2003-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق شىمالى ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا بارلىق مۇسۇلمان ئىلىم ئەھلىلىرىنى يىغىپ «ئىسلام روھىنى گۈللەندۈرۈش» نامىدا خەلقئارالىق يىغىن ئېچىپ كەلدى، نىشانى شۇكى غەرپ دۇنياسىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ شۇ ياشاۋاتقان مۇھىتىغا ماسلىشىش، شۇ مۇھىتقا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇش ۋە ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نۆۋەتتە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدىغىنىمىز مەزكۈر يىغىننىڭ 2010-يىلى كانادانىڭ تورۇنتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جىددى مۇراجىئەت : ئىنسانىيەت كېمىسىنى قۇتقۇزۇش» تېمىسىدىكى يىغىندىن ئۈزۈندە
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ۋاقىت خاتىرىلىگۈچى : سۇلايمان
2003-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق شىمالى ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا بارلىق مۇسۇلمان ئىلىم ئەھلىلىرىنى يىغىپ «ئىسلام روھىنى گۈللەندۈرۈش» نامىدا خەلقئارالىق يىغىن ئېچىپ كەلدى، نىشانى شۇكى غەرپ دۇنياسىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ شۇ ياشاۋاتقان مۇھىتىغا ماسلىشىش، شۇ مۇھىتقا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇش ۋە ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەزكۈر يىغىن 2003-يىلى تۇنجى قېتىم ئېچىلغان چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بۇ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى دەسلەپكى 2000 دەك كىشىدىن ھازىرقى 17000 ئادەمگە كۆپەيگەن، يىغىن مەيدانىمۇ يىلدىن يىلغا چوڭايتىلىپ، ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ھەم تاراتقۇ ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان زامانىۋى يىغىن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈشكە قاراپ يۈزلەنگەن، ھەر قېتىملىق يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن سىرت، ھەر قايسى ساھەلەردىن ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئوقۇپ ئۆتىدۇ شۇنداقلا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلتۈرۈلگەن ئىسلامى گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى، مۇسۇلمانچە تائاملار، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرى، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى، يېڭى ۋە كونا كىتابلار، بالىلار ئوقۇشلۇقى قاتارلىق مۇسۇلمانچە بۇيۇملارنى تۇنۇشتۇرىدۇ، بۇ يىغىننىڭ ئوخشىمىغان دىندىكىلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئىسلام ۋە غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشتەك نۇرغۇنلىغان ئىجابى رولى بولغانلىقتىن كانادا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن.
فىلىمنى ئىسلامى توربىكەتلەردە يوللاشقا بولمامدۇ
ئىسلامى تور بېكەتلەردە كەڭ تەشۋىق قىلىنسا بولىدۇ، ئەمما مەنبەنى ئەسكەرتىڭ….
يەنە بىرسى ئۆتكەندە بىرسى مەزكۇر تور بېكەت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان‹ئەرەپ ۋىجدانى› ناملىق تەسىرلىك فىلىمنى چۈشۈرۈپ، سىرتلاردا ساتقان، شۇنىڭ بىلەن تور بېكەت، ھەر قانداق فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخسىنى تەمىنلەشنى توختاتقان، ئەمەلىيەتتە ھەممە فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى بار، ‹بىرىنىڭ پوقى مىڭغا› دېگەندەك ئىش بولدى، شۇڭا فىلىملەرنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا تور بېكەتلەردە، ئېلان قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ سىرتلاردا سېتىشقا قەتئىي بولمايدۇ!
ئاخىرى قاچان چىقىدۇ؟ بولسا ھەممىسىنى تەرجىمە قىلىپ يوللىساڭلار؟
بۇ تىما بەك ياخشى بولۇپتۇ ! ئاخىرىنى ساقلىدۇق ئەمسە !
يەنىلا مۇشۇ توربەت ياخشىدە!! ئەركان ئاكا تىخىمۇ تىرىشىڭ!!
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! اللە رەھمەت قىلسۇن ، ئىمكان يار بەرسە تۇلۇق تەرجىمە قىلغان بولساڭلار بەك ياخشى بۇلاتتى.
بۇ پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك باشقا ۋېدىولارنىمۇ تەرجىمە قىلىۋەتكەن بولساڭلارچۇ، نۇرغۇن ئادەملەر نۇتۇق سۆزلىگەندەك تۇردۇ …بەركەت تېپىڭلار!!!
