تۈركىيەنىڭ مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى بارىش مانچونىڭ ناخشىلىرىنى خېلى كۆپچىلىك ئاڭلاپ باققانغۇ دەيمەن، بلوگىمىزدىمۇ ئۇنىڭ بىر ناخشىسىنى تىڭشاپ ئۆتكەنىدۇق، بۈگۈن ئالدىمغا ئۇنىڭ «ئۇنۇتمىغىن دۇنيا فانىي، بەرگەن ئاللاھ ئالار جاننى» دېگەن ناخشا تېكىستى ئۇچراپ قالغانىدى، شۇنىڭ بىلەن مەرھۇم ئېسىمگە كېلىپ قالدى، گەرچە كونا كۈيلەر بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىككى ناخشىسىنى سىلەر بىلەن قايتا ئاڭلىغۇم كەلدى. (مەزكۇر تەرجىمىنى شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىغا كىرمەستە كىرىشتۈرۈپ قويغان، تېخنىكىلىق ۋە سۈپەت كەمچىللىكلىرى بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر)
تەرجىمە قىلغۇچى :مەلەك
بۇ ناخشىنى كىرىشتۈرۈش جەريانىمنى دەپ كەلسەم رومان چىقىدۇ، رومان چىقمىسىمۇ پوۋىست چىقىپ قالارمىكى، فىلىم بېشىدىكى مەلۇماتلارنى كىرگۈزسەم بىردە ئىكراننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بىردە بىر بۇرجىكىگە چىقىدۇ، ئېكىس، ئېگىرىك ئوقلىرىدىكى قىممەتنى تۈزۈك ئويلىشىپ بەرمەي، قالايمىقان ئۆزگەرتىپ يۈرۈپ ئۇ خەتلەرنى كۆزلىگەن جايغا ئەكېلەلمەي، ئاخىرى ئەنە شۇنداق، ھېچقانداق ناخشا ۋە فىلىمدە كۆرۈلمەيدىغان بىر ئورۇندا يەر ئالدى… (شۇ ۋاقىتتا ئادىشىم ئىشەك دەپ ئالماستىن كىتابى تىل بويىچە دوستۇم ئىشەك دەپ ئالغىنىمغا پۇشايمىنىم بار، خوش ئەمسە ناخشىغا مەرھەمەت…
بەك لەرزان لىرىكىلاركەن! بولۇپمۇ بىرىنچىسى. ئىككىنچى ناخشدىن بالىلار ناخشىسىنىڭ ھىدى كېلىۋاتىدۇ. ھى،ھى،
مۇشۇنداق يىنىك لىرىكىلارنى تورداشلاردىن ئايىماي كېلىۋاتقان مەلەككە تەشەككۈر!
«ئادېشىم ئىشەك» ناملىق ناخشىنى بەكمۇ ياخشى ئىيتىپتىكەن بۇ! مەلەك تەرجىمىلىرى بارغانچە ئۇزلىشىپ كەتتى دىسە… ئەجرىڭىزگە رەھمەت…
ئاركائاداشىم ئەشەكنى ئۇيغۇرچە ئۇقۇسا بەكمۇ ماسلاشقۇدەك جۇمۇ ،رەھمەتلىك بارىش مانچو ناخشىنى ئوبدان ئىيتاتتى، بىزنىڭ ئەسقەر كوك بۆرە چاچ پۇسۇنىنى مۇشۇ ئادەمدىن ئۆرنەك قىلغانمىدۇ دەپ ئۇيلايتتىم بۇرۇن \
بۇ ئادەمنىڭ ناخشىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن. بۈگۈن دەرسلىككە ماتېرىيال ئىزدەش جەريانىدا چەتئەللىكلەرنىڭ تەكلىماكاندىكى كروران ۋادىسىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش-تەتقىقاتلاردا بولغان فىلىمىدىن بىرنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم. مۇمكىن بولسا تەرجىمە قىلىنسا..
http://v.youku.com/v_show/id_XMTU0MDAyMDA0.html
ما ئادەمنىڭ ناخشىسى چىرايىغا قېتىلىپ «قۇم باسقان شەھەر»دىكى سۈپۈرگىنى كۆز ئالدىمغا ئەكەپ قويدىيا(سۈپۈرگىنىڭ چېچىمۇ ئۇزۇن بوغىمىتى؟)
چايان بىلەن ئەركىزات ئېسىمگە كەلدى
مەن بۇ ناخشىلىرىڭىزنى ئىلان قىلماس ۋاقتىڭىزدا يوكۇ دىن كۈرىۋالغنتىم:mrgreen: رەھمەت!!!
20:51
يىقىملىق ناخشلاركەن ،بۇلۇپمۇ ئاۋۇ ئادىشىم ئىشەك دىگەن ناخشا بەك مۇڭلۇق ھەم مەزمۇنلۇق ناخشكەن ..رەھمەت سىزگە مەلەك خانقىز .
بۇ باھاغا پىكرىم بار