بەلكىم نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان ياپونىيە كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى «ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى» نى تېخى ئېسىدىن چىقارمىغان بولىشى مۇمكىن، چۈنكى فىلىمدىكى بىر توققۇز ياشلىق ئىتالىيىلىك بالىنىڭ ئارگىنتىناغا كەتكەن ئانىسىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇن يول بېسىپ ئارگىنتىناغا بېرىش جەريانىدىكى تەسىرلىك سەزگۈرەشتىلىرى، ھەم ئۇنىڭ ھۇجۇدىدىكى جاسارەت،مۇھەببەت،سەمىمىيلىكى شۇ چاغلاردىكى بىزگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى، تۆۋەندە شۇ بالىلىق چاغلىرىمىزدا كۆرگەن بۇ نادىر كارتون فىلىمنىڭ مۇقەددىمە ناخشىسىنى كەڭ دوستلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بۇ كىنوغا مەن بەك ئامراقتىم ،،،،،ياخشىكەن !
ۋاھ ھەجەپ ھاياجانلاندىم،تولىمۇ ئامراق ئىدىم بۇ ماركو ،ئوماق ئامىدىيۇ ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا ئىدى،رەھمەت سىلەرگە .
بۇ ناخشىنى بىر چاغلاردا يانفۇنۇمنىڭ مۇزىكىلىق قوڭغىرقى قىلىۋالغاتتىم …
مۇشۇ كىنونى تاپقلى بولامۇ‹؟راس بۇ كىنونىڭ خەنزۇچە ئىسمى نىمە؟
بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى توردا تاپقىلى بولمايدىكەن، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ قويماس بولىۋالدى ھازىر، ئەمما خەنچىسىنى 三千里寻母记 دەپ ئىزدىسىڭىز تاپقىلى بولىدۇ
ھەجەپ بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىمما …… ما ناخشىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسما بۇلۇپ قالدى .
مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم بۇ كارتون فىلىمنى، لىكىن ھازىر تاپقىلى بولمايدىكەن ، ئۇيغۇرچىسىنى دىمەكچىمەن.
رەھمەت سىلەرگە
ئىمكان بولسا كوردلار ۋادىسى پەلەستىن دىگەن فىلىمنى بىر تەرجىمە قىلغان بولساڭلار.
كوردلار ۋادىسى پەلەستىن فىلىمىنى تۇرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكىلەر تەرجىمە قىلىپ توردا ئېلان قىلدى…..شۇ توربەتنى زىيارەت قىلىپ كۆرۈڭ!
رەھمەت سىزگە، مۇمكىن بولسا ماھىر زايىننىڭ بۇ ناخشىسىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ قويغان بولساڭلار. http://v.youku.com/v_show/id_XMjk4Mjg4MzU2.html
مەزكۇر ناخشا تەرجىمە قىلىنىپ بولۇندى…..پات ئارىدا مەزكۇر تور بەتتە ئېلان قىلىنىدۇ، كۆڭلىڭىزنى توق تۇتۇپ، نەزىرىڭىز مەزكۇر تور بەتتىن ئۈزۈلمىگەي!!
ئىمكان بولسا بۇ ناخشىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ قويغان بولساڭلار،
http://v.youku.com/v_show/id_XMjk4Mjg4MzU2.html
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا قانماي كۆرەتتىم بۇ فىلىمنى، بىراق ناخشىسىنى چۇشەنمەيىتتم، مەزمۇنىنى چۈشۈنۈپ ئاڭلىسا تۇيغۇ باشقىچە بولىدىكەن! بۇنى تەرجىمە قىلغان دوسىتلارغا رەھمەت!
بۇ كارتون فىلىم شۇ بالىلىق دەۋرىمىزدىكى ئەڭ ياخشى نادىر كارتون فىلىم ئىدى .
راىست گەپنى قىلسام ھازىر تېخنىكا ياخشى لېكىن ئىشلەپ چىقرۋاتقان كارتون فىلىملەر بولسا كىشنىڭ نىرۋىسنى جىددىيلەشتۈردىغان كارتون فىلىم .
