نېچۈن سېنى قالدىم ياقتۇرۇپ

Post image of نېچۈن سېنى قالدىم ياقتۇرۇپ
سەھىپە: تەرجىمە ناخشىلار، فىلىملەر باھا: 12

نېچۈن سېنى قالدىم ياقتۇرۇپ

«مەشرىق روھى» ناخشا گۇرۇپپىسى كورىيەدە 2003 – يىلى 26- دېكابىر بەش كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە ئاۋاز گۇرۇپپىسى بولۇپ، 2004 – يىلى 6- فېۋرال رەسمىي ھالدا سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، ناخشا پىلاستىنكىسى چىقىرىش، سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ، كىنو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە رول ئېلىش ھەمدە ئۇنۋېرسال پروگراممىلارغا قاتنىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولغان. تۆۋەندە بۇ گۇرۇپپىنىڭ «نېچۈن سېنى قالدىم ياقتۇرۇپ» ناملىق مۇھەببەت لىرىكىسىنى سۇندۇق، بەھىرلەنگەيسىلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : ۋاسكىتبول گۈزىلى

ئەمگىكىمىزگە ھۈرمەت قىلىڭ، مەنبەدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن فىلىمنى قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

يازما ئاپتورى:

توردىكى نامىم Tumani، يەنى ئانا يۇرتۇم قەشقەرنىڭ ئەزىز دەرياسى «تۈمەن دەرياسى»نىڭ نامىدا قويۇلغان، ئەدەبىيات-سەنئەتكە قىزىققاچقا دەسلەپتە توردا ھېكايە، شېئىرلانى يېزىپ تۇردۇم، كېيىنچە، مۇشۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمگە تاھىر خۇددى زۆھرەگە ئاشىقى–بىقارار بولغاندەك ئاشىق بولدۇم. شۇندىن بۇيان «تۈمەنى تەرجىمىلىرى» نامىدا تا ھازىرغىچە فىلىم ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن

2012.05.3 يوللىغۇچى: تۈمەنى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

12 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2012.05.3
15:55
1-قەۋەت: «تورداش» دەيدۇلەركى :

كىنو تەرجىمە قىلساڭلىچۇ شاھ ئەپەندى، ناخشا دىگەننى ئاڭلىساق ئاڭلىدۇق ئاڭلىمىساق يوق..

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

كىنو تەرجىمە قىلىشقىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ۋاقىت ھەم زېھىن كېتىدىغان گەپ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردىكى كۆپىنچە تەرجىمانلارنىڭ ھەممىسى خېزمەتتىن سىرىت قىلىۋاتقان ئىش بولغاندىن كېيىن ، ئامال يوق بولۇپ قالدى . لېكىن مۇشۇ يېقىندا تەرجىمە قىلىنىۋاتقان ۋاقىت لاھىيەلەش ئورگىنى ناملىق تەرجىمە خەتلىك فىلىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.3
16:58
2-قەۋەت: «بەھرام» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! شاھ ئەپەندى . بولسا ماھىر زايىن نىڭ ‹‹For the Rest of My Life›› ناملىق ناخشىسىنىڭ مۇشۇ ئادرىستا سۈزۈك نۇسخىسى باكەن ،شۇنى تەرجىمە قىلساڭلار! http://www.yinyuetai.com/video/394677

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.3
20:58
3-قەۋەت: «ئوتقاش136» دەيدۇلەركى :

http://www.turanim.com/thread-1380-1-1.htmlبۇنى تۇانىم دىكىلەر تەرجىمە قىلىپ بولغان ۋاقىت بەلگىلەش ئورنىنى

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

چىقمايدىكەنغۇ ئۇ تور بىكەت ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئادەمنىڭ تەرجىمە قىلىش ئۇسلۇبى ، ۋە ئېشلەتكەن تىلى ئوخشاش چىقىش ياكى چىقماسىلىقى مۇمكىن . ئۇلار تەرجىمە قىلىپ بولغان بولسا ، يەنە بىز تەرجىمە قىلساقمۇ ھېچقىسى يوق . چۈنكى تەرجىمە قىلىنىشتا چوقۇم ئىككى نوقتىدىن چىقىپ قىلىشىمىز مۇمكىن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئالىمجان مۇنداق يازغان:

مىنىڭچە تەكرار ئەمگەكبولۇپ قالامدىكىن دەيمەن :roll:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ماڭا نېسبەتەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس . چۈنكى مەن قانداقتۇر نام قازىنىش ياكى باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى تەكرار ئەمگەك قىلىپ قويۇش نىيتىم يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىلوگنى مانا ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن ھەم بۇ ناخشنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ بولغانلىقىدىن خەۋرىممۇ يوق . مەنچە مەن ئۆز قىزقىشىم بىلەن تەرجىمە قىلدىم دەپ قارايمەن .
قانداقتۇر كىمنىڭ قاچان قانداق تەرجىمە قىلىشى بىلەن مىنىڭ تەرجىمە قىلىشىم ھەرگىزمۇ پۇتلىشىپ قالمايدۇ ھەم زىددىيەتلىك ئەمەس .
گەپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قايسى تەرجىمىنى ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىقىدىكى گەپ . ئەمەلىيەتتە مەن بۇ ناخشنىڭ تەرجىمە قىسمنى پۈتتۈرۈپ قويغىلى خىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن . ئىشەنمىسىڭىز ئالمىزار تورىغا كىرىپ كۆرۈپ بىقىڭ . مەن پەقەت بۇنى تىكىستى بىلەن ئېلشىنىپ تورغا يوللىغىلى مانا ئەمدى يىرىم كۈن بولدى . ئەسلىدىكى تەرجىمىسنى ئېشلىگەنگە نەچچە ئاي بولۇپ كەتكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى تور بىكەتلەردىمۇ ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ بولغان .


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

مىنىڭچە سىز يەنىلا بۇ تور بىكەتكە كىرىپ ئەسلىدىكى تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتىنى كۆرۈپ بىقىڭ . مىنىڭ بۇ يەردىكى خاتالىقىم بۇ ناخشنىڭ سۈزۈك قېسمنى تاپالماي ۋاقتىدا تەرجىمە قېسمىنى يوللمىغانلىقىم .
http://bbs.almizar.com/forum.php?mod=viewthread&tid=13558

2012.05.5
01:35
4-قەۋەت: «بودەك» دەيدۇلەركى :

نەچچە يىل بۇرۇن ئاڭىلىغانتىم، شۇ ۋاقىتتا ئامراق بۇلۇپ قالغان بۇ ناخشىغا، تۇنجى قىز دوستۇمنى ئەسلىتىپ قويدى بۇ ناخشا

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.6
23:20
5-قەۋەت: «ئۆزبەگ» دەيدۇلەركى :

ئەسسالام، ۋاسكىتبول گۈزىلى
ئەمگىكىڭىزگە بارىكاللا. كورىيىدە قۇرۇلغان بۇ گۇرۇپپىنىڭ ياپونچە ناخشىلارنىمۇ ئوقۇپ قويىدىغانلىقىنى يېزىپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ئېنىق بولاركەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ۋاسكېتبول گۈزىلى مۇنداق يازغان:

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام …………
بولسا شۇنداق قىلسام بولاتتى . بېراق قارىغاندا مەن ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايمەن .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.05.8
20:53
6-قەۋەت: «نامسىز» دەيدۇلەركى :

بەك بەك ياخشى چىقىپتۇ بۇ ناخشا !!!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量