Viewing Category » ھۈججەتلىك فىلىم

ئەردوغاننىڭ 2013-يىللىق قۇتلۇق تەۋەللۇت كۈنىدىكى نۇتۇقى

Post Thumbnail of ئەردوغاننىڭ 2013-يىللىق قۇتلۇق تەۋەللۇت كۈنىدىكى نۇتۇقى
 فىلىملەر,ھۈججەتلىك فىلىم 26 سېنتەبىر 2013

دوستلار بەلكىم ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا بلوگىمىزدا ئېلان قىلىنغان تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ 2012-يىللىق قۇتلۇق مەۋلۇت كۈنىدىكى نۇتۇقىنى ئۇنۇتمىغانلىقىمىز مۇمكىن، بۇ يىل بېشىدىمۇ مەلەك، ئايتۈرك قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تۈركىيەدە بۇ يىلقى «قېرىنداشلىق» باش تېما قىلىنغان بۇ يىللىق قۇتلۇق مەۋلۇت كۈنىنىڭ تەشۋىقات فىلىملىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتكەنىدۇق، ئۇنداقتا باش مىنىستىر ئەردوغان بۇ يىللىق قۇتلۇق مەۋلۇت كۈنىدە بىزگە يەنە نېمىلەرنى يەتكۈزىدۇ؟ قىزىقسىڭىز جان پۇلات ۋە قۇيرۇق قاتارلىق دوستلىرىمىز ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەييارلىغان تۆۋەندىكى سىندا بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : جان پۇلات

يىپەك يولى – كاھىشگەردىن پامىرغىچە

Post Thumbnail of يىپەك يولى – كاھىشگەردىن پامىرغىچە

يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى دەپ ئاتالغان رايونىمىز مەيلى تارىختا بولسۇن ۋە ياكى ھازىر بولسۇن غەرب ۋە شەرقنىڭ سودا ئالاقە، سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن، بۈگۈن دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇدىغىنىمىز مەزكۈر ھۈججەتلىك فىلىمنىڭ 12-قىسمى كاھىشگەردىن پامىرغىچە بولۇپ، دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز

تەرجىمە قىلغۇچى : سىياۋۇش ئۇدۇنى

ئوبامانىڭ 2010-يىللىق رامىزانلىق نۇتۇقى

Post Thumbnail of ئوبامانىڭ 2010-يىللىق رامىزانلىق نۇتۇقى

ئۆتكەندە توردا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئوبانىڭ دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزانىنى تەبرىكلىگەن تەبرىكنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىق توغرىسىدا خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن بېرى ئوبامانىڭ شۇ قېتىملىق نۇتۇقىنىڭ سىن ھۈججىتىنى ئىزدەپ يۈرگەنىدىم، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئوبامانىڭ 2010-يىللىق رامىزانلىق نۇتۇقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم شۇنداقلا توردىشىمىز جەمشىتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنىڭ سىن ھۈججىتىنى تېپىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ كىرىشتۈرۈپ قويدۇم، تۆۋەندە نەزىرىڭلار ئۇشبۇ رامىزانلىق نۇتۇقتا بولغاي

تەرجىمە قىلغۇچى : ئامېرىكا پارلامېنتى خەلقئارا ئۇچۇر ئىدارىسى

يىپەك يولى – كۆچمە قۇم داۋانى

Post Thumbnail of يىپەك يولى – كۆچمە قۇم داۋانى

يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى دەپ ئاتالغان رايونىمىز مەيلى تارىختا بولسۇن ۋە ياكى ھازىر بولسۇن غەرب ۋە شەرقنىڭ سودا ئالاقە، سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن، ئالدىنقى قېتىم بىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئەتراپىدا ياپونىيە بىلەن جۇڭگو بىرلىشىپ ئىشلىگەن يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى ھېسابلانغان ئۇيغۈرلارنىڭ بوستانلىقى خوتەن تۇنۇشتۇرۇلغان فىلىمنى كۆرۈپ ئۆتكەنىدۇق، ئەمدى كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا مەزكۈر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ يەنە بىر قىسمى كۆچمە قۇم داۋانىنى سۇندۇق، ياقتۇرغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : سىياۋۇش ئۇدۇنى

ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى

Post Thumbnail of ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى

بلوگىمىزدا تۈركىيەلىك داڭلىق شائىر، دىكتور بەدىرخان گۆكچەنىڭ «دادا ،ئانامغا ياخشى قارا»، «ئېسىڭدىمۇ»، «سول تەرىپىم ئاغرىۋاتىدۇ ئانا» قاتارلىق شېئىرلىرىنىڭ تەرجىمىلىرىنى ئىلان قىلغانىدۇق. تۆۋەندە مەۋلۇت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىسلام تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان «بۇلاق تېلېۋىزىيەسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرغان زىيارەت فىلىمىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى داڭلىق شائىر بەدىرخان ۋە مۇخبىر شۇنداقلا بۇ يىللىق مەۋلۇتنىڭ تونۇشتۇرۇش فىلىمىنىڭ سىنارىستى ئەھمەت تاش گەتىرەن ئەپەندى بۇ ھەقتە نېمە دەيدىكىن …

