدىكى ماھارەت كۆرسىتىش پروگراممىسى Ellen Show دا تېخى ئەمدىلا ئون نەچچە ياشقا كىرگەن بىر قىز Breakeven ناملىق ناخشىنى قايتما ئېيتىپ ناھايىتى تېزلا ھەممىگە تۇنۇلدى، ئارقىدىنلا ئۆز يېشىدىن ھالقىغان ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى ئارقىلىق بىر قانچىلىغان ناخشىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئۇ بولسىمۇ Maddi Jane، ئۇنداقتا بىزمۇ ئالدى بىلەن بۇ قىزنىڭ ناخشىسىنى بىرگە ئاڭلاپ ئۆتەيلى….
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز
ئىسمى : Maddi Jane (ئۇيغۇرچە ئىسمى نامەلۇم)
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1998-يىلى 9-ئاي 5-كۈنى
يۇرتى : ئامېرىكا-چېكاكو
قان سىستېمىسى : دادىسى جۇڭگولۇق ئۇيغۇر، ئاپىسى ئامېرىكىلىق بولۇپ ئارىلاشما قان تىپىغا تەۋە
ئارتۇقچىلىقى : دوراپ ئېيتىش، پىئانىنو چېلىش، گىتتار چېلىش، ناخشا يېزىش
Maddi Jane تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدىكى ماھارەت كۆرسىتىش پروگراممىسىدا نام چىقارغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن The Deep، Price Tag، Secrets قاتارلىق ناخشىلارنى دوراپ ئېيتىپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى تېخىمۇ نامايان قىلغان، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، 2011-يىلى يازدا Maddi Jane ئۆزىنىڭ تۇنجى ناخشا پلاستىنكىسىنى بازارغا سالغان، مەزكۈر پىلاستىنكىنىڭ ئىسمى Unreleased بولۇپ، پىلاستىنكىغا ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئېيتقان توققۇز ناخشىسى قاچىلانغان، مەزكۈر پىلاستىنكىنى iTunes ئارقىلىق سېتىۋېلىشقىمۇ بولىدۇ،
ئويغۇر دىگەن بىلەن ئويغۇرچە بىلەرمۇ شۇ؟
ياقتۇرۇپ قالدىم بۇ ناخشىنى پات پات ئاڭلاپ قوياتتىم، ئەمدى تەرجىمىسى بىلەن ئاڭلاي
ئۇيغۇرۇمنىڭ سەنەت ھۇجەيرىسى يات مىللەت لەرنىڭ GIN دىمۇ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ تۇ دە بۇقىزنىڭ بىز چە ئىسمى نىمىدۇ؟
ئۇ ئۇيغۇرچە ئۇقمايدۇ مېنىڭچە
Google تورنى ئاختۇرۇپ باقسام Facebook ئادىرىسى باركەن. بولمىسا پاراڭلىشىپ باقاركەنمىز !!!!!!!!!
بۇقىزچاقنىڭ ناخىشسنى ئاڭلاپ كىچىك ۋاقىتمدا ياقىتۇرۇپ كۆرىدىغان ‹‹ھەيدى››كۆز ئالدىمغا كەلىگەندەك بولىدى .بۇقىز بەك تاتىلق بەك ئۇماقكەن .خۇددى منېنىڭ كىچىك ۋاقتمدەك …ئەگەر بۇقىز چۇڭ بۇلسا چۇقۇم داڭىلق ناخىشچى بۇلغىدەك
ئېنگىلىزچە قايسى بىر توردا كۆرگەنتىم ،باشقىلارنىڭ Maddi Jane ئۇيغۇرمۇ؟ دىگەن سۇئالىغا ، ئۇ ئۇيغۇر ئەمەس، ئۇيغۇر دىگەن مۇسۇلمان مىللەت، بىراق Maddi Jane مۇسۇلمان ئەمەس، دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ،يەنە ئۇنىڭ دادىسى توغرۇلۇق بەزى توردا ئۇيغۇر، بەزى توردا تۈرك،يەنە باشقا بىر توردا ئەرەپ دەپ يېزىپتۇ،بەيدۇدا بولسا دادىسى ئۇيغۇر، ئاپىسى ئامېرىكىلىق دەپ باركەن،بۇ قىزنىڭ قايسى مىللەتلىكى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىمىساق بىزنىڭ دىگىنىمىز ھېساپ ئەمەس،ئىشقىلىپ ياخشى تەرجىمە قىلىنىپتۇ، سىڭلىمىز مەدىگۈلنىڭ ئاۋازىمۇ يېقىملىق ئىكەن…..
