Post Thumbnail of ئامان قالغۇچى
فىلىملەر،كىنو 2012 1-دېكابىر | زىيارەت:5,938

يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە داۋالغۇش ۋە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە يۈرىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى بولۇپمۇ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى پۈتكۈل دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىدۇر، بەلكىم تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدىن ھەممىمىز بۇ رايوننىڭ تۇراقسىز ۋەزىيىتىدىن ئاز تولا خەۋەردار بولۇپ تۇرىۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلەپ ئولتۇرۇش بىزگە بىجاجەت، نەزىرىمىز يەنىلا تۆۋەندىكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشلەنگەن ئۇشبۇ رايوننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى ناھايىتى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىران ھېكايە فىلىمى «ئامان قالغۇچى» دا بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : سىياۋۇش ئۇدۇنى

Post Thumbnail of چۈش
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر 2012 5-نويابىر | زىيارەت:4,713

ئىراننىڭ داڭلىق سەنئاتكارلىرىدىن Shadmehr Aghili ۋە EbiHasrate Parvaz قاتارلىق ئىككەيلەننىڭ ئورۇنلىشىدىكى تىنچلىق باش تېما قىلىنغان «چۈش»ناملىق بۇ ناخشىغا ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى سىڭگەن، رىئاللىقتا يېتەلمىگەن نۇرغۇن ئارمانلىرىمىزغا چۈشىمىزدە بولسىمۇ يېتىشنى ئارزۇ قىلىمىز، ئويغانغىنىمىزدا بولسا شۇ چۈشلەر قوينىدىن ئايرىلماي ياشاشنى ئۈمىد قىلىپ قالىمىز، قېنى ئەمسە ھەممەيلەن بىرلىكتە بۇ چۈشكە تەبىر بېرىپ باقايلى

تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇر ئاي

Post Thumbnail of جەننەتنىڭ رەڭگى
فىلىملەر،كىنو 2012 10-ئۆكتەبىر | زىيارەت:4,597

سەككىز ياشقا كىرگەن رامېزانى ئەمالار مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ كۆزى يورۇق دۇنيانى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ قەلبى ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشقا تىرىشاتتى، ئەمما رەھىمسىز تەقدىر ئۇنىڭدىنمۇ ئۆز چاقچىقىنى ئايىمىدى، ئانىسى خېلى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن رامېزانىنىڭ دادىسى ئۆزىگە يەنە بىر رەپىقە تېپىش ئۈچۈن چوڭ ئانىسىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي رامېزانىنى ئۆز ئۆيىدىن ئايرىۋەتمەكچى بولدى، ئۇنداقتا رامېزانىنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بولىدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى يەنىلا تۆۋەندىكى فىلىمدىن بۇنىڭ جاۋابىنى تاپقايسىز

تەرجىمە قىلغۇچى : سىياۋۇش ئۇدۇنى

Post Thumbnail of قارا دوسكا
فىلىملەر،كىنو 2012 31-ئاۋغۇست | زىيارەت:4,152

56 – نۆۋەتلىك گانا فىلىم كۆرىكىدە مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىران ھېكايە فىلىمى «قارا دوسكا» ئىزچىل مۇھىم نۇقتا بولۇپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىدىكى مۇساپىرچىلىقتا يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئاددى لېكىن خەتەرگە تولغان تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ فىلىمدە دوسكا كۆتۈرۈۋالغان بىر ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ شاگىرت (ئوقۇغۇچى) ئىزدەش ئۈچۈن يېزىمۇ يېزا قاتراپ يۈرگەن ھالىتى ھەم ئۈزلۈكسىز رەت قىلىنىشى قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلىك ئارقىلىق شۇ يەر كىشىلىرىنىڭ مائارىپقا بولغان پوزىتسىيىسى ناھايىتى چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.