ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىسى

Post image of ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىسى
سەھىپە: بلوگ بىلدۈرگۈسى باھا: 14

ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىسى

«نەۋرۇز»- فارىسچە سۆز بولۇپ، ئۇيغۇرچىدا «يېڭى كۈن، باش باھار» مەنىسىدە كېلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز بايرىمى باشقا تۈرك قەۋملىرىگە ئوخشاش 21-مارت (21-نەۋرۇز) كۈنىدە قۇتلۇقلانماقتا. ئۇيغۇرلاردا بۇ بايرام ئەسلىدە يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، شەمسىيە كالېندارى بويىچە كونا يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرگەن كۈنىدە قۇتلۇقلىنىدۇ. نەۋرۇز مىلادى كالېندارى بۇيىچە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلىشىدىغان مارت ئېيىنىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە بولىدۇ.

ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخىي مەنبەلەر ۋە بەزى ئەپسانىلەر، نەۋرۇزنىڭ ئۇيغۇرلاردا 9-ئەسىردىن بۇيان بىر مەرىكە بولۇپ قۇتلۇقلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن كۆك تەڭرىگە تېۋىنغان ئۇيغۇرلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويۇپ «ئاق قوزا» ئاتلىق يۇلتۇزغا ئىنسانلارغا بەخت بەرگۈچى ئىلاھ دەپ تېۋىنغان ۋە «ئاق قوزا» ئېيىنىڭ تۇنجى كۈنىنى (ھازىرقى مىلادىيە كالېندارى بويىچە 21-مارت) يېڭى كۈن(نەۋرۇز) دەپ قۇتلۇقلاشقان.

بۇ بايرام ئىسلامىيەت ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ داۋام قىلغان.

11-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە نەۋرۇز ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى كۈندىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئېيىنى ئوغلاق ئېيى دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاي ئۇلۇغ ئوغلاق ئېيى دېيىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايدا ئوغلاقلار چوڭىيىدۇ. ئىنسانلار ۋە جانلىقلار نەۋرۇز بىلەن جانلىنىدۇ. نەۋرۇز- جاھان بەخت-سائادىتىنىڭ ئانىسى، بەرىكەت ۋە خۇشاللىقنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بىر-بىرىگە كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ سېخىلارچە خۇشاللىقلىرىنى نامايان قىلىىدۇ.(مەھمۇد قەشقىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»)

بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قەشقەر ئوپالدىكى «ھەزرىتى موللام» ئاتلىق مازىرىغا بارغان يىللارغا قەدەر، قەشقەر ئەتراپىدىكى جايلاردىن نۇرغۇن زىيارەتچى كېلىپ نەۋرۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلىماقتا ئىدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ يەر بۆگۈنكى كۈندە « نورۇز (نەۋرۇز) بۇلاق» نامى بىلەن تونۇلماقتا.

ئۇيغۇرلاردا قاچاندىن بېرى «نەۋرۇز» سۆزىنىڭ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا خاتىرىلەنگەن «يېڭى كۈن» سۆزىنىڭ ئورنىغا قوللىنىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ سۆزنى تۇنجى قېتىم ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرىتىمىز. بۈيۈك شائىرىمىز نەۋائىي «چاھار دىۋان» دېگەن ئەسىرىدە «نەۋرۇز» ناملىق مۇقام ۋە نەۋرۇزدا ئوقۇلغان شېئىر ھەققىدە توختالغان.

ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ چۈشەندۈرىشىچە: ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇزنى قۇتلۇقلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىلەر «توققۇز قىياپەت» ياكى «توققۇز ئوغۇل» ئەنئەنىسى ھالىتىدە كەلگەن.

بۇ ئەنئەنىلەر قىسقىچە مۇنداقتۇر:

بىرىنچى ئەنئەنە : كونا يىلنىڭ ئاخىرلىشىش پائالىيىتى.

ھەممە يەردە نەۋرۇز ناغرىسى چېلىنىپ، نەۋۇزنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆيمۇ–ئۆي ئارىلىنىپ «نەۋرۇز ئەشرەپ، نەۋرۇز بەگ، نەۋرۇز سالام، نەۋرۇز كەل» قاتارلىق ئويۇنلار كۆرسىتىلىدۇ. ھەركىشى مەھەللىدىكى پائالىيەت ئۈچۈن ئىمكانىيىتى يەتكەن مىقداردا ئۇن، ياغ، شېكەر، قۇرۇق يېمىش، نان ۋە باشقا خىلمۇ-خىل يېمەكلىكلەرنى كەلتۈرىدۇ. ھەر مەھەللىنىڭ مەركىزىدە قازانلاردا بۇ كەلتۈرۈلگەن نەرسىلەردىن «كوجا» ئاتلىق يېمەكلىك پىشۇرۇلىدۇ. ھەممەيلەن بۇ يېمەكنى يېگەندىن كېيىن ئىبادەتكە قاتنىشىدۇ ۋە كېيىن قول سىقىشىپ بىر-بىرىنى «يېشىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دېيىشىپ تەبرىكلىشىدۇ. ئىبادەت ئەسناسىدا بىرلىكتە يەپ–ئىچمەك، بىرلىكتە دۇئا قىلماق، ئۇلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ «نەۋرۇزغا چىقىش» مۇ دېيىلىدۇ.