خيمەن ، خاسبىنىڭ خسىلەەر ھەققىدە ھىكايە ، مىم قاتارلىق كارتون فىلىملەر ئەڭ نادىر فىلىم دەو قارايمەن .
بۇ كارتون فىلىم شۇ بالىلىق دەۋرىمىزدىكى ئەڭ ياخشى نادىر كارتون فىلىم ئىدى .
راىست گەپنى قىلسام ھازىر تېخنىكا ياخشى لېكىن ئىشلەپ چىقرۋاتقان كارتون فىلىملەر بولسا كىشنىڭ نىرۋىسنى جىددىيلەشتۈردىغان كارتون فىلىم .
خيمەن ، خاسبىنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى ، مەشھۇر شەخسىلەر ھەققىدە ھىكايە ، مىم قاتارلىق كارتون فىلىملەر ئەڭ نادىر فىلىم دەو قارايمەن .
بۇ كارتۇن فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تاپالماي،خەنزۇچىسىنى بالامغا ئېلىپ بەرگەن ئىدىم. بالام تىلىنى چۈشەنمىسىمۇ بەك ياخشى كۆرۈپ قالدى. بولسا،ئۇيغۇرچىسىنى تاپساق بوپتىكەن.سىزدە «شىر پادىشاھ»دېگەن كارتۇننىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق نۇسخىسى بارمىدۇ. بالام بەك ياخشى كۆرەتتى.بازاردىن تەرجىمە نۇسخىسىدىن بىر نەچچە قىسىمنىلا تاپالىدىم.قالغىنى تاپالمىغان ئىدىم.
لوپنۇرى بۇرادەر،شىر پادىشانىڭ ئۇيغۇرچىسى ئۇللىنىش كىنو بىكىتىنىڭ كارتۇن سەھىپىسىدە تۇلۇق بار…..مەنمۇ بالامغا شۇ يەردىن قۇيۇپ بەرگەنتىم.
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم،ئەركان دوستۇم ،مەن سىلەرنىڭ تەرجىمە فىلىمىڭلەرنى،بەك ياقتۇرىمەن.بولسا ،مىىنىمۇ سىلەرنىڭ گۇرپاڭلىغا قېتىلسام دەيمە بولارمۇ ؟
ئەگەر مۇمكىن بولسا ‹‹ ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى ›› ناملىق كارتون فىلىمىنى توربىكتىڭلەرگە يوللاپ قويساڭلار بولاتتى. مەن بەك ئامراق بۇ كارتون فىلىمگە، تور بېكتىڭلارنى بۇندىن كېيىنلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. بولسا تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق تېمىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چېقىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلمەن…….
مەن بۇ ‹ماركۇنىڭ ئاپىسنى ئىزدىشى› ناملىك كارتۇننى بەكمۇ ياخشى كۇرەتتىم . بولسا سىلەردىن ئۇمۇت قىلىدغنىم كارتۇننىڭ ئوزىنى بىر يوللاپ كويساڭلەر بەك خۇش بولاتتۇك.كۇپ رەھمەت.
01:05
«مىم» نىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق نۇسخىسىنى تېخى تۈنۈگۈن تاپتىم.مۇشۇ كارتون فىلىمنىڭمۇ ئۇيغۇرچىسىنى تاپساق بولاتتى. (ھەممە قىسمىنى)
ناخشىسىنى ئاڭلاپ، يەنە بىر كۆرگۈم كېلىپ كەتتى دەيمە.
بۇ باھاغا پىكرىم بار
ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:
ۋاي ئاتەش بۇرادەر، سېلىمۇ باركەنلا ھە….. يوقاپلا كەتتۇققۇ يېقىندىن بېرى
بۇ باھاغا پىكرىم بار
ئۈمىد مۇنداق يازغان:
مىم نىڭ ئۇيغۇرچىسى بولسا بوشلۇققا يوللاپ قويۇڭ ھەممىمىز تەڭ بەھرىلەنسەك
بۇ باھاغا پىكرىم بار