مەدىگۇل دىگەن ئسم چرايلق بوپتۇ
ئاۋازى بەك يېقىملىق ئىكەن. راستىنلا ئۇيغۇرمىدۇ؟
بۇ قىزچاقنىڭ ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە ئىكەن..كەلگۈسى پارلاق بولغۇسى!..
دۇسلھ بەزى ئىشلارغا دېققەت قىلساق،،ئېنىق ئۇچۇرى بولمىغان ئىشلارغا ‹‹ئۇيغۇر››دەپ كېسىپ ئېيتىۋالمىساق دەيمەن…مەسلەن(ئۇ بولسىمۇ دەل ئۇيغۇر قىزى Maddi Jane، )دىگەندەك..
مەنمۇ بۇ قىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ھېچ بىر ئشەنگۈم كەلمەيدۇ .
ئەگەر ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرنىڭ بالىسى بولدى دەيلى ، مۇشۇنداق داڭىق قازانغان قىزنىڭ ئارقا كۆرنىشى نېمىشقا ئىنىق ئۇچۇر بىلەن تولمايدۇ ئەمسە ؟مەيلي ئۇيغۇر بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئۇنىڭ تىلى ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلىمىسە ، يۈركى ئۇيغۇر ئۈچۈن سوقمىسا مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا ئۇ ياكى ئۇنىڭ بىرەر يىقىنلىرى ئۇنى ئۇيغۇر دەپ دىمگەندىن كىيىن تالاش – تارتىشنىڭ زۆرىرىيتى يوق دەپ قارايمەن . ئۇ قىز قارىماققا ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرغا ئوخشىشىپ كىتىدىكەن ، لېكىن بىزنىڭ ئارمىزدىمۇ چەتئەللىككە ئوخشايدىغانلار ئاز ئەمەسقۇ ؟
لېكىن بۇ قىز ھېچ بولمىغاندا ھىلىقى ھەممە توردا غولغۇلا قوزغىغان فىروزە دىن ياخشىراق ئىكەن
يەنە ھىلىقى داڭلىق ئۇسۇل ئارتىسىمىز پەخرىمىز دىلنار ئابدۇللانىڭ ئىشەك قىزىدىن خىلى ياخشىكەن، بۇ قىز ئەمدى كىيىن قانداق ئادەم بولىدۇ بۇنى بىلمەك تەس، مەنچە ئامرىكىنىڭ مەدەنىيتى سىڭىپ شۇلاردىن پەرەقلەنمەس بولىدۇ شۇ
بۇ قىزنىڭ تەرجىمھالى ئۈستىدە خېلى ئىزدەنگەندىن كېيىن ئاندىن يەنە دادىسىنىڭ شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇيغۇر قىزى دەپ ئالغان، قالغان ماتىرىياللىرىنى Facebook تا ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ
Maria burning
نىڭBurning بۇناخشىسىنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولساڭ لا بەك مىننەتتار بولغان ب
بۇلاتتىم!!!!!!
http://v.ku6.com/show/JXNN5iGhwQ9EsHH8.html?loc=tashangchuan buningga asaslanganda bukizning uygur amaslikida xakyok kalginini tordaxla
بۇ تور بەتتە ئۆزىنىڭ مىللىتى توغرۇلۇق ھېچ گەپ قىلماپتىغۇ؟ نىمىگە ئاساسلىنىپ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىدە شەك يوق دەيسىز؟
ھەجەپ ياخشى ئېيتۇپتا بۇ قىزچاق …
ئۇيغۇرچە ئىسمى مەدەنىيەت، توردا ماتېرىيالى بار .
بۇنى تالىشىشنىڭ نىمە زۆرۈيىتى بار؟ راسىلا ئۇيغۇر بولسا نەتىجە قازانغاندا ئۆزىنىڭ مىللىتىنى ئويلاپ قويسا بولىدۇ، بىز بۇيەردە ئولتۇرۇپ قانچە تالاش-تارتىش قىلساقمۇ بىكار! بىر مىللەتكە مەنسۇپ بولۇش ئۈچۈن شۇ مىللەتنىڭ ئىرسىي ئامىللىرى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ بولۇش-بولماسلىقىمۇ مۇھىم!
مەن ھەم بۇ قىزدىن ھەم سىلەردەك ئوت يۇرەك تەرجىمانلار گۇۇپپىسىدىن پەخىرلىنىمەن دوسلىرىم…..
بىر ئېغىز گەپ (قابىليىتى باركەن !!1)
تىخى كۆرمۈدۈم … قانداقراق فىلىمدۇ….
01:02
ئەپەندىلەر مانا مەن تورگە چىقىۋالدىم .شاھ بىلوگدىمۇ تور تالىشش جىڭى ئەمدى باشلاندى !!
بۇ باھاغا پىكرىم بار