ئىككىنچى ئەنئەنە : كىشىلەر پاكىزە، يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىشىپ دىنىي ئىبادەت سورۇنلىرىغا بېرىشىدۇ، ئارىلىرىدىن كەتكەن چوڭلارنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىپ دۇئا ئوقۇيدۇ. بۇ «نەۋرۇز دۇئاسى» دېيىلىدۇ.

ئۈچىنچى ئەنئەنە : كىشىلەر بىر-بىرلىرىنى يوقلىشىدۇ، ياردەمگە مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىشىدۇ، كېسەللەر ۋە ئۆزرىلىكلەرنى يوقلايدۇ، يامان ئىش-ھەركەتتە بولغانلارغا نەسىھەت قىلىنىدۇ. بۇ «نەۋرۇز زىيارىتى» دېيىلىدۇ.

تۆتىنچى ئەنئەنە : ھەربىر يەرنىڭ ئۆلچىمىدە ئوتتۇرا ياش، ياش، ياكى بالىلار قاتارلىق ھەر تۈرلۈك گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى بۇ كۈندە نەۋرۇز ئويۇنلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نەۋرۇز ئويۇنلىرىنىڭ سانى ئەللىكتىن كۆپ، خۇسۇسەن، جانبازلىق، ئوغلاق تارتىشىشقا ئوخشاش مەھەللىۋى تەنھەرىكەتلەر، ساما، مەشرەپكە ئوخشاش سەنئەت كۆرەكلىرى ناھايىتى كەڭ تارقالغان، بۇلارسىز نەۋرۇز بولماس.

بەشىنچى ئەنئەنە : ھەر يەردە ئات سەيلىسى، بەزمە سەيلىسى، تاغ سەيلىسى، يۇرت سەيلىسى، كۆك سەيلىسىگە ئوخشاش تۈرلۈك سەيلە-ساياھەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.

نەۋرۇزدا ئۇيغۇرلار باھارنى ئويۇن ئويناپ جۇشقۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدۇ.

ئالتىنچى ئەنئەنە : نەۋرۇز يەنە بىر ھېكايە، بىر داستان ئېيتىشىش كۈنىدۇر. مەدداھلار داستان ۋە قىسسەلەرنى ئېيتىشىدۇ. ئەلنەغمىچىلەر «نورۇزنامە» ئوقۇيدۇ.

مەشھۇرراق «نورۇزنامە»لەردىن بىرى مۇنداقتۇر:

كەلدى نەۋرۇز – يىل باشى، كەتتى كۆڭۈلنىڭ چىركىنى،

نەۋرۇز دىبان كېلۇرلەر خاتۇنلارنىڭ تۈركىنى.

گۈللەر قىسىپ قىز-ئوغۇل ئەگرى قويار بۆكىنى،

مەجلىس قىلىپ ئوينىشار، ئاچار كۆڭۈل مۈلكىنى،

قايغۇ مىھنەتلەر كېتىپ، يايرىشار كۈندۇر بۈگۈن.

 

يەتتىنچى ئەنئەنە : بۇ كۈندە چوڭلار يوقلىنىدۇ، دەردى بارلارغا دەرمان تېپىلىدۇ، ئازارلىشىپ قالغان ئەر–خوتۇن، قۇلۇم–قوشنىلار ياراشتۇرۇلىدۇ، ئۆيلىنىش يېشىغا يەتكەنلەر ئۈچۈن ھەر خىل تەشەببۇسلار قىلىنىدۇ.

سەككىزىنچى ئەنئەنە : دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قەدىمدىن بېرى نەۋرۇزنى ئىش بېشى بايرىمى، ھەر يىلنىڭ ئىشلىرىنىڭ پىلانلىنىدىغان كۈنى دەپ قەدىرلەيدۇ. ئۇ كۈنى كىشىلەر توپلىشىپ دەريا-ئۆستەڭ، كۆل، كۆۋرۈك، بۇلاق ۋە باشقا يەرلەرنى بىرلىكتە تۈزەيدۇ.