ناھايىتى ياخشى تىما ئىكەن، يەنە غەيرەت قىلىپ ئاخىرىنى تەرجىمە قىلساڭلار بولاتتى، مىنىڭچە نۇرغۇن تورداشلار ساقلاۋاتىدۇ. ئاللاھ ئەجرىڭلارنى زىيادە قىلغاي، ئامىن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ تېمىنى ناھايىتى ياخشى يوللاپسىلەر، ناھايىتى قاتتىق ھىسلارغا چۆمۈلدۈم – خوش بولدۇم!
بولسا تولۇق تەرجىمە قىلغان بولساڭلار، مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى يوللاپ تۇرغان بولساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولاتتى
تورداشلار ساقلاۋاتىدۇ. ئاللاھ ئەجرىڭلارنى زىيادە قىلغاي، ئامىن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تۆت مىنۇتلۇق مۇقەددىمە فىلمى ماۋۇ يەردە ئىكەن. بۇ بلوگقا يۆتكەپ (ئۇلىنىش قىلىپ)قويساڭلار. رەھمەت!
سىز كۆرسەتكەن ئۇ فىلىمنىڭ تەرجىمىسىنىمۇ بىز ئىشلىگەن، كېيىنكى بىر قانچە قىسمنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن بىرگە ئېلان قىلماقچى ئىدۇق، قارىغاندا سىز بالدۇر بايقىۋاپسىزدە…..
تەشۋىقات فىلىمىدىكى مەزمۇنلار تۇلۇق بولغان بولسا تەشنالىقىمنى قاندۇرۋالاكەنمەن ئەپسۇس. ئاللا رەھمەت قلسۇن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بۇتىما ناھايىتى ياخشىكەن ، سىلەرنىڭ ئسلام ئۈچۈن جاپا چەككىنىڭلارغا ئاللاھتائالا ئىككىلى دۇنيادا كوپ ئەجىر بەرگەي ئامىن! بۇندىن كىيىن تېخىمۇ تىر شىڭلار !
ىنشااللا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ تېمىنى ناھايىتى ياخشى يوللاپسىلەر، ناھايىتى خوش بولدۇم!ھازىرچە مۇشۇ قۇرۇق سۆز بىلەن دۇئالىرىمدا ئەسلەپ قۇيالىغۇدەكمەن سېلەرنى!
ئاللاھ مەدەت بەرسۇن، داۋامىنىۇ تىزراق كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغايسىلەر!
بەك ياخشى بوپتۇ، بىراق تېخىمۇ سۈزۈك بولۇپ كەتكەن بولسا بەك ياخشى بولاركەن. يۇكۇ دېگەندەك تور بەتلەرگە سۈزۈك نۇسخىسىنى چىقىرىپ قويغان بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى. مەن بۇ تور بەتكە دائىم كىرىپ تۇرىمەن، زادى ياخشى نەرسىلەر بار.
دۆلىتىمىزدىكى سىن تور بېكەتلىرىدە خەنچە بولمىسا چۈشەنمەيدىكەنمىز دېگەن قاملاشمىغان سەۋەب بىلەن چەكلەش ئېغىر بولغانلىقتىن مۇشۈ سىن تورىغا يوللاندى، توغرا چۈشەنگەيسىز
اللا قىلغان ئەجرىڭلارنىڭ ساۋابىنى بېرەر !!! مەزكۈر فىلىمنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمان قېرىنداشلىرىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن !!!
رەھمەت قېرىندىشىم ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
مەن بۇكۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياش تۆكۈلۈپ كەتتى …
قىلغان ئەجىرڭلارنى ئاللاھ ئىگەم ئۆزى بەرگەي ، بۈگۈن مۇسۇلمان يىگىتنىڭ مۇھەببىتى ئاندىن قالسا بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ، مەندە شۇنداق سىرلىق ئىنكاس پەيدا بولدۇكى ، ئاللاھ خالسا _____________چوقۇم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم مومكىن بولسا شۇلىكسىيەلەردىن بىزمۇ ئۇزۇك ئاساق ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! اللە رەھمەت قىلسۇن ، ئىمكان يار بەرسە تۇلۇق تەرجىمە قىلغان بولساڭلار بەك ياخشى بۇلاتتى.ئاللاھ ئىككى ئالەملىك ئەجىر ئاتا قىلسۇن!
19:09
ھېيتتىمۇ ئارام ئالماي تېما يوللاپسىلار.
ياخشى تېمىكەن…
بۇ باھاغا پىكرىم بار