Post Thumbnail of ئۇنتۇلغان ۋەدە
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 8-مارت | زىيارەت:3,888

داڭلىق ئىسلام ناخشىچىسى سەمى يۈسۈف ئىجراسىدىكى ئۇنتۇلغان ۋەدە ناملىق بۇ ناخشا ئاساسلىق ئافرىقىدىكى شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيادىكى ئاچارچىلىقتا ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش، ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە سۈرەتكە ئېلىنغان MV بولۇپ، فىلىمگە نۇرغۇنلىغان تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر قىستۇرۇلغان، بۇ ئارقىلىق ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەكلىكى، ھەم شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىزنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن

تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى

Post Thumbnail of سەمى يۈسۈف & ماھىر زايىن
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2011 30-ئاپرېل | زىيارەت:10,766

ئۆزىنىڭ «مۇئەللىم» قاتارلىق يېقىملىق ئىسلامى ناخشىلىرى بىلەن ئاللىبۇرۇن كەڭ مۇسۇلمان خەلقنىڭ ۋە شۇنداقلا ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەزەربەيجانلىق ناخشا چولپىنى سەمى يۈسۈف ۋە شۇنداقلا ناخشا مەزمۇنىغا چوڭقۇر مەنالار يۇغۇرۇلغان پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئىسلامنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلغان يېتىلىۋاتقان لىۋانلىق ناخشا چولپىنى ماھىر زايىن، بۇ ئىككىلىسىنىڭ ناخشىسىنى دىيارىمىزدىكى تورداشلار ناھايىتىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كېلىۋاتىدۇ، تۆۋەندە گۇرۇپپىمىز يەنە بۇ ئىككىسىنىڭ تەستە تېپىلغان تۆۋەندىكى ئىككى ناخشىسىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى، ئەنۋەر توختى

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.