توققۇزىنچى ئەنئەنە : ئۇيغۇرلار نەۋرۇزدا پېقىرلارغا، يېتىملارغا، ياشانغانلارغا، قازاغا يولۇققانلارغا، تۇرمۇشتا قىسىلغانلارغا يېمەك، پۇل قاتارلىق ماددىي ياردەملەر بىلەن بىللە مەنىۋى ياردەملەردىمۇ بولىدۇ. نەۇرۇز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىھىر-مۇھەببەتنىڭ نامايان بولىدىغان بىر بايرام بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنگە قەدەر يىتىپ كەلگەن.

*************************************************************************************************

مەنبەلەر: ئابدۇكېرىم راخمان: «ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرى» 1996-يىل شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى. ئۈرۈمچى.

رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا: «نەۋرۇز» 1995-يىل ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزى ئەنقەرە.

شېرىپ خۇشتار: «نەۋرۇز ۋە رەڭلەر» 1996-يىل ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزى ئەنقەرە. ئەنۋەر مۇھەممەت: تۈركسوي ژۇرنىلى 2003-يىلى ماي.

*************************************************************************************************

مەنبە: http://ketmenbay.blogspot.com/2009/03/noruz-bayrimi-we-uyghurlar.html

يازما ئاپتورى:

2011.03.20 يوللىغۇچى: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

14 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.03.20
17:29
1-قەۋەت: «سەھرالىق» دەيدۇلەركى :

باياتىن يوللىماي…مەن باھا يېزىپ بوپتىكەنمەن ئاينا، يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئاپتور 2011.03.20
17:31
2-قەۋەت: «ش.ئە.ئۇيغۇرى» دەيدۇلەركى :

:lol: سىزگىمۇ مۇبارەك بولسۇن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.21
03:47
3-قەۋەت: «ئەركىيە» دەيدۇلەركى :

نەۋرۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،سىزنىڭ يىڭى باھاردا كۈنلىرىڭىزنىڭ خوشال-خورام ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

رەھمەت، سىزنىڭمۇ نەۋرۇزدا كۈنلىرىڭىزنىڭ خوشال-خورام ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.21
04:09
4-قەۋەت: «ئوسمان ئۇيغۇر» دەيدۇلەركى :

بىلوگدىكى بارلىق قىرىداشلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.21
04:57
5-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» دەيدۇلەركى :

شاھىمىزدىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نەۋرۇزىغا مۇبارەك!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.21
05:01
6-قەۋەت: «ئوسمان ئۇيغۇر» دەيدۇلەركى :

نەۋرۇز،نەۋروز،نۇرۇز،نوۋرۇز زادى قايسىسى؟مەن بىلەلمەيۋاتىمەنغۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ئەسلى نامى نەۋرۇز، كېيىن بىزگە نورۇز دەپ ئۆزلەشكەن، نەۋروز، نوۋرۇز دەپ مەن ئاڭلاپمۇ باقمىغان، بەلكىم بۇلار خاتا تەلەپپۇز سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.21
06:25
7-قەۋەت: «كۆرەش» دەيدۇلەركى :

كەمىنە كۆرەش ھەممەيلەننىڭ نورۇزىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.21
09:00
8-قەۋەت: «8كوچا» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، بۈگۈن كېچىكىپ قاپتىمەندە…
ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك !!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.21
09:50
9-قەۋەت: «بۆرەيار» دەيدۇلەركى :

نورۇز مۇبارەك بولسۇن، شاھىم! :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.21
11:58
10-قەۋەت: «چەۋەندازلار بلوگى» دەيدۇلەركى :

چەۋەندازلار بلوگى شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ نورۇز بايرىمىنى قوتلۇقلايدۇ! نورۇزدا يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن! چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2012.03.21
11:35
11-قەۋەت: «چوغلۇق» دەيدۇلەركى :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزىز قېرىنداشلار نەۋرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئەگەر بېكىتىمىزگە ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى قائىدىنى ئوقۇپ چىقىڭ

1.«ئىسىم» كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ياكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم تەخەللۇسىڭىزنى تولدۇرۇڭ
2.«ئېلخەت»كاتەكچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ e-mail ئادىرىسىڭىزنى ئەگەر بولمىسا shah@shah.com نى تولدۇرۇڭ
3.«تور بېكەت» كاتەكچىسگە توربېتىڭىزنى تولدۇرۇڭ، بولمىسا ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.

无觅相关文章插件,快速提升流量