بەلكىم قىسمەن كىتاپخۇمار دوستلار بۇنىڭ كىتاپنى ئوقۇغان بولىشى مۇمكىن، مەزكۈر فىلىم دەل شۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ چۈرەۋور جىيەنى بىلەن بىرلىكتە ئىسلاندىيەگە بېرىپ خەننانىڭ ياردىمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ يەر تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى تاپماقچى بولىدۇ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار نامەلۇم بىر غارغا كىرىپ قىلىپ چىقىش يولىنى ئىزدەۋاتقاندا تۇيۇقسىز يەر شارىنىڭ مەركىزىگە يەنى ئەڭ ئىچكىرى قاتلىمىغا كىرىپ قالىدۇ، ئۇلار بۇ يەردىمۇ ئايرىم دۇنيا بارلىقىنى ھەم كىتاپتا يېزىلغان بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار يەر يۈزىگە چىقىپ كېتەلەمدۇ؟ دىققىتىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولسۇن
مەزكۇر بلوگدىكى فىلىملەرنىڭ rm ياكى rmvb نۇسخىسى بىللە تەمىنلەنگەن بولسا تېخىمۇ پەيزى ئىش بولاتتى،نېمىشقىكىن توردا كىنو كۆرسەم كۆرگەندەك بولمايمەن ،سۈزۈك نۇسخىسى بولسا تېلۋىزوردا كۆرسەم كىنو كۆرگەندەك بولىدىكەنمەن.
سۈزۈك نۇسخىسىنىمۇ بىرەر بوشلۇققا يوللاش ئىمكانىيتىمۇ بارمۇ، ھەزرىتىم؟
مەنمۇ ئىزچىل بۇ توغۇرلۇق ئىزدىنىىپ بوشلۇق دېسىلا يوللاپ كېلىۋاتىمەن، ئەمما يېقىندا Very cd نى قايتا سىناپ باقايمىكىن دەيمەن
بۇ فىلىمنى 3د كۆرسىتىدىغان كۆزەينەك تاقىساق 3 د ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ كۆرۈرەلەيمىزمۇ ؟ مېنىڭ پەقەتلا تۆۋەن ئېنىقلىقتىكى فىلىملەرنى كۆرمەيدىغان ئادىتىم بار . تۆۋەن ئېنىقلىقتىكى فىلىملەر ئادەمنىڭ فىلىمدىن ھۇزۇر ئېلىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ دەپ قارايمەن . (مۇنداقل ئويلايدىغانلار مېنىڭچە كۆپ )
مەن ئۈچۈن بولسىمۇ يۇقىرى ئېنىقلىقتا پىرىسلاپ مۇقىم بوشلۇققا يوللىغان بولساڭلار ياخشى بولاتتى . (چاخچاق ھە )
تەكلىپىڭىزگە كۆپ رەھمەت دوستۇم، بۇ فىلىمنى بىز 3د سىناق نۇسخا سۈپىتىدە يوللىدۇق، 3د كۆز ئەينىكىدە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولامدۇ يوق، راستىنى دېسەم ئۆزۈممۇ سىناپ باقمىدىم، لېكىن مېنىڭچە بۇنىڭدىن كېيىن 3د فىلىمنى قىلماسلىقنى ئويلىشىۋاتىمىز چۈنكى ئۇنداق فىلىملەرنى يەنىلا كىنوخانىدا ھەقىقى ئۈنۈمىنى ھوزۇر بىلەن كۆرسە ياخشى بولىدىكەن
يامان بەك ئاشۇرۋەتكەن فانتازىيىكەنغۇ بۇ، يەر مەركىزىدە يەنە بىر دۇنيا، راستىنلا شۇنداق يەر بولغاندىمۇ ئۇيەر يەرنىڭ مەركىزىدە ئەمەس باشقا پىلانىتتىدا بولسا بولاتتى.
بۇكىنونى چۈشۈرگىلى بولمامدۇ نىمە؟
سەل بىنورمال چىقامدۇ نىمە !! يىشىل رەڭ ئارلىشىۋالغاندەك !!
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوستۇم.
نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ ياخشى فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇزۇندىن بۇيان سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى فىلىملەرنى كۈرۈپ كېلىۋاتىمەن.
بۇ فىلىمنى بىلوگىڭىزدا كۈرۈپ بولغان ئىدىم. لېكىن 3D نۇسخىسىنى ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرگەندە تازا ياخشى كۆرگىلى بولمايدىكەن. شۇڭا بۇ فىلىمنى ئېلخەت ساندۇقۇمغا يوللىۋەتكەن بولسىڭىز. چۈشۈرۈپ 3D كۆزئەينەك ئارقىلىق كۈرۈپ باقاي دېگەن.
ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. رەھمەت سىزگە.
ئېلخەت ئادرېسىم: nurele61@163.com
ھەجەپ قىززىق كىنو ئىكەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟ مەن ئۇزۇندىن بېرى ئىزدەپ كىلىۋاتقان فىلىمتى بۇ ئاخىرى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغانتىم ….. سىزدىن ئۇمىد قىلىدىغىنىم ئامال بولسا بۇ فىلىمنى 3d نۇسىخىسىدا ئەمەس (mpg,MP4,avi,flv(شەكىلدىكىلىرى بولسا ‹56تورىغا ياكى 优酷،土豆 قاتارلىك بوشلۇقلارغا چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز …. 3d نۇسخىسىنى ئېىنىق كۆرەلمەيدىكەنمەن ….. رەھمەت ؟
06:22
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم داۋاملىق ئىسىل كىنوفىلىملەرنىسۇنغايسىلە
بۇ باھاغا پىكرىم بار
شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:
ئاللا خالىسا تېخىمۇ نادىر فىلىملەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز
بۇ باھاغا پىكرىم بار