تەرجىمە قىلغۇچى : جانپولات (ئوكيان تورىدىن)، نالەن

پەيغەمبىرىمىز ۋە ئىنسان ھۆرمىتى

Post Thumbnail of پەيغەمبىرىمىز ۋە ئىنسان ھۆرمىتى

ئىنساننىڭ ئىززەت-ئابرويى ۋە غورۇرى بىلەن ئوينىشىشقا بولمايدۇ، جانابىي ھەق سۇبھانەۋەتەئالا ھەر بىر ئىنساننى ئىززەت-ئابرويلۇق قىلىپ ياراتتى، ئاللاھ ياراتقان، شەرەپلەندۈرگەن نەرسىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئۇنى دەپسەندە قىلىش قۇلغا قانداقمۇ ياراشسۇن؟ ئاللاھۇتەئەلا ئۆزىنىڭ مۇبارەك سۆزى بولغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ سۈرە ئىسرا 70-ئايىتىدە « شەك -شۈبھىسىزكى بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق» دېگەن، قېنى ئەمسە دىققىتىڭىز 2013-يىللىق مەۋلۇتنىڭ باش تېما فىلىمى «پەيغەمبىرىمىز ۋە ئىنسان ھۆرمىتى» دە بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك، ئايتۈرك

قېرىنداشلىق

Post Thumbnail of قېرىنداشلىق

قېرىنداشلىق-پەيغەمبىرىمىزدىن بىزگە قالغان مىراستۇر، قېرىنداشلىق-ھەربىر كىشىنىڭ بىر-بىرىنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇرىشىدۇر، قېرىنداشلىق-ھەركىشىنىڭ بىر-بىرىگە جەننەتنى تەۋسىيە قىلىشىدۇر ، ئىنسانلار ئۈچۈن قېرىنداشلىقتىنمۇ بەكرەك يېقىنلىق يوقتۇر، دوستلار بەلكىم ئۆتكەن يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان ئەردوغان ئەپەندىنىڭ 2012-يىللىق قۇتلۇق تەۋەللۇت كۈنىدىكى نۇتۇقىنى ئۇنۇتمىغانلىقىمىز مۇمكىن، ئۇ بۇ قېتىملىق مەۋلۇتنىڭ ئاساسىي تېمىسى «قېرىنداشلىق» دەپ ئۆتكەنىدى، ئۇنداقتا بۈگۈن سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى نەق مۇشۇ قېتىملىق مەۋلۇتنىڭ باش تېما فىلىمى «قېرىنداشلىق»

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرستىتى

Post Thumbnail of مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرستىتى

ئۆتكەندە ئىساپانىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەڭ گۈزەل ئەلھەمبىرا ئوردىسى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتكەنىدۇق ھەم بۇ ئوردا توغۇرلۇق ئاز-تولا بىلىملەرگە ئىگە بولغانىدۇق، بۇ قېتىم دىققىتىڭلاردا بولىدىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا جايلاشقان دىن تارقىتىشنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان خەلىقئارالىق ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدىغان مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرىستىتىدۇر

تەرجىمە قىلغۇچى : مۇئەتتەر

ئەڭ گۈزەل ئەلھەمبىرا

Post Thumbnail of ئەڭ گۈزەل ئەلھەمبىرا

ھازىرقى ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەندەلۇسىيە ئۆلكىسىدىكى گىرنادا شەھىرىدە بىر قەلئەسىمان ئوردا بولۇپ بۇ دەل 14-ئەسىرلەردە گىرنادا ئەمىرلىكىنىڭ مور ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن گىرنادا شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى ئەسسەبىكا تېغى ئۈستىگە سالدۇرۇلغان ئەلھەمبىرا ئوردىسىدۇر، تۆۋەندە بىز تۆۋەندىكى ھۈججەتلىك فىلىم ئارقىلىق بۇ ئوردا بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى

تەرجىمە قىلغۇچى : مۇئەتتەر

ئۆلۈم بىزنى ھەر ۋاقىت كۈتۈپ تۇرىدۇ

Post Thumbnail of ئۆلۈم بىزنى ھەر ۋاقىت كۈتۈپ تۇرىدۇ
 ھۈججەتلىك فىلىم 24 مارت 2013

ئۆلۈم قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدا، ئىنسان مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ئەمەس، ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك، ئاللاھ ۋە ئۆزى رازى بولغۇدەك ئۆلۈشكە تەييار ھالەتتەتۇرۇشى كېرەك. قېنى ئەمسە، مەزكۇر سىنغا كۆز يۈگۈرتكەچ ئۆز ھاياتىمىز ۋە ئاخىرەت ھاياتىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ باقايلى

تەرجىمە قىلغۇچىلار : رەيھان ،پەرھات

ئىنجىل مېنى ئىسلامغا قانداق باشلاپ كىردى؟

Post Thumbnail of ئىنجىل مېنى ئىسلامغا قانداق باشلاپ كىردى؟
 ھۈججەتلىك فىلىم 22 مارت 2013

