ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە لايىق ئارزۇ ئارمىنى بولىدۇ، شۇ ئارزۇ ئارماننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز، بەزىلەر بۇ خىل جاپالارغا بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ، بەزىلەر مەيلى قانچىلىك جاپا مۇشەققەتكە ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ، ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژ مېگنامۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى، ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغىنىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل بولۇش ئۈچۈن ئۆزىمۇ ئويلىمىغان قۇربانلارنى بېرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل بولالامدۇ يوق؟ دىققىتىڭىز بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «مودا» دا بولسۇن.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
پۈتۈن ئېكراندا كۆرمەكچى بولسىڭىز فىلىمنى قوش چېكىڭ
بىلوگىڭىزنىڭ 2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 بىلوگە شەرىپىگە نائىل بولغانلىقىنى قۇتلۇقلايمەن،تېخىمۇ يۈكسەلگەيسىز!
ياخشىمۇ سىز تەرجىمە قىلغان فىلىلەرنى كۇرۇپ بەكلا خوش بولدۇم بەكلا ياخشى فىلىملەر تەرجىمە قىلىنىپتۇ ئاق بۇركۇت ، قۇتيار، شاھ ئۇيغۇر ھىسابلاپ باقساق ھازىر 3 تەرجىمە فىلىم گۇرۇپىسى بار بوپتۇ بولسا ئۇچ گۇرۇپ مۇسابىقە دىگەندەك رىغبەتلەندۇرۇش خاراكتىرىدىكى بىرە ئىشنى قىلىپ باقساڭلار دىگەن ئۇمۇتتىمەن بولسا تەرجىمە گۇرۇپاڭلار تۇرمۇش فىلىمىى كۆپرەك تەرجىمە قىلساڭلار چۇنكى باشقا فىلىملەرنى تاپماق بەكلا ئاسان
قارىغاندا سىز ئاق بۈركۈت تورىغا كۆپرەك كىرىدىكەنسىزدە، ئاق بۈركۈت گۇرۇپپىسىدىن باشقا ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئىسمىنى خاتا يېزىپسىز، تۈزىتىپ قويدۇم، بىزمۇ ئامال بار، كىشىلەر كۆپ كۆرگەن فىلىمنى ئەمەس، كىشىلەرگە تۇنۇلمىغان ئەمما تەسىر كۈچى بار فىلىملەرنى ئىزدەپ تەرجىمە قىلىۋاتىمىز، ھەم سىز دېگەندەك تۇرمۇش فىلىملىرىنىمۇ كۆپرەك ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ، دائىما كېلىپ تۇرارسز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم قانداق ئەھۋالىڭىز …بۇ كىنو مەنبەدە ئۆچۈرۈلگەن ئوخشايدۇ قايتا چىقرىپ قويسڭىز بولىدىكەن …. مەنچە سىلەر قەرەرلىك ھالدا تور ېتىڭلاردىكى كىنو ئۇلنىشى نورمالمۇ شۇنى تەكشۈرۈپ تۇرساڭلار بولىدىكەن . چۈنكى ھازىرقى سىن ئۇلاش بەتلىرى سەۋەبسىزلا سىنلارنى ئۆچرىۋىتىپ بارىدۇ … خەير ئامان بولۇڭ دوستۇم ….
ياخشىمۇسىز .تور بېتىڭلار تەرجىمە قىلغان بىر قانچىلغان كىنونى كۆردۈم،بەكلا ياخشى.بىر مەزگىل تور بەت ئادېرسىڭزىنى تاپالماي ئىزدەپ يۈرگەنتىم،بەزى كىنولار نورمال چىقمايدىكەن قايتا تەھىرىرلەپ باققان بولسىڭز،رەھمەت!!!
بىر قانچە كىنونى ئەۋەتىپ بېرەلەسىزمۇ؟مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلملارنى بەك ياقتۇراتتىم. ھىندستان فىلىمى مودا،ئامىرىكا كارتون فىلىم گ ئەتىرىتى قاتارلىقلارنى،،رەھمەت.ئاۋارە قىلدىم.
كىم مۇشۇ كىنودكىكى ئاساسلق ناخشا مۇزكىسنى نەدىن تاپقىلى بولدىغنى بىلىدۇ ياردەم قىلغان بولساڭلار،ھىلىقى مودىل ماڭغاندا چىقدىغان مۇزكىسىچۇ ،نارجانا ھىيى نارجانا دەيدىغان
يىڭى كىنۇلارنى تەرجىمە قىلغان بۇلساڭلار…بۇلسا تەسىركۇچى مۇل بۇلغان يىڭى كىنۇلارنى، رەخمەت….
سۈزۈك نۇسقىسىنى قەيەردىن چۈشۈرىدۇ
بىرىنچى قىسىمىنىڭ ئاخىرى، ئىككىنچى قىسىم پۈتۈنلەي چىقمايدىكەن.
16:35
چۈشۈرۈپ كۆرگەن بولساق.
بۇ باھاغا پىكرىم بار