Post Thumbnail of چاناق قەلئە ئۈچۈن چال
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2013 23-ماي | زىيارەت:2,756

بۇرۇن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سەنئەتكارلار بىرلىشىپ ئېيتقان تەبىئەت ئۈچۈن چال يۈرۈشلۈك ناخشىلىرىنى ئۇيغۇربەگ بىلەن تەڭ پۈتتۈرۈپ تۈگەتكەنىدۇق، بۇ يۈرۈشلۈك ناخشىلار ئىچىدىكى «كۈندۈز كېچە» ناملىق ناخشا ھەممىدىن بەكرەك ئالقىشقا ئېرىشكەنىدى، بۇ قېتىم بۇ ئەترەتتىكىلەر تۈركىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشى زامانىسىدا غەلىبە نۇسرىتىنى چالغان ھالقىلىق جاي چاناققەلئە ئۈچۈنمۇ بىر ئەسەر ئىجاد قىلىپتۇ، قېنى ئەمىسە دىققىتىڭلار ئۇلارنىڭ بۇ ئىجادىيىتىدە بولسۇن….

تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ(www.uyghurbeg.cn) ، مەلەك

Post Thumbnail of گېسى باغلىرى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 26-نويابىر | زىيارەت:3,195

تەبىئەت ئۈچۈن چال ناملىق ئۇمۇمى نام بىلەن ئاتالغان تۈركىيەلىك بىر قىسىم سەنئەتكارلارنىڭ «ئەگرى توقاي بىر يولدىمەن»، «دىۋانە ئاشىق كەبى» قاتارلىق بىر قانچە ناخشىلىرىنىڭ تەرجىمىسى بلوگىمىز ئارقىلىق كەڭ تورداشلارغا سۇنۇلغاندىن بېرى تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەنىدى، بۇلارنىڭ ئۈچىنچى ناخشىسى «گېسى باغلىرىدا»مۇ خېلى يامان ئەمەس ئورۇنلىنىپتۇ، قېنى ئۇنداقتا بىرلىكتە بۇ كۈيدىن بەھىرلىنەيلى

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

Post Thumbnail of دىۋانە ئاشىق كەبى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 2-ئىيۇن | زىيارەت:3,969

ئۆتكەندە تورداشلار ھوزۇرىغا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم سەنئەتكارلاردىن تۈزۈلگەن تۈرك خەلق ناخشىلىرىنى ئاساس قىلغان « تەبىئەت ئۈچۈن چال» (Doğa İçin Çal) پروگراممىسىنىڭ ناخشىدىن بىرى بولغان «ئەگرى توقاي بىر يولدىمەن» نى سۇنغانىدۇق، بۇ قېتىم شۇلارنىڭ ئىجراسىدا يەنە بىر مۇڭلۇق ناخشا بولغان «دىۋانە ئاشىق كەبى» نى تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net

Post Thumbnail of ئەگرى-توقاي بىر يولدىمەن
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 3-ماي | زىيارەت:8,861

تەبىئەت ئۈچۈن چال ناملىق ئومۇمى نام بىلەن ئاتالغان ئۈچ ناخشىنىڭ بىرى بولغان بۇ ناخشا «ئورمان» تور بىكىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كەلكۈن، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى، دېڭىز تاشقىنى سەۋەبىدىن قىيا تاشلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق ۋە بىرلىكتە تەبىئەتنى قوغداش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇرتلىرى، ھايات-كەچۈرمىشلىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بۇ قىرىق بەش مۇزىكانت ۋە ناخشىچى تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئەما شائىرى ئاشىق ۋەيسەلنىڭ شېئىرىغا ئىشلەنگەن يۇقىرقى ناخشىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ چىققان، تۆۋەندە ھەممىمىز بۇ ناخشىدىن ئورتاق ھوزۇرلىنايلى

تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.