لېكسىيە بەرگۈچى: جوشۇا ئىۋانس (Joshua Evans) قىسقىچە مەزمۇنى: ئامېرىكا كارولىنا شىتاتىدا توغۇلۇپ چوڭ بولغان خرىستىئان يىگىت جۇشا ئېۋانس ئۆزىنىڭ دىن ھەققىدە ئىزدىنىش جەريانىنى، ئىنجىلنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتىنى ۋە ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قانداقلارچە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى قىزىقارلىق، تەسىرلىك ئۇسلۇبتا بايان قىلىپ بېرىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچىلار : ئەلىف ،قۇيرۇق، ئاي تۈرك، ھىلال

تەھرىر ۋە كىرىشتۈرگۈچى :دىلئارا

1001 كەشپىيات ۋە سىرلار كۈتۈپخانىسى

Post Thumbnail of 1001 كەشپىيات ۋە سىرلار كۈتۈپخانىسى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ئالدىنقى قېتىم سىلەرگە مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان 1001 كەشپىيات ھۈججەتلىك فىلىمىنى سۇنغانىدۇق، بۇ قېتىم يۈز كۆرۈشىدىغىنىڭلار دۇنيانىڭ بىر قانچە يېرىدە ئېچىلغان 1001 كەشپىيات كۆچمە كۆرگەزمىخانىسىنىڭ تۈركىيەدىكى كۆرگەزمە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە بۇ فىلىمدىن خۇلاسە چىقارغان بۆلۈم بولۇپ، بۇ فىلىمگە يەنە «1001 كەشپىيات ۋە سىرلار كۈتۈپخانىسى» ناملىق خەلقئارادا 15 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مەشھۇر فىلىممۇ قىستۇرۇلغان، ئالدى بىلەن مەزكۇر يۈرۈشلۈك فىلىم تەرجىمىسىنىڭ روياپقا چىقىشىغا كۈچ چىقارغان كۆكلەم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى قېرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز

تەرجىمە قىلغۇچى : ئىليار، ئالتۇن تارىم

1001 كەشپىيات (تۇلۇق)

Post Thumbnail of 1001 كەشپىيات (تۇلۇق)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەھلى جامائەت، يېقىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە كۆكلەم تور بېتى تەرجىمە فىلىم تور بېتىدىكى ئەلنۇر024 قاتارلىق دوستلارنىڭ بىر نەچچە ئايدىن بۇيانقى قاتتىق تىرىشچانلىقى ئاستىدا 1001 كەشپىيات ھۆججەتلىك فىلىمىنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىش خىزمىتى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى، رەھمىتى ۋە ياردىمى بىلەن ئاخىرى تۇلۇق تاماملاندى. بۇ يەردە ئۇشبۇ فىلىم تەرجىمىسىنىڭ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىشىگە ياردەمدە بولغان ھەر بىر دوستلىرىمىزغا ئالاھىدە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز، قىسمەن سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ فىلىمنى بلوگىمىزدا ئېلان قىلىش ۋاقتى سەل كېچكىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما تورداشلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بلوگىمىزدا فىلىمنىڭ بىۋاستە كۆرۈش ئادىرىسىنى تەمىن ئەتتۇق، تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز

تەمىنلىگۈچى : قۇيرۇق

مەككىگە سەپەر

Post Thumbnail of مەككىگە سەپەر

ئىبىن بەتتۇتا (1304-1377) 1304-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ماراكەش تانگېيردا بېربېرلار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 20 ياشلار ئەتراپىدا ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان، 44 دۆلەتنىڭ تۇپرىقىدىن ئۆتكەن، بىر يۈز يىگىرمە مىڭ يەتتە يۈز كىلومېتىرلىق مۇساپىنى باسقان، ئىبىن بەتتۇتانىڭ ئىزى ئاساسەن ھەر بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدە قالدى، مەزكۈر فىلىم يېقىندا ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە قانىلى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئىبىن بەتتۇتادىن ئىبارەت تاكى ھازىرغا قەدەر باسقان مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بولغان بۇ مەشھۇر ساياھەتچىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق ماتىرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

ئەردوغاننىڭ 2012-يىللىق قۇتلۇق تەۋەللۇت كۈنىدىكى نۇتۇقى

Post Thumbnail of ئەردوغاننىڭ 2012-يىللىق قۇتلۇق تەۋەللۇت كۈنىدىكى نۇتۇقى

ئىلگىرى تورداشلىرىمىز بلوگىمىز ئارقىلىق ئوباما، ستېۋ جوبس قاتارلىق بىر قانچە دۇنياغا مەشھۇر زاتلارنىڭ نۇتۇقلىرىدىن بىر قانچىنى كۆرۈپ چىققانىدى، بۇ قېتىم ئۇلارغا قارىغاندا بىزگە يېقىنراق بولغان يەردىكى يەنە بىر زاتنىڭ نۇتۇقىنى تەرجىمە قىلىپ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرگەيسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : نۇر ئەلى (مىسرانىم مۇنبىرىدىن)

 سىز 1-بەتتە، جەمئىي 3 بەت  1  2  3 »
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.