Post Thumbnail of پەلەستىنلىك زەھرانىڭ كۆزلىرى
فىلىملەر،كىنو 2013 24-ئاپرېل | زىيارەت:7,696

فىلىم ئىسرائىلىيە پەلەستىننى ئىشغال قىلىۋالغان ۋاقىتىكى پەلەستىن ۋەزىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، فىلىمدە ئىسرائىلىيە قوماندانى ئۆزىنىڭ تۇغما ئاجىز، ھەم قارىغۇ ئوغلى ئۈچۈن، پەلەستىندىكى بالىلاردىن ماس كېلىدىغان كۆز ئىزدەيدۇ، ۋە ئاقكۆڭۈل پەلەستىن خەلقىنى ئالداپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن، يېشىل كۆزلۈك ئوماق قىز زاھرانىڭ كۆزىنى تاللاپ ئۇنى كۆزۈڭنى داۋالايمىز دەپ ئېلىپ كېتىدۇ، بۇ جەرياندا زاھرانىڭ بوۋىسى ۋە تاغىلىرى زاھرانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ، فىلىمدە قىز قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتەلەمدۇ، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ، بۇنىڭغا قىززىقسىڭىز ”باشباقان“ قېرىندىشىمىز تەرجىمە قىلغان ئىران ھېكايە فىلىمى «پەلەستىنلىك زەھرانىڭ كۆزلىرى » ناملىق فىلىمدە بولسۇن.

تەرجىمە قىلغۇچى :باشباقان

Post Thumbnail of ئامان قالغۇچى
فىلىملەر،كىنو 2012 1-دېكابىر | زىيارەت:5,938

يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە داۋالغۇش ۋە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە يۈرىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى بولۇپمۇ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى پۈتكۈل دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىدۇر، بەلكىم تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدىن ھەممىمىز بۇ رايوننىڭ تۇراقسىز ۋەزىيىتىدىن ئاز تولا خەۋەردار بولۇپ تۇرىۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلەپ ئولتۇرۇش بىزگە بىجاجەت، نەزىرىمىز يەنىلا تۆۋەندىكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشلەنگەن ئۇشبۇ رايوننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى ناھايىتى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىران ھېكايە فىلىمى «ئامان قالغۇچى» دا بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : سىياۋۇش ئۇدۇنى

Post Thumbnail of ماھىر زايىن ناخشلىرىدىن – پەلەستىن
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2011 10-ئىيۇن | زىيارەت:10,744

بلوگىمىزدا ئۆتكەندە ماھىر زەيىننىڭ بىر قانچە ناخشىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغاندىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان تورداشلار ماڭا ئۆزىنىڭ بۇ ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىنى تۇنجى ئاڭلىغان بولسىمۇ ئەمما قەۋەتلا ياخشى كۆرگەنلىكىنى، شۇنداقلا باشقا ناخشىلىرى بولسا بىرگە تەرجىمە قىلىپ قويۇشىمىزنى ئېيتقانىدى، يېقىندا ئۇنىڭ پەلەستىننى كۈيلەپ ئېيتقان بۇ ناخشىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ ئىشلەنگەن MV نى كۆرۈپ بۇنىمۇ تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلار بىلەن تەڭ بەھر ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ھوزۇرلانغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : KARDU

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.